خېۋىر تۆمۈرنىڭ «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» ناملىق رومانى تۈركچە نەشر قىلىندى

0:00 / 0:00

خىتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپنى چەكلەپ، مىللىي ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا دائىر كىتابلار تۈركىيەدە ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىنماقتا. يازغۇچى خېۋىر تۆمۈر يازغان، ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى بايان قىلىنغان «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» ناملىق رومان تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ، تۈركىيەدە نەشر قىلىندى. بۇ رومان 1983-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان ئىدى. 302 بەتلىك مەزكۇر روماننى تۈركىيە ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى، ئۆزىنىڭ «بەنگۈ» نەشرىياتىدا نەشر قىلدۇرغان. كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا تۇرپاندىكى سۇلايمان ۋاڭ مۇنارىسىنىڭ سۈرىتى بېرىلگەن.

كىتاب ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورانتى كەمال بوزوق ئەپەندى كىتابنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىش جەريانى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «خېۋىر تۆمۈرنىڭ ‹بالدۇر ئويغانغان ئادەم› ناملىق رومانى بىلەن ماگېستىرلىق ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا تونۇشقان ئىدىم. مەزكۇر رومان تارىخىي ھەقىقەتلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈش جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم. ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي روھ ھەققىدە يېزىلغان بۇ روماننى بارلىق ئۇيغۇرلار ئوقۇشى كېرەك. روماننىڭ باش پېرسوناژى بولغان شېھىت ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ قەھرىمانلىق ھاياتى ھەممە كىشىنىڭ مېڭىسىگە نەقىش بولۇپ ئويۇلۇشى كېرەك. يازغۇچى خېۋىر تۆمۈر رومانىدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىنى ئاساس قىلغان ھالدا تىمۇر خەلىپە قوزغىلىڭىدىن قۇمۇل ئىنقىلابىغىچە بولغان ئۇيغۇر تارىخىدىكى ۋەقەلەرنى قىسقىچە بايان قىلىپ، ئۆز تارىخىنى ئۆگىنىش ئىمكانىيەتى بولمىغان ئۇيغۇرلارغا سۇنغان.

ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» ناملىق روماندا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئۆز خەلقىنى ئويغىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ بايان قىلىنغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئېغىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مەزكۇر روماننىڭ تۈركىيە نەشر قىلىنىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەن مەخمۇتجان قەشقىرى ئەپەندى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تارىخىي رومانچىلىق مەيلى سان، سۈپەت ۋە كۆلەم جەھەتتىن بولسۇن مۇھىم بىر سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى 1980-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ تونۇشتۇرۇلماقتا. بۇ ساھەدە ھازىرغىچە كۆپ مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، تېخى يېتەرلىك ئەمەس. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەخمۇتجان ئەپەندىمۇ «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» ناملىق روماننىڭ تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تۈركىيەدە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

روماننىڭ ئاپتورى خېۋىر تۆمۈر 1922-يىلى توقسۇن ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1939-يىلىدا شىنجاڭ دارىلمۇئەلىمىننى تۈگەتكەندىن كېيىن، توقسۇندا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1949-يىلىدىن كېيىن ئۇزۇن يىل تۈرمىدە ياتقان خېۋىر تۆمۈر 1979-يىلىدىن تارتىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تارىخ ماتېرىياللىرى ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن. خېۋىر تۆمۈر 1940-يىللاردا يازغان شېئىرلىرى بىلەن تونۇلغان. ئۇ 1980-يىللاردىن كېيىن «موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە»، «ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە»، «تاڭ ئالدىدا» قاتارلىق كىتابلارنى نەشر قىلدۇرغان. خېۋىر تۆمۈر 1992-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 70 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.