سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە قىزىل خىتاي نېمە ئۈچۈن بىر-بىرى بىلەن يامانلىشىپ قالدى؟ (1)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2014.11.18
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

بۇنىڭدىن 65 يىل مۇقەددەم، يەنى 1949-يىلنىڭ دېكابىر ئېيىدا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ رەھبىرى ماۋ زېدۇڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى دەسلەپكى قېتىم زىيارەت قىلغان ئىدى. ئۇ ستالىن بىلەن مۇزاكىرە يۈرگۈزۈپ، نەتىجىدە 1950-يىلنىڭ بېشىدا دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق ۋە ئۆز-ئارا ياردەم ھەققىدە كېلىشىمگە قول قويۇلدى.

يېقىندا «سېنتىر ئاسىيا» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان ۋىكتور رىلسكىينىڭ «نېمە ئۈچۈن ماۋ زېدۇڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن رەنجىدى؟» ناملىق ماقالىسىدە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە دائىر مەلۇماتلار كەلتۈرۈلگەن. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، 1949-يىلقى ئۇچرىشىش داۋامىدا ماۋ ستالىننىڭ يازلىق ئۆيىدە ئىككى ئاي ياشاپ، ئاساسىي جەھەتتىن ستالىن بىلەن سۆھبەتلەشكەن ۋە ھەتتا ئىككىسى دوست بولۇپمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ئىمزالانغان بولسىمۇ، ماۋ زېدۇڭ بۇ قېتىم جاراڭلىق سىياسىي تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا تاشلىمىدى. پەقەت سەككىز يىلدىن كېيىن، يەنى 1957-يىلنىڭ نويابىر ئېيىدا ئۇ، قوشنا دۆلەتكە ئىككىنچى قېتىم كەلگىنىدە، ئەلدە ۋەزىيەت باشقىچىرەك قېلىپلاشقان ئىدى. سەۋەبى 1953-يىلى ستالىن ۋاپات بولۇپ، ھاكىمىيەت بېشىغا نىكىتا خرۇشوف كەلگەندىن كېيىن، سوۋېت دۆلىتى ۋە پارتىيە سىياسىتىدە بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتاتتى.

1957-يىلى 18-نويابىردا موسكۋادا ئۆتكەن كوممۇنىستىك ۋە ئىشچىلار پارتىيىلىرىنىڭ 64-مەجلىسىدە باشقىلار بىلەن بىر قاتاردا ماۋ زېدۇڭمۇ نۇتۇق قىلغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى «مەن خەلقئارا ۋەزىيەتتە ھازىر يېڭى بۇرۇلۇش پەيتى يېتىپ كەلدى، دەپ ھېسابلايمەن. ئالەمدە ھازىر ئىككى شامال چىقىۋاتماقتا: شەرق تەرەپتىن ۋە غەرب تەرەپتىن. خىتايدا مۇنداق ئىبارە بار: ‹يا شەرق شامىلى غەرب شامىلىنى يېڭىدۇ، يا غەرب شامىلى شەرق شامىلىنى يېڭىدۇ.› مەن ھازىرقى ۋەزىيەت شەرق شامىلىنىڭ غەرب شامىلى ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈۋاتقانلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ، دەپ ھېسابلايمەن!» ماقالە ئاپتورى بۇنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈرىدۇ: «ماۋنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەپ ھېسابلىغانلىقى چۈشىنىكسىز، سوۋېت ئىتتىپاقىدا دەل شۇ چاغدا غەرب شامىلى سېزىلىۋاتاتتى. 1956-يىلنىڭ فېۋرالىدا سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيى ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدا خرۇشوف ستالىننىڭ شەخسكە چۇقۇنۇشى توغرىلىق مەشھۇر نۇتقى بىلەن سۆزگە چىققان ئىدى. قۇرۇلتاينىڭ ئىدىيىسىنى بىر نەچچە سۆز بىلەن ئىزھار قىلىشقا بولاتتى: بارلىق گۇناھلاردا ستالىن ئەيىبلىك.» ئەنە شۇ ۋاقىتتا خرۇشوف، ۋ. رىلسكىينىڭ ئېيتىشىچە، سەييارىنىڭ بىرىنچى كوممۇنىستى سۈپىتىدە ستالىننىڭ ئەپتى-بەشىرىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئەلدە يۈز بەرگەن بارلىق كېلىشمەسلىكلەرنى ستالىنغا ئارتقان ئىدى. خرۇشوفنىڭ سۆزى خىتاي رەھبەرلىكىدە قاتتىق غۇلغۇلا كۆتىرىپ، نەتىجىدە بۇ، بارا-بارا ھەتتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇشلارغىمۇ سەۋەب بولۇپ كەلدى.

1957-يىلى 19-نويابىردا ماۋنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندرېي گرومىكو بىلەن ئۇچرىشىشى بولۇپ ئۆتتى. مەزكۇر ئۇچرىشىشتا ماۋ زېدۇڭ مۇنداق دېگەن ئىدى: «بىزنىڭ ئويىمىزچە، ستالىننىڭ تۆھپىاى تەخمىنەن 70 پىرسەنت، خاتالىقى 30 پىرسەنت... بىز سىلەر بىلەن شۇ مەسىلىدە كېلىشمەيمىزكى، ستالىننىڭ قىلغان خىزمەتلىرى ۋە خاتالىقلىرىنىڭ دائىرىسى تېگىشلىك دەرىجىدە ئېنىقلانمىدى. بۇ سوئال پەقەت ستالىنغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى، پۈتكۈل سوۋېت خەلقىگە تېگىشلىك، سەۋەبى ستالىن ھايات ۋاقىتتا 30 يىل ئىچىدە ئىنقىلاب ۋە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشى تاماملاندى، ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىدا غالىبىيەت قولغا كەلتۈرۈلدى.» ماقالە ئاپتورى ماۋنىڭ بۇ سۆزلىرىنى مۇنداق دەپ ئانالىز قىلىدۇ: «ستالىن خىزمەتلىرىدىكى 70:30 دېگەن ماتېماتىكىلىق مەزمۇندىكى پروپورتسىيە ماۋغا شۇنداق ياقتىكى، ئۇ بۇنى ئۆز شەخسىيىگە نىسبەتەن قوللاندى. 1961-يىلى ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى: "مېنىڭ قىلغان ئىشىمنى قانداق باھالاشقا بولىدۇ؟ ئەگەر ئىجابىيلىق يەتمىش پىرسەنتكە، يامىنى ئوتتۇز پىرسەنتكە ئىگە بولسا، مەن بۇنىڭدىن بەك رازى بولغان بولار ئىدىم. مەن ئۆزۈمنىڭ كامچىلىقلىرىنى يوشۇرمايمەن، مەن ئەۋلىيا ئەمەس". بۇ جەرياندا ماۋ زېدۇڭ ئۆزىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئادەملەر ئۇنىڭغا دەل شۇنداق باھا بېرىدۇ، دەپ ئىشەنگەن ئېدى.» مەلۇم بولۇشىچە، ماۋ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىككىتەرەپلىمىلىك زىيارەتلەردە ۋە ئۇچرىشىشلاردا خرۇشوف ۋە ئومۇمەن، سوۋېت ئىتتىپاقىنى بىر قانچە قېتىم ئەيىبلىگەن ئىدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس كونستانتىن سىرويېژكىن مۇشۇ مەسىلىگە دائىر ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى:
-ئۇلار، ئومۇمەن، تارىختا دايىم بىر-بىرى بىلەن ياخشى بولماي كەلگەن. ئەگەر ئومۇمەن سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە كەلسەك، بۇ مۇناسىۋەتلەر 60-يىللارنىڭ باشلىرىدا بۇزۇلۇشقا يۈزلەندى. ئۇ ۋاقىتتا خرۇشوف بىلەن ماۋ زېدۇڭ ئوتتۇرىسىدا ئۈزۈلۈش يۈز بەردى. ئۇلار بىر-بىرىنى ياقتۇرمايتتى. سەۋەبى ستالىن ئۆلگەندىن كېيىن ماۋ ئۆزىنى خەلقئارا كوممۇنىستىك ھەرىكەتنىڭ رەھبىرى، دەپ ھېسابلىدى. بۇ، ئەلۋەتتە، خرۇشوفقا ياقمىدى. ماۋ زېدۇڭ 1957-يىلى موسكۋادا ئۆتكەن كوممۇنىستىك ۋە ئىشچىلار پارتىيىلىرىنىڭ مەجلىسىدە سۆزگە چىقىپ، ئۆزىنى باش ئىنقىلابچى دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. بۇ يىغىندا ئىككى تەرەپ بىر كېلىشىمگە كەلمەكچى بولسىمۇ، ئامما بۇ قېتىم ئەمدى پارتىيىلەر ئوتتۇرىسىدا پارچىلىنىش يۈز بەردى. ئۇلار بىر-بىرىنىڭ نامىغا خېلە كۆپ يامان سۆزلەرنى ئېيتتى. ماۋ زېدۇڭ بىلەن خرۇشوفنىڭ شەخسىي مۇناسىۋەتلىرى ئىنتايىن يامان بولغان ئىدى. ئەمدى ستالىندىن ماۋ زېدۇڭ چۆچەتتى. سەۋەبى ستالىن ئالاھىدە بىر شەخس بولۇپ، ئۇرۇش دەۋرىدىمۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ خەلقئارا كوممۇنىستىك ھەرىكەتنىڭ لىدېرى سۈپىتىدە كۆپچىلىككە تونۇلغان ئىدى.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.