چاتاق شۇ چاغدا قاينايدۇ

2021.03.29
گېرمانچە مەتبۇئاتلار خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرى بىلەن تولۇپ تاشتى لوپ ناھىيەسىدىكى 4-يىغىۋېلىش لاگېرىدىكى تۇتقۇنلار سىياسىي ئۆگىنىشتە. 2017-يىلى مارت، خوتەن.
BITTER WINTER

بىر خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ خادىمى بىلەن يېرىم كۈنلۈك مۇنازىرىنى ئاياغلاشتۇردۇم. بۇ سۆھبەتنىڭ جاۋابى «مەن بىلەن مۇنازىرەلەشكىنىڭ ئۈچۈن رەھمەت، ھەممە جەھەتتە ئوخشاش قاراشتا بولۇشىمىز بىھاجەت» دېيىلىپ ئاخىرلاشتى، يېرىم كۈنلۈك ۋاقتىم بىكارغا كەتتى. مەن توغرىلىقىنى تەرغىب قىلغان پىكىر ناھايەت قوبۇل بولمىدى.

مەزكۇر خەلقئارالىق تەشكىلات بىلەن ھەمكارلىقىم 2017-يىلى ئومۇمى تۇتقۇن يېڭى باشلانغاندا قۇرۇلغان ئىدى. شۇندىن بۇيان دوكلاتلارنىڭ پاكىت توپلاش، پاكىتلارنى دەلىللەش قىسمىغا ياردەملەشتىم. ئۇيغۇر ھەققىدە تەييارلانغان دوكلاتلار ئۈچۈن گۇۋاھچى ئىزدەش، تەرجىمانلىق قاتارلىق ئىشلارنى تىينسىز قىلىپ كەلدىم. تەلىيىمگە تەكلىپلىرىم قوبۇل قىلىندى، تەلەپلىرىم ھەقلىق بولغاچقا ئورۇنلاندى، ئەمما بۈگۈن؟

مۇنازىرە بۇ قېتىم يېزىلماقچى بولغان دوكلاتتىكى «شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان ئازسانلىقلار» دېگەن ئۇقۇمغا قوشۇلماسلىقىم بىلەن باشلاندى. بۇرۇنمۇ مەن بۇ ئۇقۇمنى ئۆزگەرتكۈزگەن، تەكلىپىم قوبۇل قىلىنغانىدى. مۇبارەك مىللىتىمنىڭ نامىنى «شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان ئازسانلىقلار» دېگەن نامنىڭ ئورنىغا يازدۇرغان ئىدىم. بۇ قېتىم ئۇنداق قىلىشقا ئۇنىمىدى. ئۇيغۇر ۋە قازاق پائالىيەتچىلەر مەزكۇر خادىم بىلەن كۆرۈشكەنمىش، بولۇۋاتقان زۇلۇمنى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» دېيىشكە ئۇلار قارشىلىق بىلدۈرگەنمىش، شۇڭا «شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مۇسۇلمانلار» دېيىشنى قارار قىلىشقانمىش.

مەن بۇ قارارغا نارازىلىق بىلدۈردۈم ۋە «مېنىڭچە ئۇيغۇرنىڭ كەينىگە چوقۇم بىرەر سۆز قوشۇش زۆرۈر بولسا «يەرلىكلەر» دېيىلسە مۇۋاپىقلىقىنى، بۇنداق دېيىشتە مەقسەت يەرلىك بولمىغان خىتايلارغا قارىتىلغانلىقىنى تەكىتلىدىم. ئۇيغۇر دېيىلگەندە مۇسۇلمانلىقمۇ، ئۇلارنىڭ رايوندىكى يەرلىكلىكىمۇ ئەكس ئېتىدىغانلىقىنى ئىما قىلدىم. ئۇيغۇردىن باشقا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان مىللەتلەرنى دوكلاتنىڭ ماۋزۇسىغا قوشۇلسا ئۇزۇراپ كېتىدۇ، دېيىلسە دوكلاتنىڭ مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلسە بولىدىغانلىقىنى، لېكىن ماۋزۇنى «شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان ئازسانلىقلار» دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى بىزنىڭ خىتايغا ئاسانلىق تۇيۇلغان بىلەن زېمىنىمىزدا كۆپ سانلىق، تۈۋرۈك مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى چۈشەندۈردۈم. بۇنى خىتاي قانۇنىنىڭمۇ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردۈم.

ئارىمىزدا مۇنازىرە مۇنداق بولدى. 1. سوئال: سىلەر ئېلىمىزنىڭ ئىسمىنى خىتايلار ئاتايدىغان رەسمىي ئىسىم بىلەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەيسىلەر، بۇنىڭغا قازاق پائالىيەتچىلەر قارشىلىق قىلسا ئۆزگەرتەمسىلەر؟ ئۆزگەرتەلەمسىلەر؟ جاۋاب: ياق بۇنى ئۆزگەرتەلمەيمىز، چۈنكى خىتاينىڭ مەمۇرى بىرلىكىنى ۋە شۇ بىرلىكنىڭ مەمۇرىي ھوقۇقىنى يۈرگۈزگۈچى گەۋدىنى ئۆزگەرتىدىغان ھوقۇقىمىز يوق. خەلقئارا قانۇن بويىچە بىزنىڭ دوكلاتىمىزدا ئۇنىڭ ئىسمى خىتاي دۆلىتى قويغان ئىسىم بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك، بىز بۇنى بۇزالمايمىز.

خوش، سىلەر خىتاينىڭ مەمۇرى بىرلىكىنى، شۇ رايوندا مەمۇرىيەتنى يۈرگۈزگۈچى مىللەتنى ئۆزگەرتەلمەيسىلەر. بۇ يەردىكى «شىنجاڭ» دېگەن يېڭى مۇستەملىكە دېگەن سۆز، ئۇيغۇر دېگەن شۇ مۇستەملىكە رايوننى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە خەلقنىڭ نامىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە ئۇيغۇردىن باشقا قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، تاجىك ۋە شىبە دېگەن مىللەتلەر بار. ئۇلارنىڭمۇ يەرلىك ئاپتونوم ئورگانلىرى بار، ئەمما رايوندا مەمۇرىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان مىللەت ئۇيغۇر، خىتاي ئۇيغۇرنى ۋەكىل قىلىپ ئاپتونومىيە(ئ‍ىگىدارلىق، زېمىندارلىق ھوقۇقى) نى ئېتىراپ قىلغان. ھوقۇق يۈرگۈزۈلىدىغان مىللەتنى ئۇيغۇر دەپ تەن ئالغان. بۇ يەردە ئاپتونومىيەگە ئىگە بارلىق مىللەتلەرگە ۋەكىللىك قىلغان ئىسىم ئۇيغۇر. شۇڭا ئۇيغۇر دېگەن بۇ ئىسىم بارلىق مىللەتلەرنىڭ خىتاي ئاپتونومىيە قانۇنى ئېتىراپ قىلغان ئومۇمى نامى، ئومۇملاشتۇرۇلغان كىملىك، كوللېكتىپ كىملىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ خۇددى قازاقىستاندا يۈزدىن ئارتۇق مىللەت، ئوتتۇز پىرسەنت ئورۇس بولسىمۇ قازاق كىملىكىنىڭ ئومۇملاشتۇرغۇچى كىملىك، كوللېكتىپ كىملىك بولۇپ قالغىنىغا ئوخشايدۇ. بۇ خۇددى ئۆزبېكىستاندا زېمىننىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىغان قارا قالپاق ئاپتونومىيە جۇمھۇرىىيىتى بولسىمۇ، ئۆزبېكىستاندا ئۆزبېك-قاراقالپاق كىملىكى كوللېكتىپ كىملىك قىلىنماي ئۆزبېك كىملىكى كوللېكتىپ كىملىك قىلىنغانغا ئوخشايدۇ. گېرمانىيەدىمۇ ئۈچ مىليونغا يېقىن تۈرك بار، ئۇلارنىڭ ئورتاق كىملىكى گېرمان، ئۇلارمۇ ھېچ قاچان بۇ ئىسىمنى تالاش تارتىش قىلىپ ئولتۇرغان ئەمەس.

«دېگىنىڭ توغرا، ئەمما سەن ئۇنداق دېگەن بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئۇيغۇر دېگەن ئىسىمنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە گۇمان قىلىدىغانلار كۆپكەن، ئۇلار مۇنداق دېيىلسە قازاقلارنى، قىرغىزلارنى نەزەردىن ساقىت قىلغانلىق بولىدۇ، دەپ قارايدىكەن. بىز زېمىننى شىنجاڭ، خەلقنى ئۇيغۇر دېسەك ئۇلار زېمىننى شەرقى تۈركىستان، خەلقنى شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى دېيىش كېرەك، دەپ بىزگە شىكايەت يازدى، شۇڭا بىز ئوتتۇرا يولنى تاللاپ، قىرغىز، قازاقلارنىمۇ نارازى قىلماسلىق، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بارلىق يەرلىكلەرنى مۇسۇلمان دەپ تونۇيدىغانلارنىڭمۇ قارىشىغا ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان ئازسانلىقلار دەپ ئىشلىتىشنى قارار قىلدۇق، مۇشۇ ئىسىم ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ئاراڭلاردىكى كىملىك تالاش تارتىشىنىمۇ ھەل قىلىدىكەن» دېدى، مەزكۇر خادىم سۆزۈمگە قايىل بولماي. بۇنى ئاڭلاپ خەت بېسىۋاتقان بارماقلىرىم تىترەپ كەتتى.

مۇنازىرە سوزۇلۇپ كەتتى، مەن بۇ تېمىغا خېلىدىن بۇيان تەييارلىقتا بولغىنىم ئ‍ۈچۈن مەزكۇر خادىمنى ئاساسلار بىلەن بومباردىمان قىلدىم، تارتىشماق بىر چۈشتىن كېيىنلىك ۋاقتىمنى خاراب قىلدى. ئاخىرى ھېلىقى خادىم «ئىسىم مۇھىم ئەمەس، بولۇۋاتقان قىرغىنچىلىقنى توختىتىش مۇھىم، بولمىسا سەنمۇ پىكرىڭدە قال، مەنمۇ خىزمەتنى داۋام قىلاي» دەپ توختاپ قالدى. مەن «مەنچە قىرغىنچىلىققا ئىسىم قويۇشتا ئىككىلىنىش بىھاجەت، ئامېرىكادا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى»، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇن لايىھەىسى»، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاشكارىلاش قانۇن لايىھەسى» بار. بۇ قويۇلۇپ بولغان ۋە ئېتىراپ قىلىنغان خەلقئارالىق ئىسىم، مانا بۇ زۇلۇمغا ئىسىم قويۇشنىڭ ئەڭ مۇكەممەل ئۈلگىسى. ئالدىمىزدا مۇشۇنداق ئۈلگىلەر تۈرسا سىلەر بىر قانچە گۇرۇپپا ئۇيغۇرنىڭ ۋە بىر گۇرۇپپا قازاق پائالىيەتچىنىڭ گېپى بىلەن ئىرقى قىرغىنچىلىقنى، دىنى باستۇرۇش دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ، يەرلىك، ھوقۇقلۇق مىللەتنى «ئاز سانلىق دىنى گۇرۇپپا» دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويساڭلار مۇۋاپىق ئەمەس» دېدىم. مەزكۇر خادىم، چىرايلىق رەخمەتتىن باشقىنى دېمىدى. بىر خامان ئالغۇدەك ۋاقىتتا نەتىجىسىز تالاشقىنىم جېنىمنى سىقتى.

مەن يۈزلىنىشىمىز كېرەك بولغان بۇ ۋەزىيەت ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم. نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئىچكى مەسىلىمىز بولۇۋاتقان، ھېچ بولمىغاندا ماڭا شۇنداق بىلىنگەن «ئۇيغۇر-شەرقى تۈركىستان»، «قازاق-ئۇيغۇر» غا ئائىت تالاش تارتىشلار ئارىمزدىن ئۆمىلەپ چىقىپ خەلقئارا تەشكىلاتلارغا قەدەر كېڭەيگەن ئىدى.

بۇ مەسىلىدىكى تۈگۈننى يەشمەك ئۈچۈن دەۋا سېپىدىكىلەر بىلەن سۆھبەت قۇردۇم. بولۇپمۇ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» ھەققىدە ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق رەھبەرلەردىن پىكىر ئالدىم. «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى» سۇنۇلۇش ئالدىدا ئەسلى ئىسىم «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى» دېيىلگەنىكەن. چوڭلارنىڭ كەسكىن تۇرۇشى نەتىجىسىدە بۇ يەردىكى «شىنجاڭ» ئاھانەتلىك سۆزىنىڭ ئورنىدا ئۇيغۇر دېگەن مۇبارەك ئىسىم جىلۋە قىلىپتۇ.

ئۇيغۇر دېگەن بۇ ئىسىمدا چىققان قانۇن ئامېرىكا يۇقىرى پالاتاسى ۋە تۆۋەن پالاتاسىدا تەستىقلانغان بىلەن، شۇ قانۇن بويىچە ئ‍ۆزىنى قوغدىشى كېرەك بولغان ئۇيغۇرنىڭ دىلى بۇ ئىسىمنى مۇنازىرىسىز تەستىقلىمىسا، تالاش-تارتىشسىز ئېتىراپ قىلمىسا، مۇرەسسەسىز قوغدىمىسا بولمايدىغاندەك تۇراتتى. مەنچە چاتاقنىڭ مەنبەسى پەرقلىق پىكىردە ئەمەس ئىدى. چاتاقنىڭ چوڭى مىللەتنىڭ ئىسمىنى توغرا ئاتاشقا، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى توغرا ئېتىراپ قىلىشقا، ئۆزىنىڭ شەخسى قارىشىنى مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا بويسۇندۇرۇشقا باغلىنىپ قالغاندەك قىلاتتى.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.