ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ھەر خىل مەزمۇندىكى ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى داۋام قىلماقتا.
يېقىنقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا پەقەت رۇسىيەنىڭ «موسكوۋسكىي كومسومولېتس»، «نېزاۋىسىمايا گازېتا»، «ئىستراتېگىيىلىك مەدەنىيەت فوندى»، «كوممېرسانت»، «ۋزگلياد» قاتارلىق تور بەتلىرىدە ئاژدار كۇرتوفنىڭ «ئىسلام كەرىموفتىن كېيىنكى ھايات»، زۇراب تودۇئانىڭ «ئىسلام كەرىموف دەۋرى تاماملاندى»، ۋىكتورىيا پانفىلوۋانىڭ «ئۆزبېكىستان مەركىزىي ئاسىيادىكى كۈچنىڭ مەركىزى بولۇپ قالىدۇ»، ئاندرېي ئۇۋاروفنىڭ «كەرىموف دەۋرى: تاماملىنىش ياكى داۋاملىشىش»، ستانىسلاف بورزياكوفنىڭ «ئىسلام كەرىموفنىڭ ئۆلۈمى ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە ئېلىپ كېلىدۇ»، ماكسىم يۇسىننىڭ «ئىسلام كەرىموفنىڭ ئۆلۈمى ئۆزبېكىستان ۋە رايونغا قانداق خەۋپ تۇغدۇرىدۇ؟» دېگەنگە ئوخشاش ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئۇلاردا كەلگۈسى پرېزىدېنتنىڭ كىم بولۇش ئېھتىماللىقى، ئەلدە دېموكراتىيە، سۆز ئەركىنلىكىنىڭ راۋاجلىنىشى، ئۆزبېكىستاننىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتى، «ئىسلامچى» ھەرىكەتلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشى، ئى. كەرىموف ئەۋلادلىرىنىڭ ئەھۋالى، چېگرا تالاش-تارتىشلىرى ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر ھەققىدە خىلمۇ-خىل پىكىرلەر، قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەسىلەن، ئا. كۇرتوف ئۆز ماقالىسىدە ئۆزبېكىستاندا پايدا ئېلىپ كېلىدىغان ساھەلەرنى بۆلۈش ۋە ئۆز تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە دائىم قەبىلىلەر ئارا كۈرەشنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەم ئەمدى بۇ كۈرەشنىڭ قاتتىق بىر توقۇنۇشلارغا ياكى قالايمىقانلىقلارغا ئېلىپ كېلىشىگە ھېچقانداق بىر ئاساس يوق ئىكەنلىكىنى، ئى. كەرىموفنىڭ ئورنىغا كېلىدىغان پرېزىدېنتنىڭ ئىلگىرىكى سىياسەتنى قەتئىي تۈردە داۋام قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئەمدى ز. تودۇئا ئى. كەرىموفنىڭ ئۆزىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغان شەخسلەرنى تەييارلاپ قويغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن مەملىكەتتىكى ھەمدە پۈتۈنلەي مەركىزىي ئاسىيادىكى مۇقىملىق ئۈچۈن ئەنسىرەشنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسە، ۋ. پانفىلوۋا ئى. كەرىموف قۇرغان سىستېمىنى قايتا ئۆزگەرتىشنىڭ ئوڭاي ئىش ئەمەسلىكىنى، بىۋاسىتە ئۆزبېكىستان ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەرنىڭ ئىلگىرىكىدەكلا قالىدىغانلىقىنى، مەملىكەتنى سىرتتىن دېموكراتىيەلەشتۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بىرەر نەتىجە بەرمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئى. كەرىموفنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى ئۆزبېكىستاندىكى ئەھۋال ھەققىدە قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىسلەر نېمە دەيدۇ؟
«لىبېرتى» جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ پرېزىدېنتى غالىم ئاگېلېئۇئوفنىڭ پىكرىچە، ئۆزبېكىستان ئالدىدا تۇرغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى قوشنا قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان بىلەن بولغان چېگرا مەسىلىسى بولۇپ، بۇ تېز ئارىدا ھەل قىلىنمايدىغان بولسا، ئۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇبادا ئۆزبېكىستان بۇ مەسىلىنى ھەقىقىي دىپلوماتىيىلىك يول بىلەن ھەل قىلسا، ئۇنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى ئابرۇيى خېلى دەرىجىدە ئۆسىدۇ. ئۇ ئى. كەرىموفنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئىسلام ئابدۇغېنى ئوغلى كەرىموف مەملىكەتنىڭ ئىچكى سىياسىتىدە ئېلىپ بارغان ئۇنىڭ ئىقتىسادىنى كۆتۈرۈش، ئاھالە سانىنى كۆپەيتىش ۋە باشقىمۇ ئىشلىرى، ئەلۋەتتە، ئۆزبېكىستان ھاياتىدا ئىجابىي رولىنى ئوينايدىغان بولىدۇ. يەنە بىر مۇھىم مەسىلە ئىدېئولوگىيەدۇر. ئۆز ۋاقتىدا ئۆزبېكىستاندىن كۆپلىگەن ئاھالە ئۆز مەيلى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىش ئىزدەپ سىرتقا چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. شۇنداقلا ھۆكۈمەت، بولۇپمۇ باشقىچە پىكىر قىلغۇچىلارنى قاتتىق باستۇرغان ئىدى. مۇشۇنىڭ بارلىقى ئۆتمۈشتە قېلىشى لازىم. ئەمدى تەختكە كىم كەلمىسۇن، ئۆزبېكىستاننىڭ ئىلگىرىكى سىياسىتى ئۆزگىرىدۇ، دەپ ئۈمىد قىلىمەن.»
سىياسەتشۇناس راسۇل جۇمالى ھازىر بۇ ھەقتە تۈرلۈك پىكىرلەرنىڭ ئېيتىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزبېكىستان ئۇزۇندىن بۇيان يېپىق مەملىكەت بولغانلىقتىن بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭدا نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىرەر پىكىر ئېيتىشنىڭ ئوڭاي ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ قازاقىستاندا بۇ ھەقتە پەقەت ئومۇمىي ئېيتىلىۋاتقان تەخمىنلەر ئاساسىدىلا بىرەر پىكىر قىلىش مۇمكىنلىكىنى، مەسىلەن، ئى. كەرىموفنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە بىر-بىرىگە قارىمۇ-قارشى پىكىرلەرنىڭ ئېيتىلىشى ھەم بۇنىڭ رەسمىي ۋەكىللەر تەرىپىدىن بىردەك ئىقرار قىلىنىشى، بىردەك ئىنكار قىلىنىشى، ئەنە شۇنىڭ يارقىن ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى، كۆپلىگەن مەسىلىلەرنىڭ ئوچۇق ئېيتىلماي كېلىشىنىڭ ئەلدىكى ئۈمىدسىزلىكنىڭ، ئىشەنچسىزلىكنىڭ بىر بەلگىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «شاۋكەت مىرزىيايېفنىڭ سوۋېت ئەنئەنىسى بويىچە دەپنە قىلىش كومىسسىيىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ بەلگىلىنىشى، مېنىڭ ئويۇمچە، كۆپ نەرسىنى ئايدىڭلاشتۇرسا كېرەك. بەلكىم، كېلەچەك پرېزىدېنت شۇنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقى باردۇر. دېموكراتىيەنى، خەلق پىكرىنى ھېسابقا ئالماي، پەقەت ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشى مۇشۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆرسەتكۈچىسى. سوۋېت زامانىدىمۇ دەپنە قىلىش كومىسسىيىسىنى كىم باشقۇرسا، شۇ مەملىكەت رەھبەرلىكىگە سايلىناتتى. مېنىڭ ئويۇمچە، قەغەز بېتىدە ھازىر ئەلنى ئۈچ ئاي مابەينىدە پارلامېنت ئالىي كېڭىشىنىڭ رەھبىرى باشقۇرىدۇ، قالغان ئىشلار ئالدىنئالا پىلانلانغاندەك ماڭىدۇ. ئامما ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلە ھەل قىلىنىپ بولغان.»
سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئالدى بىلەن ئى. كەرىموف ئائىلىسىگە تەزىيە بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «25 يىل بولدى، يېڭى ئۆزبېك دۆلىتى شەكىللەندى. ئۇنى تىكلىگەن ئى. كەرىموف. شۇنىڭ بىلەن ئى. كەرىموفنىڭ ۋاپاتى بىلەن ئۇنىڭ دەۋرى تۈگىدى دېسەك بولىدۇ. ئامما ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا 31 مىليون نوپۇسى بىلەن يېڭى، مۇقىم، تۇراقلىق بىر ئۆزبېك دۆلىتى شەكىللەندى. ئىلگىرى ئۆزبېكىستاندا 15-16 مىليون نوپۇس بار ئىدى. بۇ ئى. كەرىموفنىڭ چوڭ ئۇتۇقى. ئۇ كۈچلۈك، مەركەزلەشكەن دۆلەت قۇردى. ئۇنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىدە بەزى دېموكراتىيىلىك كۆرۈنۈشلەر بار.»
ئۇنىڭ پىكرىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ئىشسىزلىق ئۆزبېكىستاندا بولۇپ، پەقەت رۇسىيەگىلا بىر يېرىم مىليون ئۆزبېكىستان پۇقراسى ئىش ئىزدەپ كەلگەن. ئىككىنچىدىن، ئەلدىكى نامراتلىق. ئۈچىنچىدىن، يېپىق ئىقتىسادىي تۈزۈم مەۋجۇت بولۇپ، كەلگۈسى ھۆكۈمەت ئومۇمەن ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشى ھاجەتتۇر. تاشقى سىياسەتتە بولسا، ئۆزبېكىستان چوڭ، غوللۇق دۆلەتلەر بىلەن ياخشى بولۇش، ئەمما بەكمۇ يېقىنلىشىپ كەتمەسلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.
ق. غوجامبەردى شۇنداقلا كەلگۈسى مەملىكەت رەھبىرى مەسىلىسىگە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئېنىقكى، ئى. كەرىموف بىلەن بىللە 20 يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەت رەئىسى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتقان شاۋكەت مىرزىيايېف بولىدۇ. ئۆزبېكىستاندا ش. مىرزىيايېف كەلسە، تاشقى ۋە ئىچكى سىياسەت ھېچقانداق ئۆزگەرمەيدۇ.»