يوقىلىش گىردابىدىكى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ھۈنەر-كەسىپلىرى (2): كىگىزچىلىك
2023.04.14
ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىكىدە كىگىزچىلىك ئالاھىدە ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن. كىگىزچىلىك گەرچە كۆپلىگەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىگە تەۋە بولغان قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپى بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ كىگىزچىلىك ھۈنەر-سەنئىتى تۈرىنىڭ كۆپلۈكى، رەڭدارلىقى شۇنداقلا ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت قاتلىمىنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىلەن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرنى شەكىللەندۈرگەن.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىگىزچىلىك تارىخى توغرىسىدا ئېنىق يازما مەنبەگە ئىگە بولمىساقمۇ، ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلار بىزگە كىگىزچىلىك كەسىپىنىڭ ئىپتىدائىي چارۋىچىلىق دەۋرىدىلا بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. لوپنۇر رايونى تەۋەسىدىكى كروران قەدىمىي خارابىلىقىدىن تېپىلغان ئايال جەسەتنىڭ بېشىغا قارامتۇل قوي يۇڭىدىن تەييارلانغان ئۇچلۇق كىگىز بۆك كىيگۈزۈلگەن بولۇپ، بۆكنىڭ سول يېنىغا ئىككى تال قۇش پېيى قىستۇرۇلغان. ئارخېئولوگلار دەسلەپتە بۇ جەسەتنىڭ يىل تارىخىنى بۇندىن 6400 بۇرۇنقى دەۋرگە توغرا كېلىدۇ دەپ ھۆكۈم چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىنچە خىتاينىڭ نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى «كرورەن گۈزىلى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ جەسەتنىڭ يىل دەۋرىنى قىسقارتىپ، 3800 يىلدىن 4000 يىل ئەتراپىدا دەپ ئېلان قىلغان.
تارىم دەريا ۋادىسى ۋە تۇرپان، كۇچا قاتارلىق جايلاردىنمۇ تارىخى ئەڭ ئاز بولغاندا 3000 يىلدىن ئاشىدىغان كىگىز پارچىلىرى، كىگىز بۆك، كىگىزدىن تىكىلگەن پىيما، كىگىز قاپچۇق ۋە كىگىز توقۇم قاتارلىق تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش بۇيۇملىرى تېپىلغان. بۇ پاكىتلار بىزگە ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىكى ئورتاقلىقنى، شۇنداقلا تەڭرىتاغ ۋادىسىدىكى چارۋىچى خەلقلەر بىلەن تارىم ۋادىسىدىكى بوستانلىق خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت يىتلىزداشلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئەلۋەتتە.
كىگىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئورنى ۋە رولى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۆي سەرەمجانلىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىيالى بولۇشتىن باشقا يەنە توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يىتىم قاتارلىق ئۆرپ-ئادەت ھەمدە مۇراسىملاردا كەم بولسا بولمايدىغان ئائىلە جابدۇقى بولۇپ كەلگەن. كىگىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت، سېتىش ۋە قوللىنىش جەريانى نۇرغۇن مەسلەكلەرگە ۋە مەدەنىيەت ھادىسىلىرىگە چېتىشلىق بولۇپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش رولىدىن باشقا يەنە كىگىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدىكى ئىجتىمائىي رولىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. كىگىزچىلىك كەسپى يەككە بىر ھۈنەر-سەنئەت بولۇپلا قالماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، بوياقچىلىق، توقۇمىچىلىق، بىناكارلىق ۋە سودىگەرچىلىك قاتارلىق نۇرغۇن كەسىپلەر بىلەن زىچ باغلانغان.
ئۇيغۇرلاردىكى كىگىزچىلىك كەسپىدە ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك مەشغۇلاتلار، كەسىپكە ئائىت ئەسۋابلارنىڭ ئىسمى، رولى شۇنداقلا كىگىزچىلىكنىڭ ئەخلاق-ئەركانلىرى، سۈننەت-ۋاجىپلىرى «كىگىزچىلىك رىسالىسى» ۋە «كىگىزچىلىكنىڭ بايانى» قاتارلىق يازما ۋەسىقىلەردە ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلگەن. بۇ يازما ماتېرىياللاردىن مەلۇمكى، كىگىزچىلىك ئاساسەن قوي يۇڭىنى خام ئەشيا قىلىدۇ، كىگىز ئېتىشتە تەييارلىق باسقۇچى، يۇڭ سېلىش باسقۇچى، خامداش باسقۇچى ۋە پىشۇرۇش باسقۇچىدىن ئىبارەت تۆت باسقۇچنى بېسىپ ئۆتىدۇ. ھۈنەرۋەن ئۇستىلار رەڭلىك كىگىزلەرنى بوياشتا پۈتۈنلەي تەبىئىي ۋە مېنىرال بوياق ماتېرىياللىرىنى قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن.
كىگىز ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ھۈنەر-سەنئەت، ئۆي بېزەكچىلىكى ۋە گۈزەللىك قاراشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان مۇھىم ماددىي مەدەنىيەت نەمۇنىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مەھمۇد كاشىغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىدا كىگىز مەھسۇلاتلىرى ۋە كىگىزنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە تەپسىلىي ئىزاھات بەرگەن بولۇپ، قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە قەشقەردىن چىقىدىغان «كىمىشكە» دەپ ئاتىلىدىغان گۈللۈك پالازنىڭ ئۆز زامانىسىدا مەشھۇر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. قاراخانىلار دەۋرىدىن كېيىنكى ئۇزاق تارىخىي جەريانلاردىمۇ كىگىز ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن. خەلق ئىچىدە كىگىزچىلىككە ئائىت نۇرغۇنلىغان ھۈنەر-كەسپ تەزكىرەلىرى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا تارقىلىپ ۋە داۋاملىشىپ كەلگەن. ياقۇپبەگ قۇرغان قەشقەرىيە دۆلىتى (يەتتەشەھەر دۆلىتى)گە ئەلچىلىككە كەلگەن رۇس دىپلوماتى ئا. ن. كروپاتكىننىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، 1876-يىللىرى قەشقەرىيەنىڭ چاررۇسىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە تەڭلىمات كىگىز ئېكسپورت قىلىدىغانلىقى ۋە ئېكسپورت نىسبىتىنىڭ ناھايىتى يوقىرى بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار مەۋجۇتتۇر.
ۋەھالەنكى، يېقىنقى يېرىم ئەسىردىن بۇيان، ئۇيغۇر دىيارىدا كىگىزچىلىك كەسىپى خىرىسقا دۇچ كېلىپ، كىگىز ئىشلەپچىقىرىش دائىرىسى تارىيىش، كىگىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ سانى ئازىيىش ۋە كەسىپ ۋارىسلىرى بولماسلىقتەك ۋەزىيەتكە يۈزلەنمەكتە. گەرچە يېڭى ئىگىلىك قېلىپلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتى جەريانىدا ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ شاللىنىش ھادىسىسى مۇقەررەر يۈز بەرسىمۇ، لېكىن كىگىزچىلىككە ئوخشاش بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ھۈنەر-كەسىپلىرىنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىش قىسمىتى يەنىلا ماھىيەت جەھەتتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
كىگىزچىلىك كەسپىدە ئەنئەنىۋى كىگىزچىلىك تېخنىكىسى ۋە نۇسخىلىرىنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ساقلاش ۋە قوغداش مۇھىم دەپ قارالغاچقا، بۇ كەسىپ مەھسۇلاتلارنىڭ بازارلىشىش باسقۇچىدا كۆرۈنەرلىك تەرەققىياتلارغا ئېرىشەلمىدى. بۇنىڭدىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىل شۇكى، كىگىز ئاساسەن ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەر ياشايدىغان رايونلاردىن باشقا خىتاينىڭ ئۆلكىلىرى ۋە چەت ئەللەرگە كۆپ ئېكسپورت قىلىنمايدۇ. 2006-يىلى ۋە 2008-يىللىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىگىزچىلىك تېخنىكىسى دۆلەتلىك «غەيرىي-ماددىي مەدەنىيەت مىراسى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى كىگىزچىلىك كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىدىغانلار ۋە ئۇلارنىڭ تىجارىتى ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئېتىبارىغا ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشەلمىگەن. ھۈنەر ئۆگەنگۈچى ياشلار جەمئىيەتنىڭ ئىستېمالىدىن بارا-بارا قەپ قېلىۋاتقان كىگىزچىلىك قاتارلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسىپلىرىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاللىمايدىغان بولغان.
بۇ يەردە شۇنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈش زۆرۈركى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش»، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» بەرپا قىلىش، «ئىسلام دىنىنى ۋە مىللەتلەرنىڭ يەرلىك مەدەنىيەتلىرىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» قاتارلىق بىر قاتار سىياسىي دولقۇنلاردا، يېزا-قىشلاقلاردىكى يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر دېھقان-چارۋىچىلار ئەسلىدىكى يۇرت-ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈپ، ئاتالمىش «سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا» لارغا ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھەتتا ئۇلارنىڭ ئائىلە ھاياتىغا قەدەر قول تىقىپ، تامغا گىلەم-زىلچا ئاسماسلىق؛ كىگىز-پالاز قاتارلىق ئەنئەنىۋىي ئائىلە جابدۇقلىرىنى ئىشلەتمەسلىك؛ ئىلگىرىكى سۇپىدا ئولتۇرۇش ياكى ئۇخلاش ئادەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سافا ۋە كارىۋات قويۇش قاتارلىق ئەنئەنىۋىي تۇرمۇش مەدەنىيىتىنى تۈپتىن ئىنكار قىلىدىغان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار ھاياتىدىكى گىلەم-زىلچا، كىگىز-پالاز ۋە باشقا ئەنئەنىۋىي ئائىلە جابدۇقلىرى ئىستېمالدىن قېلىشقا، بۇلارنىڭ ئورنىغا خىتايلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتىگە خاس بولغان ئائىلە جابدۇقلىرى سەپلىنىشكە باشلىغان. قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيىتىدىكى كىگىزچىلىك ۋە باشقا ئەنئەنىۋىي ھۈنەر-كەسپلەر دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلى كېلىپ چىققان مۇقەررەر ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى سىياسەتتىكى قاراتمىلىق ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى قىرغىنچىلىق تۈپەيلىدىن ۋەيران بولۇشقا يۈزلەنگەن.
كىگىزنىڭ پۈتۈپ چىقىش جەريانىنىڭ ھەر بىر ھالقىلىرىغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئەخلاقىي قىممەت قاراشلىرى سىڭگەن. شۇڭا مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا، كىگىزچىلىكنى ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قاراشقا بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كەسىپلىرىنى يوقىتىش ۋە ۋەيران قىلىشقا قىستىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، بۇ خىل كەسىپلەر نوقۇل ھالدىكى ھۈنەر-سەنئەت كەسىپلىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ سىمۋولى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئۇيغۇرشۇناس ۋە ئانتروپولوگ دەررېن بايلېر «تېررورلۇق كاپىتالىزمى» ناملىق كىتابىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كەسىپلىرىنى يوق قىلىش سىياسىتى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ئۇيغۇرلار ئىشلەپچىقارغان يەرلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر مىللىي ئېڭى ياكى ئىسلام تەقۋادارلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئامىللار دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا ئۇلارغا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ‹مىللىي بۆلگۈنچى› ياكى ‹دىنىي ئەسەبىي كۈچ› دېگەن تامغا ئۇرۇلغان. يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ھۈنەرۋەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ شاگىرتلىرى يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلىنىش، سەرسان بولۇش، كەمسىتىلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش قاتارلىق مۇئامىلىلەرگە ئۇچراپ كەلگەن، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرى سىياسىي تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا تاشلىنىش ياكى تۇتقۇن قىلىنىش قىسمەتلىرىگە دۇچ كەلگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزىلىۋاتقان خىتاينىڭ تېررورلۇق كاپىتالىزمى، يەرلىك مەھسۇلاتلارنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.»
ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرساق، ئەنئەنىۋى كىگىزچىلىك تېخنىكىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيەدە گەرچە كىگىزچىلىك كەسىپىنىڭ تەرەققىياتى دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن مەلۇم چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ كەسپلەر يەنىلا دۆلەتنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. چۈنكى بۇ دۆلەتلەردە كىگىزچىلىك قاتارلىق ئەنئەنىۋىي ھۈنەر-كەسپلەر «دۆلەت گۆھىرى» ياكى «مىللەتنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرىدىغان ھۈنەر-كەسىپ» دەپ قارىلىپ كەلگەن. مەسىلەن، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا كىگىزچىلىك ۋە باشقا ھۈنەر-كەسپلەرگە ئائىت تەتقىقات تۈرلىرىنى يولغا قويۇش، ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن مۇزىيلارنىڭ ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە كىگىزچىلىك كارخانىلىرىغا سەپلىمە مەبلەغنى ئاشۇرۇش قاتارلىق چارە-تەدبىرلەرنى قوللانغان. بۇ ئارقىلىق كىگىزچىلىك كەسىپىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە تەرەققىياتىغا يېڭى مەزمۇنلارنى ئاتا قىلىپ، كەسىپنىڭ داۋاملىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان.
ھالبۇكى، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋىاتقان يوقىرى بېسىملىق قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ يەنە بىر تىغ ئۇچى ئۇيغۇر كىملىكىنى نامايان قىلىدىغان مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى ۋە مىللىي ھۈنەر-كەسپلەرگە قارىتىلماقتا.
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغانلىرى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ۋەيران قىلىش، ئۇيغۇر ئۆي-ئىمارەتلىرىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇھىتنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى بولماقتا. يەنى رايوندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەتتا ئۆيلىرىنىڭ سەرەمجانلاشتۇرۇلۇشى، ئۆي جاھازلىرىنىڭ تاللىنىشىغىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويتىچە لايىھەلىنىشى تەلەپ قىلىنماقتا. ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ئۆيلەر چېقىلىپ، ئۇيغۇر مىمارچىلىقىغا خاس بولغان پېشايۋان، ھويلا، سۇپا، مېھراب، ئويۇق-تەكچە قاتارلىق قۇرۇلمىلار يوق قىلىنماقتا. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، كىگىز، گىلەم قاتارلىق ئۆي بىساتلىرىمۇ يوقىتىلماقتا. تاملارغا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقى ياكى شى جىنپىڭنىڭ سۈرىتى ئاسقۇزۇلماقتا. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرىنى «ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، زامانغا لايىقلاشتۇرۇش» دەپ پەردازلاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئېڭىنىڭ ئويغىنىپ كېتىشىدىن ھەرۋاقىت ئەنسىرەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت قورقۇنچىنى يوشۇرۇپ قالالمىدى، ئەلۋەتتە.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ خىتابنامىسىدە «مەلۇم بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ھالدا يوقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنۇش قىلمىشى، ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا تەھدىت يەتكۈزۈش ھەرىكىتىدۇر» دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن، شۇنداقلا بۇ خىل ھەرىكەتنىڭ خەلقئارا قانۇن ماددىلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكى ياكى ئىنسانىيەت ئورتاق پىرىنسىپلىرىغا قارشى جىنايەت ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. شۇڭا دۇنيا جامائەتچىلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ھۈنەرۋەنچىلىك كەسىپلىرىنى يوقىتىش قىلمىشىغا قارشى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىشى ئۈچۈن تېگىشلىك خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.