شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى خىتاي جەمئىيىتى ھەققىدە مۇنازىرىلەر داۋاملاشماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلەر ۋە ئۇنىڭ كېلەچىكى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان قىزىق تېمىلارنىڭ بىرىدۇر. مالىيە ۋاقتى گېزىتىدە مەخسۇس «شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوسى» سەرلەۋھىلىك چاتما ماقالىلەر ئېلان قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىنكى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ھەربىي ۋەزىيەتلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا باھالاپ چىقىلغان. ئۇنىڭ خىتايدىكى بارلىق دۆلەتكە تەۋە بولمىغان مۇستەقىل ئورگانلارنى، ئاخبارات ئورگانلىرىنى ۋە قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى ئورگان ۋە شەخسلەرنى كونترول ئاستىغا ئېلىشى بولسا كۆزەتكۈچىلەر ئەڭ دىققەت قىلىۋاتقان بىر نۇقتا بولۇپ، ئۇلار خىتايدىكى پۇقرالىق ھوقۇقىنىڭ كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بارلىق كونترولنى ئۆز قولىغا ئېلىۋاتقانلىقىنىڭ ھەممە ساھەلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىۋاتقانلىقى مەلۇم. كۆزەتكۈچىلەر شى جىنپىڭنىڭ تۈرلۈك قانۇن-تۈزۈملەر ئارقىلىق شۇنداقلا ئارمىيە ۋە پارتىيە ئىچىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسلاھاتلىرى ئارقىلىق خىتايدا پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى، پىكىر ئەركىنلىكىنى، يىغىلىش-نامايىش قىلىش ھوقۇقىنى، نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرىنى چەكلەپ، ئۇلارغا زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. مالىيە ۋاقتى گېزىتى «شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوسى» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىۋاتقان چاتما ماقالىلەرنىڭ «ئۆكتىچىلىكنى كونترول ئاستىغا ئېلىش» ناملىق بۆلۈمىدە خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرىنى سورىغان. كۆزەتكۈچىلەر خىتايدا كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە كۈچلۈك رەۋىشتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاممىۋى قۇرۇلۇشلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ئېلىمېنتلارنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتكەن.

داڭلىق خىتاي يازغۇچى ۋە سىياسىي ئانالىزچى مورۇڭ شۆسۈن مالىيە ۋاقتى گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە شى جىنپىڭدىن بۇيان خىتايدىكى ۋەزىيەتنىڭ يامانلاپ ماڭغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ بۇ ھەقتە مىسال بېرىپ «بىز ئىلگىرى ئوچۇق-ئاشكارا مۇنازىرە قىلالايدىغان تېمىلار، مەسىلەن، مەدەنىيەت ئىنقىلابىغا ئوخشاش تېمىلارمۇ سەزگۈر مەسىلىگە ئايلىنىپ كەتتى، ھەتتا ئۇنى مۇنازىرە قىلىش چەكلەندى. ئىلگىرى بۇ يەردە ھۆكۈمەتكە تەۋە بولمىغان ئورگانلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ ئازراق بولسىمۇ ئەركىنلىكى بار ئىدى. بىراق ھازىر ھەممىسى باستۇرۇلدى» دېگەن.

مالىيە ۋاقتى گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2013-يىلى شى جىنپىڭ تەختكە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن 9-نومۇرلۇق ئىچكى ھۆججەتتە «ئاممىۋى تەشكىلاتلار پارتىيىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئاساسى ئۈچۈن تەھدىت» دەپ كۆرسىتىلگەن ئىكەن. ئۇ ھۈججەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «غەربتىكى خىتايغا قارشى كۈچلەر ۋە خىتاي ئىچىدىكى يامان غەرەزلىك كىشىلەر ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرنى قانداقتۇر يەرلىك قاتلامدا ھەرىكەت پەيدا قىلىدىغان بىر ‹سېھىرلىك قورال› دەپ قاراپ، تۈرلۈك ئاتالمىش پۇقرالار ھەرىكىتىنى يولغا قويدى. بۇ قۇرۇلۇشلار پارتىيىنى يەرلىك ھاكىمىيەتتىن سىقىپ چىقارماقچى، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى بارغانسېرى جىددىي بىر سىياسىي ئۆكتىچىلىككە ئايلانماقتا.»

مالىيە ۋاقتى گېزىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 9-نومۇرلۇق ئىچكى ھۆججەت ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، شۈ جۈيۇڭ، پۇ جىچياڭ، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى قاتارلىقلار ھەممىسى ئارقا-ئارقىدىن تۈرمىگە ئېلىنغان...

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتايدىكى پۇقرالار ھوقۇقىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ناچار سەۋىيىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى :
‏-شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان خىتايدىكى ۋەزىيەت تېخىمۇ ناچارلاشتى. ئۇ پۇقرالىق ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان، پۇقرالارنى قانۇن ئارقىلىق ئىش قىلىشقا ئۈندەيدىغان ئورگانلارنى، ھەتتا ئەيدىز كېسەللىكى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەشكىلاتلارنىمۇ باستۇرۇپ بولدى. مانا بۇنىڭ ئۆزىلا بۇ دۆلەتتە قانۇننىڭ يوقلۇقىنىڭ ئىپادىسى، ئۇ بارغانسېرى ھازىر مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىگە قايتىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا يەنە بىر مىسال بېرىپ ئۆتسەم، خىتايدا «يەنخۇاڭ چۈنچيۇ» دەيدىغان بىر ژۇرنال بار، بۇ ژۇرنال خىتايدا تارىختا بولغان ۋەقەلەرنى ئەسلى قىياپىتى بويىچە دەيدىغان، بىر قەدەر دادىل ژۇرنال ئىدى. خۇ جىنتاۋ دەۋرىدىنمۇ ساق-سالامەت ئۆتۈپ كەلگەن بۇ ژۇرنال مانا بۈگۈنكى شى جىنپىڭ مەزگىلىگە كەلگەندە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمايۋاتىدۇ. تېخى ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا بۇ ژۇرنالنى خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى مەجبۇرىي ھالدا ئېلىۋالدى. ھازىر بۇنىڭغا شۇ ژۇرنالدا ئىشلەۋاتقان كونا كوممۇنىست خىتايلار نارازى بولۇۋاتىدۇ. ھەتتا خۇ ياۋباڭنىڭ ئوغلى خۇ دېخۇۋامۇ نارازىلىق بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى. دېمەك، خىتايدا پۈتۈن ئەركىنلىكنىڭ ھەممىسى بوغۇلۇۋاتىدۇ.

مالىيە ۋاقتى گېزىتىمۇ يۇقىرىدا ئېلشات ھەسەن ئەپەندى تىلغا ئالغان «يەنخۇاڭ چۈنچيۇ» ژۇرنىلىنىڭ قىسمىتىنى تىلغا ئالغان. مەزكۇر ژۇرنالنىڭ سابىق تەھرىرى، تارىخچى خۇڭ جېنكۈەي گېزىتكە قىلغان سۆزىدە: «شى جىنپىڭ ھەممە نەرسىنى ئەسلىگە ئەكەپ قويدى. بۇ پارتىيە جامائەت پىكرىگە خۇددى قوراللىق ئۇرۇشقا كىرگەن دۈشمەندەكلا مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. بۇ تولىمۇ نومۇس قىلارلىق بىر ئەھۋال. خىتاينىڭ مەتبۇئاتى ئاخىرقى نەپەسلىرىنى ئېلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئاخبارات ساھەسى يېقىنقى 20-30 يىل ئىچىدىكى ئەڭ ناچار سەۋىيىدە» دېگەن.

خىتاي دائىرىلىرى 2015-يىلى ئىيۇلدا 300 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى قويۇۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر قىسىملىرىنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرغان ئىدى. تېخى 1-ئاۋغۇست كۈنى تيەنجىن سوتى ئەنە شۇ چاغدا تۇتقۇن قىلىنغان ئادۋوكاتلاردىن بىرى بولغان جەي يەنمېننى قىسقىغىنە بىر سوت ئارقىلىق سوتلاپ، ئۇنى «ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش» بىلەن ئەيىبلەپ، 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ئارقىدىنلا خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋاڭ يۈنىڭ «ئىقرارنامىسى» نى ئېلان قىلغان ئىدى. ۋاڭ يۈسىن كۆرۈنۈشىدە ئۆزىنىڭ «چەتئەللەردىكى كۈچلەر» گە ئالدىنىپ كەتكەنلىكىنى، بۇ يامان غەرەزلىك كۈچلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئادۋوكاتلىق شىركىتىنى قوللىنىپ تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە زىيانلىق ئىشلارنى قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقان. مەزكۇر ۋىدىيو ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار بىردەك، ۋاڭ يۈنىڭ بۇنداق بىر ياسالما ئىقرارنى قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىلگىرىمۇ بۇنداق ئۇسۇلنى قوللانغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئامېرىكىدىكى مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ ياچيۇ بۈگۈن بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يۇقىرىقى بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئۆزىنى ھەيران قالدۇرمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
-خىتايدا يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان بۇنداق ۋەقەلەر ناھايىتى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ يەنى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە چىققان 2012-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ۋەزىيەت ئېغىرلاپ ماڭدى. جۈملىدىن، خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ ئاممىۋى بوشلۇقى بارغانسېرى تارلاپ مېڭىۋاتىدۇ. ئاممىۋى جەمئىيەتنى تەشكىل قىلىدىغان بارلىق ئامىللار ھەممىسى باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ خەۋەر-ئۇچۇر ئورگانلىرىنى باستۇرۇشى، ئادۋوكاتلارنى، ئاكتىۋىستلارنى تۈرمىگە ئېلىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس. ئۇ پەقەتلا خىتاي جەمئىيىتى ئۈستىدىكى قاتتىق كونترولنىڭ داۋامىدۇر.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ ھاكىممۇتلەق تۈزۈمىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مالىيە ۋاقتى گېزىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدىكى بۇ ئېقىمنىڭ زەربىسىگە ئۇچراۋاتقانلار پەقەتلا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ۋە ئاكتىۋىستلارغا ئوخشاش ئىجتىمائىي سېكتورغا تەۋە كىشىلەرلا ئەمەس. خىتاينىڭ خۇسۇسىي ئىگىلىك سېكتورىدىكىلەرمۇ ئوخشاشلا زەربىگە ئۇچراۋاتقان بولۇپ، خىتايدىكى مىلياردېرلارمۇ ھازىر ئۆزىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ كېلەچىكىدىن خاتىرجەم ئەمەس ئىكەن. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان سابىق بىر ھۆكۈمەت خادىمى گېزىتكە قىلغان سۆزىدە «مەن ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ نېمىشقا پۇقرالارنىڭ بۇرۇنقىدەك ئاچچىقىنى چىقىرىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى چۈشەنمەيمەن. نارازىلىقىنى ئېيتسا ئاندىن نەدە مەسىلە بارلىقىنى بىلگىلى بولىدىغان تۇرسا» دېگەن.