نوپۇس جەھەتتىن بىر قەدەر كۆپ بولغان، بىر يۈرۈش ئانا تىلدىكى مەكتەپلىرىگە، كەسپىي تىياتىرلىرىغا ۋە مەتبۇئاتىغا ئىگە بولغان قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار 5-ئىيۇن كۈنى بۇ يىللىق روزا ھېيت بايرىمىنى كۈتۈۋالدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ يىللىق روزا ھېيتنى ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي چەكلىمىلەر ئەڭ كۈچەيگەن، بىگۇناھ خەلق جازا لاگېرلىرىغا قامالغان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر مەزگىلدە كۈتۈۋالدى.
بۇ كۈنى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قازاقىستاننىڭ بارلىق شەھەر ۋە يېزىلاردىكى مەسچىدلەردە ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ، مۇسۇلمانلار بىر-بىرىنى تەبرىكلەشتى. مەملىكەتنىڭ كۆپلىگەن مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە قازاقىستان رەھبەرلىرىنىڭ روزى ھېيت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆزلىگەن تەبرىكنامىلىرى ئېلان قىلىندى.
«ئېھسان» ژۇرنالى تەھرىراتىنىڭ خادىمى سەدىردىن ئايۇپوفنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار بۇ يىلى 30 كۈن ماباينىدە خاتىرجەم روزا تۇتۇش، ئىبادەت قىلىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولغان. قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كەڭ دائىرىدە ياردەملەر بېرىلىپ، مەسچىدلەردە ۋەز-نەسىھەتلەر ئېيتىلغان، ئادەملەرگە روزىنىڭ مۇھىملىقى چۈشەندۈرۈلۈپ، تەشۋىقاتلار مېڭىپ تۇرغان ئىكەن.
سەدىردىن ئايۇپوف بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئېلىدە ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن جىددىيلىكىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ روزى ھېيتنى خىتايغا بولغان ئۈنسىز قارشىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى.
تونۇلغان يازغۇچى ئابدۇخالىق مەھمۇدوف ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن بالىلىق دەۋرىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە ئىلگىرى روزا ھېيتنىڭ قانداق قۇتلىنىدىغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇرلار كوممۇنىست خىتاي يۈرگۈزگەن سىياسەتلەر تۈپەيلى نۆۋەتتە روزا ھېيت، قۇربان ھېيتقا ئوخشاش دىنىي بايراملارنى تەقىب ئاستىدا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولماقتىكەن. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ 1963-يىلى غۇلجىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىگە كۆچۈپ چىققانلىقىنى، ئەمما ئۇ يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكىگە ئوخشاش روزا ھېيتنى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
0:00 / 0:00