ئابدۇلمەجىد داۋۇت: «خىتاينى ماختاۋاتقان ‹پاكىستانلىق ئۇيغۇرلار› نىڭ تېگى ساپ ئۇيغۇر ئەمەس»
2019.11.18
ئۆتكەن ھەپتە پاكىستاندىكى «جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار جەمئىيىتى» نىڭ ئەزاسى ئابدۇشۈكۈر، ئابدۇلھېكىم ۋە ناسىرخان قاتارلىقلار ئىسلامئابادتىكى بىر گېزىتتە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياخشى ياشاۋاتقانلىقى، خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى توغرىلىق دېيىلىۋاتقانلارنىڭ پەقەت «ئامېرىكانىڭ ئويۇنى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىيومىزغا پىكىر بايان قىلغان گىلگىت-بالتىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر رېستوران ساھىبى ئابدۇلمەجىد داۋۇت مەزكۇر گېزىتتە ئۇيغۇرلار نامىدا پىكىر بايان قىلغانلارنىڭ ئەسلى ئۇيغۇر ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ پاكىستاندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل مەزكۇر شەخسلەردىن بىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرىدىن بىر تەرىپىنىڭ ئافغان ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى
مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستاندا چىقىدىغان «شەرق كۈندىلىك خەۋەرلىرى» ناملىق گېزىتىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ13 -كۈنىدىكى سانىدا پاكىستاندىكى «جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار جەمئىيىتى» نىڭ ئەزالىرىدىن ئابدۇشۈكۈر، ئابدۇرېھىم، ناسىرخان، ئەزىمجان ۋە ئابدۇقېيىم قاتارلىقلار زىيارەت قىلىنغان بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياخشى ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۇلار مەزكۇر ماقالىدە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ۋە ئۇيغۇر رايونى بىلەن زىچ ئالاقىسى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خەلقئارا ئاخباراتلاردا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە بېرىلىۋاتقان خەۋەرلەرنىڭ چىنلىقىنى ئىنكار قىلغان. ئۇلار بۇ خەۋەرلەرنى «خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي تەرەققىياتىنى كۆرەلمىگەن ۋە ئۇنىڭدىن چۆچۈگەن ئامېرىكانىڭ ئويۇنى» دەپ تەشۋىق قىلغان.
تېلېفونىمىز باغلانغان مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەھبەرلىك ھەيئەتلىرىدىن بەزىلىرى بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. بەزىلىرى بولسا مەزكۇر ماقالىدە دېگەنلىرىنىڭ توغرىلىقىنى تەكىتلىدى. نۆۋەتتە گىلگىت-بالتىستاندا ياشاۋاتقان «قەشقەر-پاك رېستورانى» نىڭ ساھىبى ئابدۇلمەجىد داۋۇت پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر خەۋەردىن بىئارام بولغانلىقى، ئۆزىنىڭ بۇ خەۋەرنىڭ سەلبىي تەسىرىنى تازىلاش ئۈچۈن گىلگىتتىن راۋالپىندىغا كەلگەنلىكى ۋە بۇ يەردىكى تونۇلغان پائالىيەتچى ئۆمەر ئۇيغۇر بىلەن بىرلىكتە ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
پاكىستاندا مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن 3 يىلدىن بۇيان ئالاقە قىلالماي ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئابدۇلمەجىد مەزكۇر گېزىتتە دېيىلگەنلەرنىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پىكرىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ مەزكۇر گېزىتتە ئۆزلىرىنى «ئۇيغۇر» دەپ تونۇشتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ساپ ئۇيغۇر ئەمەسلىكى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بەك كۆپ ئۇرۇق-تۇغقان ۋە تونۇش-بىلىشلىرىنىڭمۇ يوقلۇقى، شۇڭا ئۇلارنىڭ رايوندىكى ۋەزىيەتنى چۈشىنىش ۋە ھېس قىلىشىدا مەسىلە بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەزكۇر گېزىتتە پىكىر بايان قىلغانلاردىن ئېزىمجان تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ ئەسلى ئەجدادىنىڭ ئافغان ئىكەنلىكى بايان قىلدى. ئۇ يەنە مەزكۇر گېزىتتە ئىسمى ئاتالغان سەپداشلىرىنىڭمۇ ئەجدادىنىڭ پۈتۈنلەي ئافغان ياكى بىر تەرىپىنىڭ ئافغان ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
تونۇلغان پائالىيەتچى ئۆمەر ئۇيغۇرمۇ ئۇيغۇرلار نامىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزكۇر شەخسلەرنىڭ تېگى ساپ ئۇيغۇر بولمىغانلىقى ۋە يۇرتىدىكىلەر بىلەن ئىجتىمائىي ۋە ھېسسىي ئالاقىسى يوق دېيەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يىللاردىن بېرى پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئابدۇلمەجىد داۋۇتمۇ ئۇلارنىڭ پىكرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئەمەس، خىتاي ئەلچىخانىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى، چۈنكى ئۇلارنىڭ يىللاردىن بېرى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ شەخسىي مەنپەئەتلىرىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن پاكىستاندىكى مەزكۇر گېزىتتە خىتاينىڭ تەشۋىقاتچىلىقىنى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى ئەزىمجان ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى. مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ سابىق رەئىسى ناسىرخان ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر گېزىتتە قىلغان سۆزلىرىنى ئاقلاشقا تىرىشتى. ئۇ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى تىلغا ئېلىش، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ياخشى گېپىنى قىلغان چاغدا ئۇلارنىڭمۇ ياخشى ئىش قىلىشقا قاراپ يۈزلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق رايوندىكى زۇلۇم ۋە جىددىي ۋەزىيەتنى ۋاسىتىلىك ئېتىراپ قىلدى. ئەمما ئۇ سوئالىمىز لاگېرلار مەسىلىسىگە كەلگەندە تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
مۇھاجىر ئابدۇلمەجىد داۋۇت نۆۋەتتە خىتاي بىلەن شېرىكچىلىكى بولغان مەزكۇر كىشىلەرگە پەند-نەسىھەت قىلىشنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى، ئۇلار بىلەن پەقەت جامائەت سورۇنلىرىدا چەك-چىگرانى ئايرىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىي مەيدانىنى ساقلايدىغان ۋە نامايان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.