پۇل مۇئامىلە گېزىتى: شى جىنپىڭ خىتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەت ئەندىزىسىدىن ۋاز كەچتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.06.02
shi-jinping-qurultayda.jpg خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ خىتاي قۇرۇلتىيىدا بىلەت تاشلاۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2016-يىلى 16-مارت، بېيجىڭ.
AFP

«پۇل مۇئامىلە گېزىتى» خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ خىتايدىكى 30 يىللىق سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىيە ئەندىزىسىدىن ۋاز كېچىپ، ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمرانلىق يولىغا قەدەم باسقانلىقىنى بايان قىلدى.

ب ب س 31-ماي «پۇل مۇئامىلە گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «شى جىنپىڭ خىتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەت ئەندىزىسىدىن ۋاز كەچتى» ناملىق ماقالىدىن نەقىل ئېلىپ بايان قىلىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خىتايدا 1978-يىلى دىڭ شاۋپىڭ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە 30 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ كەلگەن ئاساسىي ئەندىزىلەردىن ۋاز كېچىپ، ھاكىممۇتلەق بىر سىياسەت يۈرگۈزۈش يولىغا قەدەم باسقان.

خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى دىڭ شاۋپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن، 1978-يىلى «ئىقتىسادىي جەھەتتە: ئېكسپورت قىلىش، مەبلەغ سېلىش ۋە قوش رەقەم بويىچە ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش، سىياسىي جەھەتتە: ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىكىدەك ھاكىمىيەتنى شەخس مۇستەقىل ئىدارە قىلىش تۈزۈمىدىن كوللېكتىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىگە ئۆتۈش، دىپلوماتىيە جەھەتتە: ئۆزىنى نىقابلاش» تىن ئىبارەت 3 تەرەققىيات ئەندىزىسىنى يولغا قويغان. بۇ ئەندىزە خىتاي دۆلىتىنى 30 يىلدىن بۇيان زور نەپكە ئېرىشتۈرگەن. بىراق ھاكىمىيەت بېشىغا چىققىلى ئاران 3 يىل بولغان شى جىپىڭ خىتاينىڭ بۈگۈنىنى يارىتىشقا تۈرتكە بولغان بۇ 3 ئەندىزىنى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ «ئىقتىسادىي جەھەتتە: قوش رەقەم بويىچە ئىلگىرىلەش كۈچىدىن قالغان، ئېكسپورت ئورنىنى ئىچكى ئىستېمال ئاساس قىلغان، سىياسىي جەھەتتە: ھوقۇقنى كوللېكتىپ ئىدارە قىلىشتىن كۈچلۈك شەخس ئىدارە قىلىدىغان، دىپلوماتىيە جەھەتتە: ئۆزىنى نىقابلاش سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئاسىيا قىتئەسىنىڭ خوجايىنلىق ھوقۇقىنى ئامېرىكىدىن تالىشىدىغان ۋە خەلقئارا مەسىلىلەردە جەڭ ئېلان قىلىدىغان» يېڭى بىر يولغا قەدەم بېسىشقا باشلىغان.

خەۋەر مۇقەددىمىسىدە: «ئەگەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى سىياسىتى مۇۋەپپەقىيەت قازانسا، ئاتالمىش ‹جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك قەد كۆتۈرۈش› غايىسى ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ سىياسىتى ئەگەر مەغلۇپ بولسا، خىتاي سىياسىي جەھەتتە داۋالغۇشقا، ئىقتىسادتا تۇرغۇن ھالەتكە، خەلقئارادا دۈشمەنلىك ۋەزىيىتىگە پېتىپ قېلىشى مۇمكىن» دېيىلگەن.

گېرمانىيەدىكى سىياسىي مەسىلىلەر كۆزەتكۈچىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى «پۇل مۇئامىلە گېزىتى»دە ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىيىنى تەستىقلاپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىكى كونا مۇستەبىت سىياسەتكە قايتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. گېرمانىيەدىكى «خىتاي دېموكراتىك فېدىراسىيونى»نىڭ رەئىسى فېي لياڭيۇڭمۇ ئوخشاش قاراشنى تەكىتلەپ، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان خىتايدا دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە كۆرۈنەرلىك چېكىنىش بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپلا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھەققى بولغان پىكىر ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى قاتارلىق ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىشنى كۈچەيتتى. ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا بۇ خىلدىكى دەپسەندىچىلىك تېخىمۇ ئېغىر. شى جىنپىڭ ھاكىممۇتلەق سىياسەت بىلەن خىتاينى ئىدارە قىلىش يولىنى تۇتۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ سىياسىتى مۇقەررەر رەۋىشتە تېخىمۇ كۆپ قارشىلىقلارغا يول ئاچىدۇ.»

«شى جىنپىڭ خىتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەت ئەندىزىسىدىن ۋاز كەچتى» ناملىق ماقالىدە يەنە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ماۋ زېدۇڭدىن كېيىن خىتايدا ئوتتۇرىغا چىققان ئەڭ كۈچلۈك رەھبەر ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ شەخسكە چوقۇنۇشنى تىرىلدۈرۈۋاتقانلىقى، ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ توختىماي شى جىنپىڭنى مەدھىيىلەپ ناخشىلار توۋلاۋاتقانلىقى بايان قىلىنىپ، ئۇنىڭ چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ھوقۇق ۋە ئىقتىساد ساھەسىدە ئېغىر تەۋرىنىش ھاسىل قىلغانلىقى، بېيجىڭ كوچىلىرىدا يېقىن كەلگۈسىدە چوڭ قەتلىئام ۋە سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىپ يۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، شى جىنپىڭ خىتايدىكى دۆلەت رەئىسلىرى ئىككى نۆۋەت ھوقۇق تۇتىدىغان تۈزۈمنى ئۆزگەرتىشنىڭ كويىغا كىرگەن بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن مۇددەت ھوقۇق تۇتۇپ بۇ تۈزۈمنى بۇزۇش ئارقىلىق، ھاكىمىيەتنى كوللېكتىپ ئىدارە قىلىشقا خاتىمە بېرىشنى نىشان قىلغان. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، شى جىڭپىڭ يەنە دىپلوماتىيە سىياسىتىدە قويۇق مىللەتچىلىك ئېقىمىنى قانات يايدۇرۇشقا، قوشنا ئەللەر ۋە غەربكە قارشى دۈشمەنلىك ئىدىيىسىنى كۈچەيتىشكە باشلىغان.

ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، شى جىنپىڭنىڭ ئىدىيىسىنىڭ ئېنىقلا تاجاۋۇزچىلىق ۋە شوۋىنىزملىق بىر ئىدىيە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. گېرمانىيەدىكى موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى تەمسىلتومۇ ئورتاق قاراشنى تەكىتلەپ، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ بۈگۈن خىتايدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ گىتلېر زامانىدىكى قىرغىنچىلىقتىنمۇ ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە «گىتلېر يەھۇدىلارنى قىرغىن قىلغان ئىدى. شى جىنپىڭ ئۆز خەلقىنى قىرغىن قىلىۋاتىدۇ. مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇر، جەنۇبىي موڭغۇلىيە ۋە تىبەت خەلقلىرىنىڭ ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى تېخىمۇ ۋەھشىي ئۇسۇلدا داۋاملاشماقتا» دېدى.

«شى جىنپىڭ خىتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەت ئەندىزىسىدىن ۋاز كەچتى» ناملىق ماقالىدە، شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي ۋە دىپلوماتىيەنى ئىقتىسادتىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى يېڭى قىلمىشلىرىنىڭ يالغۇز خىتاي دۆلىتىگىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنياغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بولسا، خىتاينىڭ بۇ يېڭى سىياسىتىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر قاتارلىق ئازسانلىق مىللەتلەرگە تېخىمۇ ئېغىر بالايىئاپەت كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ماقالىدە يەنە، خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە كرىزىسقا پاتقاندا، خىتاي ھاكىمىيىتى ياپون ۋە ئامېرىكىغا قارشى ئىدىيەنى كۈچەيتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىگە نىسبەتەن خەلقنىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتەك كوزىرلارنى ئىشقا سالىدىغانلىقىمۇ قوشۇمچە قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.