خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن روزا ئىبادىتىنى قاتتىق چەكلەيدۇ؟

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي جەھەتتە قاتتىق بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ رامىزان ئېيىدا كىرگەندىن بېرى تۈرلۈك چەكلىمىلەر بىلەن روزا تۇتۇشتىن توسۇلۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتايلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان ئېيىدىكى ئىبادىتىنگىمۇ شۇنچە قاتتىق بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقى ھەققىدە بەس - مۇنازىرە يۈرگۈزمەكتە. كۆزەتكۈچىلەرمۇ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

جۈملىدىن گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان دىنىي زىيالىي ھۈسەيىن تەجەللىمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتايلارنىڭ رامىزان ئايلىرىدىكى چەكلىمىلىرىگە قارىتا ئۆز كۆز قارىشىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رامزاننىڭ ئىنسان روھىدا پەيدا قىلىدىغان ماددىي ۋە مەنىۋى تەسىرىدىن قورقىدىكەن ھەمدە بارىن ئىنقىلابى، غۇلجا نامايىشى قاتارلىق ۋەقەلەر يۈز بەرگەن چاغلارمۇ رامىزان ئايلىرىغا توغرا كەلگەن بولغاچقا خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئايلاردا بەك سەزگۈرلىشىپ كېتىدىكەن.