يېقىندىن بۇيان خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئۆي-مۈلك كرىزىسى ۋە شۇنداقلا خىتاي ئىقتىسادىدا كۆرۈلۈۋاتقان چېكىنىش دىققەت قوزغاشقا باشلىدى. مەتبۇئاتلار خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ھەر ۋاقىت پارتلاش ئالدىدا تۇرغان بىر بومبىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىشماقتا.
ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتايدىكى ئۆي-مۈلك بازىرىدا كۆرۈلۈۋاتقان كرىزىس ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز ھالەتتە بولۇپ، ئۇ بەلكىم دۇنيادا تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۆي-مۈلك كرىزىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىنكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىمۇ ئۆي-مۈلك كرىزىسىدىن باشقا يەنە، خىتاينىڭ ئىنتايىن كەسكىن ۋىرۇسنى كونترول قىلىش سىياسەتلىرى، ھاۋانىڭ زىيادە ئىسسىپ كېـتىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى ۋە يېمەكلىكتىكى قىسلىق قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن كاساتلىشىشقا باشلىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى رېن جېڭفىي قىلغان بىر سۆزىدە قىيىن كۈنلەرنىڭ تېخى ئالدىدا ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئىقتىسادتىكى بۇ كاساتچىلىقنىڭ تەسىرىنى كەلگۈسى ئون يىلدا ھەممە ئادەم ھېس قىلىدۇ،» دېگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، ھۆكۈمەت ۋە باشقا سىياسىي ئىشلارنى خەۋەر قىلىدىغان «تۆپىلىك» (The Hill) گېزىتىمۇ خىتاي ئىقتىسادى ھەققىدىكى ماقالىسىدە خىتاي ئىقتىسادىدا كۆرۈلۈۋاتقان بۇ داۋالغۇشنىڭ ئىنتايىن جىددىيلىكىنى بايان قىلغان. ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «رۇسىيەنىڭ دەھشەتلىك ئۇرۇشى مەتبۇئاتلاردا باش تېما بولغان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان قەرز كرىزىسى نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ كەلدى. ۋەھالەنكى، ئۇ، دۇنيا ئىقتىسادىغا چوڭقۇر سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. قىسقىغىنە ئوتتۇز يىل ئىچىدە، بېيجىڭ ئامېرىكانىڭ پۈتكۈل نوپۇسىدىنمۇ چوڭ ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە (middle class) سىنىپىنى شەكىللەندۈرگەنىدى. ئەمما ھازىر نۇرغۇن خىتايلار ۋەيران بولۇشقا دۇچ كەلمەكتە. خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئۆي-مۈلۈك كۆپۈكى تەرتىپسىزلىك سەۋەبىدىن بۇزۇلۇپ، ئوتتۇرا قاتلامدىكىلەر كۆپىنچىسى ۋەيران بولدى.»
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ تۇرالغۇ ئۆي بازىرى ئۆتكەن 20 يىلدا زورىيىپ ماڭغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ئۆي باھالىرى تۆۋەنلەشكە، ئۆي ئىگىلىرى پۈتمىگەن ئۆيلەرگە رەنىلىك قەرز تۆلەشنى رەت قىلىشقا باشلىغان، سېتىلىۋاتقان ئۆي-مۈلۈكلەر بۇ يىل 40 پىرسەنت ئازىيىپ نەتىجىدە قۇرۇلۇش يەر سېتىش كىرىمىگە تايىنىدىغان يەرلىك ھۆكۈمەتلەر پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان. خىتاينىڭ يەنە بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى بويىدىكى قەرزىنى قايتۇرالمايدىغان نامرات دۆلەتلەردىن ئالىدىغان بىر تىرىليون دوللار قەرزى بار بولۇپ، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇشۇنداق قەرزلىرىنى يىغقاندا ئۇ خىتاينىڭ يىللىق ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 275 پىرسەنتىگە تەڭ كېلىدىكەن، ئامېرىكانىڭ قەرز سوممىسى بولسا بۇ يىل يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 98 پىرسەنتىگە تەڭلىشىشى مۆلچەرلەنمەكتىكەن.
ئامېرىكادىكى كور ئانالىتىك تەتقىقات مەركىزى قۇرغۇچىسى دوكتور ئاندېرس كور خىتاي ئىقتىسادىدا كۆرۈلۈۋاتقان بۇ داۋالغۇشنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ خاتا سىياسەتلىرىدىن كەپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ رادىيومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «2009-يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئىمپورت تەلىپىگە سېلىشتۇرغاندا يېرىمدىن كۆپرەك تۆۋەنلىدى. خىتايدىكى بەزى بانكىلار ۋەيران بولۇپ، نامايىشلارغا يول ئېچىۋاتىدۇ. بۇلار ھەممىسى، شى جىنپىڭنىڭ خاتا سىياسەتلىرىدىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەر. مەسىلەن، ئامېرىكا بىلەن دۈشمەنلىشىش نەتىجىسىدىكى ئىقتىسادىي ئايرىلىشلار، كوۋىد يۇقۇمى سانىنى نۆلگە چۈشۈرۈش، مۈلۈك تەرەققىيات شىركەتلىرىگە قەرز بېرىشنى تۇيۇقسىز كېمەيتىش ۋە باشقا ئاپەت خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي سىياسەتلەردىن كەپ چىقتى.»
دەرۋەقە، خەتەرلەرنى ئانالىز قىلىدىغان «Teneo» شىركىتىنىڭ دىرېكتورى گابرىئېل ۋىلداۋمۇ «ئەلجەزىرە» تېلېۋىزىيەسىگە قىلغان سۆزىدە ھازىرقى بۇ كرىزىسنى سىياسەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ: «خىتاينىڭ ھازىر دۇچ كېلىۋاتقىنى سىياسەت كەلتۈرۈپ چىقارغان كرىزىس. يەنى، يېڭى سىياسەت بويىچە ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇش قىلغۇچى شىركەتلەرگە قەرز بېرىشتىكى چەكلىمىلەرنى كەسكىنلەشتۈرۈشىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى» دېگەن.
ئەسلىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنىڭ ئۆي-مۈلك سودىسىغا ھەددىدىن زىيادە تايىنىپ قېلىشتەك ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش مەقسىتىدە 2020-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ «ئۈچ قىزىل سىزىق» سىياسىتىنى يولغا قويغان بىراق، بۇ سىياسەتكە ئاساسەن قۇرۇلۇش شىركەتلىرىنىڭ قەرز ئېلىشى قاتتىق قىيىنلىشىپ كەتكەن، نەتىجىدە قەرزگە تايىنىش ئەھۋالى ئېغىر بولغان قۇرۇلۇش ساھەسى بىردىنلا نەق پۇل كرىزىسىغا دۇچ كەلگەن. ئۆتكەن 12-ئايدا خىتايدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇش شىركىتى بولغان ئېۋىرگراندې (Evergrande) بانكىغا قەرز ئۆسۈمىنى تۆلىيەلمىگەن، ئۇزۇن ئۆتمەي كەيسا گورۇھىمۇ (Kaisa Group Holdings) شۇنداق بولغان.
ياپونىيەنىڭ «نىككېي ئاسىيا» گېزىتى بولسا خىتايدىكى ۋەزىيەتنى مۇنداق دەپ شەرھلىگەن: «خىتاينىڭ قەرز بومبىسى پارتلاشقا تەيياردەك قىلىدۇ، نۇرغۇنلىغان ئىشارەتلەر قەرزنى ھېسابلايدىغان ۋاقىتنىڭ كەپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا».
يۇقىرىدىكى ئاخباراتلار ھەممىسى بىردەك، خىتايدا كۆرۈلۈۋاتقان بۇ كرىزىسنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ قەرزنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىشى، قاتتىق قوللۇق نۆل يۇقۇم تەدبىرلىرى ھەم شۇنداقلا يەنە ئۇنىڭ رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى قوللاشتەك سىياسەتلىرى كەلـتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئامېرىكادىن ياۋروپاغىچە، ياپونىيەدىن كورېيەگىچە بولغان دۆلەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى يۆتكەپ خىتايغا بېقىنىپ قېلىشقا خاتىمە بېرىشقا ئالدىراۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئالدىمىزدىكى يىللاردا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ كاساتلىشىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىشقان.
بەزى تەھلىلچىلەر خىتاينىڭ ئۆي-مۈلك بازىرىدا كۆرۈلۈۋاتقان كرىزىسنىڭ يەرشارى خاراكتېرلىك تەسىرى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما خوڭكوڭدىكى «Natixis» تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادشۇناسى ئالىكيا گارسىيا-خېررېرو «ئەل-جەزىرە» تېلېۋىزىيەسىگە قىلغان سۆزىدە: «خىتاينىڭ ئۆي-مۈلۈك تەرەققىيات شىركەتلىرىنىڭ چەتئەلدىكى قەرزى بىر قەدەر ئاز بولغاچقا، ئۇنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا ئامېرىكادىكى لېخمان ئاكا-ئۇكىلارنىڭ ئۆي-مۈلك گۇرۇھىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېلىپ چىققان پۇل-مۇئامىلە كرىزىسىدەك تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى» ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى ئەلۋەتتە يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىراق بۇ تەسىر يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئىقتىسادىي تەسىر ئەمەس.»
دوكتور ئاندېرس كور ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كاساتلىشىشى گەرچە يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسەتسىمۇ، ئەمما دۇنيانىڭ تىنچىلىقى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەن. ئۇ ئېلخېتىدە مۇنداق دەيدۇ:
«خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاستىلىشى دۇنياغا پايدىلىق. چۈنكى ئۇ تەرەققىيات ۋە سودىنى قورال قىلىۋالغان، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىنى قوللىغان، تەيۋەنگە تەھدىت سېلىۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. خىتاينىڭ ئىقتىسادى قانچە ئاجىز بولسا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يەرشارىدىكى تەسىرىمۇ شۇنچە ئاجىز بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئارمىيەسىمۇ ئاجىزلىشىدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۆي-مۈلك ساھەسىدىكى بۇ كرىزىسنى ئوڭلاش ئۈچۈن بىر قىسىم تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، كۆزەتكۈچىلەر بۇ تەدبىرلەرنى يېتەرلىك، دەپ قارىمايدىكەن.
خەتەر ئانالىز شىركىتى «Teneo» نىڭ دىرېكتورى گابرىئېل ۋىلداۋمۇ «ئەلجەزىرە تېلىۋىزىيەسى» گە قىلغان سۆزىدە خىتايدىكى سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر ھازىر ئۆي-مۈلۈك ساھەسىدىكى زەربىسىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكمۇ ياكى ئىقتىسادنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن بۇ ‹ئۈچ قىزىل سىزىق› سىياسىتىدىن يېنىۋېلىش كېرەكمۇ، دېگەن قىيىن سوئالغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئىقتىسادنى قۇتقۇزىمىز دەپ كەينىگە يانسا سىياسىتىنىڭ خاتالىقىنى قوبۇل قىلغاندەك ئىش بولىدۇ.» دېگەن.
ئۇ يەنە چۈشەندۈرۈپ، بۇ خۇددى شى جىنپىڭ دېگەن «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتى» نىڭ «ئىقتىسادقا ئېغىر زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كەينىگە يانالمىغانغا ئوخشاش ئىش»، دەپ تەكىتلىگەن.
(The Hill) گېزىتىدىكى ماقالىنىڭ ئاپتورى (Diane Francis ) بولسا خىتاي ئىقتىسادى ھەققىدىكى ماقالىسى ئاخىرىدا «شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ بارلىق غەربلىك خېرىدارلىرىنىڭ دۈشمىنى بولغان پۇتىنغا ساداقىتىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا خىتاينىڭ كەلگۈسى بەك پارلاق بولمايلا قالماي، بەلكى ئاپەت خاراكتېرلىك بولۇشى مۇمكىن» دەپ خۇلاسە قىلغان.