ياپونىيەلىك تەتقىقاتچى ئوكا: قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتلىرى ھازىرغىچە تەختتە ئولتۇرىۋاتىدۇ
2016.03.04
ياپونىيەدە يېقىندا نەشر قىلىنغان «قازاقىستان تەتقىقاتى» مەجمۇئەسىدە تەتقىقاتچى ئوكانىڭ «ئۇزۇندىن بۇيان قازاقىستانغا ھۆكۈم سۈرۈپ كېلىۋاتقان نازەربايىف ھۆكۈمىتى» ناملىق سىياسىي ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ئاپتور ماقالىسىدە سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇستەقىل بولغان جۇمھۇرىيەتلەر ئىچىدە پەقەتلا قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتلىرىنىڭ ئىزچىل ھالدا ھازىرغىچە تەختتە ئولتۇرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئاپتور«ئىنسان بەرىبىر ئۆلىدۈ. ھوقۇقنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرالمايدۇ. بىراق، بۇ ئىككى پرېزىدېنت قاچان تەخىتتىن چۈشىدۇ؟ بۇنى ھازىرغىچە ھېچكىم بىلمەيدۇ؟» دەيدۇ.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى يۈكى خانىم ئۆزبېكىستان ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:«2005 - يىلى ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف ئەندىجاندا ھاكىمىيەتكە قارشى تىنچلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان، قوللىرىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى يوق نامايىشچىلارغا ئوق چىرىقىپ بىگۇناھ ئىنسانلاردىن 1500 نى ئۆلتۈردى شۇنداقلا 2006 - يىلى ئۆزبېكىستانغا تۇغقان يوقلاشقا كەلگەن كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى قولغا ئېلىپ خىتايغا تاپشۇرۇپ بەردى. ھۈسەيىن جېلىل ھېلىھەم خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتىدۇ. ئۇندىن باشقا كەرىموف تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، جىھاد ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشنى باھانە قىلىپ كۆپلىگەن بىگۇناھ ئىنسانلارنى تۈرمىگە تاشلاۋاتىدۇ. بۇ پەقەت دىكتاتور ئىسلام كەرىموف مۇستەبىت سىياسىتىنىڭ پەقەتلا بىر قىسىمىدۇر.»
ماقالىدە قازاقىستان پرېزىدېنتى نەزەر بايىفنىڭ سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى دەۋرىگىچە قازاقىستان كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتۈگەنلىكىنى، 1990 - يىلى كومپارتىيەنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن پرېزىدېنتلىققا ئولتۇرغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئاپتور ماقالىسىدە قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قانچە قېتىملىق سايلاملاردا ئىزچىل ھالدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن پرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىپ كېلىۋاتقان، ئۆزى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ يېڭىدىن يولغا قويغان قانۇندا پرېزىدېنتنىڭ ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق سايلىنىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما نەزەربايىف ئاساسىي قانۇنغا قىلچە ھۆرمەت قىلماي، ئۆزىنى مەڭگۈلۈك پرېزىدېنت بولۇشقا لايىق كۆرگەنلىكىنى، ئەگەر قازاقىستاندا بۇ خىل مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە قارشى بىرەر ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىلمىسا، ئۇنىڭ ئۆلگۈچە بۇ ئورۇننى بوشىتىپ بەرمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
قازاقىستان پارلامېنتنىڭ نۇر سۇلتان نەزەربايىفنى قازاقىستاننىڭ مەڭگۈلۈك پرېزىدېنتى قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى ۋە پارلامېنتنىڭ بۇ قارارىنى پرېزىدېنتنىڭ خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىغانلىقىنى ماقالىدە ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
قازاقىستانغا ئۇزۇندىن بېرى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان نەزەربايىفنىڭ ھوقۇقى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ھېمايىچىلىرىنىڭ ھاكىمىيەت ۋە پارلامېنتتىكى ھوقۇق دائىرىسى بارغانچە كېڭىيىپ ھاكىمىيەتتە تەسۋىرلىگۈسىز ئاجايىپ بىر خىل مۇستەبىتلىك تۈزۈملەرنىڭ شەكىللىنىپ بولغانلىقى ھەققىدە ئاپتور ماقالىسىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتۈدۇ.
ئۇنىڭ قارىشىچە، نەزەربايىف دەسلىپىدە پرېزىدېنت بولغاندا ئۇنىڭ ھېچقانداق پارتىيەسى بولمىسىمۇ، بىراق باشقا پارتىيىلەر ئۇنى قوللاپ قۇۋەتلىگەن. 1999 - يىلى«ئوتان» پارتىيەسى قۇرۇلۇپ، نەزەربايىفنى پرېزىدېنتلىققا كۆرسەتكەن. كېيىن ئۇ پارتىيە «نۇروتان» پارتىيەسىگە ئۆزگەرتىلگەن.2007 - يىلى ئاساسىي قانۇنغا يەنى سايلام قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن بېرى ئىزچىل ھالدا قارشى پارتىيەلەرنىڭ كۈچى بارغانچە ئاجىزلاپ،تەسىر دائىرىسى ئەسلىدىكىدىن تارىيىپ بارغان.
ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايىف پۈتكۈل ھوقۇقنى چاڭىلىغا كىرگۈزۋېلىپ، بارلىق ئىشلارغا ئۆزى بىۋاستە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، پارلامېنت قانۇنلىرىدىكى بەزى ماددىلارغا تۈزىتىش كىرگۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن قارشى پارتىيىلەر پارلامېنتقا كىرەلمىگەن.
نەزەر بايىفنىڭ 1995 - 2007 - يىللىرى ئارقا - ئارقىدىن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى باھانە قىلىپ، مەقسەتلىك ھالدا سايلامنى كونترول قىلىۋالغانلىقىنى ئاپتور ماقالىسىدە ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
ئاپتور ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قازاقىستاندىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى قولغا ئېلىنىپ، ئۇنىڭ ئەزالىرىغا ھۆكۈمەت تۈرلۈك بېسىملارنى يۈرگۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن شەھەر ۋە يېزا - قىشلاقلاردىكى ئاۋام خەلق نەزەربايىفقا قارشى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنى قوللاشتىن ئۆزىنى قاچۇرۋاتقانلىقىنى، يىغىپ ئېيتقاندا قازاقىستاندا ھاكىمىيەتكە قارشى ھېچقانداق پارتىيىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى كۆرسەتكەن.
ئاپتور ماقالىسىدە قازاقىستان ھاكىمىيىتىدىكى ئەمەلدارلار ھەققىدە توختىلىپ:«خەلق ھاكىمىيەت بېشىدىكى رەھبەرلەرگە ئىشەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ خەلقنىڭ دەرت - ئەھۋالى بىلەن كارى يوق، ئۇلار پەقەتلا ھوقۇق ۋە پۇلنى كۆزلەيدۇ» دەيدۇ.
نەزەربايىف ھەققىدە توختالغان ئاپتور ماقالىسىدە:«نەزەربايىف خەلققە ئۆزىنى دۆلەتنىڭ ئاتىسى قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن گەرچە ئۆزى ھايات بولسىمۇ، ئالماتادىكى پرېزىدېنت باغچىسىغا ھەيكىلىنى تۇرغۇزدى. بۇنداق قىلىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب، ئۆزىنى خەلقنىڭ مەڭگۈ ياد ئېتىپ تۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش» دەيدۇ.
ئاخىرىدا، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى يۈكى خانىم قازاقىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى:«قازاقىستانغا خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ پاناھلىق تىلەپ كەلگەن كۆپلىگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار قانۇن دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلدى. ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلغانىدىن كېيىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى. نەزەربايىف شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سالاھىيىتىنى باھانە قىلىپ، قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى باستۇرىۋاتىدۇ شۇنداقلا ئۇلارنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى چەكلەۋاتىدۇ.»
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.