ئەنگلىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى خىتاي رەئىسىنىڭ سەمىگە سالماسلىقى نارازىلىق قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.10.22
shi-jinping-engiliye-David-Cameron.jpg

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئەنگلىيە باش مىنىستىرى داۋىد كامېرون بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا. 2015-يىلى 21-ئۆكتەبىر، لوندون. AFP

shi-jinping-engiliye-David-Cameron-1.jpg

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئەنگلىيە باش مىنىستىرى داۋىد كامېرون بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا. 2015-يىلى 21-ئۆكتەبىر، لوندون. AFP

shi-jinping-engiliye-ziyaret.jpg

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئەنگلىيەگە بولغان زىيارىتى قارشى ئېلىش مۇناسىۋىتىبىلەن لوندوننىڭ مەركىزىدىكى سودا مەركىزىدە ئېسىلغان خىتاي ۋە ئەنگلىيە بايراقلىرى. 2015-يىلى 18-ئۆكتەبىر. AFP

shi-jinping-engiliye-ziyaret-ayropilan.jpg

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئايالى پېڭ لىيۋەن ئايروپىلاندىن چۈشمەكتە. 2015-يىلى 19-ئۆكتەبىر، لوندون. AFP

ئەنگلىيە بىلەن خىتاي ئىككى ئەل مۇناسىۋىتىنى21‏-ئەسىردە يەر شارى خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ پىكىر ئىككى دۆلەتنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئورتاق خىتابنامىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

29 نۇقتىلىق ئورتاق خىتابنامىدە، ئىككى ئەل نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئورتاق پىكرى ھاسىل قىلغان ۋە ھەمكارلىق ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى ئەنگىلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى» نى ئېچىپ بەردى، دەپ كۆرسەتكەن.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شى جىنپىڭ ۋە خانىمى پېڭ لىيۈەننى داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىپ، ئۇلارغا زور ئىلتىپات كۆرسىتىشى، ئاساسى نۇقتىنى سودىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاشكارا تىلغا ئالماسلىقى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.

ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى دەيۋىد كامېرون چارشەنبە كۈنى شى جىنپىڭ بىلەن دوۋنىڭ كوچىسىدىكى باش ۋەزىر مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، «خىتاي بىلەن بولغان سودىنى كۈچەيتىش كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە چوڭقۇرلاپ پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا پايدىلىق» دېگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ سۆزى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قايىل قىلغاندەك ئەمەس.

ئەنگلىيە لوندوندا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر سەنئەتچى ۋە پائالىيەتچى رەھىمە مەخمۇت، ئۆزىنىڭ بۇرۇن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسىدىن ئەپسۇسلانغان بولسا، بۇ قېتىم قاتتىق «غەزەپلەنگەنلىكى» نى بىلدۈردى.

رەھىمە مەخمۇت: بۇرۇن بۇ دۆلەتكە بولغان مۇشۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە يېتەرلىك ئەيىبلىمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەپسۇسلانغان بولسام، بۇ قېتىمدا مەن ئىنتايىن غەزەپلەندىم. مەن مۇشۇ مېنى زىيارەت قىلغان پۈتۈن گېزىتچىلەرگە) مۇخبىرلارغا ( شۇنداق دېدىم، بۇرۇن بۇ دۆلەتتىن كۆڭلۈم يېرىم بولغان بولسا، ھازىر مەن غەزەپلەندىم.

چۈنكى، مۇشۇنداق كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان، بىزنىڭ دوغۇ تۈركىستاندا) شەرقىي تۈركىستاندا( شۇنچىلىك جىق بىگۇناھ خەلقلەرنى ئۆلتۈرگەن، ئىلھام توختىدەك مۇشۇنداق ئالىملىرىمىزنى، شۇنچىلىك ئەمدى دۆلەت ئىچىدە بىزنىڭ خەلقىمىزنىلا ئەمەس، ئۆزىنىڭ خەلقىگىمۇ شۇنداق زۇلۇم قىلىۋاتقان ئادەمنى بۇنداق كاتتا كۈتۈۋېلىشتىن پەقەت مەن ئەمەس، مۇشۇ دۆلەتتىكى خەلقلەر قاتتىق نارازى بولدى.

رەھىمە خانىم، دەيۋىد كامېروننىڭ خىتاي بىلەن سودا كۈچەيسە، كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا قۇلايلىق، دېگەن پىكرى قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو بىلەن سودا ئالاقىسى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭغا يول قويۇلسا، بۇ ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى داۋاملىق باستۇرۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.

رەھىمە مەخمۇت: ئەلۋەتتە، بۇ ھېچقانداق ۋاقىتتا ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئۇ ناچار بولۇشقا ئۇلارغا تېخىمۇ پۇرسەت بېرىدۇ. چۈنكى، ئۇلار مانا بىز مۇشۇنداق قىلساقمۇ باشقا دۆلەتلەر بىزنى ئەيىبلىمىدى، بىزگە يەنە ئوخشاش پۇرسەت بەردى، بىز دۇنيادا ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بىز، دەپ قارايدۇ. قايسى دۆلەت دۇنيادا جۇڭگوغا نورمال يول بىلەن گەپ ئۆتكۈزۈپ باققان. ئۇ ھېچقاچان نورمال بىر يول بىلەن بىرسىنىڭ گېپىنى قوبۇل قىلمايدۇكى. پەقەت ئىقتىسادىي جازا بىلەن ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ گېپىنى ئۆتكۈزگەن دۆلەتلەر بار.

ئەمما شى جىنپىڭ چارشەنبە كۈنى دوۋنىڭ كوچىسىدىكى باش ۋەزىر مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئۆزگەرتىشكە يەنىلا ئىمكانىيەت بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ: «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كەلسەك، جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مۇھىملىقىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىزنىڭ جۇڭگونىڭ شەرت-شارائىتىغا مۇۋاپىق تۇتقان يولىمىز بار. دۇنيادا ھەر ۋاقىت ئىمكانىيەت تېپىلىدۇ. جۇڭگو، ئەنگلىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تەييار» دېگەن.

شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى ئەنگلىيە سەپىرىدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلگەن ئىدى.

20- ئۆكتەبىر، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابېت 2-شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ئايالى پېڭ لىيۈەننى بۇككىنخام سارىيىدا زىياپەت بېرىپ كۈتۈۋالغاندا تىبەت، فالۇنگوڭ، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلار خان سارىيى سىرتىدا نامايىش قىلغان.

21‏-ئۆكتەبىر، ئۇ دوۋنىڭ كوچىسىدىكى 10‏-نومۇرلۇق باش ۋەزىر مەھكىمىسىگە كېلىپ، دەيۋىد كامېرون بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرغاندا ئوخشاشلا تىبەت، فالۇنگوڭ، ئۇيغۇر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزگەن.

باش مىنىستىر دەيۋىد كامېروننىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى يەنە، ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كەلگەن. ئىشچىلار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى فېيبيان خامىلتون 19‏-ئۆكتەبىر ئەنگلىيە پارلامېنتىدا تىبەت، ئۇيغۇر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىگە چۈشلۈك «غەيرىي رەسمىي دۆلەت زىياپىتى» بېرىپ، دەيۋىد كامېروننىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

رەھىمە مەخمۇت فېيبيان خامىلتوننىڭ بەرگەن چۈشلۈك « غەيرىي رەسمىي دۆلەت زىياپىتى» تەكلىپ قىلىنغان پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى. ئۇ، پارلامېنت ئەزاسى فېيبيان خامىلتوننىڭ چۈشلۈك « غەيرىي رەسمىي  دۆلەت زىياپىتى» دە نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغان. رەھىمە مەخمۇت بۇ زىياپەتنىڭ مەقسىتى باش مىنىستىرى دەيۋىد كامېرون ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا «كىشىلىك ھوقۇق سىگنالى» بېرىش، دەپ كۆرسەتتى.

رەھىمە مەخمۇت: مەن ئۇ يەردە شەخسەن ئۆزۈم بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ئېزىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا، يېقىندا) ش ئۇ ئا ر 60 ( يىللىقى ئىكەنلىكىنى، بىز ئۇلارغا ئىقتىسادىي ۋە ھەر جەھەتلەردە ياردەم قىلىۋاتىمىز، تۇرمۇشى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، دېگەن سۆزلىرىگە قارشى ئۆزۈمنىڭ پىكرىنى ئاڭلاتتىم.

پارلامېنت ئەزاسى فېيبيان بۇرۇن تىبەتلەرنىڭ ھەرىكىتىگە ئاكتىپ) كۆڭۈل بۆلىدىكەندۇق(، لېكىن مەنمۇ ئايرىم پاراڭلىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتتىم، ناھايىتى قىزىقىپ ئاڭلىدى. بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويىدىغانغا نېمە قىلدۇق. ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى.

مۇخبىر: بۇ يەردە ئۇ پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بەرمەكچى بولغان سىگنالى كامېرون ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى 2‏-بىر پىلانغا ئىتتىرىپ قويغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتمۇ قانداق؟

رەھىمە مەخمۇت: ئەلۋەتتە، بۇ دۆلەتسىز چۈشلۈك تاماق، دېگەن نامدا ئۆتكۈزۈلدى. ئۇلار چوڭ سارايلاردا ئالىي زىياپەتلەردە بولىدۇ، بىز كىشىلىك ھوقۇق ئىنسانلىق نېمىسىنى قوغدايمىز، دەپ ياشاۋاتقان ئىنسانلار، بىزگە بېرىدىغان دۆلەتلىك ھېچقانداق ئورۇن يوق. ئۇنداق بولغان ئىكەن، بىزنىڭ دۆلەتسىز چۈشلۈك تاماق، دېگەن بۇ پائالىيەتتىكى بېرىدىغان سىگنال نارازىلىق.

ئەنگلىيە بىلەن خىتاي پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان 29 نۇقتىلىق ئورتاق خىتابنامىدە يەنە، 2 ئەلنىڭ كەلگۈسى 10 يىلدا مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا ئىجادچانلىق ۋە رىقابەتنى قوللاش ئارقىلىق «ئىككى ئەل خەلقىگە پاراۋانلىق» يارىتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمە، تەرەققىيات يولى، نېگىزلىك مەنپەئەتىنى ئېتىراپ قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك دىئالوگ مېخانىزمى قۇرۇش، تەشكىللىك جىنايى ھەرىكەتلەرگە، تور جىنايەتلىرىگە، قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە زەربە بېرىش جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىر-بىرىنىڭ ئەقلىي مۈلك ھوقۇقى، سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىماسلىق، ياكى سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنماسلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇش جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.