پاكىستاندىكى خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئۇيغۇرلارغا تېلېفون تارقاتقان

0:00 / 0:00

ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا پاكىستان راۋالپىندى شەھىرىدىكى خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى ئابدۇرەھىم بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا چاقىرىپ، ئۇلارغا قول تېلېفون ۋە باشقا سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلغان.

بىزگە بۇ ھەقتە ئىنكاس يەتكۈزگەن پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، راۋالپىندى شەھىرىدىكى بىر قىسىم ياشلار ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ ئۇيغۇر ئانا تىلىدىن، ئىسلامى بىلىملەردىن تەلىم ئالىدىغان «ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى» قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ ئاكتىپ رەھبىرى ئابدۇرەھىم بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئۆيىدە داستىخان سېلىپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قارشى بولغان تەشكىلاتلارغا قاتناشماسلىقىنى ۋە ئۆزى ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر پائالىيەتتىن خەۋەردار بولغان پاكىستاندىكى مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇقەييۇم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە توختالدى.

پاكىستاندىكى نام ‏- شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

راۋالپىندى شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر تىجارەتچى تۇرغۇنجان مەزكۇر پائالىيەتتىن ئۆزىنىڭ خەۋەردارلىقىنى بىلدۈرۈپ بۇ ھەقتە بىز بىلەن سۆھبەتلەشتى.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇقېيۇمنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇرەھىم مېھماندارچىلىقتا يەنە ئۇيغۇر ياشلىرىغا تەھدىت سالغان.

بىز ئاخىرىدا راۋالپىندى خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇرەھىمگە تېلېفون قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلىمەكچى بولغان بولساقمۇ، بىراق ئابدۇرەھىم تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلمىدى.

يۇقىرىقى ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.