مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ ھاياتىغا يۇقىرى باھا بەردى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018.02.02
muhemmet-salih-damolla-hajim-01.jpg مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم.
Social Media

يېقىندا دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئۈرۈمچىدىكى «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نىڭ بىرىدە ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. گەرچە ئالىمنىڭ قاچان، نېمە سەۋەبتىن ۋاپات بولغانلىقى ئېنىق دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىككى-ئۈچ ئايلار ئىلگىرى قىزى ۋە كۈيئوغلى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنىپ «يېپىق تەربىيىلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە بىر قىسىم دىنىي زىيالىيلار رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ ھايات مۇساپىسى ۋە ئۇنىڭ دىنىي ئىلىم جەھەتتىكى تۆھپىلىرىگە باھا بەردى.

مۇھەممەد سالىھ ھاجىم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئالىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن «قۇرئان كەرىم»، «ھەدىس» ۋە باشقا ئىسلام دىنىغا دائىر مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ يورۇق كۆرۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ئىدى.

مۇھەممەد سالىھ ھاجىم 1980 يىللاردا «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئىشلەپ چىقىپ، ئۇيغۇر دىنىي بىلىملەر تارىخىدىكى چوڭ بوشلۇقىنى تولدۇرغان ئىدى. ئۇ يەنە «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى»، «ياخشىلارنىڭ باغچىسى»، «سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلەرنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەرجىمە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامى بىلىملەرگە بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇشتا زور تۆھپىلەرنى قوشقان ئىدى. ئۇ يالغۇز ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا زور تەسىرگە ئىگە بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئىسلام دۇنياسىدىمۇ بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە دىنىي ئالىم ئىدى. مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ئۆز دەۋرىدە ماراكەش پادىشاھى ھەسەن سانى، مىسىرنىڭ سابىق پرېزىدېنتى مۇبارەك، قازاقىستان پرېزىدېنتى نازاربايېفلارنىڭ ئالاھىدە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ئىدى.

نۆۋەتتە مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە ئىلمىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تورلىرى كەڭ تۈردە تونۇشتۇرۇشلار بەرمەكتە. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئالىمنىڭ ھاياتىغا ۋە تۆھپىلىرىگە يۇقىرى بەرگەن بولسا، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئارقا-ئارقىدىن تەزىيەنامىلەرنى، باياناتلارنى ئېلان قىلماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ «پۈتۈن ئۇيغۇرلار مۇھەممەد سالىھ ھاجىم ئۈچۈن ماتەم بىلدۈرەيلى» دېگەن تېمىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆز نامىدىن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم، مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدە كۆپلىگەن تەرجىمە ئەسەرلەر ۋە ئىلمىي ئەمگەكلەرنى يورۇقلۇققا چىقارغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئۇنىڭ خىتاي دۆلەتلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيەتلىرىدە بەزى مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە 27 يىل ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي، ئىلمىي تەكشۈرۈشلەرگە ۋە ماتېرىيال توپلاشقا قاتناشقانلىقىنى، ئۆلىمالار، پېشقەدەم تارىخشۇناسلار ۋە يۇرت مۆتىۋەرلىرىدىن تارتىپ ئادەتتىكى كىشىلەرگىچە ھەمسۆھبەتتە بولىدىغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى. 

رابىيە قادىر خانىم ئىلگىرى ئۆزىنىڭ مۇھەممەد سالىھ ھاجىم بىلەن بىللە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ۋەكىلى سۈپىتىدە يىغىنلارغا قاتناشقانلىقى ۋە ھەمسۆھبەتتە بولغانلىقىنى ئەسلەپ، «مۇھەممەد سالىھ ھاجىم، مېنىڭ شۇنداقلا ھەممىمىزنىڭ ئاكىمىز، دادىمىز، ئۇستازىمىز ئورنىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر، ئېسىل سۈپەت ئالىمىمىز ئىدى،» دېدى. 

رابىيە خانىم يەنە مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ ئۆز دەۋرىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ «قۇرئان كەرىم» نى ۋە ئىسلام دىنىنى تېخىمۇ توغرا چۈشىنىشى ئۈچۈن كۆپ يىللار تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ «قۇرئان كەرىم» نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەرجىمە قىلىپ چىققانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ، زۇلۇم چېكىگە يەتكەن بۈگۈنكى كۈندە 82 ياشلىق بۇ زاتنىڭ «تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدىكى قاماققا سولانغانلىقى ۋە ھەتتا ئۆلۈمىنىڭمۇ ئاخباراتتىن يوشۇرۇلىۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. 

رابىيە خانىم يەنە «خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىگە ھېچ زامان قارشى چىقمىغان، ھاياتىنى پەقەت ئىلىمگە ئاتىغان مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمدەك نوپۇزلۇق بىر دىنىي ئالىمغا قىلغان زۇلۇمى ۋە زىيانكەشلىكى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى ئىسلام دىنىغا قىلىۋاتقان دۈشمەنلىكىنىمۇ ئىسپاتلىدى. بۇنى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا، ھەققانىيەتنى قوغدايدىغان دۇنيا ئەھلىگە كەڭ تۈردە ئاڭلىتىشىمىز لازىم،» دېدى. 
مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا چۈشىنىشلىك ۋە راۋان تەرجىمە قىلىپ چىققان «قۇرئان كەرىم» 1986-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 200 مىڭ پارچە بېسىلىپ تارقىتىلغان. «قۇرئان كەرىم» نىڭ بۇ تەرجىمە نۇسخىسى ئەينى ۋاقىتتا يەنە سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى فاھىدىنىڭ تەستىقلىشى ۋە ئەمرى بىلەن پادىشاھنىڭ قۇرئان بېسىش مەتبەئەسىدە بىر قانچە يۈزمىڭ پارچە بېسىلىپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە تارقىتىلغان. ئۇ ئىشلىگەن «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ سلاۋيان يېزىقىدىكى نۇسخىسى نەچچە مىڭ نۇسخا بېسىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىردەك ئالقىشىغا ئېرىشكەن. مۇھەممەد سالى ھاجىم «قۇرئان كەرىم» نىڭ تەرجىمىسىدىن باشقا يەنە ھەدىس ئىلمىدىكى ئىشەنچلىك ۋە نوپۇزلۇق كىتابلارنىڭ بىرى بولغان «سەھىھۇلبۇخارى» نى ۋە «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» قاتارلىق كىتابلارنىمۇ ئەرەبچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان.

تۈركىيەدىكى نەشرىياتچى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «قۇرئان كەرىم» دۇنيادا نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنىۋاتقان شارائىتتا، ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىنىڭ يوقلۇقى زور بىر بوشلۇق ئىدى. ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ بۇ تەشنالىقىنى چۈشەنگەن مۇھەممەد سالىھ ھاجىم «قۇرئان كەرىم» نى تەرجىمە قىلىشنى نىيەت قىلىپ، خېلى بۇرۇندىن تارتىپ نوپۇزلۇق قۇرئان تەفسىرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى توپلاشقا كىرىشكەن. ئابدۇجېلىل ھاجىمنىڭ ئاتىسى خوتەندە تونۇلغان دىنىي ئۆلىما بولۇپ، مۇھەممەد سالىھ ھاجىم ئۇلارنىڭ ئۆيىگىمۇ نۇرغۇن قېتىملاپ سۆھبەتلىشىشكە بارغان ئىكەن شۇنداقلا نۇرغۇن دىنىي ئالىملارغا مۇراجىئەت قىلغان ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، «قۇرئان كەرىم» نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىش جەريانى مۇرەككەپ بىر تەتقىقات جەريانى ۋە ئىزدىنىش جەريانى بولغان ئىكەن. 

مۇھەممەد سالىھ ھاجىم بىر تەرەپتىن جاپالىق ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن 1987-يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ ياراملىق دىنىي ئىلىم ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈنمۇ كۆپ تەر تۆككەن. ئىستانبۇلدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ رەئىسى، دوكتور ئاتاۋۇللا شاھيارى ئۇستازى مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرى بىلەنلا ئەمەس، تۇرمۇشتا ئىنتايىن ئاددىي-ساددا، مۇئامىلىدە كىچىك پېئىل كىشى ئىكەنلىكىنى، بۇ جەھەتتە شاگىرتلىرىغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى 

ئاتاۋۇللا شاھيارى، «مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ ئىلىمگە ئاتىغان ھاياتى بىزگە ئىلىمدىن، پەزىلەتتىن دەرس بەرسە، ئۇنىڭ خىتاينىڭ زۇلۇمى سەۋەب بولغان ئۆلۈمىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلى مۇددىئاسىدىن ئىبرەتلىك دەرس بەرمەكتە،» دەيدۇ. 

ئاتاۋۇللا شاھيارى ئەپەندى يەنە «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى تېزدىن قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئىسلام دۆلەتلىرى، دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە جىددىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.