مۇتەخەسسىس نوزۇمى: دۇنيادا پەقەت مۇستەقىل دۆلەتلەرلا ئەمەس، مۇستەملىكە دۆلەتلەرمۇ بار
2013.11.13
ئۆزىنىڭ «دۇنيادا پەقەت مۇستەقىل دۆلەتلەرلا ئەمەس، مۇستەملىكە دۆلەتلەرمۇ بار» ناملىق ۋاكالەتسىز مىللەتلەرگە ھېسداشلىق قىلىش يۈزىسىدىن يېزىلغان ئەسىرى بىلەن ياپونىيەدە تونۇلغان تۇغشۇناسلىق ئىلمى مۇتەخەسسىسى نوزۇمى كارىياسۇ يېقىندا بۇ ساھەدە يەنە بىر يېڭى ئەسىرىنى ئېلان قىلدى.
ياپونىيەلىك تۇغشۇناس مۇتەخەسسىس نوزۇمىنىڭ سائىريۇشا نەشرىياتى تەرىپىدىن «ۋاكالەتسىز مىللەتلەرنىڭ تۇغلىرى» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغان.
مەزكۇر كىتابقا نوزۇمى ھازىرغا قەدەر ئۆزى توپلىغان ۋاكالەتسىز مىللەتلەرنىڭ تۇغىدىن بەش يۈزى كىرگۈزۈلگەن.
تۇغشۇناس نوزۇمى خەلقئارا تۇغشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى ياپونىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى. ئۇ دۇنيادىكى تۇغلارغا ئائىت كۆپلىگەن كىتابلارنى نەشر قىلغان.
نوزۇمى 2009-يىلى ياكوخامادا تۇنجى قېتىملىق ئاسىيا قىتئەسىدىكى خەلقئارا تۇغشۇناسلىق مۇھاكىمە يىغىنىنى تەسىس قىلغان.
مەزكۇر كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى قېتىم قۇرغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى ھەققىدە قىسقىچە توختالغان.
مەزكۇر كىتابنىڭ بىرىنچى بابىدىكى «ئاسىيا قىتئەسىدىكى ۋاكالەتسىز مىللەت» دېگەن قىسمىدا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ شانلىق تارىخىدا قۇرغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىن ئىبارەت ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ تۇغلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختالغان.
مەزكۇر بابتا ئاپتور شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە توختىلىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋاكالەتسىز مىللەتلەر بىرلەشمىسىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى، تۇنجى قېتىم قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1933-يىلى رەسمىي مۇستەقىللىق جاكارلىغانلىقىنى، ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى 1944-يىلى مۇستەقىللىق ئېلان قىلغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن.
ئاپتور شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىپ، تارىختا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالغان دۆلەتنىڭ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى، بۇ تۇپراقتا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى غۇرۇر، شەرەپ ۋە ئىپتىخار بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىق دەپ تونۇيدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان دېگەنلىك «شەرقتىكى تۈركلەرنىڭ تۇپرىقى» دېگەنلىكتىن ئىبارەت چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
تۇغشۇناس نوزۇمىنىڭ بايانىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 19 مىليون دېيىلگەن شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان سۈنئىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
ئاپتور 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىلا ئوتتۇرا ئاسىيادا مەيدانغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغان ئورنىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكى ئۈستىدە توختىلىپ تۇنجى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1930-يىلنىڭ بېشىدا قەشقەرنى مەركەز قىلغانلىقى، كېيىنكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بولسا غۇلجىنى مەركەز قىلغان ھالدا قۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئاپتور ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغان ئورنى پەرقلىق بولسىمۇ، ئەمما قۇرۇلغان ۋاقتىنىڭ ئوخشاشلىقى يەنى ھەر ئىككىلا جۇمھۇرىيەتنىڭ 12-نويابىر قۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلغان.
نوزۇمى ئۇيغۇرلار تارىخىدا قۇرۇلغان بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئانچە ئۇزۇنغا بارماي يىمىرىلگەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1934-يىلى 5-ئايدا، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1946-يىلى ۋەيران بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
مۇتەخەسسىس نوزۇمى ئىككىنچى قېتىم قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1946-يىلى شىنجاڭ ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرغانلىقىنى ۋە شۇ ۋەجىدىن بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ يىمىرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
نوزۇمى ئىككى شەرەپلىك جۇمھۇرىيەت كۆز ئاچقان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە توختىلىپ، 1949-يىلى 12-ئايدا خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى، شۇندىن بۇيان بۇ تۇپراقنىڭ تەلتۆكۈس خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىغا ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلغان.
نوزۇمى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ،تەبىئىي مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنىمۇ قەيت قىلىپ ئۆتكەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى ھازىرقى ۋەزىيەتتە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ۋە قارشىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ جىددىي تۈردە مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئىچىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىدە بولۇۋاتقانلىقىنى ئالغا سۈرگەن.
مۇتەخەسسىس نوزۇمى ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار قوللانغان تۇغلار ئۈستىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ 1933-يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قوللانغان ئاي-يۇلتۇزلۇق تۇغنى ئۇيغۇرلارنىڭ «كۆك بايراق» دەپ ئاتايدىغانلىقىنى ۋە ئۇندىن باشقا ئوخشىمىغان دەۋرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغلىرى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ ئۆتكەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىغا بولغان ھۆرمىتىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.