بىر ناتىۋان ئىدى، قەھرىمان بولدى

ئوبزورچىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2021.04.09
بىر ناتىۋان ئىدى، قەھرىمان بولدى ئامېرىكادا بازارلىق كىتابلىرى بىلەن داڭق چىقارغان يازغۇچى جەفرى كەين يازغان «مۇكەممەل ساقچى دۆلىتىدە» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.
Photo: RFA

ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېڭى بىر كىتاب يېزىلىپ ئوقۇرمەنلەرنى تەقەززا قىلىۋاتىدۇ. كىتابنىڭ ماۋزۇسى «مۇكەممەل ساقچى دۆلىتىدە» دېيىلدى. كىتابنى يازغۇچى ئامېرىكادا بازارلىق كىتابلىرى بىلەن داڭق چىقارغان يازغۇچى جەفرى كەين. ئۇنىڭ «يۈكسىلىۋاتقان سامسۇڭ» دېگەن كىتابى ئالدىنقى يىلى ئامازوندا بىر قانچە ھەپتە بازارلىق كىتابلار تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى. بۇ كىتابىمۇ بازارلىق بولۇشى، ھەتتا بەلكىم فىلىم قىلىپ ئىشلىنىشى مۆلچەرلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا كىتابتا يېزىلغان بەزى تەپسىلات ۋە كىشىلەرنىڭ سىرلىق تۇتۇلۇشىدا بۇ سەۋەبمۇ بار.

مەن جەفرى بىلەن 2018-يىلى ئاۋغۇست ئايلىرىدا تونۇشقانىدىم. ئۇ تۈركىيەگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر كىتاب يېزىش ئۈچۈن كەلگەن ئىكەن. ئۇ ماڭا ئالدى بىلەن كىتابقا كىرگۈزۈلمەكچى بولغان تاھىر ھامۇتنىڭ ھاياتىنى تەرجىمە قىلىشنى تاپشۇردى. تەرجىمە جەريانىدا بىز كىتابنىڭ مەزمۇنى، تەركىبى ۋە كىمنى باش تېما قىلىشنى مەسلىھەتلەشتۇق. مەن مۇرەسسەسىز ئۆكتىچى، تىز پۈكمەس ھۆرىيەتچى، يانماس ئازادلىق كۈيچىسىدىن بىر كىشى نامزات بولسا، دېگەن ئازۇدا ئىدىم. ئەمما بۇ ئارزۇيۇمنى ئاپتۇرغا تېڭىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى، ئەلۋەتتە.

كىتابنىڭ تەييارلىقى سېنتەبىردە باشلاندى. ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرى قاتارىدىكى پەرقلىق شەخسلەرنى زىيارەت قىلىشقا باشلىدۇق. ئامېرىكادا رۇشەن ئابباس خانىم جەفرىگە بىرەيلەننى تونۇشتۇرۇپتۇ. ئۇ سابىق گۇئەنتامۇ مەھبۇسى ئىىكەن. جەفرى ئالدى بىلەن كىتابنى شۇ كىشىدىن باشلىماقچى بولدى. ئەمما مەزكۇر كىشى ئامېرىكا مۇخبىرى بىلەن كۆرۈشمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. مەن جەفرىنىڭ قەتئىي تۇرۇۋېلىشى بىلەن ئۇ كىشى بىلەن كۆرۈشتۈم، ئەمما جەفرى بىلەن مۇلاقەتتە بولۇشقا قايىل قىلالمىدىم. ئۇندىن كېيىن سۈرىيەدە تۇرغان بىر قانچە ياش بىلەن كۆرۈشتۇق. ھەتتا قايتىپ كەلگىنىگە ھەپتە بولمىغان بىر ئۇيغۇر بىلەن بىللە تاماق يېگەنمۇ بولدۇق. ئەمما نېمە ئۈچۈنكىن جەفرى ئۇلار بىلەن قايتا كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلمىدى.

The-Perfect-Police-State-02.png
ئاپتور جەفرى كەيننىڭ يېڭى كىتابى «مۇكەممەل ساقچى دۆلىتىدە» ھەققىدىكى تىۋىتى.

جەفرى كىتابىنى 2017-يىلى مىسىردا يۈز بەرگەن ئومۇمىي تۇتقۇندىن باشلىماقچى بولغاندەكمۇ قىلاتتى. شۇڭا ئۇ ئاۋۋال مىسىرغا بېرىپتۇ. بىر ئۇيغۇر قاچقۇن بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. مەن بىلەن يۈرگەن كۈنلەردە ئۇ مەزكۇر ئۇيغۇرنىڭ فرانسىيەدە پاناھلىق تىلىشى ئۈچۈن ماتېرىيال ھازىرلىشىپ بەردى ۋە شاھىتلىق خېتى يېزىپ بەردى. جەفرى بىلەن مىسىردا بولغان ۋەقە ھەققىدە ئۇزاق پاراڭلاشتۇق، ئەمما نېمە ئۈچۈنكىن ئۇ كىتابنى سابىق ئەزھەرىيلەردىن باشلاپ يېزىشنى خالىمىدى.

جەفرىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆمەر بېكئالى بىلەن ھەپتىدىن ئارتۇق سۆھبەتتە بولدۇق. باشقا لاگېر شاھىتلىرى بىلەنمۇ بىرەر-ئىككى نۆۋەت كۆرۈشكەن بولدۇق. مەنچە ئ‍ۆمەر بېكئالى بىلەن ئەڭ تەپسىلىي پاراڭلاشقان يازارمەن جەفرى بولغان ئىدى. مەنمۇ كىتابقا ئۆمەر بېكئالىنىڭ ھاياتىنى تېما قىلىنسا ئىكەن دەپ ئارزۇ قىلاتتىم. ئۆمەر بېكئالىنىڭ ئىچ-ئىچىدىن چىقىرىپ ھەر بىر تەپسىلاتنى ئىنچىكە سۆزلەشلىرى، ئۇنىڭ ھەم پىچاندىكى قاماقخان ھەمدە قارامايدىكى قاماقخانىدا ئۆتكۈزگەن ھاياتى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ جازا لاگېرلىرىدا باشتىن كەچۈرگەنلىرى مۇشۇنداق بىر كىتابقا باش پېرسۇناژ بولۇشقا لايىق ئىدى. مەنچە بىز كۆرۈشكەن كىشىەلەر ئىچىدە ئۇنىڭدىنمۇ لاياقەتلىك نامزات يوق ئىدى.

سىنتەبىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە جەفرى تۇيۇقسىز خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى جاسۇسلۇق تورىغا قىزىقىپ قالدى. ئۇنىڭ بىلەن جاسۇسلۇققا زورلانغان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدۇق، مۇڭداشتۇق. بۇ جەرياندا خىتايغا ئاخبارات يۈتكۈزۈشكە مەجبۇرلانغان بىر ئۇيغۇر بىلەن دوستلىشىپ قالدىم. بۇ كىشى بۇرۇن نېمە سەۋەبتىنكىن ماڭا ئۆچ ئىدى. ئۇ ماڭا قورقۇنچلۇق ھاقارەتلەرنى ياغدۇرۇپ تېلېفون قىلغان ئىدى. جەفرىگە تەرجىمانلىق قىلغان بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەن دوستلىشىپ كەتتۇق. باغرى قان ئۇيغۇر پەرزەنت دەردىدە پىسخىكاسى بۇزۇلۇپ، ئۈسسۈيدىغان يەر يوق، ماڭا ئۈسسۈپ ئاچچىقىنى چىقارغان ئىكەن. شۇندىن كېيىن ئۇ ئاكتىپ پائالىيەتچىگە ئايلاندى. يۈسۈپجان ئەمەت بىلەن شۇ مەزگىلدە كۆرۈشتۇق. ئۇنىڭ «ئانامنى ياندىكى سوراقخانىدا سوراق قىلدى، ھەممىنى ئاڭلاپ تۇردۇم» دەپ يىغلاپ كەتكىنى ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدا.

جەفرىنىڭ خىتايچە تەقىب سىستېمىسىغا قىزىقىپ قېلىشى مېنى ھەيران قالدۇرمىدى. چۈنكى بىر چوڭ سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرى، كومپيوتېرلاشقان تۇتقۇن قىلىش، سوراق قىلىش ۋە ئانالىز قىلىش قۇرۇلمىسىغا تايانغان ھەرىكەت بولمىغاندا، مىليۇنلىغان ئىنساننى تۇتۇپ، ئۇلارنى جازا لاگېرى، قاماقخانا ۋە تۈرمىگە يوللاپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. دېگىنىمىزدەك بۇ قېتىملىق تۇتقۇننىڭ كەينىدە 2008-يىلدىن باشلاپ خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 3-باشقارمىسى تەتقىق قىلىۋاتقان، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان يۈز تونۇش، ھەرىكەت تونۇش تېخنىكاسى بىلەن 2014-يىلدىكى «ئۈچ ئەل» قۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە توپلانغان ئۇچۇرلار ۋە سىناق قىلىنغان تەربىيەلەش تۈزۈمىنىڭ ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقى مەلۇم بولدى. 2017-يىلى مارتتا بىر سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇلۇپ، ھەممە يەرگە يۈز ۋە ھەرىكەتنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان كامېرالارنىڭ ئورنىتىلىپ تۇتۇلۇدىغان كىشىلەرنىڭ ئاپتۇماتىك ئېنىقلانغانلىقى مەيدانغا چىقتى. دېمەك، مىليۇنلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنى تۇتقىنى پۈتۈنلەي ساقچى ئەمەس، كادىر ئەمەس، رازۋېتكا ئەمەس، بەلكى «بىر گەۋدىلەشكەن جەڭ سۇپىسى» دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولىدىغان بىر سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرى بولۇپ چىقتى. بۇ بايقاشلار لاگېرلارنى چېن چۈەنگو تېبەتتىن كېلىپ پەيدا قىلغان دېگەن قاراشنىڭ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش «بەشىنجى ئىيۇل» دىن كېيىن كۈچەيدى دەپ قاراشنىڭ ئاساسسىزلىقى مەلۇم بولدى.

جەفرى خىتاينىڭ تەقىب تېخىنىكاسىنى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر قانچە ئۇيغۇر بىلەن سۆھبەتلەشتى. بولۇپمۇ بۇ تېخنىكانى خەلقئ‍ارا ئاخباراتقا ئىزچىل ئەڭ ياخشى ئانالىز قىلىپ يېشىپ بېرىۋاتقان بىر ئۇيغۇر كومپيوتېرچى بۇنىڭدا ھالقىلىق رول ئوينىدى. بۇ جەرياندا ئۇيغۇرغا ئوخشاش تۇتقۇنغا ئۇچرىغان باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ تۇتۇلۇشىدا ئۇلارنىڭ ئىسمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن قويۇق ئارىلىشىپ، ئۇيغۇرلار بارىدىغان مەسچىتلەرگە بېرىپ، ئۇيغۇر بىلەن بىر بازاردا تىجارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش مەدەنىيەتتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئاشكارىلاندى. چېن چۈەنگونىڭ «ئادەمنىڭ ھىسسياتى بار، خاتالىشىدۇ، ئەمما كومپيوتىر مەڭگۈ خاتالاشمايدۇ» دېگەن دوگما ئەقىدىسى ئۇيغۇر بىلەن مەنبەداش تۈمەنلىگەن قازاق، قىرغىزلارنىڭ بېشىغا چىققانلىقى مەلۇم بولدى.

جەفرى كىتابىغا كىمنى باش پېرسوناژ قىلار؟ يىل ئۆرۈلۈپ 2019-يىل كىرىپ كەتتى. جەفرىنىڭ كىمنى ئاساس قىلىپ يازىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىدى. ئۇنى ئەنقەرەگە باشلاپ بېرىپ بىر قانچە ياش زىيالى بىلەن ئۇچراشتۇردۇم. قىزغىن پاراڭلاشتۇق، مېھمان بولۇشتۇق. ئۇنىڭ زادى كىمنى يازىدىغانلىقى يەنىلا بىر سىر ئىدى. ئاخىرى مەن ئۇنىڭ كىتابىنى ئۇيغۇرلاردىكى پەرقلىق قاتلاملارنىڭ ھاياتىنى يورۇتقان، بولۇۋاتقان زۇلۇمنىڭ كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى يىلتىزى، يارىسى ۋە زەردابلىرىنى بايان قىلىدىغان بىر كىتاپ بولىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلدىم. شۇندىن كېيىن ئۇنىڭدىن زادى كىمنى يازىدىغانلىقىنى سوراپ، سۈرۈشتە قىلىپ كەتمىدىم.

جەفرىگە ئاخىرىدا تەۋسىيە قىلغىنىم ئىستانبۇلدا ياشايدىغان شائىر ئابدۇرھىم پاراچ ئىدى. ئابدۇرېھىمنىڭ خاتىرىسى ئاجايىپ سۈزۈك ئىدى. ئۇنىڭ ئاۋازلىق سۆھبىتىدە ئۇنىڭ ئۈچ يىللىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشتە ئۆزگەرمىگەن ئىرادىسى، قاماقتا ئۆتكەن ئازابلىق ھاياتى، تاھىر ھامۇتنىڭ ئۇنى چاقىرىپ يالغۇز كىشىلىك كامېردا ئىككەيلەننىڭ 12-نۇيابىر جۇمھۇرىيەت كۈنىنى بىرلىكتە خاتىرلىشى، ئۇلارنىڭ دۆلەت مارشىنى پىچىرلاپ ئوقۇپ، قەھرىمان ئەجداتلارغا سۈكۈتتە تۇرغان ۋەقەلىكى بەكمۇ تەپسىلىي سۆزلەنگەن ئىدى.

مەن تۈركىيەدىن ئايرىلىپ بىر يىلدىن ئاشقاندا جەفرىدىن تۇيۇقسىز تېلېفون كەلدى. كىتاب تەييار بولغان ئىكەن، مېنىڭ ئوقۇپ چىقىشىمنى ئارزۇ قىلىدىكەن. بۇنى تاسادىپىيلىق دەي دەپ تۇرسام، كىتابنىڭ پوچتىدىن ئەتىسى قولۇمغا تېگىشى تېخىمۇ تاسادىپىيلىق بولدى. كىتابقا مەن تونۇشتۇرغان مەشھۇر ئۇيغۇر شاھىتلار، جەڭچىلەر، جىھادچىلار ئەمەس، لاگېردىن چىققان بىر ناتىۋان ئۇيغۇر قىزى تاللانغان ئىدى. مېنى تاللاپ قالسا دېگەن تامايىممۇ بار ئىدى، بىر يېزىلىش ئىستىكىممۇ كۈچلۈك ئىدى، ئۇمۇ بولماپتۇ. جەفرى مېنىڭ باش قەھرىمانغا بىر ئىسىم قويۇپ بېرىشىمنى سوراپتۇ. بۇ قىز ئۆز ئىسمىنىڭ ۋەتەندىكەلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرىنى تەكىتلەپتۇ.

بۇ كىتابتا بايان قىلىنغان لاگېر شاھىتى بىر نامسىز قەھرىمان قىز بولۇپ، قورقۇنچلۇق لاگېر ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن، ئەمما قورقۇپ تۈگۈشۈپ، تۈگۈلۈپ كەتمىگەن ئىدى. بۇ قەھرىمان قىزنىڭ مەكتەپتىكى، قاماقتىكى، نازارەتتىكى، قۇتۇلۇپ چىققاندىن كېيىنكى ھاياتى كىتابتا ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولۇپ، بىر ئۇيغۇرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن تىرمىشىشلىرى، ئاتا-ئانا ۋە قېرىداشلىرىغا بولغان ساداقىتى، مىللىتىگە، كەلگۈسىگە بولغان ۋاپادارلىقى، ئۇستازى ئىلھام توختىغا بولغان سېغىنىشى ۋە ئېھتىرامى پاكىتلىق يورۇتۇلغان ئىدى.

بۇ قەھرىمان ئۇيغۇر قىزى ئەمەلىيەتتە لاگېرلار ھەققىدە ئەڭ بۇرۇن مەلۇمات بەرگۈچى ئىدى. ئۇ ئەركىن ئ‍اسىيا رادىيوسىنىڭ سىنلىق دوكلاتىدا لاگېرلارنىڭ ماھىيىتىنى پاش قىلغان ئىدى. ئۇ ئىزچىل گۇۋاھلىق بېرىشتىن ۋاز كەچمىگەن بولسىمۇ، كىملىكى ئاشكارىلانسا نەچچە يۈز كىشنىڭ ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرايدىغانلىقى ئۈچۈن ئىسمى يوشۇرۇن قالدى.

ئاپتۇر كىتابتىكى نامسىز قىزغا قانداق ئىسىم قويۇشنى مەسلىھەت سالغاندا، مەن «مايسەم» دېگەن ئىسىمنى تاللىدىم، چۈنكى بۇ ئىسىم ئۇيغۇرنىڭ بوستۇندىكى پەخىرلىك قىزى، ئېتىراپلىق ئالىمە، ھارماس دەۋاگەر مايسەم مۇتەللىپوۋانىڭ ئىسمى. بۇ ئىسىم 1760-يىللاردا مانجۇ-خىتاي تاجاۋۇزىغا قارشى تۇنجى قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغۇچى ئايال قەھرىماننىڭ ئىسىمى، شۇنداقلا بۇ ئىسىم بىر ئۈمىدنىڭ، كەلگۈسىنىڭ، ئىستىقبالنىڭ ئىسمى ئىدى.

ئاپتۇر جەفرى كەين بۇ كىتابنى يېزىش ئۈچۈن ۋەتەنگە باردى، ئىستانبۇلدا بىر يىلدىن ئارتۇق ئىزدەندى، ئاڭلىشىمچە، بىر ئۇيغۇر ۋىلايىتىدە تۇتۇلۇپ قالغاننىڭمۇ گېپى بار، ئەمما ئاخىرى بۇ كىتابنى يېزىپ چىقتى. بۇ كىتاپقا ماسلىشىپ گۇۋاھلىق بەرگەن يۈسۈپجان ئەمەتكە، ئابدۇرېھىم پاراچقا، ئۆمەر بېكئالىغا، تاھىر ھامۇتقا، يەنە بىر نامسىز كومپيوتېر ئېنژىنېرى دوستۇمغا ۋە باش پىرسۇناژ مايسەمگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان ئەڭ يېڭى كىتاپ «مۇكەممەل ساقچى دۆلىتىدە» نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلىشقا ئاز قالدى. كىتاب 29-ئىيۇن رەسىمى تارقىلىدۇ.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.