«خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» پاكىستاننى خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويامدۇ؟

0:00 / 0:00

خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «يېڭى يىپەك يولى» قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر شەھىرى بىلەن پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى بۇ قۇرۇلۇشقا 46 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى جاكارلاپ ئىش باشلىغان. بۇنداق زور مەبلەغ پاكىستان ھۆكۈمىتىنى قاتتىق جەلپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئىقتىساد كارىدورىنىڭ پاكىستاننى خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.

3000 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر شەھىرى بىلەن پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىنى تاش يول، تۆمۈريول ۋە نېفىت تۇرۇبا يولى ئارقىلىق باغلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ كارىدور ئۈستىدىكى تاشيول قۇرۇلۇشلىرى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا. پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شېرىف ئىلگىرى بۇ ئىقتىساد كارىدورى توغرىسىدا قىلغان سۆزىدە، بۇ كارىدورنى پاكىستاننىڭ كېلەچىكى دەپ تەرىپلىگەن ئىدى. ھالبۇكى، پاكىستاندىكى بىر قىسىم زىيالىيلار ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلىپ، ئۇلارنىڭ پاكىستاننى مۇنقەرزلىك يولىغا ئەپ مېڭىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۈگۈن، «بېنگال ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردىن قارىغاندا، پاكىستاندىكى داڭلىق زىيالىيلاردىن ھېسابلىنىدىغان ۋە كولومبىيە ۋە كاراچى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە تەكلىپلىك پروفېسسورى ئەكبەر زەئىدى «خىتاي پاكىستاننى ئېلىپ بولدىمۇ» دېگەن ماۋزۇدا ئېچىلغان بىر مۇلاھىزە يىغىنىدا بەرگەن دوكلاتىدا سۆز قىلىپ، خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ئىشقا كىرىشكەن تەقدىردە پاكىستان خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ سۆزىدە «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىۋاتقان ئەمما كۆپچىلىككە ئەڭ قاراڭغۇ بىر چەتئەل قۇرۇلۇشى. بۇ ئەلۋەتتە ناھايىتى مۇھىم بىر قۇرۇلۇش ئەمما ئۇ بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىز ئويلىغاندەك بولمايدۇ. ئەكسىچە ئۇ پاكىستاننى قۇللاشتۇرۇپ، ئىگىلىك ھوقۇقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ» دېگەن ۋە پاكىستان ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەپ، پاكىستان رەھبەرلىرىنىڭ پاكىستاننى قۇللۇققا ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىز يۇقىرىدىكى بۇ پاكىستانلىق مۇتەخەسسىسنىڭ سۆزلىرىگە قارىتا كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ يۇقىرىدىكى مۇتەخەسسىسنىڭ ئەندىشىلىرىنىڭ ئورۇنلۇقلىقىنى بىلدۈردى.

«بېنگال ۋاقتى »گېزىتىدىكى خەۋەردىن قارىغاندا بۇ پاكىستانلىق تەتقىقاتچى سۆزىدە پاكىستان-خىتاي ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇ دەرىجىدە قويۇقلىشىشىنىڭ ئاقىۋەتتە پاكىستاننىڭ ئۆز ئالدىغا سىياسەت بەلگىلىشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ قۇرۇلۇشتىكى ئەڭ خەتەرلىك ئامىل بولسا پاكىستاننىڭ تاشقى سىياسەتلىرى بولۇپمۇ ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى خىتاي تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى مۇمكىن. چۈنكى، پاكىستاننىڭ خىتايغا ۋە بۇ ئىقتىسادىي كارىدورغا بولغان مەپتۇنلۇقى پاكىستاننىڭ ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى يېقىنلاشتۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئەگەر پاكىستان بىلەن ھىندىستاننىڭ يېقىنلىشىشى خىتاينىڭ مەنپەئىتىگە توغرا كېلىپ قالسا ئاندىن خىتاي بۇنىڭغا يول قويىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، خىتايدىن بۇنداق جىق پۇل ئېلىپ خىتاينىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر پاكىستان ھىندىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇش يولىدا باسقان ھەربىر قەدىمىدە ئۇتتۇرىدۇ»

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرمۇ بەزى مەسىلىلەردە خىتاينىڭ ئېغزىغا قارايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى خەۋپسىزلىك رىقابەتلىرىگە قارىماي پاكىستانغا 46 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ھەم شۇنداقلا بۇ مەبلەغنىڭ پاكىستانغا ئەپ كېلىدىغان پايدىسى ھەققىدىمۇ ئوخشىمىغان مۇنازىرىلەرنى شەكىللەندۈرگەن. ئەلۋەتتە پاكىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ پاكىستانلىقلارغا سودا ۋە ئىش پۇرسىتى يارىتىپ، پاكىستاندىكى نامراتلىقنى ئازايتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، يۇقىرىدىكى پاكىستانلىق ئىقتىسادشۇناس ئەكبەر زائىدى بۇ مەنپەئەتنىڭ ۋاقىتلىقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ بۇ ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ ۋاقىتلىقلىقىنى ئېيتىپ «پاكىستان خىتاينىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش ۋە قاتناش-ترانسپورت قۇرۇلۇشلىرىغا سېلىۋاتقان مەبلەغلىرىدىن ۋاقىتلىق پايدا ئېلىشى مۇمكىن. بەلكىم ئازراق ئىش ئىمكانلىرىمۇ يارىتىلىشى مۇمكىن. ئەمما بىز خىتاي مەبلىغىدىن سۆز ئاچقاندا سىرىلانكا، تاجىكىستان ۋە ئافرىقادىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ قانداق مۇنقەرز بولغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بۇ دۆلەتلەر خىتايغا قەرزىنى تۆلەش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ بىر قىسىم زېمىنلىرىنى خىتايغا بېرىشكە مەجبۇر بولدى. جۈملىدىن، بىزنىڭ پاكىستاندىن ئەنسىرەش ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەبلىرىمىز بار» دېگەن.

ئۇ، خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىدىكى ئىش پىلانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ پاكىستاننىڭ يەرلىك شىركەتلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان خىتاي شىركەتلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى ھەتتا خام ماتېرىياللارنىڭمۇ يەرلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلاردىن ئېلىنماسلىقى مۇمكىنلىكى ھەققىدە بىر قىسىم ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، «بۇ خىتاي شىركەتلىرى ئالاھىدە ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئەمما بۇ ئىمتىيازلار پاكىستان شىركەتلىرىگە يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كارىدور قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۆي-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈۋېتىلگەن ئونلىغان-مىڭلىغان ئادەمگىمۇ نېمە بولىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس» دېگەن.

ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس ئەپەندى بولسا بۇنداق ئىقتىسادىي پىلانلاردا يەرلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالماي تۇرۇپ ئىش قىلىشنى خەتەرلىك، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەرەققىيات سىياسەتلىرىدە ئاساسەن يەرلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالماي تۇرۇپ ئىش قىلىپ كەلگەن. مەنچە بۇ خەتەرلىك پوزىتسىيە. تەرەققىيات ئەلۋەتتە ئىقتىسادىي جەھەتتىن زورىيىشنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمما ئۇ ئوخشاش ۋاقىتتا رايوندىكى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش بىلەن بىرگە، نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن كۆچۈشىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ ھەم ياخشى تەرىپى بار، ھەم يامان تەرىپى بار. شۇڭا خىتاي بۇنداق رايونلارغا مەبلەغ سالغاندا چوقۇم ھازىرقى پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ئاقىۋەتنى ئويلىشىپ تۇرۇپ ئىش قىلىپ ۋە يەرلىكلەرنى ئۆز پىلانلىرىغا داخىل قىلىشى كېرەك.»

دەرۋەقە، خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى ئۈستىگە جايلاشقان بالۇچىستان رايونىدىكى خەلقلەر ۋە باشقا گۇرۇپپىلار زېمىن مەسىلىسى ۋە مۇھىت مەسىلىلىرى سەۋەبىدىن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بۇ يەرلەردە ئىش قىلىشىغا نارازى بولغان ئەھۋاللارمۇ ئاللىقاچان يۈز بېرىشكە باشلىغان ئىدى. بىز كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا مەزكۇر كارىدورنىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى ئۈستىدە مەلۇمات بېرىمىز.