قىزىمنىڭ سوئالى: ئۇيغۇر قانداق بولىدۇ؟

0:00 / 0:00

پەرزەنتلەردە ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنى قانداق يېتىلدۈرۈش، ئۇيغۇرلۇقنى قانداق ساقلاش ۋە قانداق نامايان قېلىش مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ھالقىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى. كۆزىتىشلەرگە قارىغاندا، بۇ مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلالمىغان بىرىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ چەتئەللەردە مۇسۇلمان مىللەتلەر بىلەن قۇدا-باجا بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

1980-يىللاردىن كېيىن مۇساپىرلىققا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئازلىقى ۋە ھەر قايسى ئەللەردىكى شەھەرلەرگە تارقاق ئورۇنلاشقانلىقى سەۋەبلىك ئۇلاردا مۇسۇلمانلىق كىشىلىكىنى ساقلاشقا قارىغاندا ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ تەس بولغانلىقىمۇ ئەمەلىيەت. 2017-يىلدىن بۇرۇن بەزى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنى ۋەتەنگە ئەۋەتىپ تىل ئۆگىتىش، ئۇلارنىڭ جۆرە تاللىشىغا پۇرسەت يارىتىپ غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى ۋەزىيەت بۇ ئىمكاننى يوققا چىقاردى.

مۇھاجىرەتتە پەرزەنتلەردە ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەپتىدە بىر قېتىملىق ئانا تىل دەرسلىرى مۇھىم، لېكىن تېخىمۇ مۇھىمى ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆگەنگەن شۇ ئانا تىلدا ھەر كۈنى ياشاش، ئانا تىلدا ئۆزىنى نامايان قىلىش، ئۇيغۇر تىلىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە تولۇق ياشاش ئارقىلىق سىڭدۈرۈش تېخىمۇ مۇھىم، ئەمما بۇمۇ يېتەرلىك ئەمەستەك قىلىدۇ.

يېقىندا ئۆيىمىزگە بىر نورۋېك ئايال مېھمان بولۇپ كەلدى. يەتتە ياشقا كىرگەن قىزىم ئۇيغۇرىيە ئۇنىڭ بىلەن نورۋېكچە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، -سەن مۇسۇلمانمۇ ياكى نورۋېكمۇ؟-دەپ سورىدى، ئاندىن ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى، ھېيت كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مۇسۇلمان قوشنىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن ئوينىغانلىقىنى، چۈشتىن كېيىن بارلىق مۇسۇلمانلار يىغىلىپ، تاماق يېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.

مېھمان كەتكەندىن كېيىن قىزىمغا مىللتىنىڭ ئۇيغۇرلۇقى، دىنىنىڭ ئىسلاملىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەردىم. ئەمما قىزىم مىللەت، دىن دېگەن سۆزلەرنى ياخشى چۈشەنگىلى ئۇنىماي، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىدا چىڭ تۇردى. ئۇنىڭغا نورۋېك دېگەن ئۇقۇمنىڭ مىللەت نامى ئىكەنلىكى، بۇنىڭ قارشىسىنىڭ ئۇيغۇر بولىدىغانلىقىنى، ئەگەر بىرى ئۆزىنى خرىستىئان دەپ تونۇشتۇرۇپ قالسا، ئۇنىڭغا ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ تونۇشتۇرسا بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردۈم. ئۇنىڭغا دىن، مىللەت دېگەنلەرنىڭ پەرقىنى شۇنچە چۈشەندۈرۈپمۇ، مىسال ئېلىپ يېشىپمۇ ھېس قىلدۇرۇپ بولالمىدىم. ئۇ ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇپ: -مۇسۇلمان ھالال يېمەكلىك يەيدۇ، روزا تۇتىدۇ، ناماز ئوقۇيدۇ، ھېيت قىلىدۇ، ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلار نېمە قىلىدۇ؟ قانداق ئادەم ئۇيغۇر بولىدۇ؟-دەپ سوئال قويدى.

بۇ سوئاللارغا قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلەلمىدىم. ئاخىرى ئۇنىڭغا: «قولىدا كۆك بايرىقى بولغان، ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان، ئانا تىل مەكتىپىگە بارىدىغان، 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەيدىغان، نورۇز ئوينايدىغان، خىتايغا قارشى نامايىشقا چىقىدىغان، ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنى ئۇيغۇر دەيمىز،» دەي دەپ ئويلاپمۇ توختاپ قالدىم. ئۇنداق دېسەممۇ توغرا بولمايدىكەن، بۇ ھالدا ئەتراپىمدىكى يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر چوڭلارنى ۋە بالىلارنى ئۇيغۇر ئەمەس دېگەن بولىدىكەنمەن. ئەگەر بۇ شەرتلەرنى قويمىسام، ئۇيغۇر بىلەن مۇسۇلماننىڭ پەرقىنى قانداق چۈشەندۈرىمەن؟ قىزىم ھەر كۈنى ھالال تاماق يەيدىغان، ھېيت كۈنى چۈشتىن بۇرۇن چىرايلىق كىيىملەرنى كىيگەن سومالىلىق قىز بىلەن ئوينىغان، چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇر ئۆيىگە بېرىپ ھېيت ئۆتكۈزگەن، رامازان تۇتقىنىمىزنى كۆرگەن تۇرسا بىز ئۇنىڭغا شۇ مۇسۇلمانلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بىرەر ئىشنى قىلىپ كۆرسىتىپ قويمىغان تۇرساق!

قىزىمنىڭ مېڭىسىدە ئۆزىنى مۇسۇلمان، ‍ئۆزىدىن بولمىغانلارنى نورۋېك دەپ ئايرىشى ‍ئۇقۇمنىڭ دائىرىسى جەھەتتىن توغرا بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ شۇ يېشىدا «بىز ۋە ئۇلار» دېگەن ئوينىڭ شەكىللىنىشى تەبىئىي ئىدى. ئۇنىڭ يەتتە ياشلىق دەۋرى مۇشۇلارنى ئويلايدىغان، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بېكىتىشكە باشلايدىغان ۋاقتى ئىدى. نورۋېگىيەدىلا ئەمەس، غەربتە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇر بالا «بىز ۋە ئۇلار» دەپ ئايرىشنى باشلىغاندا، ئۆزى ياشاۋاتقان رېئاللىققا ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. بىز غەربلىك يەرلىكلەرگە ئوخشاش مىلاد بايرىمى ئۆتكۈزمەيمىز. ماگېزىنلارغا كىرسەك بالىمىزغا يېمەكلىكلەرنىڭ ھالال ھاراملىقىنى ئايرىشنى جېكىلەيمىز. تاماقلانساق ئافغان، تۈرك ياكى ئىرانلىقنىڭ تاماقخانىسىغا بارىمىز، تاماقنىڭ بەزى خۇرۇچلىرىنى ۋە گۆشنى مۇسۇلمانلارنىڭ دۇكىنىدىن ئالىمىز. ئۇنداقتا، بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بارلىق مۇسۇلمانلاردىن پەرقلىق، ئۇيغۇرغىلا خاس نېمە ئىش قىلىمىز؟ پەرزەنتىمىزگە ۋە ئۆزىمىزگە يېمەكلىك، كىيىنىش ۋە ياشاش ئۆلچەملىرىدە تەكىتلەيدىغانلىرىمىز بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئورتاق تۇرسا، بالىمىزنىڭ مىللەتنىڭ قارشىسىغا مۇسۇلمانلىقنى قويۇشىنى، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلمەي مۇسۇلمانلىق كىشىلىكنى تەكىتلىشىنى توغرا چۈشىنىش كېرەكتە!

بىر ئۇيغۇر شەرقى تۈركىستاننىڭ دۆلەت بايرىمىغا كەلمەسلىكى مۇمكىن، ئانا تىل كۈنىنى تەبرىكلىمەسلىكى ۋە نامايىشقا بالىلارنى ئېلىپ بارماسلىقى مۇمكىن ئىكەن، ئەمما ئىككى ھېيتقا پەقەت تەييارلىق قىلماسلىقى، ئۆتكۈزمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئەمما سىز ئۆتكۈزۈۋاتقان قۇربان ھېيتنى ئەرەب قوشىنىڭىزمۇ ئۆتكۈزىدۇ، سىز تۇتقان روزىنى سومالىلىق دوستىڭىزمۇ تۇتىدۇ. روزى ھېيت نامىزىغا تۈرك مەسچىتكە پەرزەنتىڭىزنى ئېلىپ بارىسىز. شۇنىڭ بىلەن بالىڭىز ئۆزىنىڭ سومالى، ئەرەب ۋە تۈركلەر بىلەن ئورتاقلىقىنى-مۇسۇلمانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ.

كۆزىتىشىمچە، مۇھاجىرەتتە مىللىي بايرام بولغان نورۇزدىن دىنىي بايرام بولغان قۇربان ھېيت ۋە روزا ھېيتقا بېرىلىدىغان ئەھمىيەت بەكرەك كۈچلۈك ئىكەن. ئادەتتە نورۇز، ئانا تىل بايرىمى ۋە دۆلەت بايرىمىمىزغا قاتناشمايدىغان ئۇيغۇرلار بۇ ئىككى ھېيتتا ئۇيغۇر سورۇنلىرىغا چوقۇم داخىل بولىدىكەن. مانا بۇ نېمە ئۈچۈن غەربتە چوڭ بولغان ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلارنىڭ مۇسۇلمانلىق كىشىلىكىنى ئۇيغۇرلۇق كىملىكىدىن موھىمراق بىلگەنلىكىنىڭ مەنبەلىرىنىڭ بىرى.

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ھاياتىمىزنىڭ دۇنيادىكى ئىككى مىلياردتىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدىن ھېچ پەرقسىز ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلساق، پەرزەنتلىرىمىزدە سۇسلاۋاتقان، ئەمما بىز يوقىتىشنى زىنھار خالىمايدىغان ئۇيغۇر كىملىكىنى پەرۋىش قىلىش ۋە كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە ئويلىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. مەنمۇ شۇنى ئويلىنىپ باقتىم.

مېنىڭچە، پەرزەنتىمىزدە ئۇيغۇر كىملىكى يارىتىش جەريانىمىز، ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرلۇقى ھەققىدە ئويلىنىش، ئۆزىمىزنى قايتىدىن بىر لاياقەتلىك ئۇيغۇر قىلىپ چىقىش جەريانى بولۇشى مۇمكىن. ئۆزىمىز مۇكەممەل ئۇيغۇرلۇققا قەدەم قويماي تۇرۇپ، ئۇيغۇرنىڭ دۈشمىنىگە دۈشمەن، دوستىغا دوست بولماي، ئۇيغۇر يىغلىغانغا يىغلاپ، قايغۇرغانغا قايغۇرۇپ، كۈلگەنگە كۈلمەي تۇرۇپ، پەرزەنتىمىزنى ئۇيغۇر قىلىپ چىقالمايمىز.

پەرزەنتىمىزدە ئۇيغۇرغا خاس كىملىك يېتىلدۈرمەكچى بولساق، ئانا تىل دەرسلىرىگە ئېلىپ بارغاندىن باشقا، مېنىڭچە دۆلەت بايرىمىمىزنى، نورۇزنى ۋە ئانا تىل بايرىمىنى خۇددى ئىككى ھېيتىمىزغا تەييارلىق قىلغاندەك تەييارلىق قىلىپ، بالىلارغا بايراملىق كىيىم ئېلىپ بېرىپ، شۇ دۆلەت ياكى شەھەردىكى بارلىق ئۇيغۇرلار بىر يەرگە يىغىلىپ، پەقەت ئامالسىزلىقتىن يىغىلالمىغان تەقدىرىدە پەرزەنتلەرنى بىرەر ئالاھىدە يەرلەرگە ئېلىپ بېرىپ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك ئىكەن.

بالىلاردا ئۇيغۇرلۇق سۆيگۈسى ئۇرغۇتماقچى بولساق ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتېلى ئەپەندى، مۇھەممەتئىمىن بۇغراغا ئوخشاش قەھرىمان ئەجدادلارنىڭ تۇغۇلغان ياكى قەتلى قىلغان كۈنلىرىنى مىللەت بويىچە ئەسلىشىمىز، شۇ كۈندە بالىلارغا ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىنى، ئىش-ئىزلىرىنى ئۆگىتىش، ئەسەرلىرىنى ئوقۇتۇش، ھايات يولىنى چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك ئىكەن. بالىلارغا ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى، پەرھات تۇرسۇن قاتارلىق تۇتقۇن سەرخىللارنىڭ ئەسەلىرىنى ئوقۇتۇشىمىز ۋە شۇلارغا ئوخشاش يولباشچىلارنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرگۈزۈپ، نامايىشلارغا بىللە ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك.

بالىلارنىڭ قەلبىدە ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنى يىلتىزلاتماقچى بولساق، ئۆلۈم-يېتىم ۋە توي-تۆكۈنلەرگە بالىلارنى چوقۇم ئېلىپ بېرىپ بالىلارغا ئانا تىلدا سۆزلەش، ئۆزىنىڭ شاتلىق ۋە قايغۇلىرىنى ئانا تىلدا ئىپادىلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك ئىكەن. تويدا ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئويناپ، ئۆلۈمدە ئۇيغۇرچە دۇئا قىلىشنى، ھازا قوشاقلىرىنى ئېيتىشنى ئۆگىتىش زۆرۈر ئىكەن.

مۇھاجىرەتتە مەشرەپلەرنىڭ داۋام قىلىۋاتقىنى ئەمەلىيەت، ئەمما كۆزىتىشىمچە بۇ ئاساسەن ۋەتەندىكى قاتار چاينىڭ ئۇسلۇبىدا ئەرلەر ئايرىم، ئاياللار ئايرىم ئۆتكۈزۈلىدىكەن. مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق سورۇنلارغا بالىلارنى تەكلىپ قىلىش، ئۇلارغىمۇ مەشرەپنى قانداق ئويناشنى ئۆگىتىش، مۇمكىن بولغان دائىرىدە بىر بالىلار مەشرىپى تەشكىللەشنىمۇ ئويلىشىپ بېقىشقا بولىدىكەن. ئۇندىن باشقا مۇشۇنداق مەشرەپلەر ئاساسىدا بالىلار سەنئەت ئۆمىكى، بالىلار پۇتبول كوماندىسى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ يېقىن دۆلەتلەر ئارا مۇسابىقە قىلىش قاتارلىقلارنىمۇ ئويلىشىپ باقساق، بالىلارنىڭ ئۇيغۇرغا دوستلۇقى كۈچىيىدۇ.

خىتايدەك دۇنيانىڭ ئىككىنچىسى بولۇۋاتقان بىر زوراۋان دۆلەت يوقاتماقچى بولغان ئۇيغۇر ھەرگىزمۇ ئاجىز مىللەت ئەمەس، دۇنيا تارىخىدا ھېچ بىر دۇنياۋى كۈچ ئۆزىگە دۈشمەن بولۇشقا ئەرزىمەيدىغان زەئىپ بىر مىللەتكە ھۇجۇم قىلمايدۇ. خىتاينىڭ بۇ قېتىم ئۇيغۇرنى ئۆزىگە تەھدىت دەپ قاراپ يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشى ئۇيغۇرنىڭ نەقەدەر مۇھىم، كۈچلۈك ۋە ئىستىقباللىق بىر مىللەت ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلۇقى رەڭگارەڭ، مول ۋە كۈچلۈك مەدەنىيىدە. ئەگەر بىز قانداق ئۇيغۇر بولۇش ۋە پەرزەنتلىرىمىزگە قانداق ئۇيغۇرلۇقنى سىڭدۈرۈش ھەققىدە باش قاتۇرساق، نۇرغۇن يېڭىچە يوللارنى تېپىپ چىقالايمىز. ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆزىمىز تونۇپ، ئۆزىمىز سۆيسەك، بالىلارغا ئۆگەتسەك ۋە بالىلار ئارقىلىق مەھەللىگە، مەكتەپكە، جەمئىيەتكە سۆيدۈرەلىسەك، كۈرەشنىڭ موھىمىنى قىلغان بولىمىز. بۇلار ھەر بىر ئۇيغۇر، ھەر قانداق ۋاقىتتا قىلالايدىغان، ھەممەيلەنگە ماس كېلىدىغان بىر يولدۇر.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.