مۇقام مۇزېيى كىمگە ئېچىلىشى كېرەك؟: ۋەن توڭشۈگىمۇ ياكى تۇردى ئاخۇنغىمۇ؟

0:00 / 0:00

خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ 20-ئىيۇل ئۈرۈمچىدىن خەۋەر تارقىتىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىدا «ۋەن توڭشۈ مۇقام ئارخىپخانىسى مۇزېيى» ئېچىلغان. بۇ مۇزېي يېڭى بىناسىنىڭ كۆلىمى 800 كۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇنىڭدا ۋەن توڭشۈنىڭ خىزمىتى ۋە ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك 30 نەچچە پارچە سۈرەت، 10 ماگنىتلىق سىملىق ئاۋاز لېنتىسى ۋە ئون ئىككى يۈرۈش مۇقام ئىزاھاتى قوليازمىسى ھەم يەنە 200 پارچىدىن ئارتۇق مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرى كۆرگەزمە قىلىنغان.

خەۋەردىكى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جاڭ لىكېننىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بۇ مەكتەپ خىتايدىكى مۇقامدا كەسپىي ئىلمىي مائارىپ بىلەن تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر ئورگان ئىكەن. ئۇ: «كەلگۈسىدە بىز مۇقام ئارخىپىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز ۋە خىتاينىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىمىز ۋە ئىلگىرى سۈرىمىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە ۋەن توڭشۈ بۇ يىل 1-ئاينىڭ 9-كۈنى، شيامېندا 100 يېشىدا ۋاپات بولغان.

2022-يىلى 12-نويابىر، خىتاي دۆلەتلىك ئەدەبىيات تورى «ۋەن توڭشۈ: ئۇيغۇر مۇقامنى قۇتقۇزۇۋالغان تۇنجى كىشى» دەپ ماقالە ئېلان قىلغانىدى. خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا 12 مۇقامنى داۋاملىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، كوممۇنىست پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئۇيغۇر مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قۇتقۇزۇش ۋە قوغداشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ بىر ئىسپاتى دەپ كۆرسىتىلگەن. خىتاي ماتېرىياللىرىدا يەنە: «ۋەن توڭشۈ ‹مۇقام سەنئىتىنى قۇتقۇزۇۋالغان تۇنجى كىشى› دەپمۇ ئاتىلىدۇ» دەپ تەشۋىق قىلىنغانىدى.

تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، «12 مۇقام» نىڭ نوتىغا ئېلىنىشى ۋە قۇتقۇزۇلۇشى پەقەت ئۇنىڭلا تۆھپىسى ئەمەس. بۇ خىزمەتلەرنى شۇ ئۇيغۇر مۇقامشۇناس كومپوزىتورلاردىن تەشكىللەنگەن «مۇقام قۇتقۇزۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى» ئېلىپ بارغان.

ئەمەلىيەتتە بۇ ھەقتە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات ۋە مۇقام تەتقىقاتچىسى مەرھۇم پروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ «ئۇيغۇر خەلق كلاسسىك مۇزىكىسى ‹ئون ئىككى مۇقام› ھەققىدە» سەرلەۋھىلىك كىتابىنىڭ ئىككىنچى بابى «ئون ئىككى مۇقام تارىخىنىڭ قىسقىچە بايانى» نىدا: «1950-يىللىرى 8-، 9-ئايلاردا ئۈرۈمچىدە ‹12 مۇقام› ۋە بىر قىسىم خەلق ناخشىلىرى تۇنجى قېتىم سىمغا ئېلىندى. بۇ ئىشقا پېشقەدەم مۇقامچى تۇردى ئاخۇن ئاكا بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ھوشۇر ئاخۇن، مەشھۇر داستانچى روزى تەمبۈر، خىزمەت كۆرسەتكەن مۇقامچى زىكرى ئەلپاتتا، ئاتاقلىق ئۇيغۇر ناخشىچىسى ئابدۇۋەلى جارۇللايوف، جۈملىدىن يولداش ۋەن تۇڭشۈ قاتناشتى» دېيىلگەن.

تۇردى ئاخۇننىڭ شۇ چاغدا مۇقام نەغمە ۋە نەزمىلىرىنى ئەڭ تولۇق ۋە ئەڭ ساپ ساقلىغان پېشقەدەم نامايەندە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ يېزىشىچە يەنە: «تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ ئەسلى يۇرتى يېڭىسار بولۇپ، بىر قانچە ئەۋلادتىن بېرى مۇقامچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ يېشى چوڭىيىپ قالغىنىغا قارىماي، ئۆمۈرلۈك زور خۇشاللىقى ۋە ئىپتىخارى ‹12 مۇقام› نى 24 سائەتتە ئورۇنداپ چىققان. مۇرات-مەقسىتىگە يەتكەن تۇردى ئاخۇن ئاكا ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئالەمدىن ئۆتكەن. روزى تەمبۈر، قاسىم ئەلنەغمىلەرمۇ تۇردى ئاخۇن ئاكا بىلەن بىر يىلدا 1956-يىل ئالەمدىن ئۆتكەن.

‹12 مۇقام› نىڭ نوتىلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىغا بېغىشلانغان سوۋغىلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە 1956-يىلى مەركىزىي مۇزىكا نەشرىياتى بىلەن مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن رەسمىي ئىككى توملۇق كىتاب قىلىپ نەشر قىلىنغان».

ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ تولۇق تېكىستى ۋە ئاھاڭلىرىنى سىستېمىلىق رەۋىشتە رەتلەش، مۇقامنىڭ قايتىدىن خەلق ئىچىگە يېڭى ئەۋلاد مۇقۇماچىلار بىلەن ئومۇملىشىشىدىكى ھەل قىلغۇچ شەخس، ئومۇمەن مۇقامنى قۇتقۇزغۇچى كىم؟ دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ. بۇ قۇتقۇزغۇچى، ئۆمرىدە بىر جۈملە مۇقام ئېيتىشنى بىلمەيدىغان، ھەتتا بىر جۈملە ئۇيغۇرچەن سۆز بىلمەيدىغان، 1950-يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەندە ئۇيغۇر مىللىي ناخشا-مۇزىكىلىرى، مۇقاملىرى ۋە باشقىلاردىن خەۋەرسىز ۋەن توڭشۈمۇ ياكى ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى تولۇق ئورۇنداپ ئۇنى ئاۋاز لېنتىسىغا خاتىرە قالدۇرغان ھەمدە مەخسۇس نەچچىلىگەن شاگىرتلارنى تەربىيەلەپ مۇقامنى مىراس قالدۇرغان مۇقامچى تۇردى ئاخۇنمۇ؟ بۇنداق مۇزېي تۇردى ئاخۇنغا ئېچىلىش كېرەكمۇ ياكى ۋەن توڭشۈگىمۇ؟

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى باشلىقى، ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا يېتىپ كېلىشى ۋە ساقلىنىشىدىكى ئاچقۇچلۇق مۇزىكانت مۇقامچى تۇردى ئاخۇن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە، مۇقامنىڭ بىزگىچە يېتىپ كېلىشىدە يالغۇز ۋەن تۇڭشۈ سەۋەب بولغان، «ۋەن توڭشۈ ئۇنى قۇتقۇزغۇچى» دېيىشىنى «بىر سەپسەتە، ئويدۇرما» دەپ باھالىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

: «ۋەن توڭشۈ ئۇيغۇر تىلىنىمۇ بىلمىسە، مۇقاملارنى قانداق چۈشەنسۇن؟ قانداقمۇ رەتلىيەلىسۇن؟ بۇنى قىلغانلار ھەممىسى ئۇيغۇرلار، ئۇ، پەقەت نوتا بىلگەنلىكى ئۈچۈنلا بۇ مۇقاملارنى رەتلەش گۇرۇپپىسىغا خىزمەت قىلغان».

پەرھات قۇربان ئەپەندى، «ئون ئىككى مۇقام» دەك يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن بۇنداق زور ھەجىملىك مۇزىكا بايلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان ئۆچمەس تۆھپىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتا ئەڭ ئاۋۋال ئاماننىساخان باشلىق مۇقام ئۇستازلىرىنى، ئاندىن ئۇنىڭ بىزگىچە يېقىنقى زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلىشىدە تۇردى ئاخۇن باشلىق ئون ئىككى مۇقامىنىڭ سىستېمىلىق تەتقىق قىلىنىشى، ساقلىنىشىدا رول ئويناۋاتقان پەقەت ئۇيغۇر خەلقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغۇز ۋەن تۇڭشۈنىڭ 12 مۇقامغا قوشقان تۈھپىلىرى شەرىپىگە مۇزېي ئېچىشى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك مۇزىكا قامۇسى 12 مۇقامنىمۇ خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشتەك غەرىزىنى ئاشكارىلاپ بېرىدىكەن.

ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن تەڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىش بىلەن خەلقئارادا كۈچلۈك ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاي يېقىندىن بۇيان «شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقامى خەلق مۇزىكا سەنئىتى جۇڭگو مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنىڭ رەڭدار قامۇسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنىڭ بىرى» دەيدىغان سەپسەتىسىنى ھەر خىل ئۇسسۇللاردا كۈچەيتمەكتە. خىتايدا «12 مۇقام ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەس» دەيدىغان سەپسەتە خېلى بۇرۇندىنلا باشلانغانىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2019-يىلى 18-مارتتا ئېلان قىلغان ۋە خەلقئارادا زور تەنقىدىي ئىنكاس قوزغىغان «شىنجاڭدىكى تېررورلۇق ۋە رادىكاللىققا قارشى ئۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قوغدىلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىدىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەزەلدىن خىتايغا تەۋەلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ 12 مۇقامىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارلاق مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭمۇ خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەنىدى. ئارقىدىنلا بۇنىڭغا ماس ھالدا خىتاينىڭ ۋېيبو تورىدا يېقىندا «12 مۇقام ئۇيغۇرلارغا تەۋە ئەمەس» دېگەن سەپسەتىلەر بايان قىلىنغان بىر يازما ئېلان قىلىنغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر 12 مۇقامىدەك مۇزىكا قامۇسىنىڭمۇ خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىدەك سەپسەتىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ئەينى ۋاقىتتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغانىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئۇچرىغان بۇزغۇنچىلىقلار ھەتتا غەربلىك مۇزىكا تەتقىقاتچىلىرىنىمۇ كۈچلۈك ئەندىشىگە سالماقتا. بۇ ھەقتە كۆپلەپ تەتقىقات ماقاللىرىنى يازغان ئەنگلىيەدىكى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇزىكا تەتقىقاتچىسى راچېل ھاررىس (Rachel Harris) خانىم ئۆزىنىڭ ۋەن توڭشۈ بىلەن كۈرۈشكەنلىكىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى:

«توغرا، مەن ۋەن توڭشۈنى بىلىمەن. تېخى خىتايدا ئوقۇغۇچى ۋاقتىمدا ۋەن توڭشۈ بىلەن ئۈرۈمچىگە تۇنجى قېتىم بارغىنىمدا كۆرۈشكەن ئىدىم، ئۇ ناھايىتى سەمىمىي ئادەمدەك تەسىرات قالدۇرغانىدى. ماڭا تېخى ياردەم قىلىپ قەشقەرگە ماڭغان ۋاقتىمدا، ئۇ جايدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن كۈرۈشۈشۈم ئۈچۈن تونۇشتۇرۇش خېتى يېزىپ بەرگەنىدى. ئۇنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىدا ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم يېرىم بولغانىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ موزېينىڭ ئېچىلغانلىق خەۋىرى مېنى بەكمۇ بىئارام قىلدى. بۇمۇ خۇددى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى-سەنئىتىدىكى تارتىوۋېلىشنىڭ يەنە بىر مىسالى خالاس. شۇڭىمۇ بۇ خەۋەردىن كۆڭلۈم غەش بولدى».

پروفېسسور راچال خانىم بۇنىڭ خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق مەقسەتلىك موزېي قۇرۇشى ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئەت ساھەسىدىكى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىۋاتقان بىر ۋاقىتتا بۇ خىل ئاتالمىش تەتقىقاتچىلارنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى خېلى بۇرۇنلا باشلىغانىدى. بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي مۇزىكانت ۋاڭ لوبىڭنى شىنجاڭ ناخشا پادىشاھى دەپ ئۇنىڭ مۇزېيىنى تۇرپانغا يېقىن جايغا ئېچىپ ھەيكىلىنى ئورناتقانىدى. بۇمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشلا مەقسەتتە قۇرۇلغان. بۇلار ھەممىسى پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى خىتاينىڭ بىر قىسمى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشى. ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى خىتاي بىلەن باغلانمايدۇ. ئۇ ئىسلامىي ئېلېمېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيىتىگە يېقىن. ئەمما خىتاي يالغۇز بۇ خىتاي تەتقىقاتچى، سەنئەتچىلىرىنى كۆتۈرۈپ تەشۋىق قىلىپ، مۇزېي قۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇقام تەتقىقاتچىلىرى، سەنئەتكارلارنىڭ تۈھپىلىرى ۋە ئورنىنى پۈتۈنلەي يوق قىلماقچىمۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قېنى بۇ مۇزېيدا ئەسلى بولۇشقا تېگىشلىك ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار، ئۇيغۇر سەنئەتكارلار؟ ئۇلار قەيەردە دەپ سورىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ».

1950-يىللاردا ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى رەتلەش ۋە يېڭى ئەۋلاد مۇقامچىلارنى تەربىيەلەش خىزمىتى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىن كېلىپ چىققان رەھبىرىي شەخسلەر ۋە سەنئەتكارلار تەرىپىدىن تەلەپ قىلىندى. ئەسلىدە 1947-1949-يىللىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە بۇ خىزمەتلەر باشلىنىپ بولۇنغانىدى. نەتىجىدە، 1950-يىللاردا خەلق ئىچىدىن مەشھۇر مۇقامچى تۇردى ئاخۇن قاتارلىق مۇقامچىلار، مۇزىكانتلار ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلىنىپ بۇنى رەتلەش ئىشلىرى باشلانغانىدى. تۈركىيەدىكى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى پروفېسسور دوكتور سۇلتان مەھمۇت قەشقىرى ئەپەندى بۇ خىزمەتلەر ھەققىدە مۇنداق دېدى:

تۇرداخۇن ئون ئىككى مۇقامنى ساقلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەتتا تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئىشەنچلىك تېكىست، ئاھاڭ ۋە مۇزىكا نوتىسى ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىگەنىدى. پروفېسسور سۇلتان مەھمۇت قەشقىرىنىڭ قارىشىچە، ۋەن توڭشۈ ھېچقاچان ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى ئەمەس ۋە مۇقامچىلىقتىكى بىرىنچى شەخسمۇ ئەمەس. قۇتقۇزغۇچى دېيىش توغرا كەلسە تۇردى ئاخۇن ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىدۇر. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يېرىم ئەسىردىن ئۇزۇن ۋاقىت، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب-شىمالىدا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق ئوخشىمايدىغان جايلاردا ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان 12 مۇقامنى چوڭقۇرلاپ قېزىپ-رەتلەش، تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە، يەنىلا مۇقامچى تۇرداخوننىڭ مۇزىكا ئورۇنلاش ۋە ناخشا ئېيتىشنى ئاساس قىلغان ئون ئىككى مۇقام كۈيلىرىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل ۋە پۈتۈنلەي توغرا ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغانىدى.