«ئوت كەتتى»مۇ ياكى ...

0:00 / 0:00

بىز بۇ يىل، يەنى 2023-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆز ئۆيلىرىگە نەزەربەند قىلىنغان چوڭ-كىچىك 49 ئۇيغۇرنىڭ تىرىك كۆيۈپ كەتكەنلىكىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلىدۇق. خىتاي ھۆكۈمىتى سىرتىدىن قۇلۇپلىۋەتكەن ئىشىكلەرگە ئۆزىنى ئۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىدىن ئايرىلغان بىگۇناھ ئىنسانلارغا ياردەم قىلىش ھېچكىمنىڭ قولىدىن كەلمىدى.

شەپىسىز ھەم شەكىلسىز تۇتاشقان ئوتنىڭ پەلەككە يەتكەن يالقۇنى ئۆز ئۆيىگە قامالغان، شۇنىڭدەك چىدىغۇسىز كۆيۈك ئازابىدا پانىي ئالەمدىن خوشلىشىشتىن بۇرۇن ئەڭ ئاخىرقى كۈچىنى يىغىپ تېپچەكلەۋاتقان بالىلارنى، كۆيۈۋاتقان ئوتتىنمۇ كۆپرەك پەرزەنت ئوتىدا يېنىپ، ئۆزىنى تامدىن تامغا، يەردىن يەرگە ئېتىپ ئوتنى ئۆچۈرۈشكە ئىنتىلىۋاتقان ئانىلارنى دۇنياغا كۆرسەتتى. ئەنە شۇ ئوت كۈندۈزدەك يورۇتۇۋەتكەن قارلىق كېچە ئاسمىنىدا ئەكس سادا پەيدا قىلىپ يىغلاۋاتقان، ئىڭراۋاتقان، يالۋۇرۇۋاتقان ئاۋازلارنى دۇنياغا ئاڭلاتتى. ئىشىك بوسۇغىلىرىغا قېقىلغان تۆمۈر قوزۇقلار سۇغۇرۇلۇپ، كىشىلەر ئۆيلەرگە كىرگەندە كۆزگە چېلىققىنى چۇچۇلا بولۇپ كەتكەن جانسىز بەدەنلەرلا بولدى.

ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان «جىشىياڭيۈەن» ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى بىر بىناغا ئوت كېتىپ، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرى ئوت كەتكەن بىناغا يېقىنلىشالمىغان ۋە سۇ شىلانكىلىرىمۇ ئوت كۆيۈۋاتقان قەۋەتلەرگە ئۇلىشالمىغان كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 24-نويابىر، ئۈرۈمچى.
ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان «جىشىياڭيۈەن» ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى بىر بىناغا ئوت كېتىپ، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرى ئوت كەتكەن بىناغا يېقىنلىشالمىغان ۋە سۇ شىلانكىلىرىمۇ ئوت كۆيۈۋاتقان قەۋەتلەرگە ئۇلىشالمىغان كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 24-نويابىر، ئۈرۈمچى. (AP/AP)

ئوت-ئۇيغۇرلار ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار بۇرۇن، جۈملىدىن شامانىزمغا ئېتىقاد قىلغان ۋاقىتتىن بېرى ئۇلۇغلاپ كېلىۋاتقان، ئۆزلىرىنىڭ ياخشى تىلەك ۋە ئارزۇ ئارمانلىرى بىلەن، شۇنىڭدەك ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قەدىرلەپ كېلىۋاتقان بىر ئالاھىدە ماددا. تارىختا ئۇيغۇر تىلىدا «يېڭى كۈن» دەپ ئاتالغان «نەۋرۇز بايرىمى» نى ئوت يېقىپ كۈتۈۋېلىپ، تەبىئەتنىڭ ئويغانغانلىقىنى ۋە يېڭى يىلنىڭ باشلانغانلىقىنى تەبرىكلىگەن. تۈرك مەدەنىيىتىدە ئوت ھەرقاچان كۈچكە، شۇنىڭدەك ئىللىغاندا مېھرى-مۇھەببەتكە سىمۋول قىلىنىدۇ. روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى پاكىزلىققا سېلىشتۇرۇلىدۇ. شۇڭا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ھەممىسىدە ئوتنى مەزمۇن قىلغان مەسەللەر ۋە رىۋايەتلەر ناھايىتى كۆپ. شۇ قاتاردا يېڭى توي قىلغان قىزنى گىلەمگە ئولتۇرغۇزۇپ، گۈلخان ئۈستىدىن ئۆتكۈزۈش، ئۇلۇغ ئايەم كېچىلىرى ئوت يېقىپ «بارات كۆيدى» تەنتەنىسى قىلىشنى بۇلارنىڭ مىساللىرى، دېيىش مۇمكىن.

ئوتنى ئۇلۇغلاش ئادەتلىرىنى ھازىرغىچە ياشىتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردا ئوتتىن پايدىلىنىپ ياكى ئوتنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ بىر بىرىگە زىيان سېلىش ئادىتى يوق. بىز يىراق قەدىمكى تارىختا قايسى شەھەرنى ياكى بوستانلىقنى قايسى ۋاقىتتا قايسى تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئوت قويۇپ كۆيدۈرگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇزۇن تارىخقا ئەمەس، بەلكى 1759-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىنى ئۆز مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغان ھۆكۈمرانلارنىڭ ئوت بىلەن قىلغان زىيانكەشلىكلىرىدىن ئېسىمىزدە قالغانلىرىنى سانىساقمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن مۇستەملىكىچىلەر ئارىسىدا ئوت بىلەن مۇناسىۋەتلىك قاراشلاردا قانداق پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىۋالىمىز.

ناتىۋان ۋە تەنھا قىز نۇزۇگۇمنى تۇتۇش ئۈچۈن پۈتۈن قومۇشلۇققا ئوت قويغان بۇ خىل ئىللەتلەر، 1878-يىلى قانخور زو زۇڭتاڭ ئەسكەرلىرى ئۇرۇشتا قوللانغان ئوت پۈركۈيدىغان زەمبىرەكلەر بىلەن داۋاملاشقان. زو زۇڭتاڭغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ، خوجايىن ۋە سودىگەرلەرگە ئايلانغان شەنشىلىك خىتايلارنىڭ تيەنجىنلىك خىتايلاردىن بازار تالىشىشى 1910-يىلى ئۈرۈمچى چوڭ كۆۋرۈك (داشىزى) تىكى دۇكانلارغا ئوت قويۇۋېتىشىدە يەنە بىر قېتىم نامايان بولغان.

1937-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى «شىنجاڭ پادىشاھى» دەپ نام ئالغان شېڭ شىسەي ۋە سوۋېت جاللاتلىرى مۇھەممەت ئېلى تەۋپىق ۋە قۇتلۇق شەۋقىدەك ئۇيغۇر سەرخىللىرىدىن 150 كىشى قامالغان قەشقەر ياۋاغ تۈرمىسىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرگەنلىرىدە ئۇلارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەزىللىكلىرى تېخىمۇ ئاشكارا بولغان. 1949-يىلىدىن كېيىن ئوت ئاپەتلىرى ئۇ قەدەر كۆپەيدىكى، كۈندە نەچچە قېتىم نەچچە يەرگە ئوت كەتكەنلىكىنى سانىيالمايدىغان بولدۇق. شۇنداق يېڭى «ئوتتا كۆيدۈرۈشلەر» ئىجاد قىلىنىپ، ئۇيغۇر دىنىي ئېتىقادىنىڭ ئەڭگۈشتەرى بولغان «قۇرئان كەرىم» ، ھەدىس ۋە باشقا ئەتىۋارلىق كىتابلار ئۆي-ئۆيلەردىن يىغىۋېلىنىپ ئوتقا تاشلانغىنىدا خەلق جان ئالغۇچى ئەزرائىللارنى بۇ دۇنيادىلا كۆرگەندەك بولدى. بەزىلەر ھەتتا ئۆزىنى ئاللىقاچان دوزاخقا تاشلانغاندەك ھېس قىلدى.

ئوت كەتتى! يەنە ئوت كەتتى! … بىر، ئىككى دەپ باشلىدۇق. ئەمما ھازىر قانچىنچى قېتىم ئوت كەتكەنلىكىنىمۇ سانىيالمايدىغان بولدۇق. يۇرتنىڭ قايسى يېرىدە ئەھۋال ياخشىلانسا شۇ يەرگە ئوت كېتىدىغان بۇ تەرتىپمۇ بۇزۇلۇپ، خالىغان يەرگە، خالىغان ۋاقىتتا ھەم خالىغان شارائىتتا ئوت كېتىۋېرىدىغان بولدى.

1949-يىلىدىن باشلاپ ھەر خىل ئىسلاھات ۋە تۈرلۈك ئىنقىلاب نامىدىكى سىياسىي بوران-چاپقۇنلار ئارىسىدا ھېرىپ-چارچىغان بىچارە خەلق بۇ ئوتلارنىڭ بەزىلىرىدە شۇ ئوتنىڭ ئىچىدە كۆيۈپ كاۋاپ بولدى، بەزىلىرىدە بارلىق بىساتىدىن ئايرىلىپ ئوتنىڭ تېشىدا كۆيۈپ ھالى خاراب بولدى.

1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا بىر نەچچە يىل جاھان بىر ئاز ئوڭشالغاندەك قىلىۋىدى، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىردىنلا جانلىنىپ قالدى. بەزىلەر ھەتتا خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە بېرىپ، تىجارەت بىلەن خېلىلا ھاللىنىپمۇ قالدى. ئەمدى جاھان ئوڭشالغان بولسا كېرەك، دەپ تۇرۇۋىدى، بىردىنلا يەنە ئوت كەتتى. 1986-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى جىمجىت ياز كەچلىرىنىڭ بىرىدە ئاتۇشنىڭ يەككە تىجارەتچىلەر بازىرىغا ئوت كەتتى. شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى «شاڭخەي بازىرى» دا پەلەككە يەتكەن ئوت يالقۇنى نەچچە مىڭلىغان تىجارەتچىلەرنىڭ ئۆتنە-يېرىم قىلىپ ئاچقان دۇكانلىرىدىكى ماللارنى بىر كېچىدىلا كۈلگە ئايلاندۇرۇۋەتتى. ئەتىسى دۇكان ئىگىلىرى بازارغا كەلگىنىدە ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغىنى كۆيگەن ماللىرىنىڭ كۈللىرى، دېۋەيلەپ تۇرغان قەرز ۋە ئاخىرىغا كۆز يەتمەس كۆڭۈلسىزلىك بولدى. «ئوتنى كىمنىڭ ۋە نېمە سەۋەبتىن قويغانلىقىنى بىلمىگەن» ئاق كۆڭۈل ئاتۇش خەلقى ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتنىڭ ئالدىدا ئاتۇشتىكى خىتاي ئارمىيەسى 11-ئەترىتىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ يۈك ماشىنىلىرى بىلەن سودا بازىرىغا كەچلىرى توپلىشىپ كېلىپ قىممەت باھالىق ماللارنى ئوغرىلاپ كەتكىنىنى ئېنىقلاپ چىققان، ھەتتا ئۇلارنى تۇتۇپ شەرمەندە قىلغان تۇرۇقلۇق شۇنداق كېچىلەرنىڭ بىرىدە كۆتۈرۈلگەن ئوتنى كىمنىڭ قويۇپ بەرگەنلىكىنى راستىنلا بىلمەي قالامدۇ؟ ! ئەپسۇسكى، ئوت ئىچىدە دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئىزلىرىمۇ كۆيۈپ يوقالغاچقا خەلق بۇ ھەقتە ھېچنەرسە دېيەلمىدى.

1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ۋە قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىگە ئېرىشىشى ئۇيغۇرلارغا چوڭ ئىلھام بولدى. دەرھال يول تېپىپ ئۇ دۆلەتلەرگە بېرىپ تىجارەت قىلغان ئۇيغۇرلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا زور مىقداردا پايدىغا ئېرىشىپ، ئوبدانلا ھاللىنىپ قالدى. يەنە داۋاملىق يول ئېچىپ ئۇزۇن يىللار بۇرۇن ئەجدادلىرى بېرىپ تىجارەت قىلغان موسكۋا ۋە ئىستانبۇل يوللىرىنىمۇ ئېچىۋېلىشتى. قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستانلاردا مەخسۇس ئۇيغۇر بازارلىرى ئېچىلدى ۋە ئۇ دۆلەتلەردىكى نەچچە مىڭلىغان، ھەتتا ئون مىڭلىغان كىشىلەرگە ئىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ئەركىن ھاياتىدىن ئىلھام ھەم كۈچ ئالغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا 2000-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر مىللىي ئويغىنىشى ۋە ئەركىنلىك تەشۋىقاتى ئەۋج ئالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يېڭىلىقنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولغانلارنى ۋە قوللىغۇچىلارنى ئەنە شۇ بازاردىكى تىجارەتچىلەر، دەپ قارىدى. شۇنداقلا ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۇلارنى توسۇشقا ئۇرۇندى. ئاخىرىدا يەنە «ئوت كەتتى» . 2004-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى دەسلەپ بىشكەكتىكى توربازا بازىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇكانلىرىغا ئوت كەتتى. 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇرپان «يېڭى تەرەققىيات سودا سارىيى» غا ئوت كەتتى. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىشلارغا ئېتىبار قىلماسلىقتەك سىياسىتىدىن رەنجىگەن خەلق قوزغىلىپ ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا نامايىش قىلىۋىدى، ھۆكۈمەت ئۇلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇردى.

2013-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى يەنە بىر سوغۇق سەھەردە ئالماتادىكى باراخولكا بازىرىغا «ئوت كەتتى» . نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بىر كۈندىلا بار دەسمىسىدىن تولۇق ئايرىلدى. قەرز پاتقىقىغا گەدەنگىچە پاتقانلىرى بۇ يەرنىمۇ تاشلاپ تېخىمۇ يىراقلارغا سەرگەردان بولۇپ كېتىشتى. شۇ يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەممىلا يېرىدە بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىپ ئوت كېتىشكە باشلىدى. 2012-يىلى ئاتۇش توپا تاغ، تۇرپان ۋە خوتەندە، 2013-يىلى يەنە خوتەندە «ئوت كەتتى» . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ مەسچىتى ۋە مەسچىت بىناسى بىلەن قوشۇپ سېلىنغان سودا مەركىزىگە ئوت كېتىشلەر ئەمەلىيەتتە يۈز بەرگەن ئاپەتلەرنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى.

«ئوت كەتتى» ھادىسىسى ئۇيغۇر بازارلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى بۇ «ئوت» تارىخىي يەرلەرگە، مەنزىرىلىك تاغلارغا ھەم باغلارغىمۇ تۇتاشتى. 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە «ئالتۇن تاغلىق، كۈمۈش سۇلۇق» ئالتاي ئورمانلىرىدا يەتتە كۈن توختىماستىن كۆيگەن ئوت ۋە 2020-يىلى 7-ئايدا تۇيۇقسىز ئوت كەتكەن ئىلى يولىدىكى كەڭساي (گوزىگو) ئورمانلىرى بۇ يەرلەرنى بۇرۇن بىرەر قېتىم زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىغانلارنى نەقەدەر ئېچىندۇرىدىغانلىقىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بولغىلى بولمايدۇ. ئوت كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەي بوشىغان يەرلەرگە كۆچۈپ كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە سېلىنغان ئۆي جايلار، كەڭساي جىراسىغا سېلىنغان ھەيۋەتلىك كۆۋرۈك بۇ سىرلىق ئوتلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن كەتكەنلىكى ۋە ئوتنى كىمنىڭ ياققانلىقى ھەققىدە كۈچلۈك گۇمانلارنى ۋە قىياسلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەت ھاياتىغا ناتونۇش بولغان «ئوت كەتتى» قىلمىشلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىدە قوللىنىلىۋاتقان ئۇسۇللىرىدىن بىرى. ئەگەر ئۇلار بۇ زېمىننىڭ ھەقلىق ئىگىلىرى بولسا ئىدى، ئۇ زېمىننى سۆيگەن، ئاسرىغان ۋە خەلقىنى قەدىرلىگەن بولاتتى. بۇ ئوت كېتىشلەرنىڭ بەزىلىرى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ رەھىمسىز خاراكتېرىنى ئىپادىلىسە، بەزىلىرى پۈتۈنلەي ئۆز مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تۈزۈلگەن قانۇنلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى، يەنە بەزىلىرى بولسا ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقىتىش ئارزۇسىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈكلۈكىنى ئاشكارا كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.