ئەجەبا خىتاي تۈركىيەگە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ قارا تىزىملىكىنى بەردىمۇ؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.03.11
Perhat-ghopur-turkiye-tutqun.jpg كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قويۇپ بېرىلگەن پەرھات غوپۇر ئەپەندى. 2019-يىلى مارت، تۈركىيە.
Perhat Ghopur teminligen

يېقىنقى ئىككى يىل مابەينىدە، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت تۈركىيەگە بېرىپ كەلگەنلىكى ياكى تۈركىيەدە ئۇرۇق-تۇغقان ۋە باشقا ئالاقىلىرى بولغانلىقىدەك سەۋەبلەر بىلەنمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لاگېرلارغا قامالغان بولسا، تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان قىسمەن ئۇيغۇرلارمۇ دەل مۇشۇ ئىككى يىلدىن بۇيان ھەر تۈرلۈك گۇمانلار بىلەن تۈركىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ تۇيۇقسىز تۇتقۇنىغا ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم. سەۋەبسىز ھالدا كۆپلەپ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئۇيغۇرلارنى خاتىرجەمسىز قىلماقتا ئىكەن. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر ھەتتا بۇنىڭ خۇددى ئۇيغۇرلار مىسىردا ئۇچرىغان تۇتقۇندىكىدەك، تۈركىيەدىمۇ خىتاينىڭ تەمىنلىگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارا تىزىملىكى بويىچە تۇتقۇن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئىستانبۇلدا 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى تېررورلۇق گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان پەرھاتجان غوپۇر 1-مارت كۈنى قويۇپ بېرىلىپ، ئائىلىسى بىلەن جەم بولدى. ئۇ يېقىنقى مەزگىللەردە تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بىر مەزگىللىك ئىزتىراپتىن كېيىن شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى.

تۈركىيە زېمىنىغا يېقىنقى يىللاردا مىليونلارچە سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ ئېقىپ كىرىشى بىلەن جەمئىيەتتە كۆرۈلگەن بىخەتەرلىكى تەھدىتلىرى ۋە بۇ جەرياندا 2017-يىلى يېڭى يىل كېچىسى يۈز بەرگەن «رېينا تېررورلۇق ۋەقەسى» دىن كېيىن ئېلىنغان جىددىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھېلىھەم داۋام قىلماقتا.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، گەرچە، بۇنداق بىر جىددىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىۋاتقان مەزگىلدە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بىر مۇساپىر مىللەت سۈپىتىدە ئىلگىرىكىدىن قاتتىقراق تەكشۈرۈلۈشى مۇقەررەر دەپ قارالسىمۇ ئەمما، تۈركىيەگە قانۇنلۇق كىرگەن قانۇنلۇق تۇرۇۋاتقان، تۈركىيە جەمئىيىتى ۋە ياكى ھۆكۈمىتىگە ھېچ قانداق بىر تەھدىت ياكى سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىپ باقمىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا تۇتقۇنغا ئۇچرىشى شۈبھە پەيدا قىلىدىكەن.

2016-يىلى، 5-ئاينىڭ 21-كۈنى تۈركىيەگە قانۇنلۇق كىرگەن ئاقسۇ ئۇچتۇرپانلىق، بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن مەردان ئىككى قېتىم تۇيۇقسىز ۋە سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. ئۇ، 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى ئىجارە ئۆيىدىن بىر قېتىم تېررورلۇق گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ساقچىلار ئۇنىڭ، مەلۇم بىرەيلەننىڭ شىكايىتىگە ئاساسەن شۈبھە بىلەن تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەرداننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بىر يىللىق ناھەق تۇتقۇندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما 2019-يىلىنىڭ بېشىدا يەنە قايتا تۇتۇلغان ۋە 9 كۈندىن كېيىن بىگۇناھ ئىكەنلىكى قايتا ئىسپاتلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن. لېكىن ئۇ يەنىلا تەكشۈرۈلىدىغان قارا چېكىت قويۇلغان كاتېگورىيەدىن قۇتۇلالمىغان.

مەردان تۈركىيەدىكى مەۋجۇت بىخەتەرلىك تەدبىرى سىستېمىسىدا، «ئىقامەت»، يەنى قانۇنلۇق تۇرۇش ئىشلىرى ھەل بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقى بايان قىلدى. ئۇ، بىر قېتىم گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان تارىخى بارلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا داۋاملىق بىھۇدە ئاۋارىچىلىك ۋە پاراكەندىچىلىككە ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئوقۇش، ئىشلەش، دوختۇرغا كۆرۈنۈشنىڭمۇ مۈشكۈل بولىدىغانلىقىنى ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن سۆزلەپ بەردى.

ئىستانبۇلدا مۇشۇ خىلدىكى تۇيۇقسىز تۇتقۇنغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش يولىدا مېڭىۋاتقان ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىدىن تۈركىيەدە ياشايدىغان ئادىلجان ئەپەندى، ئۆزىنىڭ يىللاردىن بۇيان پېشكەللىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش جەريانىدا دائىرىلەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ھەقىقەتەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ بىگۇناھ ھالدا پەقەتلا شۈبھە بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان بولسا، ئەمما يەنىلا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ «دائىېش تېررور تەشكىلاتى» غا ئالاقىدار گۇمانلار بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى، سۈرىيەگە كىرىپ چىققان تارىخى بارلار، شۇنداق كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بار ۋە ياكى تېلېفون ئالاقىسى قىلغانلار تەشكىل قىلىدىكەن. تۇتۇلغانلار ئاساسەن ئەرلەر بولۇپ، ئائىلىسى بار ئەرلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئۇلارنىڭ ئايال ۋە بالىلىرىنىمۇ قىيىن كۈنگە قويماقتا ئىكەن.

بىر يىلدىن بۇيان ھەر خىل شىكايەت، شۈبھە بىلەن تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ تۇيۇقسىز تۇتۇشىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا ئادالەت ئىزدەپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان تۈركىيەدىكى تەشكىلاتچىلاردىن، ئەنقەرەدىكى دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار دەرنىكىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللا ئاقيول ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، «تېررورلۇق ۋەقەلىرى» ۋە ياكى سۈرىيەدىكى «دائېشقا چېتىشلىق» دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىشى، تۈركىيەنى ئەزەلدىن ئۆزلىرىنىڭ «ئىككىنچى دۆلىتى، بىخەتەر ماكان» دەپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردا بەلگىلىك ئەندىشە ۋە خاتىرجەمسىزلىك پەيدا قىلماقتا. ئۇ مۇھىمى تۈركىيەدە داۋام قىلىۋاتقان تۇتقۇننىڭ كەينىدە خىتاينىڭ قولى بولۇشىدەك ئېھتىماللىقنى ئۆزىنى ئەڭ راھەتسىز قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇللا ئاقيول ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يېقىندا ئەنقەرەدە تېررورلۇق گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان، ئىلگىرى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان بىر ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇش جەريانىدا، كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ بىر مەسئۇلى بىلەن سۆزلەشكەن بولۇپ، مەزكۇر مەسئۇل ئەرباب ئىلگىرى خىتاينىڭ بۇ كىشى ھەققىدە تەمىنلىگەن بىرمۇنچىلىغان جىنايەتلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ دەلىللەنمىگەنلىكىنى، مۇشۇنداق خىتاي تەرەپ تەمىنلىگەن جىنايەت تارىخىغا ئاساسەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلغان. ئابدۇللا ئاقيول ئەپەندى: «مېنىڭ ئەنقەرە، ئىستانبۇل، قەيسىرى قاتارلىق جايلاردىكى ئوخشىمىغان كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىمدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلەپ تۇتقۇنغا ئۇچرىشى دەرۋەقە تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئىككى دۆلەت بىخەتەرلىك كېلىشىملىرىدىن كېيىن يەنىمۇ زورايغان» دەيدۇ.

ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونى ئۇيغۇر جامائىتى بىر قەدەر توپلاشقان مەھەللە ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇش كۈچەيتىلگەن يېقىنقى يىللاردا، تۈركىيەدىن پاناھلىق ئىزدەپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار كۆپەيدى. بۇنىڭ بىلەن زەيتىنبۇرنۇدا ئاستا-ئاستا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك بويۇم دۇكانلىرى، ئاشخانىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىخانىسى، تىككۈچىلىك دۇكىنى دېگەندەك دۇكانلار، ھەر تۈرلۈك كىچىك تىجارەت ئورۇنلىرى ئارقىمۇ-ئارقا پەيدا بولۇپ، ئۆزگىچە بىر ئۇيغۇر مەھەللىسىنى بەرپا قىلىۋاتقان ئىدى، ھالبۇكى يېقىنقى مەزگىللەردە دۇكاندارلار، ئۇششاق تىجارەتچى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇنغا ئۇچرىشى بىلەن زەيتىنبۇرنۇدىكى قايناق ئۇيغۇر مەھەللىسىمۇ ئىلگىرىكى تۈسىنى يوقاتماقتا ئىكەن. زەيتىنبۇرنۇدا 4 يىلغا يېقىن دۇكان ئېچىپ، ئائىلىسىنى قامداپ كەلگەن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ بۇلتۇر گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنىشى نەتىجىسىدە دۇكىنىنىڭمۇ تاقالغانلىقىنى، گەرچە بىگۇناھ ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بىراق، بىر قېتىم گۇماندار سۈپىتىدە بىھۇدە تۇتقۇنغا ئۇچرىشى بىلەن جاھاندارچىلىق قىلىشىنىڭ مۈشكۈل بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى پەرھات تەڭرىتاغلى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە 800 يۈزدىن 2 مىليونغا قەدەر ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقىدەك ئېچىنىشلىق بىر تەقدىرنى ئورتاق باشتىن كەچۈرۈۋاتقان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن باش پاناھ جاي سانىلىدىغان تۈركىيەدە تۇيۇقسىز ۋە گۇناھسىز ھالدا تۇتقۇنغا ئۇچرىشى ھەقىقەتەن زور ئەندىشە پەيدا قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلانغان.

ئۇ، تۈركىيەدىكى ھەر قايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تۇتقۇنغا ئۇچرىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى شۇنداقلا بۇنىڭ نەتىجىسىدە كۈپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. پەرھات ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھېلىھەم ھەر تۈرلۈك گۇمانلار بىلەن تۇتۇلۇشىدا، خىتاينىڭ تۈركىيەنى بۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ساقتا جىنايەت ئىسپات مەلۇماتلىرى بىلەن تەمىنلىشىمۇ ئاساسلىق رول ئوينىغان.

ئىلگىرى گۇمانلار بىلەن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، يېقىن ئارىدا قويۇپ بېرىلگەن 10 غا يېقىن ئۇيغۇردىن ئالغان مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان شەھەرلىرىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار، گەرچە دەسلەپ تۈركىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئاساسەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا قامالغان. ئۇلارنى تۇتقان بىخەتەرلىك ئورۇنلىرى بولسۇن ۋە ياكى قامىغان ئورۇن بولسۇن ھېچقايسىسى ئۇلارغا، ئۇلارنىڭ زادى قانداق بىر جىنايەت بىلەن تۇتۇلغانلىقىنى ئېيتىپ بەرمىگەن. پەقەت ئۇلارنىڭ شىكايەتلەرگە ئاساسەن جىنايەت گۇماندارى سۈپىتىدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان. گەرچە ئۇلار، ھېچقانداق بىر گۇناھ ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ تۇتقۇنغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلا ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمىغانلىقى ئۈچۈن يەنىلا تۈركىيە دۆلىتىدىن مەمنۇن ۋە چارىسىز بىر ۋەزىيەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.