ئالېكسېي كازاك: «ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز لاگېرلارنى تاقىتىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىقنى توختىتىشتۇر»
2020.01.30
ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى قىيىن ئەھۋالى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا مەملىكەتلىرى بىلەن بىر قاتاردا رۇسىيەدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىماقتا. شۇلارنىڭ بىرى ھازىر موسكۋادا ياشاۋاتقان 34 ياشلىق كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى ئالېكسېي كازاك ئەپەندىدۇر.
مەلۇم بولۇشىچە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئالېكسېي كازاكنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدىشىغا باغلىق پىكىرلىرى، شۇ جۈملىدىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈرك-مۇسۇلمان خەلقلەرگە قاراتقان سىياسىتىگە نىسبەتەن قاراشلىرى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى. بۈگۈن بىز ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۇق.
مۇخبىر: ئالېكسېي، سىز ئۆز پائالىيىتىڭىزدە نېمە سەۋەبتىن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى تاللاپ ئالدىڭىز؟
ئالېكسېي: مەن كۆپ ساياھەت قىلىمەن. رۇسىيەنىڭ 30 دىن ئوشۇق رايونلىرىنى زىيارەت قىلدىم. بولۇپمۇ كاۋكازدا بولۇشنى ئىنتايىن ياقتۇرىمەن. مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ ھوقۇق قوغداش پائالىيىتىگە قىزىقىشىممۇ ئەنە شۇ يەردىن باشلاندى، دېسەم بولىدۇ. ھاياتىمنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كاۋكازدا ۋە كاۋكازلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولۇش جەريانىدا ئۆتتى. بەزىدە مېنىڭدىن «ئالېكسېي، سەن خرىستىئان تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنى ياقلايسەن؟» دەپ سورايدۇ. بۇنىڭغا ئەنە شۇ كاۋكاز سەۋەب بولدى. كاۋكازلىق مۇسۇلمان دوستلىرىم ماڭا ئىنتايىن ۋاپادار، ئىشەنچلىك، ئەدەپلىك بولۇپ كۆرۈندى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر مېنىڭ ھاياتىم، ئىشلىرىم پەقەت كاۋكازلىق مۇسۇلمانلارغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل مۇسۇلمان ئەھلىگە باغلىنىپ قالدى.
مۇخبىر: سىز كۆپ قېتىم تۈرك-مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى پاجىئەلىك ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ تەقدىرىگە، تارىخىغا، مەدەنىيىتىگە بولغان قاراشلىرىڭىزنى بىلدۈرگەندىڭىز. سىزنىڭ پىكىرلىرىڭىز كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن ئىدى. بۇ ھەقتە نېمە دەيسىز؟
ئالېكسېي: ھەقىقەتەنمۇ، مەن ئۇيغۇرلارنى خېلى بۇرۇندىن بىلەتتىم. بۇنىڭغا ئاجايىپ ناخشىچى مۇرات ناسىروف سەۋەب بولغان ئىدى. ئەپسۇس، ئۇ ۋاپات بولۇپ كەتتى. ئەمما شۇنداقتىمۇ ئۇ مۇزىكا ھاياتىدا ۋە شۇنداقلا مېنىڭ ھاياتىمدا چوڭقۇر ئىز قالدۇردى. ئۇنىڭ بولۇپمۇ «مالچىك خوچېت ۋ تامبوف» دېگەن ناخشىسى مېنىڭ بالىلىق چېغىمدىكى سۆيۈملۈك ناخشام ئىدى. مەن ھازىرمۇ بەزىدە شۇ ناخشىنى ئېيتىمەن. مۇرات ناسىروف توغرىلىق ئىزدىنىش جەريانىدا مەن ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئىكەنلىكىنى، مۇشۇنداق ئاجايىپ ياخشى بىر خەلقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ھازىر ئەنە شۇنداق بىر خەلقنىڭ بېشىغا ئېغىر زۇلۇم چۈشكەنلىكىنى، بۇ خەلققە قارشى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىر يېرىم يىل ئىلگىرى بىلگەن ئىدىم. شۇ ۋاقىتتا مەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۇنجى ۋىدېيو كۆرۈنۈش تەييارلاپ، دەسلەپتە بۇ مەسىلىگە رۇسىيە جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتتىم. سەۋەبى رۇسىيەلىكلەر بۇ ھەقتە تامامەن ھېچ نەرسە بىلمەتتى. ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر دېگەن بىر خەلقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىن بىخەۋەر ئىدى. ھەممىسى خىتاينى «جەننەت»، ئۇلۇغ بىر مەملىكەت، دەپ ھېسابلايتتى. ھەقىقەتەنمۇ، خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلغان مەملىكەت. خىتاي كۆپ توۋارلىرىنى سىرتقا چىقىرىدۇ. بىراق ئەنە شۇ ئىقتىسادىي مۆجىزىلەرنىڭ ئارقىسىغا ئازابلانغان خەلقلەرنىڭ پاجىئەسى يوشۇرۇنغان ئىكەن. يەنى تىبەتلىكلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ئاشكارا بولدى. بۇ ھەقتە تەييارلىغان ۋىدېيو كۆرۈنۈشتىن كېيىن كۆپىنچىسى بۇ مەسىلىگە قىزىقىشقا باشلىدى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا ئىشەنمىگەنلەرمۇ، «مۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، شۇنچىلىك ئادەمنى لاگېرلارغا سولاش مۇمكىن ئەمەس» دېگەنلەرمۇ ئاز بولمىدى. ئۇلار خىتاينىڭ يېپىق مەملىكەت ئىكەنلىكىدىن، شۇنچە ئاھالىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قاتتىق كونترول قىلىنىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىدى.
مۇخبىر: ئالېكسېي، سىزنى ھەم سىزنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىڭىزنى قوللاۋاتقان كىشىلەر، تەشكىلاتلار بارمۇ؟
ئالېكسېي: مەن ئېيتىپ كەتكەندەك، ئۆمرۈمنىڭ كۆپ قىسمى كاۋكازدا ئۆتتى. داغىستاندا مەن ئىككى يىل ياشىدىم. مېنىڭ جەمئىيەتلىك-سىياسىي سۆھبەت پروگراممام بولغان. بۇ پروگراممىنى ئۆزۈم يۈرگۈزۈپ، خەلقنى ئويلاندۇرىدىغان، تەشۋىشلەندۈرىدىغان مەسىلىلەرنى كۆتۈردۈم. شۇنىڭدىن بۇيان مېنى قوللىغۇچىلارنىڭ سانى كۆپىيىۋاتىدۇ. مېنىڭ ئارقامدا ھېچ قانداق بىر تەشكىلات ياكى فوندلار يوق. ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ ماددىي-تېخنىكىلىق بازىمىزمۇ يوق. شۇنىڭ بىلەن دوستلىرىم ماڭا خەلق ۋىدېيو ستۇدىيەسىنى ئېچىشنى تەۋسىيە قىلدى. بىزنى قوللىغۇچىلار بىر ئاز خىراجەت توپلاپ، ھازىر مانا ۋىدېيو كامېرا سېتىۋالدۇق. ئاندىن يەنە بىر كامېرا سوۋغا قىلدى. پۇل كۆپ رول ئوينايدۇ، ئەمما ھەقىقەت، ئادالەتلىك تەرەپدارى بولۇش مۇھىمراقتۇر. مانا مۇشۇ بىزنى ئالغا مېڭىشقا ئۈمىدلەندۈرمەكتە.
مۇخبىر: كېيىنكى ۋاقىتلاردا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا، ئايرىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ خەلقلەرگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى بىر نەچچە قېتىم ئەيىبلەندى. بۇ ھەقتە مەتبۇئاتلاردىمۇ كۆپ ئېيتىلىۋاتىدۇ. سىز قانداق ئويلايسىز، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى يېپىپ، چېكىنىشى مۇمكىنمۇ؟
ئالېكسېي: بىلەمسىز، چوڭ ۋە كۈچلۈك بىر ھاكىمىيەت دائىم نېمە قىلسام، نېمە دېسەم بولىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ. بۇ پەقەت خىتايلا ئەمەس، ئۆز ۋاقىتلىرىدا باشقىلارنى بېسىۋالغان، باشقىلارنى ئەزگەن ئىمپېرىيەلەرگىمۇ قارىتىلغان. چوڭ ۋە كۈچلۈك ھاكىمىيەتلەر دەككىسىنى ئالمىغۇچە، ئۇ بۇ ئىشىنى داۋام قىلىۋېرىدۇ. ھازىر دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئەتراپىغا توپلىنىشى بۇ پەقەت ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى باشقىمۇ ئېزىلىۋاتقان خەلقلەر، شۇنداقلا خىتايدىن قەرز ئېلىۋاتقان مەملىكەتلەر ئۈچۈنمۇ پايدىلىق دەپ ئويلايمەن. بۇ دۆلەتلەر ھازىرچە خىتاينىڭ قەرزىگە باغلىنىپ قالغانلىقىنى سەزمەيۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتايغا دائىم زەربە بېرىپ تۇرۇش كېرەك. بىزنىڭ بۈگۈنكى بىرىنچى ۋەزىپىمىز جازا لاگېرلىرىنى يېپىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىقنى توختىتىش. ئاندىن خىتاينىڭ قانداق قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىغا ئىگە بولۇۋالغانلىقىنى ئاشكارىلاش ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئىستىكىنى ھەل قىلىش مەسىلىسىمۇ بار. چۈنكى ئۇيغۇرلار تارىختا، مەسىلەن، ئۇيغۇر قاغانلىقىنى قۇرۇپ، خىتاي بىلەن رىقابەتلەشكەن. بۈگۈن خىتاي ئۆز پۇقرالىرىغا بولغان مۇناسىۋىتىنى تۈپ ئاساستىن ئۆزگەرتىشى لازىم.
مۇخبىر: ئالېكسېي سىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېيتىدىغان قانداق تىلەكلىرىڭىز بار؟
ئالېكسېي: بىرىنچىدىن، بىر-بىرىڭلارنى قوللاڭلار، بىرلىكتە كۈرەش قىلىڭلار. ئۆزۈڭلارنىڭ ئاكتىپلىرىڭلارنى، لىدېرلىرىڭلارنى قوللاڭلار. سەۋەبى شۇنداق ۋاقىئەلەر بولغانكى، ئادەملەر كۈرىشىپ، كۈرىشىپ، ئاندىن كېلىشمەسلىكلەر يۈز بەرگەندە ئۇلارنى تاشلاۋېتىدۇ. بۇ ئىنتايىن ناچار ھادىسە. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىشىپ كۈرەش قىلساق، سۆزسىز يېڭىمىز.»
ئالېكسېي كازاك 1986-يىلى رۇسىيە پايتەختى موسكۋا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، شۇ شەھەردە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن موسكۋا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدلىيە فاكۇلتېتىنى تاماملىغان. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇ ئەدلىيە پەنلىرى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ كەلمەكتە. ئۇ قوشۇمچە يەنە مۇستەقىل تېلېۋىزىيە مەركىزىدە «خەلق ستۇدىيەسى» پروگراممىسىنىڭ باش رىياسەتچىسى. ئالېكسېي كازاك رۇسىيە ستۇدېنتلىرى كەسپىي ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى. موسكۋا شەھەرلىك ئالىي كېڭىشى ئەزاسىنىڭ ياردەمچىسى، جەنۇبىي ئوسېتىيە جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتىنىڭ مەسلىھەتچىسى. ئۇ ھازىر باشقىمۇ ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلمەكتىكەن.