خىتاينىڭ خەن دەۋرىگە ئائىت «ساڭجيې ئوقۇشلۇقى» غەربىي دىيار «باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىكى» قىلىنغانمۇ؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2023.08.30
5 يىلدىن بۇيان خوتەندە خىتاي مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇشنىڭ قەدەم-باشقۇچلىرى قوش تىللىق مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىك تېكىستىنى ئوقۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2006-يىلى 13-ئۆكتەبىر خوتەن.
AFP

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن بىرى بولغان «يېرىم ئايلىق سۆھبەت» ژۇرنىلىنىڭ 6-ئايدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىسىدە، «ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىكلىرى نېمە ئىدى؟ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇ ۋاقىتتا نېمىلەرنى ئۆگەندى؟ شىنجاڭدا قېزىۋېلىنغان ‹ساڭجيې ئوقۇشلۇقى› (仓颉篇) تارىشا پۈتۈكلىرى بىزگە خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى شىنجاڭدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىكلىرىنىڭ سىرىنى ئاشكارىلىدى» دېگەن مەزمۇندا يېزىلغان بىرقانچە قۇرلار كىشىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇ سۆزلەر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي خادىملىرىنىڭ سۆزى ئارقىلىق نەقىل كەلتۈرۈلگەن.

بۇ يىل 6-ئايدا، يەنى باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يازلىق تەتىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەزكۇر مۇزېيدا «شىنجاڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» ئېچىلغان. «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» شوئارى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ كۆرگەزمە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە كەڭ قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «ئىلغار جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى مەكتەپ ئىچىگە ئېلىپ كىرىش» تەشۋىقاتىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئاشكارا بولماقتا.

ئاتالمىش «شىنجاڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» دىن ئورۇن ئالغان «ساڭجيې ئوقۇشلۇقى» تارشا پۈتۈكى ھەقىقەتەن ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرىكى غەربىي دىيار «باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇشلۇقى» مۇ؟

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «خىىتاينىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت «ساڭجيې ئوقۇشلۇقى» خىتاينىڭ خەت ساۋاتىنى چىقىرىش كىتابى. شەرقىي خەن دەۋرىدە غەربىي دىيارنى ۋاقىتلىق بېسىۋېلىپ 60 يىلدەك سورىغان خىتاي ئىشغالچىلىرىدىن بىرەرى بەلكىم خەت ئۆگىنىش ئۈچۈن تارشا ئېلىپ يۈرگەن بولسا كېرەك، ئۇ دەۋردە خىتاينىڭ تولىسى ساۋاتسىز تۇرسا، قانداقمۇ يىراقتىن كېلىپ غەربىي دىياردا ساۋات چىقىرىدىغان مەكتەپ قۇرالىسۇن؟!» دېدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، «شىنجاڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» گە قويۇلغان «ساڭجيې ئوقۇشلۇقى» تارشا پۈتۈكىنىڭ 1993-يىلى نىيە خارابىلىكىدىن تېپىلغانلىقى، بۇ تارىخى مەلۇماتلارنىڭ ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «تايلاند ياكى ۋىيېتنامدىن خىتايغا ئائىت بىر نەرسە تېپىلسا ئۇ يەرنىمۇ ئەزەلدىن خىتاينىڭ تۇپرىقى دېيىشكە بولمىغىنىدەك، ساڭجيې ئوقۇشلۇقى» نىڭ نىيە خارابىلىكىدىن تېپىلىشى ئۇ زېمىننىڭ خىتاينىڭ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىمايدۇ، پەقەت شۇ جايغا خىتاي ئىشغالچىلىرىنىڭ قەدىمى يەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، خالاس» دېدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا ئائىت تارىخ، ئارخېئولوگىيە، قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى ۋە يەرلىك ھۈنەر-سەنئەت مىراسلىرىنى ئۆزگەرتىش، يوق قىلىش ياكى خىتاينىڭ قىلىۋېلىش تۈسىنى ئالغان كۆلەملىك «قايتا قۇرۇش» ھەرىكىتىنى باشلىغانىدى.

گېرمانىيەدىكى ئىنسانشۇناس پەنلىرى دوكتورى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى رۇنې سىتېنبېرگ (Rune Stenberg) ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزگە داخىل بولدى. ئۇ «خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى غەربىي دىياردا خىىتاينىڭ ‹ساڭجيې ئوقۇشلۇقى› باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىكى قىلىنغان» دېگەن سۆزدىنلا بۇنىڭ بىر ئويدۇرما، سەپسەتە ئىكەنلىكىنى، ئۇ دەۋردە باشلانغۇچ مەكتەپ سىستېمىسى دېگەنلەرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، ئۇ دىياردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تىلى ئۆگەنمىگەنلىكىنى تارىخىي مەلۇماتلار بىلەن شەرھىيلەپ ئۆتتى.

مەزكۇر ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ دۇنخۇاڭ، گەنسۇ، فۇياڭ، ئەنخۇي ۋە باشقا جايلىرىدا «ساڭجيې ئوقۇشلۇقى» غا مۇناسىۋەتلىك تارشا پۈتۈكلەر تېپىلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيىنىڭ تەتقىقات كۇتۇپخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان خادىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، «ساڭجيې ئوقۇشلۇقى» نىڭ نىيەدە تېپىلىشى بۇ نىيەلىكلەرنىڭ ئەينى دەۋردە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆگەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دوكتور رۇنې سىتېنبېرگ ئەپەندى بۇنىڭمۇ بىر تارىخىي يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى، خىتاي تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ تارىخنى يوشۇرۇش، بۇرمىلاش، يالغاننى ئويدۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، كىملىكىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا 110 ئاممىۋى كۇتۇپخانا، 117 مەدەنىيەت مەركىزى، 58 سەنئەت سارىيى، ھەر خىل ۋە قاتلامدىكى 246 مۇزېي، 11 دۆلەت ۋەتەنپەرۋەرلىك مائارىپى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى ۋە 91 ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك شىنجاڭدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك مائارىپ مەركەزلىرى، مائارىپ بازىسى ۋە 1130 مەدەنىيەت پونكىتى بار ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىدا يەنە 21 مۇزېيدىكى كۆرگەزمىلەرنى داۋاملىق يېڭىلاش ۋە ئۆزگەرتىش پىلانلانغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ جىددىي رەۋىشتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن سەپەرۋەرلىككە كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.