قىسقىچە ئېيتقاندا
خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قوللىشىدىكى «مەخسۇس خەۋەر: ئامېرىكا سۈنئىي ئەقىلدىن پايدىلىنىپ ھېكايىنى قانداق تىزگىنلەۋاتىدۇ؟» دېگەن پروگرامما خىتاي جەمئىيىتىدە ئاجايىپ غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇ پروگرامما خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ خىتاينى شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى رەت قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، ئامېرىكانىڭ دۇنياۋى ئاممىۋى كۆزقاراشنى بۇراش مەقسىتىدە ئىجتىمائىي ئاخبارات مۇنبەرلىرىدىكى «كەڭ ساختا ھېسابلار» ئارقىلىق «يالغاننى تارقاتقانلىقىنى ئېچىپ تاشلىغانلىقى» غا ئائىت ستەنفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتنى نەقىل كەلتۈرگەن.
«ئاسىيا پاكىت تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسى »ستەندفورد ئىنتېرنېت كۆزىتىش ئورنىنىڭ دوكلاتىنىڭ يۈزدىن ئارتۇق سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئېچىلغان ھېسابلارنىڭ غەربكە مايىل تەشۋىقاتلارنى ئوتتۇرا شەرقتە يېيىۋاتقانلىقىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى بايقىغان. لېكىن، بۇ دوكلاتتىكى ھېچبىر مەزمۇن خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «شىنجاڭغا ئائىت ئىغۋالار، بىمەنە، يالغان ھېكايە» لەرنى ئامېرىكانىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقىغا ئائىت بىلجىرلاشلىرىغا دەستەك بەرمەيدۇ.
چوڭقۇرراق كۆزەتكەندە
« مەخسۇس خەۋەر: ئامېرىكا سۈنئىي ئەقىلدىن پايدىلىنىپ ھېكايىنى قانداق تىزگىنلەۋاتىدۇ؟» ناملىق پروگرامما خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قوللىشىدىكى يۈ يۈەن تەن تيەن نامىدىكى ھەپتىدە بىر قېتىم كۆرسىتىلىدىغان نومۇر بولۇپ، ئۇنى ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ئاخبارات قاناللىرى ۋە ئىنتېرنېت تورلىرىدا كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزىچە جاكارلىغان مەقسىتى كىشىلەرنىڭ زادى نېمىشقا شىنجاڭ ھەققىدىكى «بىمەنە ئىغۋالارغا» ئىشىنىشىنىڭ سەۋەبىنى بايقاش ھەمدە ئامېرىكانىڭ مەشھۇر ئىجتىمائىي ئاخبارات سەھنىلىرىدە «كەڭ يالغان ھېساب تورى» ئارقىلىق يالغانچىلىقلارنى تارقىتىپ، دۇنياۋى جامائەت كۆزقارىشىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى مەخپىي تىرىشچانلىقلىرىنى ئېچىپ تاشلاش ئىكەن. بۇ پروگرامما شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى دوكلاتنى «يالغان» غا چىقىرىپ ئۆزلىرىنىڭ كۆزقارىشىغا دەستەك سۈپىتىدە ستەنفورد ئىنتېرنېت كۆزىتىش ئورنىنىڭ دوكلاتىنى قوللانغان.
بۇ پروگرامما ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ «سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق يۈز تونۇش، كىشىلىك خۇسۇسىيەت ئارخىپى تۇرغۇزۇش، يالغان ھېساب» قا تايىنىپ «ئىغۋا» پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنى تارقىتىۋاتقانلىقىنى ئېچىپ تاشلاش مەقسىتىدە دوكلاتقا باغلاپ تۇرۇپ ئۈچ خىتاي پروفېسسور بىلەن بولغان سۆھبەتنى كىرىشتۈرۈش ئارقىلىق ئىشلەنگەن. پروگراممىدىكى بايان قىلغۇچى ئامېرىكا «زېمىنىمىزغا ھەم روھىيىتىمىزگە تاجاۋۇز قىلماقچى بولغان» دېيىش بىلەن ئۇنىڭ « سۇيىقەستى»نى ئېچىپ تاشلىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش بىلەن كۆرۈرمەنلەرنى بۇ مەسىلە ھەققىدە مۇستەقىل ھۆكۈم چىقىرىش ۋە مەنتىقلىق تەپەككۇر قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.
ستەندفورد ئىنتېرنېت كۆزىتىش ئورنىنىڭ ساھەلەردىن ھالقىغان تەتقىقات تۈرى ئىجتىمائىي ئاخباراتنىڭ مەسئۇلىيەتسىز شەكىلدە ئىشلىتىلىشىگە مەركەزلەشكەن. 2019- يىلىدىن بۇيان بۇ تۈر ئىجتىمائىي ئاخباراتنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىشى تۈپەيلىدىن ھېساباتلىرىنىڭ ئۆچۈرىۋىتىلىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە سەۋەبلىرىنى ئانالىز قىلىپ 34 پارچە دوكلات ئېلان قىلغان.

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قوللىشىدىكى «مەخسۇس خەۋەر» پروگراممىسى قەيت قىلغان ستەندفورد تەتقىقاتىنىڭ كونكرېت دوكلاتى « ئاڭلانمىغان سادا: غەربكە مايىل كۈچلەرنىڭ بەش يىللىق يوشۇرۇن تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى باھالاش» دەپ ئاتالغانىدى. «ئاسىيا پاكىت تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسى »ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا ئالاقىدار غەربكە مايىل تەشۋىقاتنى تارقىتىش بىلەن گۇمانلىق بىرەر يۈزچە سۈنئىي ئەقىل ھېسابلىرىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى بايقىغان.
بۇ ھېسابلارنىڭ كۆپىنچىسى ئافغانىستان ۋە ئىرانغا، ئاز بىر قىسمى قازاقىستاندەك ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە جايلاشقان. فەيسبۇكتا 81 ھېساب، تېۋىتتىردا 46 ھېساب ۋە ئىنستىگرامدا 26 بولۇپ جەمئىي 81 ھېساب ئېچىلغان. بۇ ھېسابلار تۈركچە، رۇسچە ۋە ئەرەبچە ئارىلاشما تىللاردا بولۇپ ھېچقايسىسى يا خىتايچە يا ئىنگلىزچە تىلدا ئېلان قىلىنمىغان. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئالدامچى تاكتىكىلارنى قوللىنىپ بۇ رايونلاردا غەربكە مايىل مەزمۇنلارنى تارقىتىش ئارقىلىق «ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىلگىرى سۈرۈش؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇسىيە، خىتاي ۋە ئىران بىلەن كۈرەش قىلىش» تىن ئىبارەتتۇر. مەسىلەن، بۇ يىل ئىككىنچى ئايدا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن كېيىن بۇ ھېساباتلار رۇسىيەگە قارشى قاقشاتقۇچ تەنقىدلەرنى تارقاتقان بەزىدە ئامېرىكا ئاۋازى ۋە ئەركىن ياۋروپا رادىيوسىدەك ئورگانلار تارقاتقان خەۋەرلەرنى قايتا تارقاتقان، ئىجتىمائىي ئاخباراتلار بۇ ھېسابلارنىڭ سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق ئېچىلغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن بۇ ھېسابلارنى ئۆچۈرۈۋەتكەن.
لېكىن، ستەندفورد تەتقىقاتى «شىنجاڭ» ۋە «ئۇيغۇر» ئىبارىسىنى پەقەت ئۈچ قېتىملا تىلغا ئالغان: بۇلار: بىر قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاكتىپ ھېسابلارغا قاراپ چىققاندا؛ بىر قېتىم ئىككى سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق ئېچىلغان ھېسابلار «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە شىنجاڭدىكى «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى تارقاتقاندا؛ يەنە بىر قېتىم، ئوخشاش شۇ ئىككى ھېساباتتىن تارقىتىلغان يازمىنى رەسىملىك چۈشەندۈرگەندە ئۇچرايدۇ. تەنقىدىي يوسۇندىن قارىغاندىمۇ بۇ دوكلات شىنجاڭغا ئالاقىدار بۇ ھېسابلاردىن تارقىتىلغان ئۇچۇرلارنىڭ چىنلىقى ياكى يالغانلىقى ھەققىدە ھېچ بىر مۇنازىرىمۇ ئېلىپ بارمىغان.

يەنە شۇ ئوخشاش ستەنفورد گۇرۇپپىسى « بىر تېما، ئىككى تور: تۋىتتېردىكى ئىككى قېتىملىق خىتايغا مۇناسىۋەتلىك تەسىر قوزغاش ھەرىكىتىنى باھالاش» ماۋزۇلۇق ئىككىنچى دوكلاتنىمۇ ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ «مەخسۇس خەۋەر» دەپ ئاتالغان بۇ پروگراممىسى بۇ ھەقتە ھېچنېمە دېمىگەن.
بۇ ئىككىنچى دوكلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىڭلىغان يالغان ھېسابلارنى ھەرىكەتلەندۈرۇپ، يالغان مەزمۇنلارنى تارقاتقانلىقى ۋە شىنجاڭدىكى زوراۋانلىقىنى ئىنكار قىلغانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەن. 2021-يىلى دېكابىردا ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتنىڭ ھېسابلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تۋىتتېردا ئوتتۇز مىڭدىن ئارتۇق ھېساب ئاچقان بولۇپ ئۇلار ئۇنى ۋاقتى ۋە تۈرىگە ئاساسەن كاتېگورىيەگە ئايرىغان. 2021-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا، شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك «يالغان ھېكايە» توقۇغان دەپ بايقالغان 2128 ھېساب توختىتىلغان. بۇ دوكلات شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت بايقاشلارنىڭ ب د ت، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى، ۋال سترېت ژۇرنىلى، س ن ن ۋە رويتېرس ئاگېنتىلىقى قاتارلىق ھەر خىل خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە مۇھىم ئاخباراتلاردىن كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئاندىن كېيىن ئۇ دۇنياۋى جامائەت پىكىرىنى مەجبۇرەن ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تەشۋىقات بىلەن تويۇنغان بۇ ھېسابلارنىڭ سىستېمىلىق قارا سۈرتۈش ھەرىكىتىنى قانداق شەكىلدە ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
يەكۈن
«مەخسۇس خەۋەر» پروگراممىسى ستەنفورد دوكلاتىنى قەيت قىلىش ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، بۇ دوكلاتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى مەۋقەسىنى قوللايدىكەن دېگەن ئويغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. لېكىن مەيلى خىتايلار قەيت قىلغان ۋە قەيت قىلمىغان ستەنفورد دوكلاتلىرى بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ خۇلاسىسى، شىنجاڭدىكى نازارەت، زۇلۇم ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقىدەك پاكىتنى ئىنكار قىلمىغان. ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى بۇ پاكىتلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ پاكىتلارنى يېپىشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرىنىمۇ ئېچىپ تاشلىغان.
ئېنىق سىياسىي خاھىشى بولمىغان ستەنفورد دوكلاتلىرى ئېلان قىلغان بىر يۈرۈش تەتقىقاتلار تېخنىكىلىق ئانالىز، ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردا تەشۋىقات ئۇچۇرىنى تارقىتىشتا قوللىنىلغان ئۇسۇل ھەم نەتىجىلەرنى تەتقىق قىلىشقىلا مەركەزلەشكەن. بۇ دوكلاتلارنىڭ ئۆزلىرىدىمۇ روشەن سىياسىي خاھىش يوق. ئۇلار ھەر بىر ئۇچۇرنى يەنى تەشۋىقات تۈسىدىكى يوشۇرۇن سىياسىي غەرەز ياكى جامائەت پىكىرىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان ئۇچۇرنىڭ مەنبەسىنىڭ خىتاي ياكى ئامېرىكا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ بىلەن ھېسابلاشماي بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇپ ئانالىز قىلغان. بۇ تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسى شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش، باستۇرۇش ۋە ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلمىغان، ئۇنىڭ ئەكسىچە، بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى يۇقىرىقى مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت پاكىت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پاكىتلارنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرىنىمۇ ھەم ئىچىپ بەرگەن.
پايدىلانغان مەنبەلەر
- مەخسۇس خەۋەر: ئامېرىكا سۈنئىي ئەقىلدىن پايدىلىنىپ ھېكايىنى قانداق تىزگىنلەۋاتىدۇ؟
- يۇ يۈەن تەن تىيەن
- ئاڭلانمىغان سادالار
- بىر تېما، ئىككى تور
ئىلاۋە: «ئاسىيا پاكىت تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسى» (AFCL) ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ بىر يېڭى تارمىقى بولۇپ، بۈگۈنكىدەك مۇرەككەپ مېدىيا مۇھىتىدا مەقسەتلىك تارقىتىلغان يالغان ئۇچۇرلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان، بىزنىڭ ژۇرنالىستلىرىمىز ھەر كۈنى ئالاھىدە خەۋەر ۋە دوكلاتلارنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق مۇشتەرىلىرىمىزنىڭ ئاممىۋى مەسىلىلەرنى چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى كۆزلەيدۇ.