نۇر بەكرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى خىتاينىڭ مۇستەملىكىچى ماھىيىتىنى ئاشكارىلايدۇ، دەپ قارالماقتا

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.09.26
nur-bekri-zhang-chunxian.jpg ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى نۇر بەكرى(ئوڭدا) ۋە سابىق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىللىق يىغىنىدا. 2014-يىلى 6-مارت، بېيجىڭ.
AP

بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى دىققەت مەركىزى بولۇۋاتقان مەزگىلدە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدار نۇر بەكرىنىڭ تۇتۇپ كېتىلىشى جىددىي دىققەت قوزغىدى. چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىگە ساداقەتمەنلىكى بىلەن تونۇلغان نۇر بەكرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇستەملىكىچى ماھىيىتىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن ئىكەن.

چەتئەللەردىكى خىتاي ئانالىزچىلىرىدىن چېن پوكۇڭ ئەپەندى 23-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ئۇزۇن مەزگىللىك سىناقلاردىن ئۆتۈپ، «ساداقەتمەن ئەمەلدار» دەپ قارالغان نۇر بەكرىنىڭ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنىشىدىكى جىنايى سەۋەب ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما نۇر بەكرىگە ئارتىلغان «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدى» دېگەن مۈجمەل ئاتالغۇدىن ئۇنىڭغا قانداقتۇر خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدا ئورتاق قوللىنىدىغان «پارىخورلۇق» جىنايىتىنى ئەمەس، بەلكى «كومپارتىيەگە ساداقەتسىزلىك قىلدى»، يەنى «ئىككى يۈزلىمىچى» دېگەندەك سىياسىي جىنايەتنىڭ ئارتىلىشىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن ئىكەن.

چېن پوكۇڭ مۇنداق دېدى: «نۇر بەكرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى دراماتىك بىر خەۋەر بولدى. ئۇ، 18-19-سېنتەبىر كۈنلىرى خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خەن جىڭ باشچىلىقىدىكى ئۆمەك بىلەن بىرگە رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەبلەغ سېلىش، ھەمكارلىق ئورنىتىش يىغىنىغا قاتناشتى. 20-سېنتەبىر كۈنى موسكۋادىن قايتىپ بېيجىڭ ئايرودرومىغا قونۇشى بىلەنلا مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئىككى خادىمى تەرىپىدىن تەكشۈرۈش نامىدا تۇيۇقسىز ئېلىپ كېتىلىپتۇ. ئۇ تۇتقۇن قىلىنغان چېغىدا خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ، مىنىستىر دەرىجىلىك ۋەزىپىدە ئولتۇرغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ئىدى. ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە، بولۇپمۇ 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشىنى باستۇرۇشتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە كۆرسەتكەن ساداقەتمەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ‹ئۇيغۇرلارنىڭ ساتقۇنى› دەپ ئەيىبلەنگەن ئىدى. ئەمما مەن خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى ئۆزى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن بىر ئەمەلدارنىڭ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنىشىدا ئۇنىڭ ساداقىتىدىن گۇمان قىلىش ئاساسىي سەۋەب دەپ قارايمەن. مېنىڭچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى موسكۋا زىيارىتىدىن قايتىپ كېلىشى بىلەن تەڭلا قولغا ئېلىشىدا، ئۇنىڭ زىيارەت جەريانىدا شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى سۆز ھەرىكەتتە بولغانلىقى ھەققىدە بەزى گۇمانلار سەۋەب بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.»

نۇر بەكرى 2008-يىلدىن 2014-يىلغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىك، 2014-يىلىدىن بۇ يىل سېنتەبىرگىچە خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. خىتاي ئاخباراتلىرى ئۇنىڭ 21-سېنتەبىر تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

چېن پوكۇڭ ئەپەندى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ نۇر بەكرىنى «ئۇيغۇرلارنىڭ ساتقىنى» دەپ ئاتىشىنىڭ خۇددى ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە نەنجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ جىڭۋېي ياپون ھۆكۈمىتىنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي خەلقى تەرىپىدىن «خىتاي ساتقۇنى» دەپ ئاتالغانلىقى ۋە ئاخىرى ياپونلار تەرىپىدىن مەخپىي ئۆلتۈرۈلگەن ئەھۋالنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بېسىۋېلىنغان زېمىنلاردا ھاكىمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ھەرقانداق بىر ئەمەلدار ئۆز خەلقى تەرىپىدىن ‹ساتقۇن›، ‹خائىن› دەپ ئەيىبلىنىدىغان بولسا، ئۇلار باسقۇنچى ھاكىمىيەتنىڭمۇ ئوخشاشلا ئىشەنچىگە ئېرىشەلمەيدۇ ۋە بۇ سەۋەبتىن ئاخىرى جازالىنىدۇ. مېنىڭچە نۇر بەكرىنىڭ بۈگۈنكىدەك ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قېلىشىمۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ ساداقىتىدىن گۇمانلانغانلىقىنىڭ نەتىجىسى» دېدى.

ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكراتىك ھەرىكەت رەھبەرلىرىدىن «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ياڭ جيەنلى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ نۇر بەكرىگە ئوخشاش بىر سادىق ئەمەلدارىنى تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىشىدىن جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن ئىكەن.

ياڭ جيەنلى مۇنداق دەيدۇ: «نۇر بەكرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ھەققىدىكى ئانالىزلاردا ئۇنىڭغىمۇ پارىخورلۇق جىنايىتى ئارتىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە، ئەمما مەن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن بىر ئەمەلدارنى تۇيۇقسىز جازالىشىنى خىتاي كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئىلگىرىدىن داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مىللىي سىياسىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارايمەن. چۈنكى، سەيپىدىن ئەزىزىدىن بۇيان تېخى ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر ئەمەلدار تېخى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 1-قول باشلىقى بولمىغان ئىدى. نۇر بەكرىمۇ پەقەت 2-قول باشلىقلا بولالىدى. نۇر بەكرى خىتاي ئۆزى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن ئاز ساندىكى مىللىي كادىرلارنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھەرقانداق مىللىي كادىرغا ئىشەنمەيدۇ. چۈنكى، مىللىي ئەمەلدارلار كۆرۈنۈشتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇلار ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا يەنىلا ئۆز خەلقىگە نىسبەتەن ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەپ قويىدۇ. شۇڭا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىمۇ مىللىي كادىرلارنىڭ ساداقىتىگە ئەزەلدىن گۇمان بىلەن قاراپ كەلدى. ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ نۇر بەكرىنى ئاشكارا تۇتقۇن قىلىشىنى بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئەمدى بۇ خىلدىكى مىللىي كادىرلارغا ئېھتىياجى يوق دەپ قارىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمەن.»

نيۇ-يورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭ ئەپەندى نۇر بەكرىگە ئوخشاش يەرلىك مىللەتلەردىن يېتىشىپ چىققان مىللىي ئەمەلدارلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل مىللىي كادىرلارنى كېرىكى قالمىغاندا ھەر خىل يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن جازالىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شيا مىڭ ئەپەندى بايانىدا يەنە، كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئەمەلدارلىرىنى كېرەك بولغاندا ئىشلىتىش، قىممىتى قالمىغاندا ئۇلارنى ھەرقانداق جىنايەت جازالاش خاھىشىنىڭ ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.