«بويۇن قىسىپ قالغان» خوتەن قەغەزچىلىكى
2024.09.13
ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئېسىل نەمۇنىلىرىدىن بىرى بولغان قەغەزچىلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك تەرەققىياتىنىڭ شاھىتى ۋە ئەمگەكچان خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جانلىق پاكىتى ھېسابلىنىدۇ. قەغەزچىلىك ھۈنىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەۋە يازما يادىكارلىقلارنىڭ بىزگە يېتىپ كېلىشى ۋە غەرب ۋە شەرق مەدەنىيىتىنى ئۇچراشتۇرۇشتا ئوينىغان مۇھىم رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.
ھالبۇكى قەغەزچىلىك ھۈنىرى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك چەكلىمىلىرىگە ۋە خىرىسلىرىغا ئۇچرىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى نەتىجىسىدە قەغەزچىلىك ھۈنىرى ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى كۆزدىن يوقىتىلىپ، ئەنئەنىۋى قەغەز ياساش ھۈنىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مىراسى قىلىپ تارتىۋېلىنىشتەك قىسمەتلەرگە دۇچ كەلمەكتە. خوتەن قەغىزى ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرى يوقىلىش گىردابىغا يۈزلىنىپ «بويۇن قىسىپ» قالماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدە كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دولقۇنىدا، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كىشىلەرنى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ «شىنجاڭنىڭ نەقەدەر بىخەتەر ۋە ياخشى» جاي ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بېقىشقا چاقىرىق قىلماقتا. «قىزىل ساياھەت»، «مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش» ۋە «شىنجاڭ ياخشى جاي» قاتارلىق شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ساياھەتچىلىك ئىشلىرى گەرچە تۈرلۈك-تۈمەن ناملار بىلەن پەردازلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قىرغىنچىلىق» ماھىيىتىنى يوشۇرۇپ قالالمىدى. كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە ئەۋج ئېلىۋاتقان بۇ خىل ساياھەتچىلىكنى خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەمتاياق بولۇش ھەرىكىتى دەپ تەبىر بېرىدۇ.
«قىرغىنچىلىق ساياھىتى» ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يوق قىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەسلى قىياپىتى ۋە ئىزچىللىقىغا توسالغۇلۇق قىلماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسىپلىرىدىن كۇلالچىلىق، پىچاقچىلىق ۋە قەغەزچىلىك قاتارلىقلار ئېغىر خىرىسقا دۇچ كېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلەپ بەرگەن كوممۇنىستىك تەشۋىقات رامكىسى ۋە خىتايلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ قۇربانىغا ئايلانماقتا.
تارىختىكى يىپەك يولى سودىسىدا يۇقىرى تاۋار قىممىتىگە ئىگە بولغان خوتەن قەغىزى ۋە قەغەزچىلىك ھۈنىرى ساياھەتچىلىكنىڭ كاتالىزاتورىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، خىتاي مەدەنىيىتى تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلماقتا. قەغەزچىلىك ھۈنىرى 2006-يىلى خىتاي دۆلىتى بويىچە قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى. شۇندىن ئېتىبارەن، خىتاي دائىرىلىرى خوتەن قارىقاش ناھىيەسى پىچاقچى كەنتىدە قەغەزچىلىك تېخنىكىسى باغچىسى تەسىس قىلىپ كۆرگەزمىخانا، ھۆسنخەت زالى قاتارلىق بىر يۈرۈش تۈرلەرنى يولغا قويغان. يېڭىدىن قۇرۇلغان قەغەزچىلىك ھۈنىرى باغچىسى ئاساسەن خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ ئېكسكۇرسىيە قىلىشىغا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، كۆرگەزمە زالى خوتەن قەغىزىگە سىزىلغان خىتايچە ئۇسلۇبتىكى سۇ بوياق رەسىم ۋە خىتايچە ھۆسنخەتلەر بىلەن تولغان.
شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاي تەشۋىقات تارماقلىرى خوتەن قەغەزچىلىك ھۈنىرىنىڭ ھەقدار ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالماستىن، بەلكى ئۇنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت مىراسى قاتارىدا بازارغا سالماقتا. كىشىنى تەئەججۈپلەندۈرىدىغىنى، تارىختىن بۇيان «خوتەن قەغىزى»، «خام قەغەز» ياكى «سامان قەغەز» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى ھۈنەر بىلەن ياسىلىدىغان قەغەزنى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا خوتەن قەغىزى دەپ ئاتىماستىن، (桑皮纸) «ئۈجمە قەغىزى» ياكى(汉皮纸) «خەن قەغىزى» دەپ ئاتاش ئومۇملاشقان. خىتاي تاراتقۇلىرىدا يەنە «خەن قەغىزى» دەپ ئاتاشنىڭ سەۋەبى، بۇ خىل قەغەزنىڭ خىتاي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئىجاد قىلىنغانلىقىنىڭ بەلگىسى دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. دائىرىلەرنىڭ گېپىچە خوتەن قاتارلىق جايلاردىمۇ ئۈجمە دەرىخى يېتىشتۈرۈلگەچكە، بۇ جايلاردىمۇ قەغەزچىلىك ھۈنىرى تارقالغانمىش.
ئەگەر خوتەن قەغىزى خىتايلار ئېيتقىنىدەك ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئىجاد قىلىنغان بولسا، بۇ ھۈنەر نېمىشقا بۈگۈنكى كۈندە پەقەتلا خوتەندە ساقلىنىپ قالدى؟
قەغەزچىلىك ھۈنىرىنىڭ كەشىپ قىلىنىشىغا كەلسەك، خىتاي تارىخچىلىرى «تۆت چوڭ كەشپىيات» دەپ پەش قىلىۋاتقان ئاتالمىش بۇ كەشپىياتلارنىڭ ئىچىدىكى قەغەز يىللاردىن بۇيان جىددىي بەس-مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولماقتا. يېقىنقى دەۋردە ئارقا-ئارقىدىن بايقالغان ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلار ۋە يازما ھۆججەتلەر خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىدە ياشىغان سەيلۇن كەشىپ قىلغان قەغەزچىلىك تېخنىكىسىدىن خېلى بۇرۇنلا تۇرپان-تارىم ئويمانلىقىدا قەغەزچىلىك تېخنىكاسىنىڭ قوللىنىلغانلىقىغا دائىر كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقتى.
قەغەزنى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئىجاد قىلىنغان دېگەن قاراشنى توغرا دېسەكمۇ، بۇ خىل قەغەز ياساش تېخنىكىسى ئۆسۈملۈك تالالىرىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان. ھالبۇكى، خوتەن قەغىزى ئۈجمە دەرىخى ۋە توغراق دەرىخىنىڭ قوۋزىقىنى ئاساسىي ماتېرىيال قىلىپ ياسىلىدۇ. قۇرغاق ئوتتۇرا ئاسىيا كىلىماتى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ھاۋا كىلىماتى ئوخشىمىغاچقا، قەغەزگە ئىشلىتىلىدىغان خام ماتېرىياللارمۇ پەرقلىق بولغان. دېمەك خىتاي سۇلالىلىرى دەۋرىدە قوللانغان قەغەز بىلەن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ.
لوپنۇر، نىيە ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى قۇم ئاستىغا كۆمۈلگەن خارابىلىكلەردىن قېزىۋېلىنغان قەغەز ئەۋرىشكىلىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن مۇتەخەسسىسلەر، قەغەزنىڭ ئۈجمە دەرىخى قوۋزىقىدىن ياسالغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىغان.
ئەنگلىيەلىك ئالىم ئاۋرېل سىتەيىننىڭ «قەدىمكى خوتەن» ناملىق كىتابىدىكى خاتىرىلىرىگە قارىغاندا، خوتەن تەۋەسىدىكى نىيە خارابىلىكىدىن ئۈجمە دەرىخى ئىزلىرى بايقالغان. نىيە خارابىلىكىنىڭ يىل دەۋرىنىڭ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1-ئەسىردىن مىلادىيە 4-ئەسىرگىچە بولغان دەۋرگە توغرا كېلىدىغانلىقى مەلۇم. ئاۋرېل سىتەيىن ئەينى ۋاقىتتا خوتەندە ئۈجمە دەرىخى قوۋزىقىدىن قەغەز ياساش تېخنىكاسىنىڭ كەڭ قوللىنىلغانلىقى ۋە قەغەزچىلىكنىڭ خوتەننىڭ يەرلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىدىن ئۇچۇر بەرگەن. ۋېنادىكى بوتانىكا پىروفېسسورى ج. ۋىسنېر (J. Wisner) نىيە خارابىلىكىدىن تېپىلغان قەغەز پارچىلىرىنىڭ ئۈجمە قوۋزىقىنى خام ماتېرىيال قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. تەتقىقاتچى ۋىسنېرنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا، بۇ خىل ئۈجمە دەرىخىنىڭ پەقەتلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن رايونىدا ئۆسىدىغانلىقى، شۇنداقلا بۇ خىل دەرەخ قوۋزىقىنىڭ قەغەز بوتقىسى قىلىشقا ئەڭ باب كېلىدىغانلىقى، قەغەزنىڭ سۈپىتى چىڭ ۋە ئاسان يىرتىلمايدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىمۇ بايان قىلىنغان.
خوش، خوتەن قەغىزىنىڭ ھېقىقى ئىختىراچىلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكى ئېنىق بولدى. خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى خوتەن قەغەزچىلىكىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە باغلايدىغان سەپسەتىلەرنىڭ مەيدانغا چىقىشى تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئىنكار قىلىش ۋە تۆۋەن كۆرۈش خاھىشلىرىنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ.
خىتايدىكى «خەلق تورى» نىڭ 2024-يىلى 12-ئىيۇلدىكى خەۋەرلىرىدە پىچاقچى يېزىسىدىكى قەغەزچىلىك ھۈنىرىنىڭ ۋارىسى بىلال تۇرسۇنباقى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر سۆھبەتتە بىلال تۇرسۇنباقى ئىسىملىك بۇ يىگىت ئۆزىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى خىتاي رەسساملىرىنىڭ ۋەتەننىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرىنى سىزىشى ئۈچۈن خوتەن قەغىزى بىلەن تەمىنلەپ بېرەلىگىنىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە خوتەن قەغىزىنى رەسىم سىزىشقا ئىشلىتىشتىن باشقا يەنە پانۇس، قاتلىنىدىغان يەلپۈگۈچ، قىيىلغان قەغەز ۋە پېتەك قاتارلىق بۇيۇملارنى ياساشقىمۇ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
خەۋەردە بايان قىلىنغان تەپسىلاتلار شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، قەغەزچىلىك تېخنىكىسى ۋارىسى بىلال تۇرسۇنباقىغا خىتاي سودىگەرلىرىنى تونۇشتۇرۇشتا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋاسىتىچى بولغانلىقى ئېنىق. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلالنىڭ خوتەن قەغىزىنى كىمگە سېتىش ۋە ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى بەلگىلەپ بەرگەن. يەنە بىر مىسال ئالساق، ئەسلىدە تەڭرىتاغ تورى دەپ ئاتىلىپ ھازىر «تيانشان تورى» غا ئۆزگەرتىۋېتىلگەن ھۆكۈمەت تور بېتىنىڭ 8-سېنتەبىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ئۈرۈمچىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ 20 مېتىر كېلىدىغان خوتەن قەغىزىگە «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدا رەسىم سىزىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىرقانچە جايلىرىدا خوتەن قەغىزىگە «جۇڭگوچە سۇ بوياق» رەسىم سىزىش مۇسابىقىلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقى مەلۇم.
كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يەنە بىر نۇقتا، خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسەن، خوتەن قەغەزچىلىكىنىڭ ساناقلىق ۋارىسلىرى ئاساسەن ئاياللار بىلەن چەكلەنگەن. مىڭ يىللاردىن بېرى ئىش تەقسىماتى روشەن بولغان بۇ كەسىپ بىردىنلا ئاياللار شۇغۇللىنىدىغان ھۈنەرگە ئايلاندۇرۇلغان. بۇنىڭ كەينىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى ۋە ئەمگەك كۈچلىرى ھېسابلانغان ئەرلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئائىلە يۈكىنىڭ ئاياللارغا قالغانلىقىدەك ئارقا كۆرۈنۈشنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس.
يۇقىرىقى مىساللارنى شۇنداق تەھلىل قىلىشقا بولىدۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە تەۋە مەلۇم بىر مەدەنىيەت مىراسىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن، چوقۇم «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» نامى ئاستىدا «خىتايلاشتۇرۇلۇش» ى شەرت ئىدى. شۇندىلا ئۇ خىل مەدەنىيەت «بىخەتەر»، «ساپالىق» ۋە «ئۆلچەملىك» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق دېگەنلىك بارلىق مەدەنىيەت مىراسلىرى چوقۇم خىتاي ئىستېمالچىلار ياكى ساياھەتچىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك ئىدى.
بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، خوتەن قەغەزچىلىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئوبيېكتقا ئايلاندۇرۇلغان بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا قاتلامدىكى خىتاي پۇقرالىرىنى بېيىتىپ، «خىتاي چۈشى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانىنىڭ قۇربانىدۇر خالاس. خوتەن قەغەزچىلىكىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەسلى قىياپىتى ۋە ئىزچىللىقىغا ئېغىر توسالغۇلۇق قىلىدۇ. بۇ خوتەن قەغەزچىلىكىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەشرەپ-مۇقاملىرى، يېمەك-ئىچمەك، ئۆرپ-ئادەتلىرى قاتارلىق مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن بىر قاتاردا خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلەپ بەرگەن كوممۇنىستىك تەشۋىقات رامكىسى ئىچىگە ئېلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]