پروفېسسور مىياتا: «ئىسلام - خىتاينىڭ تىركىشىش مەنتىقىسى»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016-07-29
Share
yaponiye-prof-miyata-islam-xitay-tirkishish-mentiqisi-kitab-muqawa.jpg پروفېسسور مىياتانىڭ «ئىسلام - خىتاينىڭ تىركىشىش مەنتىقىسى» ناملىق كىتابىنىڭ مۇقاۋىسى
RFA/Haji Qutluq Qadiri

پروفېسسور مىياتا ئوسامۇ كىتابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا نۇرغۇنلىغان مۇستەقىللىق كۈرەشلەرنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، خەلقئارا ۋەزىيەتتىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

پروفېسسور مىياتا ئوسامۇ 8 باب، 243 بەتتىن تەركىب تاپقان «ئىسلام - خىتاينىڭ تىركىشىش مەنتىقىسى» ناملىق كىتابىنىڭ باش قىسمىدا چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ ئىشغالىيەتكە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تارىختا نۇرغۇنلىغان كۈرەشلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى، لېكىن ئاقىۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا خەلقئارا ۋەزىيەتتىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ئاپتور كىتابىدا ئاتىزم تەربىيەسىنى ئاساس قىلغان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى باستۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك سىياسىي بەلگىلىمىلەر تۈزۈپ ئىسلام دىنىغا قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

خىتاينىڭ قوشنىسى بولغان ئافغانىستاندىكى تالىبانلار ھەرىكىتىدىن ئىزچىل ئەندىشە قىلىپ كېلىۋاتقان بېيجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۈستىدە توختالغان ئاپتور:«خىتاي ئافغانىستاندىكى تالىبانلارنىڭ ھەرىكىتىگە ئىنچىكىلىك بىلەن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. سەۋەبى كۈچلۈك ئىسلام دىنىي ئېتىقادىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بۇ ئىسلامىي گۇرۇھنىڭ كۈچى زورىيىپ ھەرىكەت دائىرىسى كېڭەيسە، ئەلۋەتتە ئۆزىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە ياردىمى تېگىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ. خىتاي شۇنداقلا ئۇيغۇرلاردىنلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىدىكى تۇڭگانلارغىمۇ تالىبانلار ھەرىكىتىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە تەسىرى يېتىپ، ئۇلاردىمۇ خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىپ ئىسلامىي دۆلەت قۇرۇش ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنىشىدىن قورقۇۋاتىدۇ. بېيجىڭ خىتايدىكى ئىسلامى كۈچلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پارچىلىنىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ» دەيدۇ.

كىتابتا ئاپتور خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغاندىن بۇيان مەدەنىيەت، دىن، تىل ۋە باشقا جەھەتلەردە خىتايدىن كۆپ پەرقلىق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيىتىنى يەنە قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھازىرغىچە قان ۋە جان بىلەن بەدەل تۆلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى مىسال قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن بارىن ۋەقەسىگە ئوخشاش بىر قانچە قانلىق ۋەقەلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى بايلىقلارنى تالان - تارانچ قىلىپ ئۆزلىرىنى باستۇرۇپ كېلىۋاتقان بېيجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 80 - يىللاردىن كېيىن ئېلىپ بارغان بىر قانچە قېتىملىق نامايىشلىرىنى ئاپتور كىتابىدا قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتىدۇ.

ياقۇپ بەگ توغرىسىدا توختالغان ئاپتور: «1868 - يىلى ياقۇپ بەگ چىڭ سۇلالىسىگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ قەشقەردە مۇستەقىل قەشقەرىيە دۆلىتىنى قۇردى. بىراق،چىڭ سۇلالىسى ئارمىيەسى يەنە قايتىدىن چەتئەل كۈچلىرىنىڭ ئىقتىسادى ياردىمى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەشقەرىيە دۆلىتىنى ۋەيران قىلدى» دەيدۇ.

ئاپتور خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت توغرىسىدا توختىلىپ:«بۇ ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرا تارىخىي ماجىرا بولۇپ، بۇ ئىككى مىللەتنىڭ دوستلىشىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. بۇ مەسىلە پەقەتلا ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندە ئاخىرلىشىشى مۇمكىن» دەيدۇ

ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادى ھەققىدە توختالغان ئاپتور: «كۈچلۈك ئىسلام پەلسەپىۋىي ئىدىيىسىگە ئىگە بولغان ئۇيغۇرلارنى كۇڭزىچە ئاڭ بىلەن ئىش كۆرىدىغان خىتايلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشى ئۇنچە ئاسانغا چۈشمەيدۇ. چۈنكى ئىسلام زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشنى تەرغىب قىلىدۇ. ئىسلامى ئەدەپ - ئەخلاققا ئىگە بولغان ئۇيغۇرلارنى ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، ئەيشى - ئىشرەت قىلىشنى ئۆزىگە مەدەنىيەت قىلغان خىتايلار، ئۇيغۇرلارنى ۋاقتىنچە مۇستەملىكە قىلسىمۇ، بىراق، ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى ئېلىشىشتا بەلكىم خىتايلار يېقىن كەلگۈسىدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىشى مۇمكىن» دەيدۇ.

1911 - يىلىدىن 1949 - يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن جۇڭخۇا مىڭگو ھاكىمىيىتى ھەققىدە توختالغان ئاپتور ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، موڭغۇلارنىڭ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىمۇ يەنىلا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش غايىسىدىن يانماي ئىزچىل ھالدا جۇڭخۇا مىڭگو ھاكىمىيىتىگە باش ئاغرىقى تىرىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ:«شىڭخەي ئىنقىلابى ئارقىلىق دۆلەت قۇرۇپ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى تەرغىب قىلغان بۇ ھاكىمىيەتمۇ يەنىلا ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەتلەرنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشىغا قارشى تۇرۇپ كەلگەن ئىدى» دەيدۇ.

گومىنداڭ ھۆكۈمىتى توغرىسىدا توختالغان ئاپتور «جياڭ جېشى ھۆكۈمىتىمۇ ‹ئازسانلىق مىللەتلەر ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش كېرەك› دېگەن خەلقئارا قانۇن نىزامىغا قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكتىن ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشىنى پەقەتلا خالىمىغان ئىدى» دەيدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا قۇرغان ئىككى جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە توختالغان ئاپتور «1933 - يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن 1944 - يىلى ئىلىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاغدۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ سېيماسىنى ھەرقانداق بىر كۈچ ئۇيغۇرلار قەلبىدىن ھازىرغىچە ئۆچۈرەلمىدى» دەيدۇ.

پروفېسسور مىياتا كىتابىدا: «خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرىنى ھەربىي كۈچ بىلەن باشقۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ئىككى رايوندىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى تېخىچە بېسىققىنى يوق. خىتاي ‹مىللەتلەر ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش› دېگەن خەلقئارا نىزامنامىدىن خەۋەردار بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى بىر چوڭ ئائىلىگە ئوخشىتىپ پۈتكۈل مىللەتلەرنى تەڭلىك ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ دېگەن شوئارى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداپ كېلىۋاتىدۇ» دەيدۇ.

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا تۇنجى نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا كومپارتىيەنىڭ ئۆزىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللارنىڭ مۇستەقىللىقىغە قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى قارار قىلغانلىقىنى ئاپتور كىتابىدا ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

ئاپتور كىتابنىڭ «خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى» دېگەن قىسمىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن نىڭشا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىگە تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن يېقىن بولغان تۇڭگانلار بىلەن ئۇيغۇرلارغا تۇتۇۋاتقان دىنىي سىياسىتىنىڭ پەرقلىق بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەكسىچە بولسا تۇڭگانلارغا ئەركىن دىنىي پائالىيەت قىلىش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ.

خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى ھەققىدە توختالغان ئاپتور: «1954 - يىلى تۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇندا ‹پۇقرالارنىڭ ئەركىن سۆزلەش، نەشر قىلىش، يىغىلىش ئەركىنلىكى بار› دەپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، بىراق كومپارتىيە پۇقرالارنى ئالداپ 1958 - يىلى ‹بارچە گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، بارچە خەلق بەس - بەستە سايرىسۇن› دېگەن شوئارنى يولغا قويۇپ خەلقنى سۆزلىتىپ ئەركىنلىككە ئىنتىلگەن، دېموكراتىيىنى تەرغىب قىلغان كىشىلەرنى كۆزدىن يوق قىلدى. 1958 - يىلى خىتايدا ئىسلام دىنىي جەمئىيەتلىرى يوق قىلىنىپ ئىسلامى قائىدە - يوسۇنلارنى چەكلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى يوق قىلدى» دەيدۇ.

كىتابتا يەنە خىتايدا 1963 - يىلى ھەج قىلىش چەكلىنىپ خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

خىتايدىكى ئىسلام دىنىنىڭ غايەت زور باستۇرۇشقا ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلغان ياپونىيەدىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىي تەتقىقاتچىسى نىشى يۇرىكا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «1926 - يىلىدىن 1934 - يىلىغىچە مىسىردىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇستاز بولغان ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىدىن ئابدۇلئەزىز چېڭگىزخان داموللا ئۈرۈمچىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى. ئەزھەردە ئوقۇغان ۋە ئەرەب تىلدىن خىتاي تىلىغا قۇرئان كەرىمىنى تەرجىمە قىلغان تۇڭگان ئۆلىمالاردىن ما جيەن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا تۈرمىگە تاشلاندى. ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرئان ۋە ھەدىسلەر كۆيدۈرۈلگەن ئىدى» دېدى.

پروفېسسور مىياتا كىتابىدا شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندىن بۇيانقى سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ «مەسچىتلەرگە ئېسىلغان تۈرلۈك سىياسىي ۋىۋىسكىلاردىكى چەكلىمە ۋە بەلگىلىمىلەردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل ھالدا يەنىلا خىتاينىڭ تۈرلۈك دىنىي بېسىملىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ» دېدى.

مۇستەقىل تەتقىقاتچى نىشى يۇرىكا بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ: «ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ ياغلىق ۋە ھىجابلىرى چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقتىن، يېقىندىن بۇيان كۇچاردا بىر قىسىم ھىجابلانغان خانىم - قىزلار يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. شۇنداقلا ئۇنىۋېرسىتېتلاردا قىزلارنىڭ ياغلىق ئارتىشى چەكلەنگەن» دېدى.

تەتقىقاتچى نىشى يۇرىكا سۆزىدە يەنە، خىتايدىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا يالغۇز ئىسلام دىنىلا چەكلىنىپ، ئىسلام مەدەنىيىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپلا قالماستىن، بەلكى باشقا دىن ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭمۇ ۋەيران قىلىنغانلىقى ئەسكەرتتى.

پروفېسسور مىياتا ئوسامۇ ياپونىيە شىزۇكا كېنرېتسى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىسلام تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، ئۇنىڭ «ھازىرقى زامان ۋە ئىسلام»، «ئوتتۇرا شەرقتىكى 25 دۆلەتنى ياپونلار چوقۇم بىلىشى كېرەك»، «مۇسۇلمانلار نېمە ئۈچۈن ياپونىيەنى ھۆرمەتلەيدۇ»، «رادىكال ئىسلام گۇرۇپپىلىرى ۋە دۇنيا» قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. شۇنداقلا ئۇ، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر كىتاب ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە قەلەم تەۋرەتكەن تۇنجى كىتابى ھېسابلىنىدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت