ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى خىتايغا گاز ئېكسپورت قىلىشنى قىسقارتماقچىمۇ؟
2022.12.19

1991-يىلى «سوۋېت ئىتتىپاقى» يىمىرىلىپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى جۇمھۇرىيەتلەر ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولغانىدى. شۇ جۈملىدىن بۇ مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا ئورۇنلاشقان بەش جۇمھۇرىيەت، يەنى ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان ئايرىم دۆلەت بولۇپ، بۆلۈنۈپ چىقتى. ئەمما ئارىدىن 30 يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بولۇپمۇ خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ تەسىرى ئاستىدا قېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
كېيىنكى ۋاقىتلاردا دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئاساسىي نىشانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى يەنىمۇ داۋام قىلماقتا.
«ئامېرىكا ئاۋازى» دا ئېلان قىلىنغان ئۆزبېك ژۇرنالىستى ناۋباخور ئىمانوۋانىڭ «مەركىزىي ئاسىيا ئىچكى ئېھتىياجنى چەتئەل ئېكسپورتى بىلەن تەڭلەشتۈرمەكتە» ناملىق ماقالىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىدىن بولۇپمۇ قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىدىغان گازنى قىسقارتىش يا بولمىسا توختىتىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى ئېيتىلغان. بۇنىڭغا ھەر ئىككى مەملىكەتنىڭ ئۆز ئىچىدىكى ئېھتىياجلىرىنىڭ ئۆسۈشى سەۋەب بولغان. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە دۇنيانىڭ ئايرىم رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە بازارلىرىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزمەكتە.
ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي-مەركىزىي ئاسىيا گاز تۇرۇبىسى گازنى تۈركمەنىستاندىن ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان ئارقىلىق خىتايغا يەتكۈزىدىكەن. بۇ جەھەتتە خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى سۈپىتىدە گاز ۋە نېفىتنى ئاساسىي جەھەتتىن قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستاندىن سېتىپ ئالىدىكەن.
ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «رەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتايغا ئەڭ چوڭ گاز يەتكۈزگۈچى مەملىكەت تۈركمەنىستان 2022-يىلنىڭ بىرىنچى چارىكىدە 2مىليارد 870 مىليون دوللار قىممىتىدە گاز يەتكۈزدى. ئاشخاباد بۇ يىل گاز ئېكسپورتىنى 53 پىرسەنتكە كۆتۈرگەن، ئۆكتەبىر ئېيىدىكى ئۇنىڭ ھەجمى 8 مىليارد 230 مىليون دوللارنى تەشكىل قىلدى. يىلنىڭ بېشىدا خىتايغا 270.6 مىليون دوللارغا گاز ساتقان قازاقىستان ئېكسپورتنى توختىتىپ، گازنى ئۆزىنىڭ ئىچكى ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان بولدى. ھۆكۈمەت شۇنى ئاگاھلاندۇردىكى، ئېكسپورت ئارقىلىق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان گاز باھاسى ئەمدى قىممەتلەيدۇ».
بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئۆزبېكىستانمۇ يېقىنقى يىللاردا ئىچكى ئېھتىياجلارنىڭ ئۆسۈشى مۇناسىۋىتى بىلەن گازنى ئېكسپورت قىلىشنى توختاتماقچى. بۇ توغرىلىق باشقىمۇ مەتبۇئاتلار خەۋەر قىلغان.
رۇسىيەنىڭ «نېفىتگاز» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «ئۆزبېكىستان ھەتتا گازنى ئېكسپورت قىلىشنى توختاتتى، رۇسىيە ۋە قازاقىستان بىلەن گاز ترانسپورت ئىتتىپاقىنى شۇنچىلىك دەرىجىدە خالىمامدۇ؟» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ئۆزبېكىستان ئۆز خەلقىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان ھالدا، سىرتقا گاز سېتىشنى ئۈزۈل-كېسىل توختاتقان.
«ياۋرو-ئاسىيا نېت» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا بېرىلغان «خىتاي قازاقىستاندىن گاز يەتكۈزۈشنى كۆپەيتىش كاپالەتلىرىنى خالىماقتا» دەپ ئاتالغان ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل سېنتەبىر ئېيىدا قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم-ژومارت توقايېف ئىچكى ئېھتىياجلارنى قانائەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ھالدا، ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى توختىتىش توغرىلىق قارار قوبۇل قىلغان. ماقالىدا شۇنداقلا 28-نويابىردا توقايېف ۋە رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ قازاقىستان، رۇسىيە ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ قاتنىشىشىدا «ئۈچلۈك گاز ئىتتىپاقىنى» قۇرۇش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان. بۇ ئىتتىپاقنىڭ مەقسىتى رۇسىيە گازىنى مەركىزىي ئاسىياغا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەتكەن.
سىياسەتشۇناس پيوتر سۋوىك ئەپەندى خىتاي-مەركىزىي ئاسىيا گاز تۇرۇبىسىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز ھازىر بۇ يول ئارقىلىق 10 مىليارد كۇبمېتىردىن ئازراق مۆلچەردە گاز ئېكسپورت قىلىمىز. ئەمدى قازاقىستاننىڭ ئىچكى ئېھتىياجى 20 مىليارد كۇبمېتىرنى تەشكىل قىلىدۇ. ئېكسپورتقا قاراپ، بىز ئىچكى باھالارنى قويىمىز. بىزدە گازنى ئېكسپورت قىلىش ھېسابىغا ئۇنىڭ ئىچكى باھاسى ئەرزان. ئەمما مەملىكەتتە گاز ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى سېلىش پىلانلىرىغا قارىغاندا، بىز ئېكسپورت قىلىنىدىغان گاز چىقىملىرىنى تولۇق يا بولمىسا ئۇنىڭدىن ئارتۇق سەرپ قىلىمىز. ئۇ چاغدا بىزگە ئىچكى باھالارنى كۆتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. يەنى دېمەك قازاقىستان گاز ئېكسپورتىدىن چوڭ پايدا كۆرمەيدۇ. ئىككىنچى، ئۆزبېكىستان ئۆز ئىچىدە ئىنتايىن كۆپ مىقداردا گاز ئىشلىتىدۇ. ئۆزبېكىستان شۇنداقلا كۆپ گازنى قازاقىستانغا، بولۇپمۇ ئالمۇتا شەھىرىگە چىقىرىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۆزبېكىستان چوڭ مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. يەنى ئۇنىڭ گاز زاپىسى تۈگەۋاتىدۇ. شۇڭا ئۆزبېكىستان خىتايغا ۋەدە قىلغان مىقداردىكى گازنى ئورۇندىيالماي، تۈركمەنىستاندىن سېتىپ ئېلىۋاتىدۇ. تۈركمەنىستانمۇ ئۆزبېكىستانغا ساتقۇسى كەلمەيۋاتىدۇ. مەن يېقىندا ئۆزبېك مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن سۆزلەشتىم، ئۆزبېكىستان خىتايغا بەرگەن مەجبۇرىيەتلىرىنى قىسقارتىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانىكەن».
پيوتر سۋوىك شۇنىڭدەك پۇتىننىڭ «ئۈچلۈك گاز ئىتتىپاقىنى» قۇرۇش تەشەببۇسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ تەشەببۇسنىڭ كېلەچىكى زور. ئۆز ۋاقتىدا ‹ئوتتۇرا ئاسىيا-مەركەز›دەپ ئاتالغان گاز تۇرۇبىسى ئارقىلىق گاز تۈركمەنىستاندىن غەربىي قازاقىستان ئارقىلىق رۇسىيەگە باراتتى. ئۇ ھازىر ئوتتۇرا ھالدا ئىشلەۋاتىدۇ. مۇبادا ئۇنىڭغا رۇسىيە گازى قوشۇلىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا خىتايغا بارىدىغان گازنىڭ مىقدارىنى كۈچەيتىشكە بولىدۇ. بۇ يەردە شۇنداقلا قازاقىستان-رۇسىيە بىرلەشكەن گاز تۇرۇبىسىنىمۇ تەشكىللەشكە بولىدۇ. تۈركمەنىستاندىن جەنۇبىي قازاقىستان ئارقىلىق ئۆتىدىغان گاز تۇرۇبىسى يولىدا بىز سارئىاركا گاز تۇرۇبىسىنى سالدۇق. ئەگەر ئۇنى رۇسىيە گاز تۇرۇبىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرسەك، قازاقىستانغىمۇ، خىتايغىمۇ قوشۇمچە گاز يەتكۈزۈشكە بولاتتى. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ھازىر مەركىزىي ئاسىيا-خىتاي گاز تۇرۇبا يولى ئېغىر ئەھۋالدا قېلىۋاتىدۇ. ‹ئۈچلۈك گاز ئىتتىپاقى› تولۇق ئىشقا قوشۇلغان ھالەتتە ئەھۋال نورماللىشىدۇ، دەپ ئويلايمەن».
«سىنوپسىس» مەركىزىي ئاسىيا ۋە خىتاينى تەتقىق قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۇسلان ئىزىموف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىر تەرەپتىن، ھازىر شۇنى ئىقرار قىلىش كېرەككى، ئېنېرگىيە كرىزىسى ياۋرو-ئاسىيانىڭ كۆپلىگەن مەملىكەتلىرىدە بايقىلىۋاتىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ ئۈچ مەملىكەتنىڭ گاز ۋە نېفىتنى خىتايغا، يا بولمىسا باشقىمۇ شېرىكلىرىگە كىرگۈزۈشنى توختىتىشى يا بولمىسا باشقىمۇ چارىلەرنى كۆرۈشى ئىنتايىن قىيىن. چۈنكى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۆز خام ئەشياسىنى ئېكسپورت قىلىشى ئۇلارنىڭ دۆلەت كىرىمىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بىز ئۆز نېفىت ۋە گازىمىزنى سىرتقا ساتماي قالالمايمىز. ئىككىنچىدىن، بۇ خىتايدا قانداق ئىنكاس پەيدا قىلىشى مۇمكىن؟ ئوچۇقىنى ئېيتىش كېرەككى، بۇ ئۈچ مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئېكسپورت قىلىشى خىتايدا 1پىرسەنتكە يەتمەيدۇ. بۇ رەقەم كۆپ نەرسىنى بىلدۈرىدۇ. ھەتتا بىز بۇنى 0 پىرسەنتكىچە قىسقارتساقمۇ، خىتاي ئۈچۈن بەرىبىر. يەنى بۇ، خىتاي ئىقتىسادىنى ھېچ قانداق بىر چىقىمغا ئېلىپ كېلەلمەيدۇ».
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەركىزىي ئاسىيا-خىتاي گاز تۇرۇبىسى بۇ قازاقىستان تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن گاز تۇرۇبا لايىھەسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچ يولىنىڭ ھەر بىرى 1310 كىلومېتىرنى تەشكىل قىلىدىكەن. قازاقىستان بۇنىڭدىن تۆت يىل ئىلگىرى بۇ يۆنىلىشتە يېڭى ئىستانسىلارنى قوشۇپ، گاز تۇرۇبىسىنىڭ يىللىق مىقدارىنى 25 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكۈزگەن.