كوۋىد سىياسىتى مەغلۇپ بولغان شى جىنپىڭنىڭ ھاكىممۇتلەق ئورنى قانچىلىك مۇستەھكەم؟

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.12.30
شى جىنپىڭنىڭ يېڭى پادىشاھلىقى: بېشارەتلەر ۋە ئىبرەتلەر خىتاي رەئىسى شى جىنپڭ 20-نۆۋەتلىك خىتاي مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 16-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
AP

شى جىنپىڭ بۇ يىل 10-ئايدا خىتايغا ئۆمۈرلۈك پادىشاھ بولۇش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىدىن باشلانغان «كوللېكتىپ رەھبەرلىك» شەكلى ۋە «ئىككى قاراردىن ئاشماسلىق» بەلگىلىمىسى بۇزۇپ تاشلانغان. خىتاي ئانالىزچىلىرى بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ئېلىپ بارغاندا، «شى جىنپىڭ خىتاينى ماۋ زېدۇڭ دەۋرىگە قايتۇردى، ئۇنىڭ ھوقۇقى ھەتتا ماۋ زېدۇڭدىن ئېشىپ كەتتى؛ ھەممە ئادەم بىر دىكتاتورنىڭ ئېغزىغا قارايدىغان ۋە ئۇنىڭغا مۇتلەق بويسۇنىدىغان دەۋر قايتىپ كەلدى» دېگەن يەكۈننى چىقارغان.

29-دېكابىر رويتېرس ئاگېنتلىقى تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بېرى خىتاينىڭ ھەربىي ۋە مەمۇرىي ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىشقا كۈچىگەن بولۇپ، بۇ ئۇرۇنۇشلىرى بىكار كەتمىگەن؛ 2022-يىل كوۋىد يامرىغان ۋە خىتاي بىلەن خەلقئارانىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلەشكەن مەزگىلدىمۇ، داۋالغۇش ئىچىدىكى بۇ ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ ئۆز ھوقۇقىنى مۇستەھكەملىگەن، باشقا پىكىر ياكى قارشى پىكىردىكى ھوقۇقدارلارغا پۇرسەت بەرمىگەن. رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغاندا پۇتىنغا ئاستىرىتتىن مەدەت بېرىپ، مۇستەبىت كۈچلەر ئىتتىپاقى شەكىللەندۈرگەن؛ كوۋىد يۇقۇمى يامرىغاندا چوڭ شەھەرلەرنى قامال قىلىپ، خىتاي پۇقرالىرىنى مۇتلەق كونترول قىلىش كۈچىنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتكەن.

29-دېكابىر كۈنى، ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «تېلېگراف» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىت دۇنيا تەرتىپى بەرپا قىلىش چۈشىنىڭ ئۇ ئېلىپ بارغان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى تۈپەيلىدىن بەربات بولۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە قانچە ئادەمنىڭ يۇقۇملىنىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇلار دۇنيانىڭ شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتايغا بولغان قارىشىنى ئۆزگەرتىدۇ».

ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچى خۇپىڭ شى جىنپىڭنىڭ 20-قۇرۇلتايدىن ئاۋۋال «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكى، ئىقتىسادتا چېكىنىش ۋە ئاچلىقتىن ئۆلۈش ۋەقەلىرىگە قارىماي قامالنى بوشاتمىغانلىقىنى ئۇنىڭ قايتا تەختكە چىقىش ئالدىدىكى مۇھىم تەدبىرى دەپ چۈشەندۈرىدۇ.

خۇپىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ 20-قۇرۇلتايدا خىتايغا ئۆمۈرلۈك خوجا بولۇش مەقسىتىگە يەتكەندىن كېيىن، قامالنى بىراقلا بوشاتسا گۇمان قوزغايدىغانلىقىنى پەملەپ، قەدەممۇ قەدەم بوشىتىشنى پىلانلىغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «شى جىنپىڭ 20-قۇرۇلتايدىن ئاۋۋال ھېچقانداق ئىش چىقمىسۇن دېدى. ئەگەر 20-قۇرۇلتايدىن ئاۋۋال ياكى قۇرۇلتاي مەزگىلىدە ھازىرقىدەك پۈتۈن مەملىكەتتە نەچچە يۈز مىليون ئىنسان كوۋىدتىن يۇقۇملانغان، جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرى يېتىشىپ بولالمىغان بولسا، قۇرۇلتاينى ئېچىشى تەس بولاتتى. شۇڭا ئۇ 20-قۇرۇلتايدىن ئاۋۋال ھېچنېمىگە قارىماي ‹يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش› سىياسىتىنى يولغا قويدى. 20-قۇرۇلتايدىن كېيىن بۇ سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولدى؛ ئەمما شۇنى ھېس قىلدىكى، بەك تېز ئۆزگەرتىۋەتسە، كىشىلەر ئۇنىڭ غەرىزىنى بىلىپ قالاتتى. چۈنكى ئۇنىڭ مەقسىتى يۇقۇمنى كونترول قىلىش ئەمەس، بەلكى سىياسىي غەرەز بولاتتى. شۇڭا ئۇ باشقىلارنىڭ بۇ نۇقتىنى بايقىۋېلىشىنى خالىمىدى. شۇڭا ئۇ سىياسىتىنى قەدەممۇ قەدەم ئۆزگەرتتى. ئەمما بۇ ۋاقىتتا ‹ئاق قەغەز ھەرىكىتى› يۈز بەردى».

ئۆتكەن ئايدا كۆرۈلگىنىدەك، ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدىن كېيىن ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ كەتكەن؛ خىتاي پۇقرالىرى «ئاق قەغەز ئىنقىلابى» قوزغاپ، خىتاي كومپارتىيەسى ۋە شى جىنپىڭغا قارشى شوئار توۋلىغان.

خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قامال سىياسىتىنى بوشىتىشىغا «ئاق قەغەز ئىنقىلابى» بىۋاسىتە سەۋەب بولغان، شۇنداقلا ھۆكۈمەت يۇقۇمنى تىزگىنلەشكە ھەقىقەتەن ئامالسىز قالغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شى جىنپىڭمۇ ‹يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش› سىياسىتىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. چۈنكى ئومىكرون دېگەن بۇ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش كۈچى يۇقىرى بولۇپ، ھۆكۈمەت قامال سىياسىتىنى بىكار قىلىشتىن بۇرۇن كۆپلىگەن شەھەرلەردە، جۈملىدىن بېيجىڭدا يۇقۇمدارلار بەك كۆپىيىپ كەتكەنىدى. ھۆكۈمەتمۇ بۇنى بىلەتتى، شۇڭا قامال سىياسىتىنى تەرك ئەتتى. ئەلۋەتتە، ئاق قەغەز ئىنقىلابى ئۇنىڭغا تۈرتكە بولدى. نۇرغۇن جايلاردىكى نامايىشتا قامالنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەلەپ قىلىندى. ھەتتا كومپارتىيە تەختتىن چۈشسۈن، شى جىنپىڭ تەختتىن چۈشسۈن دېگەن شوئارلار توۋلاندى. بۇ ئەھۋالدا شى جىنپىڭ بۇ سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى ۋە ئۇنى بىراقلا ئۆزگەرتتى».

ئامېرىكالىق تارىخچى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ خىتاي ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى يۈ ماۋچۈن يېقىندا «ئەركىنلىك ۋاقتى گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ 3 يىل داۋام قىلغان كوۋىد سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «شى جىنپىڭنىڭ 3 يىلدىن بۇيان مۇستەبىت كوممۇنىست ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جاھىللىق بىلەن ئىجرا قىلغان كوۋىد سىياسىتى مەغلۇپ بولدى. خىتاي بىر كېچىدە پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىلدى. مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ خاراكتېرى مۇشۇنداق. بىر كۈندە ئۆزگىرىپ ئالەمنى مالەم قىلىدۇ. بىچارە خىتاي خەلقىنى قۇتىنىڭ ئىچىدىكى تاشپاقىدەك ئۆرۈپ-چۆرۈيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى كوممۇنست خىتاينىڭ مۇقىملىقى ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ داۋامى ئۈچۈندۇر».

«رويتېرس ئاگېنتلىقى» ئېلان قىلغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭ 20-قۇرۇلتايدىن كېيىن ئۆز ھاكىمىيىتىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان نامايىش ۋە خىتايغا قارشى شەكىللەنگەن سوغۇق مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا كىرىشكەن. 11-ئايدا ھىندونېزىيەدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قايتا تەڭشىمەكچى بولغان. ھالبۇكى، ئامېرىكا بۈگۈنكى خىتاينى ئاللىقاچان خەتەرلىك رەقىب دەپ تونۇغان بولۇپ، «سىياسەتچى» تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىگە ئىشەنمىگەن ۋە ئۇنىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش ھېرىسى ۋە خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن سودا، پەن-تېخنىكا ساھەسىدە خىتاينى چەكلەيدىغان بىر يۈرۈش سىياسەت ۋە قانۇنلارنى تۈزۈپ چىققان.

شى جىنپىڭ ئۆزىگە قارشى ھەرىكەتلەرنى بېسىقتۇرۇش ھەمدە ئىقتىسادى ناچارلاشقان ھۆكۈمىتىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن 12-ئاينىڭ بېشىدا «يۇقۇمنى كونترول قىلىش» قاماللىرىنى بوشاتقان. ئەمما ھۆكۈمەت يېتەرلىك تەييارلىق قىلمىغانلىقتىن، يۇقۇم ئاپىتى تېخىمۇ يامراپ كەتكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرىچە، 1 مىليارد 400 مىليون ئاھالىىسى بار خىتايدىكى يۇقۇمدارلار كېلەر يىلى تېخىمۇ كۆپىيىدىكەن ۋە ئاز دېگەندە 1 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم كوۋىد سەۋەبىدىن ئۆلىدىكەن.

خۇپىڭ قاتارلىق ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ سىياسەت-قارارلىرى ئاساسەن ئۆز ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن چىقىرىلغان بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەس. بۇ جەھەتتە ئۇ ماۋ زېدۇڭغا تولىمۇ ئوخشايدۇ. ئەگەر خىتايدا بالاسى ئاپەت ئېغىرلاشسا، ئۇ تېخىمۇ كۆپ زەربىگە ئۇچرايدۇ ۋە پادىشاھلىق تەختىمۇ لىڭشىپ قالىدۇ.

ئامېرىكادىكى ئانالىزچى گوردون چاڭ ئەپەندى شى جىنپىڭ ۋەكىللىكىدىكى كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ ئاللىقاچان خىتاي خەلقىنىڭ ئىشەنچىدىن مەھرۇم بولغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ ئۇلىنىڭ تەۋرەپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «داڭلىق خىتاي تارىخچىسى يو يۇڭچى بىر نەچچە يىل بۇرۇن ماڭا: ‹1949-يىل جاڭ جېشىنىڭ گومىنداڭ ئارمىيەسى ماۋ زېدۇڭنىڭ قىزىل ئارمىيەسىدىن كۆپ كۈچلۈك ئىدى. بىراق جاڭ جېشىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى خىتاي خەلقىنىڭ ئىشەنچىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى. ئەمدىلىكتە خىتاي كومپارتىيەسى خىتاي خەلقىنىڭ ئىشەنچىدىن ئايرىلماقتا. خىتاي كومپارتىيەسى ھازىر خەلقنى قورقۇتۇش، مەجبۇرلاش ياكى تۈرمىگە سولاش بىلەنلا قالماي، قورال كۈچى بىلەن ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاينىڭ دىكتاتورلۇقى بۇرۇنقى كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتلەردەك مەغلۇپ بولسا دەرھال غۇلاپ چۈشىدۇ. 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىن كېيىن پارتلىغان قارشىلىق ھەرىكىتىدە خىتاي خەلقىدە قورقۇنچ دېگەن نەرسە قالمىدى. خىتاي خەلقىدە قورقۇنچ تۈگىسە ھەر قانداق ئىش يۈز بېرىدۇ. خىتاي ھازىر ئېغىر داۋالغۇش ئىچىدە».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.