«قۇتادغۇ بىلىگ» قوليازمىلىرىنىڭ 4-نۇسخىسى بارمۇ؟
2023.08.08
ئۇيغۇرلار 10-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن مەدەنىيەت ساھەسىدە تېخىمۇ گۈللەنگەن بىر دەۋرگە قەدەم قويغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە تىل-ئەدەبىيات، دىن ۋە پەلسەپە بىلەن مۇنەسىۋەتلىك بىر بىرىدىن قىممەتلىك نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن. بۇ ئەسەرلەر ئىچىدە 1070-يىلى تاماملانغان چوڭ ھەجىملىك دۆلەت باشقۇرۇش قامۇسى «قۇتادغۇ بىلىگ»، 1074-يىلى يېزىلغان تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى لۇغىتى «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە دۇنيادا «قۇرئانى كەرىم» نىڭ پارىسچە تەرجىمىسىدىن كېيىنكى 2-تىلغا تەرجىمىسى «قاراخانىلار دەۋرى قۇرلار ئارىسى قۇرئان تەرجىمىسى» ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.
«تۈركىي تىللار دىۋانى» بۇرۇنقى ئورنى ئىستانبۇل مىللەت كۇتۇپخانىسىدىن يېقىندا ئەنقەرە جۇمھۇرىيەت رەئىسى مىللەت كۇتۇپخانىسىغا يۆتكەپ كېلىنگەن.
«قاراخانىلار دەۋرى قۇرلار ئارىسى قۇرئان تەرجىمىسى» نىڭ ئەنگىلىيەنىڭ مانچېستېر شەھرىدىكى جون رايلاندس (John Rylands) كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.
بۇ ئىككى ئەسەردىنمۇ بۇرۇنراق قەلەمگە ئېلىنغان «قۇتادغۇ بىلىگ» ئەسىرىنىڭ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئۈچ نۇسخىسى بار. بۇلاردىن بىرى ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋېنادىكى دۆلەت كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى نۇسخىسى. يەنە بىرى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا مىسىر پايتەختى قاھىرەدە بايقالغان ۋە ھازىرمۇ شۇ يەردە ساقلىنىۋاتقان قاھىرە نۇسخىسى، 1913-يىلى ئاخمەد زېكى ۋەلىدى تۇغان تەرىپىدىن نەمانگان شەھىرىدە مۇھەممەد ھاجى ئىشان لالارېش ئىسىملىك كىشىنىڭ شەخسىي كۇتۇپخانىسىدا بايقالغان ۋە ھازىر تاشكەنتتىكى دۆلەت شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئەبۇ رەيھان بىرۇنى شەرق قوليازمىلىرى مەركىزىدە ساقلىنىۋاتقان فەرغانە نۇسخىسىدۇر. كېيىنكى ئىككى نۇسخا ئەرەب يېزىقىدا يېزىلغان.
نۇسخىلار ئارىسىدا يېزىق پەرقىدىن باشقا يەنە بىر قىسىم تەرتىپ ۋە مەزمۇن پەرقلىرىمۇ بار. ۋېنا نۇسخىسى بىلەن قاھىرە نۇسخىسىنىڭ بىر قىسىم بېيىتلىرى يوقالغان. فەرغانە نۇسخىسى باشقا ئىككى نۇسخىغا سېلىشتۇرغاندا تولۇقراق. ھەر ئۈچ نۇسخىدا كۆچۈرۈلۈش جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن بېيىتلارنىڭ رەت تەرتىبىنىڭ ئالمىشىپ كېتىشى، بەزى بېيىتلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشىدەك مەسىلىلەر مەۋجۇت. ئۈچ نۇسخىدىكى بىيىتلەرنى رەتلىگەندىن كېيىنكى جەمئىي بېيىت سانى 6645. بۇ بېيىتلار 85 بابقا ئايرىلغان. باب ماۋزۇلىرى ۋە مۇندەرىجە قىسمىدىكى پەرقلەردىن مۇندەرىجە قىسمىنىڭ كېيىنچە باشقىلار تەرىپىدىن يېزىلغانلىقىنى بىلىۋالغىنى بولىدۇ.
«قۇتادغۇ بىلىگ» ئەسىرىنىڭ تۆتىنچى نۇسخىسىمۇ بارمۇ؟ ئەگەر بولسا، نېمە سەۋەبتىن ھازىرغىچە بۇ يېڭى نۇسخا ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن؟
بۇ قەدەر ئەھمىيەتلىك ۋە مۇھىم بىر ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ نۇسخىلىرى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىز مۈمكىن.
2016-يىلىدىن باشلاپ ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھەر يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىسلامىي دەۋردە مەيدانغا كەلگەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئۆزىدە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ساقلىنىۋاتقان قوليازمىلار ھەققىدە مەخسۇس يىغىنلار ئورۇنلاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئەسەرلەرنى ئېنىقلاپ، رەتلەپ ۋە كاتالوگلاشتۇرۇپ نەشر قىلىۋاتىدۇ. ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ۋە ئۆزبېك تىجارەتچىلەر بۇ خىزمەتكە ئالاھىدە مەبلەغ ئاجراتقان. سۈپەتلىك قەغەز ئىشلىتىلگەن ۋە چىرايلىق نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن بۇ خىل كاتالوگدىن ھازىرغىچە يىگىرمە ئىككى قىسىم نەشر قىلىنغان. بۇ يېڭىلىق مەدەنىي مىراسلارنىڭ يەنە بىر ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىمۇ خۇشال قىلىدۇ، ئەلۋەتتە.
بۇ كاتولوگنىڭ 7-قىسمى 2017-يىلى نەشر قىلىنغان بولۇپ، بۇ قىسىمدا رۇسىيەنىڭ سانكت-پېتېربۇرگ شەھىرى رۇسىيە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ساقلىنىۋاتقان، ئەرەبچە ۋە چاغاتايچە ئەسەرلەر ھەققىدە قىسقا چۈشەندۈرۈش ۋە ئۆرنەك رەسىملەر بېرىلگەن.
دەسلەپكى قۇرلىرىنى ئوقۇغاندا، بۇ بەتنىڭ قاراخانىلار دەۋرىدىن مىراس قالغان مەشھۇر ئەسەر «قۇتادغۇ بىلىگ» كە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش قىيىن ئەمەس. ئەمما كۈتۈلمىگەندە سانكت-پېتېربۇرگدىكى رۇسىيە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا يەنە بىر نۇسخىنىڭ بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ ھەيران قالماسلىقمۇ مۈمكىن ئەمەس.
بۇ بەتتە «باب ئاغۇچى نەگۈلۈگ ئەر كەرەكىن ئايتۇر (غەزىنەدارلىققا قانداق ئەر كېرەكلىكىنى بايان قىلىدۇ)» دەپ قىزىل سىياھ بىلەن چوڭراق قىلىپ يېزىلغان سۆزلەر ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. مىسرالارنى بىر-بىرىدىن ئايرىش ئۈچۈن مىسرا ئارىسىغا قىزىل رەڭدە يۇمۇلاق ھالقا سىزىلغان.
فەرغانە نۇسخىسىدا 10-قۇردىن كېيىن «باب ئۆگدۈلمىش ئېلىگكە ئاغىچى نەگۈ تەگ ئەر كەرەكىن ئايتۇر» دەپ قىزىل سىياھ بىلەن يېزىلغان ماۋزۇنىڭ دەسلەپكى سۆزى «ئۆگدۈلمىش» قاھىرە نۇسخىسىدا يوق. قاھىرە نۇسخىسىدىكى يۇقىرىقى ماۋزۇ يېشىل سىياھ بىلەن يېزىلغان. نۇسخىلار ئوخشاشلا سۇلۇس خەت شەكلىدە يېزىلغان.
قىسقىسى، بۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ 1067-يىلى يېزىشقا باشلاپ 1069-يىلى تاماملىغان چوڭ ھەجىملىك دۆلەت باشقۇرۇش دەستۇرى «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ ھازىرغىچە بىلىنمىگەن بىر نۇسخىسىنىڭ بىر سەھىپىسى. بۇ بەتنىڭ سول تەرەپ يۇقىرىسىغا يېقىنقى ۋاقىتلاردا يېزىلغان بەت سانى «153A» غا قاراپ، بۇ پەقەتلا بىر بەتلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن چوڭ ھەجىملىك بىر كىتاب ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولاتتى.
بۇ نۇسخا كىم تەرىپىدىن، قاچان ۋە قەيەردە كۆچۈرۈلگەن؟
دەسلەپكى نۇسخىنىڭ 1439-يىلى ھىراتتا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلىپ كېيىنچە تۈركىيەنىڭ توكات شەھىرىگە ۋە 1474-يىلى ئىستانبۇلغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى مەلۇم. 1789-يىلى شۇ ۋاقىتنىڭ مەشھۇر شەرقشۇناسلىرىدىن ئاۋسترىيەلىك يۈسېف فون ھاممېر پۇرگشتال (Joseph von Hammer Purgstall) بۇ نۇسخىنى ئۇچرىتىپ سېتىۋالغان ۋە ئۆز دۆلىتىگە ئېلىپ كېتىپ ۋېنا دۆلەت كۇتۇپخانىسىغا سوغا قىلغان. ۋېنا نۇسخىسى 1820-يىلىدىن باشلاپلا ئىلىم دۇنياسىغا مەلۇم. ۋېنگىرىيەلىك داڭلىق تۈركولوگ ھېرمان ۋامبېري (Hermann Vambery) 1870-يىلى بۇ ئەسەرنىڭ ئاساسىي قىسمىنى گېرمان تىلىغا تەرجىمە قىلغان. 1890-1891-يىللىرى رۇسىيەلىك تۈركولوگ ۋىلھېلم رادلوف (Wilhelm Radloff) ئەسەرنىڭ فاكسېمىلىسى، ترانسكرىپسىيەسى ۋە رۇسچە تەرجىمىسىنى نەشرگە تەييارلىغان.
1897-يىلى قاھىرە پادىشاھلىق كۇتۇپخانىسىنىڭ مۇدىرى بېرنھارد مورىتتس (Bernhard Moritz) گېرمانىيە بېرلىن-براندېنبۇرگ بىلىملەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئېدۋارد ساچاۋ (Eduard Sachau) غا ناتونۇش بىر كىتابنىڭ بىر نەچچە بەتلىرىنىڭ رەسىمىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ قانداق بىر ئەسەرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ساچاۋ بۇ بەتلەرنى رۇسىيەلىك تۈركولوگ ۋىلھېلم رادلوفقا ئەۋەتىپ ئۇنىڭدىن ياردەم سورىغان. رادلوف بۇ بەتلەرنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ مۇقەددىمە قىسمى ئىكەنلىكىنى تونىغان. ئۇ دەرھال بېرنھارد مورىتتس بىلەن ئالاقىلىشىپ، مۈمكىن بولسا ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى سانكت-پېتېربۇرگقا ئەۋەتىپ بېرىشىنى، ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسا، ئەسەرنىڭ ئەسلى بىلەن ئوخشاش چوڭلۇقتا بىر نۇسخا كۆچۈرتۈپ ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بېرنھارد مورىتس بىر نۇسخا كۆچۈرتۈپ سانكت-پېتېربۇرگقا ئەۋەتكەن. ۋىلھېلم رادلوف ئالدى بىلەن 392 بەتلىك قوليازمىنىڭ ئارىلىشىپ كەتكەن بەتلىرىنى تەرتىپى بويىچە رەتلىگەن. 1910-يىلى ۋېنا ۋە قاھىرە نۇسخىلىرىدىن پايدىلىنىپ تەييارلىغان تولۇق تېكىست ۋە رۇسچە تەرجىمىسىنى نەشر قىلدۇرغان.
ئەسلى ۋە كۆچۈرمە نۇسخىلار
يېڭى بايقالغان نۇسخىنىڭ بىر نەچچە يېرىدە گېرمان تىلىدا يېزىلغان يېڭى ئەسكەرتىشلەر بار.
بۇ ئەسەرنىڭ قاھىرە نۇسخىسىدىن كۆچۈرۈلگەن يېڭى بىر نۇسخا ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق تەھقىقلەش مەقسىتىدە، ئەسەر ساقلىنىۋاتقان سانكت-پېتېربۇرگ رۇسىيە دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دوكتۇر ئىرىنا پوپوۋا (Irina Popova) خانىمغا خەت يېزىپ، بۇ يېڭى ئەسەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتۈردۇق. ئىرىنا پوپوۋا خانىم بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ رادلوفنىڭ يېڭى نۇسخا ۋە بۇ نۇسخا بىلەن دەسلەپكى نۇسخىنى سېلىشتۇرۇپ يازغان مۇھىم بىر ماقالىسىنى بىزگە ئەۋەتىپ بەردى. ماقالە 1898-يىلى 26-ئاۋغۇست سانكت-پېتېربۇرگ رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن تارقالغان «قۇتادغۇ بىلىگ» قاھىرە نۇسخىسىنىڭ تېپىلغانلىقى خوشخەۋىرىنى مەزمۇن قىلغان بولۇپ، ئاكادېمىيە ژۇرنىلىنىڭ 14-توپلام 4-سانىدا ئېلان قىلىنغانىكەن. بۇ ماقالە بىزنىڭ يېڭى نۇسخا بىلەن مۇناسىۋەتلىك پەرەز ۋە خۇلاسىمىزنىڭ توغرىلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.
قاھىرە نۇسخىسىدىن تولىمۇ ئەستايىدىللىق ۋە يۇقىرى ماھارەت بىلەن كۆچۈرۈلگەن بۇ نۇسخىنىڭ مەيدانغا كەلگىنىگە 125 يىل بولدى. ئۇيغۇر دىيارىدا تارىخىي يەرلەر ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىۋاتقان، تەتقىقاتچىلار قاراڭغۇ زىندانلارغا مەھكۇم بولغان مۇشۇنداق بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە دۆلەتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم نامايەندىلىرىدىن بىرى «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ يېڭى بىر نۇسخىسىنىڭ بايقىلىشى ھەرقانداق زورلۇق كۈچنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق ئۆتمۈشى ۋە ئىستىقبالىنى يوقۇتۇشقا قادىر ئەمەسلىكىنىڭ يەنە بىر بىشارىتىدۇر.
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.