شى داگاڭ: بىزنى ئۇسۇل ئويناپ كۈتىۋېلىۋاتقانلار، پىچاق كۆتۈرۈپ قارشى تۇرۇۋاتقانلاردىن كۆپ

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.05.31
shi-dagang-305.png ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى داگاڭ
AFP

ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى داگاڭنىڭ ئالدىنقى كۈنى بېيجىڭدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى خەلقئارادىكى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققەت ۋە ئىنكاسىنى قوزغىدى. ئىككى كۇندىن بېرى بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەر ۋە ئانالىزلاردا، شى داگاڭنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ ھەقىقىي رېئاللىقىنى بۇرمىلىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە تەنقىدلەندى.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.

شى داگاڭنىڭ بۇ قېتىمقى سۆزلىرى ئاساسى مەزمۇن جەھەتتىن، باشقا خىتاي رەھبەرلىرى يىللاردىن بېرى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بايانلار بىلەن ئوخشاش. يەنى دېيىلمەكچى بولغىنى، رايوننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمى جەھەتتىن ياخشى ئىكەنلىكى، خىتايغا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ ئاز ساندىكى كىشىلەر ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ساياھەتچىلەر ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن بىخەتەر بىر جاي ئىكەنلىكى. پەقەت شى داگاڭ بۇ قېتىم، ئوخشاش پىكىرنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ۋە پەرقلىق مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. مەسىلەن ئۇ، ساياھەتچىلەرگە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېرىش ئۈچۈن، رايوندىكى 3 خىل كۈچلەرنىڭ ھۇجۇم نىشانى جايلاردىكى ئەمەلدارلار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. رايون ۋەزىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئۇيغۇر نوپۇسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە بولغان ناھىيە، يېزىلاردىمۇ خىتاي ئاھالىلىرى ۋە كادىرلىرىنىڭ ئامان - ئېسەن ياشاۋاتقانلىقىنى پاكىت قىلىپ كۆرسەتكەن. ئۇ مۇقىملىق پىلانى توغرىسىدا 8 سۆزلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ تەدبىرلەر ئارىسىدا مائارىپنى بىرىنچى رەتتە، زەربە بېرىشنى ئاخىرىقى رەتتە تىلغا ئالغان.

رويتىرىس قاتارلىق خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرى، ۋېن خۇيباۋ قاتارلىق خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرى شى داگاڭنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ۋە مۇلاھىزىلەرنى ئېلان قىلدى. مۇلاھىزىلەردە شى داگاڭ بەرگەن مەۇلاماتلارغا قارىتا گۇمانلار ئاساسلىق ئورۇن تۇتتى.

بۇ ھەقتە گېرمانىيە ئاۋازى رادىئوسىغا سۆز قىلغان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ۋاڭ لىشيۇڭ، ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ خاتىرجەم ياشاۋاتقان ۋە بىخەتەر ئىشلەۋاتقانلىقىنى رەت قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئاخبارات ئەركىنلىكى بولمىغان يېپىق بىر جەمئىيەتتە ۋەزىيەتنىڭ سىرتتىن قارىغان چاغدا تىنچ كۆرۈنىدىغانلىقىنى، ئەمما پۇرسىتى كەلگەندە جەمئىيەتتىكى غەزەپ - نەپرەتنىڭ پارتلاش خاراكتېرىدا ئاشكارىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن بۇرۇنقى ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى، 14 - مارت لاسا ۋەقەسىدىن بۇرۇنقى تىبەت ۋەزىيىتىمۇ قارىماققا تىنچ ئىدى. يەنە ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ياپونلار خىتاي ئۆلكىلىرىنى بېسىۋالغان چاغدىمۇ بۇ جايلاردا خىتايلار كۆپ سانلىقتا ئىدى، ئاز ساندىكى ياپونلار شۇ جايلارنى ئىدارە قىلغان ۋە بىخەتەر ياشىغان. بۇ ھەرگىز خىتاي خەلقىنىڭ ياپان تاجاۋۇزچىلىرىدىن رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمىگىنىدەك، ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي ئەمەلدارلىرى بىخەتەر ياشاپ كېتىۋاتقان بولسا، بۇمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىدىن رازىمەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ.

شى داگاڭنىڭ سۆزلىرى ھەققىدە تەسپىلىي خەۋەر بەرگەن رويتىرىس ئاگېنتلىقى، شى داگاڭنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىرادىسى ۋە مىللىي كەيپىياتى ھەققىدىكى بايانلىرىنى مەسخىرە قىلغان. خەۋەرنىڭ ماۋزۇسى، شى داگاڭنىڭ سۆزلىرىن نەقىل شەكلىدە بېرىلىپ مۇنداق دېيىلگەن «بىزنى ئۇسۇل ئويناپ كۈتىۋېلىۋاتقانلار، پىچاق كۆتۈرۈپ قارشى تۇرۇۋاتقانلاردىن كۆپ.»

شى داگاڭنىڭ سۆزلىرىگە تۇنجى بولۇپ ئىنكاس قايتۇرغان ئۇيغۇربىز توربېتى، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىكى رايوننى مائارىپ ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش دېگەن سۆزلىرىنى ساختىپەزلىك دەپ تەنقىد قىلغان. تور باياناتىدا، شى داگاڭ، قەشقەردە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋاقتىدا مىللىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇشتا باشلامچىلىق ۋە ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشتە پىلانلىغۇچىلىق رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ئۇنى قانۇندىن ئېغىز ئېچىش سالاھىيىتى يوق دەپ تەنقىد قىلغان.

شى داگاڭنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھەققىدىكى سۆزلىرى ئۈستىدە توختالغان ۋاڭ لىشيۇڭ مۇنداق دېگەن «ساقالغا يول قويمىغان، پەرەنجىگە قول ئۇزاتقان، روزىنى بۇزدۇرۇۋاتقان بىر ھاكىمىيەتنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھەققىدىكى بايان ۋە ۋەدىلىرىگە ئىشىنىش مۇمكىن ئەمەس.»

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئىلشات ھەسەن، شى داگاڭنىڭ سۆزلىرى ئۇستىدە پىكىر بايان قىلىپ تۆۋەندىكى نۇقتىلار ئۈستىدە توختالدى:

سوئال: شى داگاڭنىڭ سۆزلىرىدە سىزنىڭ دىققىتىڭىزنى تارتقان نۇقتىلار قايسىلار؟

جاۋاب: بىرىنچى، شى داگاڭ، شەرقى تۈركىستاندىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ مۇقىملىقنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما مۇقىملىقنى كىم بۇزۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالمىدى. توغرا ئۇنىڭ دېگىنىدەك ئۇيغۇر خەلقى مۇقىملىقنى خالايدۇ؛ مۇقىملىقنى خالىغانلىقى ئۇچۇنلا زۇلۇمغا قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئىككىنچى، ئۇ رايوننى تەرەققىي قىلدۇردۇق، دېدى، ئەمما بۇ تەرەققىياتتىن كىمنىڭ بەھرىمان بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالمىدى. توغرا رايون تەرەققىي قىلدى، ئەمما تەرەققىياتتىن ئۇيغۇرلار ئەمەس، خىتايلار پايدىلاندى، خىتايلار باي بولدى. شى داجاڭنىڭ سۆزلىرىدىن مەلۇمكى، خىتاينىڭ مۇقىملىق دېگىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە شەرتسىز ئىتائەت قىلىشى، زۇلۇمغا باش ئېگىشى ۋە خىتاينىڭ رايوننىڭ بايلىقلىرىنى توسالغۇسىز بۇلاپ - تالىشى ئۈچۈن قارشىلىقسىز بىر مۇھىتنىڭ ھازىرلىنىشى.

سوئال: شى داگاڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، بۇ جايلاردا، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە، خەنزۇلار ئاز سانلىقتا بولسىمۇ، خەنزۇلار يەنىلا بىخەتەر ياشاۋاتىدۇ، مانا بۇ، رايون ۋەزىيىتىنىڭ تىنچلىقىنىڭ ئىسپاتى دېگەن ھەم ئۆزىنىڭ جەنۇبتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان چاغدا، يېنىغا مۇھاپىزەتچى ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، بۇ سۆزلەرگە قانداق قارايسىز؟

جاۋاب ئۇ رايوندىكى خىتاي خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندوستلۇقىدىن ئەمەس، بەلكى چېگرا بويلاپ مۇھاپىزەتتە تۇرۇۋاتقان ئەسكەرلەر، ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان قۇرۇلۇش ئارمىيەلىرى، يېزا - يېزىلاردىكى ساقچىخانىلارنىڭ ھىمايسىدە قوغدىلىۋاتىدۇ. ئەگەر شى داگاڭ يېزىلارنى مۇھاپىزەتچىسىز ۋە قورالسىز ئايلانغانلىقى راست بولسا، بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سەنئەتخۇمارلىقىدىن ئەمەس، شۇ جايلاردا توختىماي داۋام قىلىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى، قارشلىق كۆرسىتىش ئىدىيىسىدىلا ئەمەس، مۇشۇنداق ئىدىيە شەكىللىنىش ئېھتىمالى بولغان كىشىلەرنىڭ تۇتۇلۇپ تۈرمىلەرگە تاشلىنىشى نەتىجىسىدىكى بىخەتەرلىك.

سوئال: ئۇ يەنە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مېھماندوستلۇقى، سەنئەتخۇمارلىقى ۋە ئاقكۆڭۈللۈكىنى تىلغا ئېلىپ، رايوندا مۇقىمسىزلىقنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسى يوقلۇقىنى كۆرسىتىپتۇ، بۇ نۇقتىغا قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: مىللىتىمىزنىڭ سەنئەتخۇمارلىقى مەنچە ئۇنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەگەر ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت بىلەن مۇناسىۋىتى بار دېيىلسە، ئۇ چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈن سەنئەتكە بېرىلىشى ھەرگىز ئىجابىي بىر ئالامەت ئەمەس. چۈنكى، بۇ يەردە ئۇنىۋېرىسال تەرەققىيات دەپ بىر گەپ بار؛ ئەگەر بىر مىللەت ئىقتىساد، سىياسەت ۋە پەن تېخنىكا جەھەتتىن تەرەققىي قىلماي، يالغۇز سەنئەت جەھەتتىن تەرەققىي قىلىپ كېتىۋاتقان بولسا، بۇ ساغلام تەرەققىيات ئەمەس. بۇ يەردىكى سەنئەتخۇمارلىق زۇلۇمدىن قېچىش ۋە زۇلۇمغا ئىنكاس قايتۇرۇش بولۇشى مۇمكىنكى، ۋەزىيەت مەمنۇنلۇقىدىن بىشارەت ئەمەس.

سوئال: شىداگاڭ سۆزىدە، رايوندىكى ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ ھۇجۇم نىشانىنىڭ جايلاردىكى ئەمەلدارلار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنى ئۇيغۇر رايونىنى ئەندىشە قىلماستىن ساياھەت قىلىشقا چاقىرىپتۇ، سىزنىڭ بۇ سۆزلەرگە قارىتا پىكرىڭىز نىمە؟

جاۋاب: مەنچە بۇ ئۇنىڭ باياناتىدىكى توغرا ۋە دىققەتكە سازاۋەر بىر نۇقتا. خىتاي ئەمەلدارلىرى يىللاردىن بېرى رايوندىكى ئىسيانچىلارنى ئۇچ خىل كۈچلەر، جۇملىدىن تېررورچىلار دەپ ئەيىبلەپ كەلدى، جاڭ چۈنشيەن تېخى يېقىندا بۇ«تېررورچىلار»نىڭ دىنى ۋە مىللىتى يوقلۇقىنى، ئۇلارنىڭ پۇقرا ۋە ئەمەلدار دەپ ئايرىمايدىغانلىقىنى، ئىنسانلىققا قارشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى. شى داگاڭنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ يەردىكى ئۈچ خىل كۈچلەر پەقەت جايلاردىكى ئەمەلدارلارغىلا قارشى. چۈنكى، بۇ ئەمەلدارلار ئۇلار تەرىپىدىن سايلانغان ئەمەس، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداۋاتقانلار ئەمەس؛ ئۇلار خىتاي مۇستەملىكە ھاكىمىيىتىنىڭ بۇلاڭ - تالاڭ ۋە زۇلۇم - سىتەملىرىدە ئالدىنقى سەپتە قوماندانلىق قىلىۋاتقان ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقانلار. بۇرۇن تۇتۇلغان، ئېتىلغان ۋە جازا مۇددىتىنى ئوتەۋاتقان ئۆچ خىل كۇچ ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئەركىنلىك ئۈچۈن، ئىنسانىي ھەق ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلار، شى داگاڭنىڭ شۇ جۇملىسىدىكى سۆزى بويىچە ئېيتقاندىمۇ بۇ ئۈچ خىل كۈچلەر ھاكىمىيەتكە قارشى جەڭچىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.