ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى «رەقەملەشتۈرۈش» قۇرۇلۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

سىتوكھولمدىن ئوبزورچىمىز نەۋباھار تەييارلىدى
2025.01.15
medeniy-muraslarni-reqemleshturush.jpg خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2023-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە بىر گەۋدىلىشىشى» تېمىدىكىسى كۆرگەزمىدىن بىر كۆرۈنۈش.
Baidu

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى رەقەملەشتۈرۈش ھەققىدە ھۆججەت چۈشۈرگەنلىكى، ھەتتا بۇ ئىشقا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭمۇ مەخسۇس كۆرسەتمە بەرگەنلىكى مەلۇم.

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى رەقەملەشتۈرۈش دېگەنلىك ئىنتېرنېت تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تاماشىبىنلارغا تېخىمۇ جانلىق چۈشەندۈرۈش ۋە ئارخىپ ھالىتىگە كەلتۈرۈپ ساقلاش، قوغداش دېگەنلىكتۇر. يەنى VR ساندانى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ كۆرگەزمە قىلىش، مەۋھۇم بوشلۇقتا چۈشەندۈرۈش ۋە توردا سېتىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويغىلى بولىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھازىرغا قەدەر پۈتكۈل رايون تەۋەسىدە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، تۇڭگان ۋە خىتايلارغا ئائىت بولغان تۈرلۈك ۋەكىل خاراكتېرلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئاساسىي جەھەتتىن تىزىمغا ئېلىنىپ بولغان. دېيىلىشىچە، بۇنىڭ ئىچىدە 3 تۈر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىزىملىكىگە، 94 تۈر خىتاي دۆلەتلىك مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە، 315 تۈر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى مۇزېيلار نۆۋەتتە رەقەملىك مۇزېي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۆپ كۈچ سەرپ قىلماقتا ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا «ئۈندىدار»، «دوۋيىن» ۋە «شىياۋخوڭشۇ» قاتارلىق تور سۇپىلىرىدا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەمكارلىق پىروگراممىلىرى يولغا قويۇلغان ئىكەن.

ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بازارغا سالغىنىدەك، ئۇيغۇر ئېلىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا تەۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى رەقەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش رولىنى ھەقىقىي تۈردە جارى قىلدۇرۇۋاتامدۇ؟

ھالبۇكى، خىتاينىڭ «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش» دېگەن تەشۋىقاتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» چەمبىرىكى ئىچىدە قايتا يېزىپ چىقىش، بارلىق مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنى خىتاي ئېيتىمى بىلەن شەرھلەش بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇرلارغا خاس مەدەنىيەت ۋە سەنئەت «شىنجاڭ ئۇسسۇلى»، «شىنجاڭ تاماقلىرى» ۋە «شىنجاڭ كىيىم-كېچەكلىرى» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىپ، خىتاي پۇقرالىرىغا تونۇشتۇرۇلماقتا ياكى ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش ئۈچۈن ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋاسىتىسى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا سۇنۇلماقتا. ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق مەدەنىيەت مىراسلىرى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» ئىدېئولوگىيەسىنىڭ رامكىسىغا ئېلىنىپ، خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى قاتارىدا تەشۋىقات قىلىنماقتا.

ئەنگىلىيەلىك ئېتنو-مۇزىكاشۇناس راچېل خاررىس (Rachel Harris) «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ دىققەت چېكىدىغان بىر تەرىپى، ئۇلارنى خەلقنى ئىدارە قىلىش قورالى سۈپىتىدە قوللىنىشىدۇر» دەپ قارايدۇ. 2011-يىلى ئېلان قىلىنغان «خىتاي مەملىكەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قانۇنى» دا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ماددىلار مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنىڭدا «مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، جۇڭخۇا مىللىتى مەدەنىيەت كىملىكىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئالدىنقى شەرت قىلىشى لازىم» دەپ بەلگىلەنگەن.

ئەمەلىي مىسال بىلەن شەرھلىسەك، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ كونا مەسچىتلەردىن بىرى بولغان كۇچادىكى «خانىقا مەسچىتى» نىڭ رەقەملەشتۈرۈلگەن ماتېرىياللىرى ئارىسىدا، 2023-يىلنىڭ ئاخىرى مەزكۇر مەسچىتنىڭ تونۇشتۇرۇش فىلىمىمۇ يوللانغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2014-يىللىرىدىن باشلاپ ئەۋج ئالغان «تېررورلۇق ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» سىياسىتى نەتىجىسىدە، نۇرغۇنلىغان مەسچىتلەر، مازارلار چېقىۋېتىلدى ۋە دىنىي زاتلار تۈرلۈك شەكىللەردە جازالاندى ياكى قولغا ئېلىندى. بۇ سىياسىي دولقۇندا گەرچە كۇچا «خانىقا مەسچىتى» چېقىۋېتىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر مەسچىتنىڭ خىتايچە نامىدىكى «清真寺» دېگەن سۆز چىقىرىۋېتىلىپ، «ئىبادەتخانا» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «داسى» (大寺) دېگەن سۆز بىلەن ئىزاھلىنىپ «كۇچې داسى» (库车大寺)، يەنى «كۇچا ئىبادەتخانىسى» دەپلا ئېلىنغان. فىلىمدا مەسچىت ھويلىسىدا خىتايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت كىشىلىرى ئۇسسۇل ئويناۋاتقان، خىتاي زىيارەتچىلەر مەسچىت ئىچىدە خالىغانچە كېزىپ يۈرگەن كۆرۈنۈشلەر كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا قىزىل مىڭئۆيلىرى بىلەن قەدىمكى كۈسەن مەدەنىيىتىنى بۇددا دىنىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈشلەر مەسچىت تېمىسىغا يانداشتۇرۇلغان. قەدىمىي مەسچىتنىڭ بەش ئەسىردىن بۇيانقى ئىسلامىي مېمارلىق تارىخى ئىنكار قىلىنىپ، بۇددا دىنىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى قىلىپ چۈشەندۈرۈلگەن. پۈتكۈل فىلىمدا «بۇ مەسچىت كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ گۇۋاھچىسى» دېگەن ئىدىيە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. فىلىمدا يەنە تارىخىي رېئاللىققا ۋە ئۇيغۇر مىللىي ئەنئەنىسىگە ئۇيغۇن بولمىغان مەزمۇنلار تەشۋىقات ئوبيېكتى قىلىنغان.

دېمەك، خىتاي دائىرىلىرى رەقەملىك سۇپىلاردا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئۆز سىياسىتى ۋە مۇستەملىكىچىلىك غەرىزىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قورال قاتارىدا قوللىنىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا.

يەنە بىر مىسال كەلتۈرسەك، خىتايدا چىقىدىغان «ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ 2024-يىل 21-ئاۋغۇست سانىدا، شەنشى گۇاڭنىيەن تور تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، «تۇرپان مۇقاملىرى» نىڭ رەقەملىك ئامبىرىنى قۇرۇپ چىققانلىقى خەۋەر قىلىنغان. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تاللاش، باھالاش ۋە قارار بېرىش ھالقىلىرىنىڭ، ھەتتا ئۇنى رەقەملەشتۈرۈش ئىشىنىڭمۇ شۇ مەدەنىيەتنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن چىقىرىلىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىلىۋاتقانلىقى، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇنى خالىغانچە ئىزاھلاپ، رەقەملەشتۈرۈپ ۋە خىتايلارنىڭ ئىستېمالىغا ماسلاشتۇرۇپ بازارغا سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئۇيغۇر داستانلىرى، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى، ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ۋە بىر قىسىم ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسىپلىرى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىدا تىزىمغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ كەسىپلەرنىڭ ۋارىسلىرى خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋارىسلىرىدەك ئەركىنلىككە ھەمدە ئىمتىيازلارغا ساھىب بولالمىغان. شۈبھىسىزكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرى قانداقتۇر ئاۋامغا ياكى خەلققە مەنسۇپ بايلىق بولماستىن، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي غەرىزى ئۈچۈن يەمچۈك ئورنىدا قوللىنىلىدىغان؛ خالىغاندا ئىشلىتىپ، خالىغاندا ھەر خىل سىياسىي قالپاقلار بىلەن چەكلەيدىغان ئوبيېكتقا ئايلىنىپ قالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى رەقەملەشتۈرۈش چاقىرىقى ئاستىدا ئۇيغۇرلارغا تەۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەقىقىي ماھىيىتىدىن ئايرىۋېتىلىش بىلەن بىرگە، يىلتىزىدىن ئايرىلغان مەۋھۇم بوشلۇققا ئېسىپ قويۇلغان «سۈنئىي مىراس» قا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ ھال مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇر خەلقىگە مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىكتىكى پاجىئەلىك ئۈزۈكچىلىك كىرىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن. يەنى خۇددى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ 2014-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغاندا سۆزلىگەن مەخپىي سۆزىدە تەكىتلىگىنىدەك «تۆتنى ئۈزۈۋېتىش»، يەنى «مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىش، يىلتىزىنى ئۈزۈۋېتىش، بېغىنى ئۈزۈۋېتىش ۋە ئەۋلادىنى ئۈزۈۋېتىش» تىن ئىبارەت تۆتنى ئۈزۈۋېتىش ھادىسىسى رېئاللىشىشى مۇمكىن.

قىسقىسى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى رەقەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كۆپ تەرەپلىمىلىك مەھرۇملۇق سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى تونۇشتۇرۇش، قوغداش ھوقۇقلىرىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنماقتا. رەقەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا بولۇپمۇ، ئىسلام ئەقىدىسى ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان نۇقتىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۈزگۈچلىرىدىن سىقىپ چىقىرىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.