رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ يېقىنلىشىشى مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرىگە نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2022.02.02
رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ يېقىنلىشىشى مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرىگە نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن كرېمىل سارىيىغا سۆھبەت سۆھبەت ئۈچۈن كىرىپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 5-ئىيۇن، موسكۋا، رۇسىيە.
AP

كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيە ۋە خىتايغا قارىتا قوللىنىۋاتقان جازا تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ يېقىنلىشىشقا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ئەھۋال دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىق تېمىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا.

رۇسىيەنىڭ «نېزاۋىسىمايا گازېتا»، يەنى «مۇستەقىل گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «ئالىي ئىقتىساد مەكتىپى» مىللىي تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالېكساندىر لۇكىننىڭ «رۇسىيە-خىتاي يېقىنلىشىشى: پايدىسى ۋە خەۋپلىرى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىشىش ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا باشلانغان بولۇپ، بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇ يېقىنلىشىشنىڭ ھەربىي ئىتتىپاققا ياكى بولمىسا ئاز دېگەندە ھەقىقىي بىر ئىتتىپاققا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەنىكەن. بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە رۇسىيە بىلەن خىتاي ئۇكرائىنا ۋە تەيۋەن مەسىلىسىدە بىر-بىرىنى قوللاپ، ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ رايونلاردىكى سىياسىتىگە قارشى تۇرماقتا. ھەقىقەتەنمۇ رۇسىيە ۋە خىتاي بۈگۈنكى كۈندە ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ماقالە ئاپتورىنىڭ پىكرىچە، رۇسىيەنىڭ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىشى بىرىنچى نوۋەتتە رۇسىيەنىڭ ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقىنى، تېررىتورىيە پۈتۈنلىكىنى ۋە بەزى رايونلاردىكى تەسىر دائىرىسىنى ساقلاپ قېلىشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىكەن. ئىككىنچى تەرەپتىن، بۇ ئىككى مەملىكەتنىڭ يېقىنلىشىشى، ئۆز ئارا رىقابەتچىلىكنىڭ ئۆسۈشىگە ئېلىپ كېلىشىمۇ مۇمكىن بولۇپ، رۇسىيە خىتاي بىلەن بولغان يېقىنچىلىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بەزى مەسىلىلەرگە كۆز يۇمۇشقا مەجبۇر بولماقتىكەن. ئاپتور ماقالىسىدە مۇنداق مىساللارنى كەلتۈرىدۇ: رۇسىيەدە خىتاينىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئەركىن تارقالسا، خىتايدا بارلىق چەت ئەل ئامممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تارقىلىشى قانۇن تەرەپتىن مەنئىي قىلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئىككى تەرەپلىمىلىك مۇزاكىرە ھۆججەتلىرىدە خىتاي ئاتالغۇلىرىنى كۆپلەپ پايدىلىنىش ئادەتكە ئايلانغان. شۇنىڭدەك خىتاي دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىستىلى رۇسىيەگىمۇ تاراپ، بەزىدە خىتاي دىپلوماتلىرى ئۆز نۇتۇقلىرىدا قوپاللىق قىلىپ، رۇسىيە ئالىملىرى ۋە ژورنالىستلىرىغا قانداق يېزىش ۋە سۆزلەش لازىملىقىنى كۆرسىتىدىكەن. ھەتتا رۇسىيەدە بىلىم ئېلىۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى خىتاي توغرىلىق سەلبىي پىكىرلەردىن نارازى بولۇپ، قارشىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالە ئاخىرىدا ئاپتور بەزى رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلەرنىڭ يامانغا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنداقتا، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ داۋاملىق يېقىنلىشىشىغا قانچىلىك ئاساس بار؟

تونۇلغان قازاقىستانلىق خىتايشۇناس، «سىنوپسىس» مەركىزىي ئاسىيادا خىتاينى تەتقىق قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۇسلان ئىزىموف، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ يېقىنلىشىشى توغرىلىق مەسىلىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى، يەنى بولۇپمۇ 2014-يىلى رۇسىيە ۋە غەرب ئوتتۇرىسىدا ئۇكرائىنا ۋە ئاتالمىش قىرىم مەسىلىسى پەيدا بولغاندا مەيدانغا چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «موسكۋا ۋە بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بىرىنچى نۆۋەتتە ئىقتىساد ۋە ھەربىي-تېخنىكالىق ساھەدە تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك خاراكتېرگە ئىگە بولۇشقا باشلىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە خەلقئارا ساھەلەردىكى بەزى مەسىلىلەر بويىچىمۇ يېقىنلىشاۋاتقانلىقىنى بايقاۋاتىمىز. شۇ جۈملىدىن رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ، مەسىلەن، سۈرىيە، ئافغانىستانغا ئوخشاش خەلقئارا مەسىلىلەردىكى بىرلەشكەن ۋە ئۇيغۇنلاشقان ھەرىكەتلىرىنى ئاتاشقا بولىدۇ. مۇنداق ئەھۋالنى ئۇلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى مەجلىسلىرىدىمۇ كۆرۈشكە بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، بىر ئىتتىپاققا بىرلىشىش مۇمكىنچىلىكىمۇ بار، بىراق مۇنداق مۇمكىنچىلىك چوڭ ئەمەس. ئۆز مۇناسىۋەتلىرىنى قانداقتۇر بىر ھەربىي-سىياسىي ئىتتىپاققا ئايلاندۇرۇش ھەر ئىككى مەملىكەت ئۈچۈن پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ. بۇ بىرىنچىدىن، ئۇلارنىڭ دىپلوماتىيەلىك نىيەتلىرىنى چەكلىشى مۇمكىن. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەلۇم بىر قارىمۇ-قارشىلىقلارمۇ مەۋجۇتتۇر.»

«رۇسىيە گېزىتى» دە بېرىلگەن ۋلادىمىر كۇلاگىن ۋە ئالېكساندىر نېخوتىنانىڭ «خىتايلار-ئادىتى بويىچە كۈتۈپ-ئويلانغىچە، رۇسىيە قازاقىستانغا ئۆز ئەسكەرلىرىنى كىرگۈزۈۋالدى» ناملىق ماقالىسىدە، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى مەنپەئەتلىرى توغرىسىدا توختالغان. ماقالىدە دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلى مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە سالغان ئومۇمىي مەبلەغ مىقدارى 17 مىليارد دوللارنى تەشكىل قىلغان بولسا، شۇنىڭ يېرىمى قازاقىستانغا سېلىنغان ئىكلەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى خىتاي يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە 500 مىليون دوللار مەبلەغ ئاجرىتىشنى، شۇنىڭدەك 50 مىليون ۋاكسىنا ھەم 1200 ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش پۇلى بېرىشنى ۋەدە قىلغان.

ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىغا مەبلەغ سېلىش بىلەن بىر قاتاردا، بۇ رايوندا ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىلىرىنى كۈرگۈزۈشنى كۈچەيتىشكە كىرىشكەن. خىتاي 2018-يىلى تاجىكىستاننىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن چېگرىداش تاغلىق بەدەخشان ئاپتونوم ئوبلاستىدا بىرىنچى ھەربىي بازىسىنى قۇرغان بولسا، ئەمدى يېقىندا خىتاي تاجىكىستاننىڭ يەنە شۇ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن چېگرىداش ئافغانىستاننىڭ ۋاخان كورىدورىغا يېقىن رايونىدا ئىككىنچى ھەربىي بازىسىنى قۇرۇشنى قارار قىلماقتا. رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىس ۋاسىلىي كاشىن خىتاينىڭ تاجىكىستاندىكى ھەربىي كۈچىنىڭ ئورۇنلىشىشىنىڭ رۇسىيە بىخەتەرلىكىگە ۋە ئۇنىڭ بۇ رايوندىكى مەنپەئەتلىرىگە خەۋپ تۇغدۇرمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يەنە بىر رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىس ئاندرېي كازانسېف رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ بارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، پەقەت ئىقتىسادىي ساھەدىلا رىقابەت مەۋجۇت ئېكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رۇسلان ئىزىموف رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى مەنپەئەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇلار مەلۇم دەرىجىدە بىر-بىرىگە ماس كەلسىمۇ، ئەمما ئومۇمەن ئۆزئارا رىقابەتكە ئىگە. يەنى خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي تەسىرىنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى ئۆسۈشى رۇسىيەگە ئانچە ياقمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، موسكۋامۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ رايوندىكى ئىقتىسادىي ئامىللىرىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى سېزىپ تۇرىدۇ. شۇنداقتىمۇ موسكۋا سىياسىي ۋە ھەربىي-سىياسىي دەرىجىدە ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىر دائىرىسىنىڭ قۇدرىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە تىرىشىدۇ. موسكۋا يېقىندا قازاقىستاندا يۈز بەرگەن يانۋار ۋەقەلىرىدە پەيدا بولغان مەسىلىلەرنى خىتايغا مەلۇم قىلماي ھەم ئۇنىڭسىز ھەل قىلالايدىغانلىقىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. بۇ رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى قارىمۇ-قارشىلىقلىرىنىڭ بىر مىسالىدۇر. مۇبادا رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدا بىرەر ئىتتىپاق تۈزۈلسە، بۇ مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن قىيىن بولىدۇ، چۈنكى تاشقىي سىياسىي ئىستراتېگىيەدە، بىزنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك سىياسىتىمىزدە تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلىدۇ. يەنى بىز رۇسىيە بىلەن بولىمىزمۇ ياكى خىتاي بىلەن بولىمىزمۇ، دېگەن تاللاشتا قالىمىز. ياكى بولمىسا غەرب ئەللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن. بىز ھەم رۇسىيەدىن، ھەم خىتايدىن قېچىپ كېتەلمەيمىز. بۇ يەردە جۇغراپىيە، سىياسەت، ئىقتىساد، دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسىلىلىرى مەۋجۇت. شۇڭا بۇ ئىككى شېرىكنىڭ ياكى قوشنىلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ھەددىدىن تاشقىرى يېقىنلىشىپ كېتىشى، بۇ رايونغا بەزى خەۋپ-خەتەرلەرنى ۋە تەۋەككەلچىلىكلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ يېتەكچى ئىلمىي خادىمى، سىياسەتشۇناس ئېركىن بايداروف مۇنداق دېدى: «رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ يېقىنلىشىشى بۇ تەبئىي جەريان بولۇپ، بۇ ئىككى مەملىكەت ئامېرىكاغا قارشى تۇرۇشتا بىر-بىرىنى قوللاپ-قۇۋەتلىمەكتە ھەم دۇنياۋىي سىياسەت مەسىلىلىرىدە بىر پۈتۈن مېخانىزىم سۈپىتىدە ئالغا چىقماقتا. مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرىگە بۇ ۋەزىيەتتە ئادەتتە رۇسىيەنى ياكى خىتاينى تاللاشقا توغرا كېلىدۇ. مېنىڭچە، بۇ ۋەزىيەتتە مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ پايتەختلىرى ھەر ئىككى مەملىكەتنى بىردەك قوبۇل قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەلۇم دەرىجىدە ئۇلارغا بېقىندى ھالەتتە. بۇنى ئىقرار قىلىش لازىم. بۇ جەھەتتە مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرىگە رۇسىيە-خىتاي سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي قاپقىنىدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىر پۈتۈن ئىستراتېگىيەسىنى ئىشلەپ چىقىشى لازىم. بۇ قاپقاندا قېلىپ، كېيىن ئۇنىڭدىن بوشاپ چىقىش قىيىن بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئېيىق ۋە ئەژدىھانىڭ مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرىگە نىسبەتەن بىرىكىشى، بۇ رايوندا ھەم سىياسىي ھەم ئىقتىسادىي تۇراقلىقنى تەمىنلەشكە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ جەھەتتە مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرىگە ئۆزلىرىنىڭمۇ مىللىي مەنپەئەتلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى زۆرۈردۇر. ھازىر شۇنىڭغا ئوخشاش خەۋپلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر پۈتۈن ئىستراتېگىيەنى شەكىللەندۈرۈش زۆرۈرىيىتى ئۆسمەكتە.»

تارىختىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغا كەلگەندە رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇ-قارشىلىق كۈچىيىپ، ئۇلار ئەشەددىي دۈشمەنلەرگە ئايلانغاندى. بۇ ھەتتا 1969-يىلى دامانسك ئارىلى ۋە جالاناشكۆلى رايونلىرىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇشلارغىمۇ ئېلىپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.