ئۇيغۇر زىيالىيلار مۇھاجىرەتتىكى دەرتلەرگە مەلھەم ئىزدىمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2017.12.15
kent-kadirliri-xitay-kadir-bilen.jpeg كەنت كادىرلىرى كەنتكە چۈشكەن خىتاي كادىر بىلەن. 2017-يىلى، خوتەن.
RFA/Abduweli Ayup

ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇم، باستۇرۇش، كونترول ۋە تۇتقۇن قىلىشلارنىڭ كۈچىيىشى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا جىسمانىي ۋە مەنىۋى بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنداق بېسىملار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىسمانىي ۋە پسىخىك ساقسىزلىقلارغا يۈزلىنىش ئۈچۈن بىر قىسىم زىيالىيلار ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن بولغان ۋاتسئاپ دېتالىدا «ساغلاملىق بىلىملىرى توپى» دېگەن بىر گۇرۇپپىنى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلمەكتە ئىكەن.

«ساغلاملىق بىلىملىرى توپى» نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان كۈندۈزئاي ھامۇت خانىم بۇ گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.

ئامېرىكىدا ياشايدىغان دوختۇر مەمەتئىمىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ بىر دوختۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر بىمارلارغا ياردەم بېرىش، كېسەل كۆرسىتىشتە قىينىلىدىغانلار، پۇل، تىل ۋە تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دوختۇرغا كۆرۈنەلمەيدىغانلارغا يول كۆرسىتىش، مەسلىھەت بېرىش مەقسىتىدە مەزكۇر گۇرۇپپىغا قاتناشقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ پسىخىك ساغلاملىق ھەققىدە ئىزدىنىشىگە مەزكۇر توپتا قويۇلغان پسىخىك كېسەللىك ئالامەتلىرى سەۋەب بولغان ئىكەن.

ھازىر بۇ گۇرۇپپىدا 200 دىن ئارتۇق ئەزا بار بولۇپ، ئومۇمى ساغلاملىق مەسىلىلىرى ھەققىدە مەسلىھەت بېرىلگەندىن باشقا پسىخىك ساغلاملىق ھەققىدە ئىككى قېتىم لېكسىيە ئۆتكۈزۈلگەن. بىرىنچى لېكسىيەنى دوكتور ئەركىن سىدىق، ئىككىنچى لېكسىيەنى دوكتور تاش مەمەت سۆزلىگەن. ئۈچىنچى نۆۋەتلىك لېكسىيە 17-دېكابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ ماۋزۇسى «ئىسلام دىنى ۋە روھى ساغلاملىق» ئىكەن.

بىز مۇشۇ كۈنگىچە ئۆتكۈزۈلگەن لېكسىيەلەرنىڭ ئاڭلارمەنلەردە قانداق ئىنكاسلارنى قوزغاۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيەدىن بۇ توپقا قاتناشقان ئابدۇئېزىز بەشتوغراق ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بۇ يۈرۈشلۈك لېكسىيەلەردىن پسىخىك ساغلاملىققا دائىر مەلۇماتلارغا ئېرىشكەن بولۇپ ئۈمىدۋارلىق، ئىشەنچ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق روھى تەسەللىگە ئېرىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيەلەرگە ئىگە بولغان.

دوكتور تاش مەمەت ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن ئەھۋاللارنى چىقىش قىلىپ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا كۆرۈلۈۋاتقان پسىخىك مەسىلىلەرنىڭ ئالاھىدە بىر سەۋەبى ھەققىدە قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىق ھالدا ئۇيغۇرلاردا سىياسەتتىن قاچتىم، دەپ ئۇيغۇردىن قاچىدىغان ھادىسىنىڭ پسىخىك كېسەللىكنىڭ داۋاسىز قېلىشى ھەتتا ئېغىرلاپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مەزكۇر توپنىڭ ئاكتىپلىرىدىن دوكتور ئەركىن سىدىق، دوكتور مەمەتئىمىن، دوكتور تاش مەمەتلەر بولغاندىن باشقا سىياسىي پائالىيەتچى مەمەت توختى، ئانا تىل پىداكارلىرىدىن كۈندۈزئاي ھامۇت، جەمئىيەتشۇناسلىق ماگىستىرى خەلچىگۈل ۋە گۈلپىيە خانىم قاتارلىقلار پائالىيەت قىلماقتا ئىكەن.

توپتىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان پەرزەنت ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرى سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك ئاۋارىچىلىكلەرگە، قامىلىشقا، ھەتتا كېسىلىپ كېتىشلەرگە دۇچار بولۇشى ئۇيغۇرلاردا گۇناھكارلىق، زامىنلىق، مەھرۇملۇق قاتارلىق تۇيغۇلارنى يامرىتىپ پسىخىك بىمارلارنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئىكەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارقاق جايلاشقانلىقى، تۈرلۈك ۋەھىمە، سۈبھى ۋە خۇدۈكسىرەش سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلاشماسلىق، قەلبىدىكى ئازابلارنى قورقۇنچ سەۋەبلىك ئاشكارا بايان قىلالماسلىق، زۇلۇمغا قارشى تۇرالماسلىق قاتارلىقلار بۇنداق بىمارلارنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرماقتا ئىكەن. نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ كېلىپ تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئازدۇر كۆپتۇر بولسىمۇ كۆكلەپ تۇرغان مېھىر-مۇھەببەت بېغىنىڭمۇ تۇيۇقسىز خازان بولۇشى پسىخىك ساقسىزلىقلارغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانىنى ئارتتۇرماقتا ئىكەن.

ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمتىمىن ئەلامۇ 17-دېكابىردىن باشلاپ «پسىخىك ساغلاملىق ھەققىدە ساۋات» ناملىق لېكسىيە سۆزلەيدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.