رېئاللىق سۆزلىسۇن: خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشمۇ ياكى سىياسىي قىلتاقمۇ؟

ئامستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2024.03.14
on-turluk-emeliy-ish.jpg ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان «2024-يىلى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون تۈرلۈك ئەمەلىي ئىش نىشانىنى ئېلان قىلىش» مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 8-مارت.
workercn.cn

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 8-مارت مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، 2024-يىلى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون تۈرلۈك ئەمەلىي ئىش نىشانىنى ئېلان قىلغان.

شۇنىسى دىققەتكە سازاۋەركى، يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بارغان ئاتالمىش «خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش» قا دائىر داۋراڭلىرىنىڭ ھېچ بىرى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىرەر ئەمەلىي نەپ ياكى مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەن ئەمەس. ئەكسىچە، «خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش» نامىدا ئوتتۇرىغا چىققان تۈرلۈك سىياسەتلەر، ئاقىۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق تۈردە ياشاش شارائىتلىرىنىڭ ناچارلىشىشىغا سەۋەب بولۇپ كەلدى.

تارىخقا قارايدىغان بولساق، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدا «باي، پومېشچىكلارنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئاۋام كەمبەغەللەرگە بۆلۈپ بېرىش» نامىدىكى ئاتالمىش «يەر ئىسلاھاتى» ئېلىپ بارغان. ھالبۇكى، ئۇيغۇر دېھقانلىرى تېخى يەرگە ئېرىشكەنلىكنىڭ بىرەر پايدىسىنى كۆرۈشكە ئۈلگۈرمەيلا، ئاتالمىش «كوپىراتىپ تۈزۈمى» يولغا قويۇلۇپ، پۈتۈن خەلقنىڭ شەخسىي يەرلىرى بىردىنلا كوللېكتىپنىڭ ئورتاق مۈلكىگە ئايلىنىپ قالغان. ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «كوللېكتىپ» ئاتالغۇسى ھەرگىزمۇ يەر ئىگىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر كوللېكتىپ ياكى ئىجتىمائىي توپلۇقنى ئەمەس، بەلكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك نامىدا پۈتۈن يەر زېمىن ۋە بايلىقلارنىڭ يېگانە ساھىبىغا ئايلانغان خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى كۆرسىتەتتى. ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قىلتاققا دەسسىتىلگەنلىكى ئەنە شۇ دەۋرلەردىلا ئاشكارا بولغان ئىدى. ھالبۇكى، قارشىلىق بىلدۈرگەنلەرگە يەنە يېڭى قىلتاقلار تەييارلىنىپ، تاكى ئاتالمىش «ئىسلاھات» دەۋرىگىچە ئۇيغۇر خەلقى قاتتىق زۇلۇم ۋە قانلىق باستۇرۇشلار ئىچىدە ئېغىر دەرىجىدە ھالسىرىدى. خىتاينىڭ بىپايان چېگرا رايونلاردىكى يەرلىك مىللەتلەرگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىگە يۈرگۈزگەن قىلتاق قۇرۇش، قىلتاققا دەسسىتىش ۋە قىلتاق ئىچىدە يوقىتىشتىن ئىبارەت بۇ «سىياسىي مېخانىزىمى» ھېچ بىر زامان ھەرىكەتتىن توختىغىنى يوق. ئەكسىچە، يىلدىن يىلغا «ئەلالىشىش»، «تېخنىكالىشىش»، «زامانىۋىلىشىش» قا يۈزلەندى. ھەتتا خىتاينىڭ سىياسىي مېخانىزىمىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىمۇ مۇكەممەل بىر شەكىلدە يۇقىرى تېخنىكا ۋە مۇتلەق كونتروللۇق ئارقىلىق تاشقىي دۇنيادىن يوشۇرۇپ قېلىشتەك «ئالەمشۇمۇل رېكورت» ياراتتى.

شۇڭا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار ئىش» لىرىنىڭ كەينىدە قانداقتۇر بىر رەزىل سىياسىي قىلتاقنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. شۇ ۋەجىدىن ئاتالمىش «خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون چوڭ ئەمەلىي ئىش» نىڭ ئىچ يۈزىگە نەزىرىمىزنى بىر ئاغدۇرۇپ كۆرەيلى.

خىتاينىڭ بايانلىرىغا كۆرە، ئاتالمىش «خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار» بۇ ئەمەلىي ئىشلار (1) «ئۈرۈمچى-سانجى-شىخەنزىنىڭ مۇھىت بۇلغۇنىشىنى تۈزەش؛ (2) تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش؛ (3) شەھەر-يېزىلاردا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش؛ (4) نامراتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ (5) رەقەملەشتۈرۈش (دىگىتال تېخنىكا) ئارقىلىق ئاممىغا قۇلايلىق يارىتىش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش؛ (6) يول قاتناش تىرانسپورت بىخەتەرلىكىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش؛ (7) ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆز، چىش ساغلاملىقى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش؛ (8) ياشانغانلارنى ئائىلىدە، مەھەللىدە كۈتۈش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش؛ (9) مېيىپ بالىلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنى يولغا قويۇش؛ (10) خەلققە مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلار ئىكەن.

دەرۋەقە، يۇقىرىقى «ئون تۈرلۈك ئىش» مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاشقا مۇناسىۋەتلىك «ئىشلار» دەك كۆرۈنۈشى ئېنىق. ئەمما ئەمەلىي رېئاللىقچۇ؟

مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئىنسانلارغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيانلىرى ھەقىقەتەن ئېغىر. بۇ ۋەجىدىن مۇھىت بۇلغىنىشىنى تۈزەش ئەسلىدە خەلق ئۈچۈن پايدىلىق بىر خىزمەت بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدە ئىزدەنمەي، مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئامىللارنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئەلۋەتتە رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس. بىزگە مەلۇم، سانجى، شىخەنزە ۋە ئۈرۈمچى بولسا بىڭتۇەن كۆچمەنلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قارارگاھلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ جايلاردا خىتاي نوپۇسى ئىنتايىن كۆپ ۋە زىچ ئولتۇراقلاشقان. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزىلەردە يەر ئاستى تەبىئىي بايلىقلىرىنىڭ مول بولۇشى، بىڭتۇەن باشچىلىقىدىكى خىتايلارنىڭ باي بولۇشىدىكى ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بۇ جايلارنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشى دەل خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كېلىشى بىلەن باشلىنىپ، كۈندىن كۈنگە ئېغىرلاشقان. شۇنىسى ئېنىقكى، قارىغۇلارچە «سانائەتلىشىش»، نوپۇسنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۆپىيىشى بىلەن تەڭ مۇھىت ئاسراشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، ئاقىۋەتتە بۇ جايلاردا ئېغىر دەرىجىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەمما مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقى، ھەتتا ئادەمنى زەھەرلەش، كېسەل قىلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنلىكى بايقالغاندا، بۇ مەسىلە يەنىلا بىچارە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆمۈر قالايدىغان قورو-جايلىرىدىن، پار بىلەن ئىسسىنىدىغان بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلۈشى، كوچا-كويلاردىكى ئاددىي سودا-سېتىق يوللىرىنىڭ ئېتىپ تاشلىنىشى. . . قاتارلىقلارغا سەۋەب بولغانىدى. بۇ قېتىممۇ بۇ جايلاردا مۇھىتنى ياخشىلاش نامىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ قۇربانى يەنىلا ئۇيغۇرلار بولىدىغانلىقى شەكسىز.

يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىش! بۇنداق شوئار توۋلىنىپ كېلىۋاتقىلى نەچچە ئون يىل بولدى. بۇ نەچچە ئون يىلدا تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدا تارىختىن بۇيان ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆي-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈلۈش، ياقا-يۇرتلارغا سەرسان بولۇشتەك تۈرلۈك قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈردى. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈرۈلگەنلىكى بىلەن بۇ جايدا يەر تەۋرەش توختاپ قالغىنى يوق. بەلكى يېقىندىلا تارىم ۋادىسىدا 7 بالدىن ئارتۇق قاتتىق يەر تەۋرىدى، ئەمما خىتاي بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە ئۆلۈم-يېتىم ياكى ئۆي ئۆرۈلۈش قاتارلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەر يۈز بەرمىگەنلىكىنى تەشۋىق قىلدى. ھالبۇكى، 2023-يىلى گەنسۇ ئۆلكىسىدە 6.2 بار يەر تەۋرىگەندە، يۈز نەچچە ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغانىدى. يەر تەۋرەشنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ قېزىش ۋە قېزىلغان جايلارنى مۇۋاپىق شەكىلدە تولدۇرماسلىقمۇ ئېغىر دەرىجىدىكى يەر تەۋرەشلەرنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرى ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان ھەقىقەتتۇر. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىم ئويمانلىقىدا نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان توختىماي قېزىلىۋاتقان تەبىئىي بايلىقلارنىڭ ھەددى-ھېسابى يوق. تېخى يېقىندىلا خىتاي يەنە تارىم ئويمانلىقىدا 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى نېفىت بۇرغىلاشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. بۇ ھادىسىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر تەۋرەش بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىغا كىم ھۆكۈم قىلالايدۇ؟ تېخىمۇ مۇھىمى، گەنسۇدىكىدىن خېلىلا ئېغىر يەر تەۋرىگەن ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئۆلۈم-يېتىم كۆرۈلمەسلىكى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس. شۇڭا ئەسلى مەقسەتنىڭ يەر تەۋرەشكە قارشى تۇرىدىغان ئۆي سېلىپ بېرىش باھانىسىدە، توپلىشىپ ياشاشقا ئادەتلەنگەن ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش بولغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلەيمىز. يەنى، ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش 2024-يىلىدا داۋاملىق ھالدا خىتاينىڭ مۇھىم سىياسىي تەدبىرلىرىنىڭ بىرى بولىدىغانلىقى ئېنىق.

بۇ يەردە دىققەتنى تارتىدىغان يەنە بىر مۇھىم ۋە يېڭى بىر نۇقتا باركى، ئۇ بولسىمۇ «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆز ۋە چىش ساغلاملىقى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش» تۈرىدۇر. بۇ ھەقتە خىتاينىڭ بايانلىرىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى 96 ناھىيە، شەھەر ۋە رايونلاردىكى 310 مىڭ نەپەر 3-4 ياشلىق بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقىغا يىلدا ئىككى قېتىم ھەقسىز فتور سۈركەيدىغانلىقى؛ 20 ناھىيە، شەھەر ۋە رايونلاردىكى 6 ياشتىن 9 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ چىش كاۋىكىنى ئېتىۋېتىش ھەقسىز مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى دېيىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقىغا فتور سۈركەش ۋە چىش كاۋىكىنى ئېتىۋېتىشنى بالىلارنىڭ چىش ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچىملىك سۈيىدە فتور مىقدارىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، يۇقىرى فتورلۇق رايونلارغا تەۋە ئىكەنلىكى خىتاي ئۆزى ئېتىراپ قىلىدىغان رېئاللىق. ھەتتا خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىمۇ يۇقىرى فتورلۇق رايونلاردا بالىلارنىڭ چىشىغا فتور سۈركىمەسلىكنى تەكىتلىگەن. بولۇپمۇ بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقىغا فتور سۈركەشنىڭ يۇقىرى فتورلۇق رايونلاردىكى بالىلارغا قەتئىي قوللانماسلىق تەۋسىيەلىرىمۇ ئاز ئەمەس. خىتاينىڭ جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى يەرلىك كېسەللىكلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى گۇاڭشېڭ «شەرققە نەزەر» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ھەقتە «مەيلى يەرلىك خاراكتېردىكى فتوردىن زەھەرلىنىش بولسۇن ياكى سانائەتتىن كېلىپ چىققان فتور بۇلغىنىشىدىن بولسۇن، ئادەملەرنىڭ ئۇستىخان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى ناھايىتى ئۇزۇن ۋە ئاستا جەرياننى باشتىن كەچۈرىدۇ. فتوردىن زەھەرلىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۇستىخان كېسەللىكلىرى تولىمۇ مۇرەككەپ بولۇپ، ئاساسلىقى فتورنىڭ ئۇستىخاننى زەھەرلىشى نەتىجىسىدە ئۇستىخاندىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەن. يەنى ئۇيغۇر ئېلى ئەسلىدىنلا يۇقىرى فتورلۇق رايونغا تەۋە جاي بولۇش سۈپىتىدە، بالىلارنىڭ چىشىغا فتور سۈركەشنىڭ بالىلارنىڭ چىشىنى ئاسراش ئۈچۈن ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىشقا پۈتۈنلەي ھەقلىقمىز.

بۇ يەردە خىتاي داۋراڭ سېلىۋاتقان «ئون تۈرلۈك ئىش» نىڭ ھەر بىرى ئۈستىدە بىرمۇ-بىر توختىلىپ يۈرمىسەكمۇ، يۇقىرىقى بىر قانچە نۇقتىنىڭ ئۆزىلا ھەقىقىي رېئاللىقنى يورۇتۇپ تۇرۇپتۇ. خىتاي ئۇيغۇر خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويغىنى يوق، بەلكى بۇ «دۈشمەنگە قىلتاق قۇرۇش، قىلتاققا دەسسىتىش ۋە قىلتاق ئىچىدە يوقىتىشتىن» ئىبارەت خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇسۇلىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمىدۇر.

*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.