قەشقەر كوناشەھەردە «خىتايلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى» قانداق ئېلىپ بېرىلدى؟

ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر
2023.02.16
qeshqer-konashher-xitaylashturush-huanqiu.com.jpg «نىشانلىق ياردەم» ئۈچۈن گۇاڭجۇدىن كەلگەن خىتاي ئوقۇتقۇچى، ئۇيغۇر بالىلار خىتايچە قەغەز كېسىش ھۈنىرى بىلەن كېسىپ چىققان كومپارتىيە گېربىنى كۆرسەتمەكتە، 2021-يىلى ئىيۇل، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە مىڭدې باشلانغۇچ مەكتەپ.
huanqiu.com

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، بىز يېقىندا «ئەنخۇيلۇق خىتاي تۇغقانلار»نىڭ خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئۈستىدىكى جىنايەتلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەنىدۇق. بۈگۈن «گۇاڭدۇڭلۇق خىتاي تۇغقانلار»نىڭ قەشقەردە نېمىلەرنى قىلغانلىقى ئۈستىدە توختىلىمىز.

بىر قانچە كۈن ئاۋۋال CNN قاتارلىق خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا تارقالغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى»گە دائىر يېڭى مەلۇماتلار خەلقئارادا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يەنە بىر بالداق قىزىق نوقتىغا كۆتۈردى. مەزكۇر مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى ماي ئېيىدا ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ئىچىدىكى 830 مىڭغا يېقىن لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ ئارخىپ ئامبىرى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن. مەزكۇر ئارخىپتىكى زور كۆپ سانلىق ئۇچۇرلار قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى ۋە ئىلى ئوبلاستىنىڭ تىكەس ناھىيەسىدىكى لاگېر مەھبۇسلىرىغا ئالاقىدار بولۇپ، بۇ ئىككى جايدا تۇتۇلغان، قامالغان ياكى غايىپ قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى بۇ ئارخىپ ئامبىرىدىن ئىزدەش ئىمكانىيىتى يارىتلغان.  

دەرۋەقە بىز ئۆتكەن يىلى 5- ئايدا «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى»دىن ئىبارەت زور ھەجىملىك ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىسپاتىنىڭ ئاشكارىلىنىشى بىلەن، قەشقەر كوناشەھەردە ھەر 25 ئۇيغۇرنىڭ بىرىنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقىدەك قورقۇنۇچلۇق رېئاللىقتىن خەۋەردار بولغانىدۇق. ئەمما قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ قاچاندىن ئېتىبارەن، كىملەر تەرىپىدىن، قانداق شەكىلدە دەرىجىدىن تاشقىرى تۈرمىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقى بىزگە نىسبەتەن ئىزدىنىش ۋە تەكشۈرۈش زۆرۈر بولغان بىر مەسىلىدۇر. ئۇ ھالدا، بىز ئالدى بىلەن قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر پاجىئەسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۆرەيلى.

مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دۇنياغا ئاشكارا بولغان 2017-يىللاردىن بۇيان، بۇ جىنايەتنىڭ  ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم پىلانى» بىلەن چەمبەرچاس باغلانغانلىقى سىر ئەمەس. دەرۋەقە، خۇددىي ئەنخۇيلۇقلار خوتەننىڭ گۇما ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇرلارغا «ياردەم» نامىدا زىيانكەشلىك قىلغىنىدەك، قەشقەر كوناشەھەرنى بۆلۈۋالغان گۇاڭجۇلۇقلارمۇ بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارغا «ياردەم» نامىدا زىيانكەشلىك قىلغان. ئۇنداقتا، گۇاڭجۇلۇق ئاتالمىش «خىتاي تۇغقانلار» قەشقەر كوناشەھەر خەلقىگە زادى نېمىلەرنى قىلدى؟

گۇاڭجۇلۇقلارنىڭ گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» ھەرىكىتى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللاردىلا باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما قەشقەر كوناشەھەرنى گۇاڭجۇلۇقلارغا بۆلۈپ بېرىش، 2010-يىلىدىكى بىرىنجى قېتىملىق ئاتالمىش «مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى»بىلەن باشلانغان. گۇاڭجۇلۇقلار قەشقەر كوناشەھەرنىڭ مائارىپ، تىبابەت، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە يېزا-ئىگىلىك قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلىرىنى پىلانلىق ۋە نوقتىلىق شەكىلدە قولىغا ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش، تازىلاش ۋە ئۆزگەرتىشنى نىشان قىلغان بىر تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان. بىز ئالدى بىلەن  گۇاڭجۇلۇق «خىتاي تۇغقانلار»نىڭ قەشقەر كوناشەھەر ئۇيغۇرلىرىنى  خىتايلاشتۇرۇشتا نېمىلەرنى قىلغانلىقىغا قاراپ باقايلى:

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوتتۇرا - باشغلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇشنى بىردەك بىكار قىلغان ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن دۆلەت تىلى ئوقۇتقۇچىسى نامىدا نۇرغۇنلىغان خىتايلارنى ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچۈرۈپ كەلگەنىدى. قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە بولسا، 2014-يىلى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى زىيارىتىدىن كېيىنلا تېز سۈرئەتتە ئومۇملاشتۇرۇلغان.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يېزا-كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەن كۆرۈنۈشلەردىن بىر. 2014-يىلى 24-ئاپرېل.  قەشقەر.
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يېزا-كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەن كۆرۈنۈشلەردىن بىر. 2014-يىلى 24-ئاپرېل. قەشقەر.
XINHUA

گۇاڭجۇدىكى «ياڭچېڭ گېزىتى»نىڭ 2019-يىلىدىكى بىر خەۋىرىدە، بۇ ھەقتە خېلى كۆپ تەپسىلاتلار يېزىلغان. يەنى 2017-يىلىغا قەدەر قەشقەر كوناشەھەردە مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئومۇملىشىپ بولالمىغان. 2017-يىلى گۇاڭجۇ شەھىرى ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم مەبلىغى»دىن 348 مىليۇن يۈەننى قەشقەر كوناشەھەرنىڭ ئۈچ يىللىق مائارىپنى ئومۇميۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتىگە ئاجراتقان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، گۇاڭجۇ شەھىرى قەشقەر كوناشەھەردىكى 110 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ۋە يەسلىلەرگە «نىشانلىق ياردەم» پىلانى تۈزۈپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۈچ مىڭغا يېقىن خىتاي ئوقۇتقۇچىسىنى قەشقەر كوناشەھەردە خىزمەتكە قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭدىن سىرت خىتايلاشتۇرۇشنى بالىلاردىن باشلاش چاقىرىقى بويىچە، گۇاڭجۇدىن يەنە 114 نەپەر خىتاي ئوقۇتقۇچىنى ئەۋەتىپ، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتىگە مەسئۇل قىلغان. شۇنداقلا قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ مائارىپ قۇرۇلۇشىغا ئەڭ كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىپ، ياتاقلىق مەكتەپلەرنى ئومۇملاشتۇرغان. يەسلى مائارىپىدىن تاكى ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىغىچە ياتاقلىق مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر بالىلىرىغا «قىزىل گېن قۇرۇلۇشى» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، بالىلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپلا خىتاي مەدەنىيىتى، تىل-يېزىقى، تارىخ ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىدە تەربىيەلەشكە باشلىغان. مەسىلەن، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ قىزىل تەشۋىقاتچىلار بازىسىغا ئايلاندۇرۇلغان. بۇ مەكتەپتە بارلىققا كەلگەن قىزىل تەشۋىقاتچىلار گۇرۇپپىسى تېز سۈرئەتتە قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەرگە كېڭەيتىلگەن. شۇنداق قىلىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا 22 ئورۇندىكى قىزىل تەشۋىقاتچى تەربىيەلەش مەركىزىدە مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر قىزىل تەشۋىقاتچى بالىلار تەربىيىلەپ چىقىلغان. دەرۋەقە، بۇ تەشۋىقات ئورنى گويا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلىكسەپ بۆلۈمىگە ئوخشاشلا، ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇشتىكى تەشكىلىي ئورۇنغا ئايلانغان.

qeshqer-konashher-xitaylashturush-2.png
تېز سۈرئەتتە قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەرگە كېڭەيتىلگەن قىزىل تەشۋىقاتچىلار گۇرۇپپىسى Credit: dayoo.com

گۇاڭجۇلۇقلار قەشقەر كوناشەھەردىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتايلاشتۇرۇشتا ئىشلەتكەن يەنە بىر ئۇسۇل بولسا «بىر مەكتەپكە بىر لايىھە پىلانى»نى يولغا قويۇش بولغان.  ئالدى بىلەن قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى «گۇڭجۇ ئەجدەرھا-شىر ئۇسسۇلى» (广州龙狮舞) بويىچە تەربىيەلەش نوقتىسى قىلغان. 2018-يىلى بىر دانە ئەجدەرھا، ئالتە دانە شىر ۋە 24 ئۇيغۇر ئۆسمۈر بىلەن باشلانغان ئاتالمىش شىر ئۇسسۇلى گۇرۇپپىسى 2021-يىلىغا كەلگەندە 100 دانە ئەجدەرھا، 200 دانە شىر ۋە 1400 دىن ئارتۇق قاتناشقۇچى بولغان چوڭ تىپتىكى شىر ئۇسسۇلى گۇرۇپپىسىغا ئايلاندۇرۇلغان. يەنى ئاتالمىش «گۇاڭجۇلۇق تۇغقانلار» قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەلىك بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتە باشلىغان شىر ئۇسسۇلى گۇرۇپپىسىنى قىسقىغىنە بىر قانچە يىلدا كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى پۈتكۈل ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كېڭەيتىپ بولغان. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، قەشقەر كوناشەھەردە «خىتاي شىر ئۇسسۇلى مەدەنىيىتى»نى بارلىققا كەلتۈرۈش ئارقىلىق، «جۇڭخۇا مىللىتى»نىڭ گېنىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قان-قېنىغا سىڭدۈرۈۋېتىشنى ئاخىرىقى مەقسەت قىلغان.

qeshqer-konashher-xitaylashturush-3.jpg
قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى پۈتكۈل ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كېڭەيتىلگەن «خىتاي شىر ئۇسسۇلى مەدەنىيىتى».

ئاتالمىش «مائارىپقا ياردەم بېرىش» يالغۇز ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىلا خىتايلاشتۇرۇش بىلەن چەكلەنمەستىن، بەلكى يېزا-كەنت، مەھەللە ۋە ئائىلىلەرگىچە كېڭەيتىلىلگەن.

ھەر دۈشەنبە ئەتتىگەندە ئاتالمىش بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش، كەچتە خىتاي تىلى ئۆگىنىش كۇرسىغا قاتنىشىش، خىتاي تۇغقانلار بىلەن بىرگە ياشاش ئارقىلىق خىتايچە ئۆگىنىش ۋە باشقىلار، قەشقەر كوناشەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئومۇملاشتۇرۇلغان.

قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىسى ئېرىقبېشى كەنتىدە ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن 60 نەپەر پارتىيە ئەزاسى تەربىيەلەپ چىقىلغان. ئاندىن بۇ دېھقان پارتىيە ئەزالىرى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنى خىتايلاشتۇرۇشنىڭ ئىككى قەدەملىك پىلانىنى تۈزۈپ چىققان. بىرىنچى قەدەمدە پارتىيە ئەزالىرى پائالىيەت مەركىزى قۇرۇپ چىقىش، پارتىيە تارىخىغا دائىر تەشۋىقات ئورنى ۋە كۇتۇپخانە قۇرۇش ئارقىلىق بۇ پارتىيە ئەزالىرىغا «پارتىيەنى چۈشىنىش شارائىتى» ھازىلاپ بەرگەن؛ ئىككىنچى قەدەمدە كەنتتىكى ئاھالىلەر مەركەزلەشكەن جايىدا بۇ پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىكى ئىقتىدارلىقلىرىنىڭ ئۆيىدە «پارتىيە پائالىيەت مەركىزى» قۇرۇپ بېرىش بىلەن ئەتراپتىكى كەنت ئەزالىرىنى بۇ يەرگە توپلاپ، مەزكۇر پارتىيە ئەزالىرى ئارقىلىق كەنتىكى ئۇيغۇرلارغا كاللا يۇيۇش ئېلىپ بارغان. بۇ ئۇسلۇب قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى يېزا-بازارلارغا كېڭەيتىلگەن.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مائارىپىنى يوچۇق قالدۇرماي خىتايلاشتۇرۇش قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە ئەڭ كۈچلۈك رەۋىشتە ئېلىپ بېرىلغان. يەنى ئاتالمىش «گۇاڭجۇلۇق تۇغقانلار» ئۇيغۇر ئېلىنى بۆلۈشىۋالغان خىتاينىڭ 19 ئۆلكە-شەھەرلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇشنى ئەڭ بۇرۇن باشلىغان ۋە سىستېمىلاشتۇرغان  «خىتاي تۇغقانلار»دىن بولۇپ قالغان.

ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ يېزا كومىتېتىغا يىغىلىپ ھەر دۈشەنبە كۈنى دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىشقا ئادەتلەنگەن كۆرۈنۈشلەردىن بىرى. 2018-يىلى 30-ئاپرېل.  قەشقەر.
ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ يېزا كومىتېتىغا يىغىلىپ ھەر دۈشەنبە كۈنى دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىشقا ئادەتلەنگەن كۆرۈنۈشلەردىن بىرى. 2018-يىلى 30-ئاپرېل. قەشقەر.
xjdx.gov.cn

ھەممىگە مەلۇمكى، ھەرقانداق بىر مىللەت ئالدى بىلەن ئۆز ئانا تىلىدا ئويلايدۇ ۋە تەپەككۇر قىلىدۇ. ئانا تىلىغا پىششىق بولماي تۇرۇپ، باشقا تىلنى ئۆگىنىش تەسكە توختايدۇ. ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر مائارىپىنى يوقىتىشنى ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىش بىلەن ئېلىپ بارماقتا. بىر تىلنىڭ يوقىلىشى ئەمەلىيەتتە بىر مىللەتنىڭ يوقىلىشى، شۇنداقلا شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادىلەپ تۇرغان مىللىي مەدەنىيەت بىلەن ئۇنى تىرەپ تۇرغان زېمىننىڭ يوقىلىشىدۇر. تىل ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ ئومۇمىي تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مىللەتنىڭ تىلى ئۇنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن بۈگۈنىنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدۇ. مىللىي مائارىپ شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى يەتكۈزىدۇ. ئالماشتۇرىدۇ ۋە جانلاندۇرۇپ ماڭىدۇ. شۇڭا مائارىپ بىلەن مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا ھەرىكەتچان مۇناسىۋەت مەۋجۇت. ھەر قانداق مىللەت ئۆزىنىڭ تەسۋىرى سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە ناخشا مۇزىكا، ماقال ـ تەمسىل، ئىدىئوم، رىۋايەت، تىياتىر، ھېكايە، رومانلارغىچە بارلىق يېزىق شەكلىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئۆزىنىڭ ئېتىقادى، ئىشەنچى، ئارزۇ ـ ئارمانلىرىنى تىل بىلەن جەملەپ چىقىدۇ. تىلنىڭ يوقلىشى پەلسەپىنىڭمۇ يوقىلىشنى تېزلىتىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، مائارىپ ۋەيران قىلىنسا، مىللەت ئەنئەنىسىنىڭ ئۈزۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ماھىيەتتە بىر پۈتۈن مىللەت گەۋدىسىدە قەلبنىڭ يەڭگۈشلىنىشىگە، ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنىڭ خىتاي كىملىكىگە ئالمىشىشىغا يوچۇق ئاچىدۇ.

بىر مىللەت مائارىپنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئالغا باسىدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ، قۇدرەت تاپىدۇ. ئەمما بۈگۈن ئۇيغۇر مائارىپى مىسلىسىز زور خىرىسلاردا جان تالاشماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىگە، مىللىي مەۋجۇتلۇقىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ خىتايلاشتۇرۇلۇشى، پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى كۈچلۈك ئەندىشىگە سالماقتا. بۇنداق بىر ئەھۋالدا ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ كەلگۈسىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟

بىزگە ئۈمىد بېرىدىغان ئەڭ مۇھىم نەرسە شۇكى، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۈچۈن تۈرلۈك ۋاستىلەرنى قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلۇق روھىنى يوقىتىشنىڭ ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەسلىكى بىلىنمەكتە. ئۇزۇن تارىخ ئېقىمىدىكى تۈرلۈك مەدەنىيەت، ئېتىقاد ۋە ئىدىيەلەر دولقۇنىدا، شۇنداقلا سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي كرىزىسلاردا ئۇيغۇرلار ئۆز مىراسلىرىنى يىراق ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگە ئۇلاشتۇرالىغان ۋە ئىزچىللىققا ئىگە قىلىپ كەلگەن خەلقتۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئۇلىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە بولغانلىقى، تارىختىكى ھېچ بىر ۋاقىتتا بۇ ئاساسنى ئۈزۈپ قويمىغانلىقىدەك رېئاللىق، خىتايدىكى 56 مىللەت ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تاكى بۈگۈنگە قەدەر مۇكەممەل شەكىلدە ساقلىنىپ قالغانلىقىنىڭ ئاساسسىدۇر. ھەتتا ۋەتەن سىرتىدىكى تۈرلۈك ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ساقلاش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشتا تىل ۋە مائارىپنىڭ ئەھمىىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتمەكتە. گەرچە خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇشنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر ۋاستىسى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل مەجبۇرلاش ئەكسىچە ئۇيغۇر خەلقىگە مەۋجۇتلۇقنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇرماقتا. شۇنىسى ئېنىقكى، مەيلى ۋەتەن ئىچىدە بولسۇن ياكى سىرتىدا بولسۇن، ئۇيغۇرلار مەۋجۇتلا بولىدىكەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مائارىپنى ۋەيران قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش مەقسىتى ئەسلا ئىشقا ئاشمايدۇ. 

***

بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.