«قىياق قۇدۇق» قۇمتۇراسى ھەققىدە خىتاي نېمە دەيدۇ؟

0:00 / 0:00

2022-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى، خىتاي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى لوپنۇر ناھىيەسىگە جايلاشقان قىياق قۇدۇق خارابىسىنى 2021-يىللىق «مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش» نەتىجىسىنى ئىچىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاش دەپ ئېلان قىلىدۇ. شۇندىن ئېتىبارەن، خىتايدىكى ھەرقايسى چوڭ ئاخبارات ئورۇنلىرى ۋە تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ كەلمەكتە. 2021-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى قىياق قۇدۇق خارابىلىىقى ھەققىدە زور مەبلەغ ۋە كۈچ ئاجرىتىپ، «قۇم بارخانلىرى ئاستىدىكى خەزىنە» ناملىق چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەن ۋە بۇ فىلىم پۈتۈن خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى قاپلاپ، خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاساسلىق قاناللىرىدا تارقىتىلغان.

خىتاي ئارخېئولوگىيە ساھەسى قىياق قۇدۇق خارابىسىنىڭ ئەسلىدە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سەددىچىن سېپىلى بىلەن بىر تۇتاش قىلىپ ياسالغان ماياك مۇنارى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. خىتاي مەتبۇئاتلىرى مەزكۇر قۇمتۇرانىڭ تارىختا ھەربىي ئالاقە سىستېمىسىدىكى قەدىمكى خەۋەرلىشىش ۋە مۇھاپىزەت سۇپىسى رولىنى ئۆتىگەنلىكىدىن ئىبارەت سەپسەتىنى بازارغا سېلىش ئارقىلىق، مەزكۇر ماياك مۇنارى تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەركىزىي ھاكىمىيەت ئاستىدا رايونلارنى بۆلۈپ باشقۇرۇش، چېگرا رايونلارنى كونترول قىلىشنى مۇستەھكەملەش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بەلگىسى ۋە تەدبىرى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ كۆرسىتىدۇ.

خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى يەنە ماياك مۇنارى تەسىس قىلىنغان جايلارنىڭ ھەممىسى «ئۇلۇغ تاڭ سۇلالىسىنىڭ قۇدرىتىنىڭ نامايەندىسى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئىزچىل تۈردە ئەتراپتىكى كۆپ مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن بەرپا بولغانلىقىنىڭ ئىسپاتى» ۋە «خىتاينىڭ ھاكىمىيەت كۈچىنىڭ سىمۋولى» دەپ داۋراڭ سالماقتا.

«شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە ئىدارىسى» 1989-يىلى 2-قېتىملىق مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ، كۆنچى دەرياسى ئېقىنىدىكى رايونلاردا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىشنى باشلىغان بولۇپ، 2019-يىلىدىكى تەكشۈرۈشتە بۇ جايدىكى ماياك مۇنارى لىنىيەسىنىڭ شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان جەمئىي 11 دانە ماياك مۇنارىدىن تەركىب تاپقان بىر سىستېما ئىكەنلىكىنى جاكارلايدۇ.

ھالبۇكى، 2019-يىلى قىياق قۇدۇق قۇمتۇراسى خارابىلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم بايقىلىشى بولماستىن، ئىلگىرى سۋېن ھېدىن، ئاۋرېل سىتەيىن قاتارلىق بىر قىسىم غەربلىك ئارخېئولوگلار ۋە ئېكسپېدىتسىيەچىلەر 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ بۇ جايدا ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ۋە ئىزدىنىشلەردە بولغانىدى. ئەنگلىيەلىك ئارخېئولوگ ئاۋرېل سىتەيىن 1907-يىلى ۋە 1914-يىلى، بۇ جايدا خېلى چوڭقۇر ئىزدىنىشلەردە بولغان بولۇپ، بىرقانچە قۇمتۇرالارنى قىدىرىپ تەكشۈرگەن ۋە بىر قىسىم فوتو سۈرەت، خەرىتىلەرنى قالدۇرغان. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي تەتقىقاتچىلىرى سىتەيىن سىزغان خەرىتىنى ئىنكار قىلىپ، مۆجىزە كەبى بۇ بايقاشلار نەتىجىسىدە ئون نەچچە ئەسىر قۇم بارخانلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان نەچچە يۈزلىگەن خىتايچە خەتلىك يازما يادىكارلىقلارغا ئېرىشكەنلىكىنى خەۋەر قىلىدۇ.

قىياق قۇدۇق خارابىلىقىنىڭ قايتا ئوتتۇرىغا چىقىشى، توساتتىنلا نەچچە يۈز پارچە يازما يادىكارلىقنىڭ تېپىلىشى، ئىلگىرىكى چەتئەل ئارخېئولوگلىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنىشى ۋە ئاخىرىدا قىياق قۇدۇق خارابىلىقىنىڭ تارىختىمۇ خاتىرىلەنمىگەن تاڭ سۇلالىسىگە تەۋە ماياك مۇنارى دەپ يەكۈن چىقىرىلىشىغا ئوخشاش بىر قاتار تەپسىلاتلار قىياق قۇدۇق قۇمتۇراسىنىڭ خىتاي مۇتەخەسىسلىرى ئېيتقىنىدەك تاڭ سۇلالىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئەسلىھە بولغانلىقى كىشىنىڭ گۇمانىنى قوزغايدۇ.

ئاۋرېل سىتەيىن 1907-يىللىرىدىلا مەزكۇر ماياك مۇنارى ۋە خىتاينىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى توغرىلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزگەنىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا تارىم ئويمانلىقىدا شۇ ۋاقىتلاردىكى خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇ جايلارغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن كىچىك بىر ھەربىي گارنىزونى بولغان بولۇپ، ئاساسلىقى ھونلار ۋە تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى بىر قىسىم چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ۋە ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن خىتاينى باغلاپ تۇرىدىغان ئېغىز ئورنىدا خىزمەت قىلغانىكەن. ھالبۇكى، خىتاينىڭ سۇلالە پۈتۈكلىرى ياكى يىلنامىلىرىدە خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك قۇۋۋىتىنىڭ بەلگىسى بولغان بۇ لىنىيەنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ئائىت ھېچقانداق خاتىرە قالدۇرۇلمىغانلىقى مەلۇم.

ئاۋرېل سىتەيىننىڭ قارىشىچە، خىتايلار بۇ كىچىك گارنىزوندىكى ئەسكەرلەرنى كېيىنچە مۇستەملىكىچىلەرگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت سىستېمىلىق پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن خېلى ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەشتىن باشقا كۆپ تەرەققىي قىلالمىغان. تېپىلغان خىتايچە يازما خاتىرىلەر ۋە ماددىي بۇيۇملار خىتاي گارنىزونىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، يېمەك-ئىچمەك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدىغانلىقى، كىيىم-كېچەك ۋە دۇبۇلغا-ساۋۇت، ئوقيا قاتارلىقلارنىڭ باش مەركەزدىن تەمىنلەپ بېرىلىدىغانلىقىنى دەلىللەپ بېرىدۇ. يازما يادىكارلىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەسكەرلەرگە قەرەللىك تۈردە ئوقيا تارقىتىلىپ بېرىلىدىغانلىقى، ئوقيالارنىڭ تەمىنلىگۈچىسىنىڭ خۇنەندىكى بىر ئىشلەپچىقىرىش ئورنى ئىكەنلىكى شۇنىڭدەك بۇ ئورۇننىڭ ئىسمى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈن تەرتىپلىرى ھەققىدىكى بايانلار بۇنىڭ ھەربىي گارنىزون بولۇپ، ھەرگىزمۇ مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى ئەمەسلىكىگە پاكىت بولالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر خىتاي ئېيتقاندەك بۇ ماياك سۇپىسى تارىم ئويمانلىقىدىكى رايونلارنىڭ تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى رايونلار ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى بولسا ۋە تاڭ سۇلالىسى بىر تۇتاش باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولسا، ئەسكەرلەرنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ۋە ھەربىي ئەشيالىرىنى يىراق جايلاردىن ئەكەلدۈرۈپ يۈرمەيتتى، ئەكسىچە تارىم ئويمانلىقىدىكى يەرلىك مەھسۇلاتلارنى قوللانغان بولاتتى.

خىتاينىڭ قىياق قۇدۇق خارابىسىنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈشى تارىخىي پاكىتلارغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس دەپ ھېسابلاش مۇمكىن. قىياق قۇدۇق خارابىلىكى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئورنى ھەققىدە ئىلگىرى ئىلىم ساھەسىدە ئىزاھات بېرىلىپ بولغان پاكىتلار مەۋجۇتتۇر، شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ سەپسەتىسى ھەرگىزمۇ دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنى قايىل قىلالمايدۇ. خىتاينىڭ قىياق قۇدۇق سەپسەتىسىنى بازارغا سېلىشىنىڭ ماھىيىتى بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە تارىختىكى مۇستەقىللىقىنى ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەت.

2017-يىلى 4-ئايدا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنى نىشان قىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن باشلانغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئارخېئولوگىيە ۋە ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئارخېئولوگىيەلىك «بۆلگۈنچىلىك» كە قارشى تۇرۇشنىڭ سىياسىي نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى» دىن ئىبارەت ئىدىئولوگىيەسىگە خىزمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، ئەڭ ئالدى بىلەن تارىخىي پاكىتلارنى يوق قىلىپ ياكى بۇرمىلاپ، ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان بارلىق ماددىي ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى ئۆزىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىگە باغلاش ئۈچۈن ئىشنى ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلار ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا خىتاي تامغىسى بېسىشتىن باشلىماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ھازىر ئۇيغۇرلار «جۇڭخۇا مىللىتى»، «تارىختىن تارتىپ ئۇيغۇرلار مۇستەقىل دۆلەت قۇرمىغان،» «قەدىمدىن تارتىپلا مەركىزىي ھۆكۈمەتكە تەۋە بولغان»، «شىنجاڭ ئەزەلدىنلا خىتاينىڭ بىرقىسمى» دېگەنلەرنى كۈچەپ تەشۋىق قىلماقتا. شۇنىڭدەك «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» ئېڭىنى سىڭدۈرۈش ۋە كۈچەيتىشكە ھەرىكەت قىلماقتا.

قىياق قۇدۇق خارابىلىقى ۋە خىتايلارنىڭ ئۇنى خىتاي تارىخىغا باغلاپ تەشۋىق قىلىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە ئستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمىدىن ئىبارەت.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.