دۇنياۋىي قۇتۇپلار كۈرىشى ۋە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كەلگۈسى
2022.02.25
ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىپ مېڭىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كەڭ يەر ئېلىۋاتقاندا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ زور كۆلەملىك ھەربىي تاجاۋۇز ئارقىلىق ئۇكرائىنا بىلەن ئۇرۇش باشلىغانلىقى دۇنياۋىي تەرتىپ ھەققىدىكى مۇقىملىشىپ قالغان بىرقىسىم قاراشلارنى بىر نۆۋەت قاتتىق سىلكىدى. ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى «سوغۇق ئۇرۇش» دەۋرىگە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ، دەپ قارىلىۋاتقان بولسىمۇ نۆۋەتتىكى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى «سوغۇق ئۇرۇش» دەۋرىگە ئوخشىمايدىغان دەرىجىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى بىردىنلا كۆپ قىسىم كىشىلەرنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. ھەممىدىنمۇ مۇھىمى خەلقئارادا زور بەس-مۇنازىرىگە سەۋەب بولۇۋاتقان «رۇسىيە ئارمىيەسنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى» نى خىتاي ھۆكۈمىتى «تاجاۋۇز» دەپ ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلدى ھەمدە ۋاسىتىلىك ھالدا ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق تۈپەيلىدىن بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلىشى بىلەن رۇسىيەگە قاراتقان جازا چارىلىرى بۇ قېتىملىق ئۇكرائىنا كىرىزىسىدا بىردىنلا بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ «بىر ياقىدىن باش چىقىرىش» ىغا سەۋەب بولغان يەنە بىر ئامىل بولۇپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدە ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى يالغۇز سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن كۈرەشكەن بولسا نۆۋەتتىكى سوغۇق ئۇرۇشتا رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئىتتىپاقلىق ئورنىتىپ غەرب دۇنياسىغا ئورتاق قارشى تۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقى بەكلا ئاشكارا نامايان بولدى.
رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ئۇكرائىناغا ھۇجۇم باشلىنىش ئالدىدا قىلغان سۆزىدە: «بىز بۇ قېتىملىق ئالاھىدە ھەربىي ئوپېراتسىيە ئارقىلىق غەرب دۇنياسىنىڭ سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنكى ياۋروپا بىخەتەرلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قايتىدىن تۈزۈپ چىقىشىنى تەلەپ قىلىمىز. غەربنىڭ قارشىلىقى ۋە جازالىرىدىن پەرۋايىمىز پەلەك ھالدا روسىيەنىڭ ئۆز ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇدەك ھەربىي قۇدرىتىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ قويىمىز» دېدى. «ۋال سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 24-فېۋرالدىكى ئوبزور ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2021-يىلى خىتاي-روسىيە چېگراسىدىن ئۆز قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈشى روسىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دوستلۇقىنىڭ بىر تۈرلۈك ئىپادىسى، دەپ قارالغان. ئەمدى بولسا بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە روسىيەنىڭ غەربكە قارشى خىتاي بىلەن ئىتتىپاقلىق ئورنىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ مەزمۇنىدىن ئىكەنلىكىمۇ ئايدىڭلاشقان.
گەرچە ئىككى تەرەپنىڭ ئاشكارا ھەربىي ئىتتىپاقلىقى تېخى بارلىققا كەلمىگەن بولسىمۇ ئەمما رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ دۇنيا تەرتىپىنى قايتىدىن ئورناتماقچى بولۇۋاتقانلىقى نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەمدە ئۇنىڭ غەرب دۇنياسىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا كۈچلۈك بىر سىناق بولۇۋاتقانلىقى ئاساسەن مۇقىملىشىپ قالغان. ھەممىدىنمۇ بەكرەك كىشىلەرنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقىنى ئامېرىكانىڭ بىرلا ۋاقىتتا خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن دۈشمەنلىشىپ قېلىشتەك رېئاللىققا دۇچ كېلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ رەقىبلەرنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەنپەئەتلىرى مەۋجۇت بولۇۋاتقان قىتئەلەردە بولۇشى ئىكەن.
خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى بۇ خىل جىددىي ئۆزگىرىشلەر ھەمدە ئۇنىڭ روسىيە-خىتاي ھەمكارلىقىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «تىنچلىق ئىنستىتۇتى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئاندرېي سكوبېل (Andrew Scobel) بۇنىڭ ھېچقانداق يېڭىلىقمۇ ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە ھېچقاچان ئىزچىل دوستلار ياكى رەقىبلەر بولۇپ باقمىغان بولۇپ، بۇ ھال بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولۇشى ئېھتىمالغا تولىمۇ يېقىن ئىكەن.
ئۇ، مۇنداق دېدى: «تارىخقا نەزەر تاشلايدىغان بولساق رۇسىيە ئىمپېرىيەسى ۋە خىتاي (چىڭ) ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىن تارتىپلا بۇ ئىككى دۆلەت بىر-بىرى بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈپ باقمىغان. بەزىدە كېلىشىپ قالغان ۋاقىتلىرىمۇ بولغان، ئەلۋەتتە. ئەمما ئۇلارنىڭ گەۋدىلىكرەك بولغان ھەمكارلىقى ئۇلار كومپارتىيە رەھبەرلىكىدە دۆلەت قۇرغاندىن كېيىن ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئۇلار بىر مەزگىل ئۆزئارا كېلىشىم تۈزۈشۈپ ئىتتىپاقلىقمۇ ئورناتقان. ئەمما ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پېتىشماسلىق كۈرىشى ئۇزۇنغا قالماي بۇ ئىتتىپاقلىقنى يىمىرىپ تاشلىغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى تارىخىنى ھەمكارلىق ۋە توقۇنۇش گىرەلىشىپ كەتكەن بىر باسقۇچ، دېيىشكە بولىدۇ. پارتىيە جەھەتتىن ئالغاندا ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت كومپارتىيەسى كۈچلۈكرەك پارتىيە بولغان بولسا ھازىر خىتاي رۇسىيە ئۈچۈن كۈچلۈكرەك شېرىك بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.»
ئەمما ئامېرىكادىكى مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى چۆرىدەپ يۇقىرى پەللىگە چىققان ھەمكارلىق ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتلەردىن تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئاندري سكوبېلنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتى رۇسىيە بىلەن خىتاينى بىر-بىرىگە بەكلا يېقىنلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما قاچانىكى ئۇلارغا ئامېرىكا تەرەپتىن چۈشكەن بېسىم يەڭگىللىسە بۇ يېقىنچىلىقمۇ تېزدىن ئاياغلىشىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«دۇنياۋىي كۈچ، ئىدېئولوگىيە ۋە ئىقتىسادىي ئامىللار نۇقتىسىدىن ئالغاندا ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئۆزلىرىنى ئامېرىكانىڭ تەھدىتلىرىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز، دەپ قارايدۇ. ئۆتكەن يىگىرمە يىلغا قارايدىغان بولساق ئاساسلىقى ئامېرىكا بىلەن بولغان دۇنياۋى كۈچتۈڭگۈرلۈكنى تالىشىش رىقابىتى رۇسىيە بىلەن خىتاينى بىر يەرگە ئەپكېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. ئەمدى ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقىپ، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن. يەنە بىر ياقتىن ئالغاندا بۇ ھال روسىيەنى خىتايغا تېخىمۇ بەكرەك ‹موھتاج› قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەنلا پۇتىن ئەمدى شى جىنپىڭ بىلەن جان-جىگەر دوست بولۇپ كېتىدۇ، دېگىلىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى دىكتاتورلۇقنى ھەمدە خەلقنى باستۇرۇشنى ئادەت قىلغان كىشىلەر بولغانلىقى ئۈچۈنلا دوست بولغىنى يوق. ئەكسىچە ئامېرىكا ئامىلى ئۇلارنى ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىشقا جىددىي ئۈندەۋاتقان ئەڭ مۇھىم سەۋەب».
ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، خەلقئارا دۇنيانىڭ دىققىتى ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتى تۈپەيلىدىن بىردەك ئاشۇ مەسىلىلەرگە مەركەزلىشىپ قېلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىر ياققا تاشلىنىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقاندا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ھەمدە قىلىشى زۆرۈر بولغان ئىشلارمۇ بار ئىكەن. ئۇنىڭ بىرى دەل خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئورتاق ئاپەت ئىكەنلىكىنى قولىدىن كەلگەنلىكى بارلىق ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ دۇنيانىڭ يادىغا سېلىپ تۇرۇش ئىكەن.
نۆۋەتتە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېلىپ چىققان كرىزىس رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە شېرىكلىكنى ھەقىقىي يوسۇندا سىنايدۇ، دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى كۆپلىگەن مەسىلىلەر خەلقئارانىڭ دىققىتىدە بولماقتىكەن.