شى جىنپىڭنىڭ تىبەتتىكى ۋەدىسى ۋە ۋاڭ ياڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىقنى تەكىتلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021.07.29
شى جىنپىڭنىڭ تىبەتتىكى ۋەدىسى ۋە ۋاڭ ياڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىقنى تەكىتلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ لاسانىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان درېپۇڭ موناستىرىنى زىيارەت قىلدى. 2021-يىلى 22-ئىيۇل، تىبەت
AP

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 26-ئىيۇل تىبەت ئاپتونوم رايونىدا زىيارەتتە بولغىنىدا، ئۇنىڭ «تىبەتلىكلەر كومپارتىيە رەھبەرلىكىدە تېخىمۇ بەختلىك ياشايدىغان» لىقى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى ئىككى كۈندىن بۇيان خىتاي تاراتقۇلىرىدا تەكرار بېرىلمەكتە.

شى جىنپىڭ سۆزىدە، «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە نەچچە مىليون تىبەت خەلقىنىڭ يانچىلىق تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ئورنىدىن دەس تۇرغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئاندىن ئۇ: «70 نەچچە يىلدىن بۇيان رايوندا چوڭ ئۆزگىرىش بولغانلىقى، رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە بۇندىن كېيىنكى كەلگۈسىدە تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوخشاش مەزگىلدە، خىتاي سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، سىياسىي كېڭەش رەئىسى، خىتاينىڭ «شىنجاڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى ۋاڭ ياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ۋە بۇ جايدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى، يەنى بىڭتۇەندە زىيارەتتە بولغان.

خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ ياڭ 24-ئىيۇل كۈنى بىڭتۇەننى زىيارەت قىلغاندا دېگەن سۆزىدە «3-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، كومپارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى ۋە شى جىنپىڭنىڭ بىڭتۇەن ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەم بىڭتۇەننى راۋاجلاندۇرۇش، ئۇنى جەنۇبقا كېڭەيتىشنى كۈچەيتىش» قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان.

ۋاڭ ياڭ يەنە بۇ يىل 3-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق بىرقانچە شەھەرلىرىدە تەكشۈرۈش زىيارىتىدە بولغان. ۋاڭ ياڭ بۇ مەزگىلدىكى سۆزلىرىدىمۇ، مۇقىملىق ئاساسىي تېما بولغان. ئۇ سۆزىدە، «قانۇن بويىچە رايوننى ئىدارە قىلىش، جەمئىيەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، جۇڭخۇا بىرلىكى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى ھەر مىللەت خەلقىگە سىڭدۈرۈش، دۆلەت تىلى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» دېگەنلەرنى تەكرار تىلغا ئالغان.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونىدا «كومپارتىيەنىڭ تىبەتلىكلەرگە بەخت ئېلىپ كەلگەنلىكى» نى تەكىتلىشى ۋە خىتاي سىياسىي كېڭەش رەئىسى ۋاڭ ياڭنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىڭتۇەن زىيارىتىدە «رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش»، «بىڭتۇەننى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جەنۇبقا كېڭەيتىش» قاتارلىقلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشى چەتئەللەردىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

چەتئەللەردىكى تىبەت پائالىيەتچىلىرىدىن «تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى» نىڭ خادىمى، تەيۋەندىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىسى زاشى سېرىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

زاشى سېرىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىڭپىڭنىڭ «كومپارتىيەنىڭ تىبەتلىكلەرگە بەخت ئېلىپ كەلگەنلىكى» نى تەكىتلىشى، خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ، تىبەتتىكى 70 يىللىق ھۆكۈمرانلىقىدا تەكرارلاپ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ يالغانچىلىقى ۋە مېڭە يۇيۇش سىياسىتىدىكى تاتلىق ئىبارىلەر ئىكەن.

زاشى سېرىن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئالدامچىلىق تەشۋىقاتلىرىغا، ئۇنىڭغا ئوخشاش چەتئەللەردە خىتايغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەتلىكلەرلا ئەمەس، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى تىبەت ئاپتونوم رايونىدا ياشاۋاتقان تىبەتلەرمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل يالغانچىلىق تەشۋىقاتلىرىغا ئىشەنمەيدىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ياساپ چىقىلغان بۇ خىل ساختا كۆرۈنۈشلەردە شى جىنپىڭغا ئالقىش ياڭراتقان تىبەتلىكلەر كۆرسىتىلگەن. ئەمەلىيەتتە تېخى يېقىندا چەتئەل تارتقۇلىرى خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلگەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىللىقى تەبرىكلەنگەن مەزگىلدە لاسادىكى تىبەتلەر تاۋاپ قىلىدىغان دىنىي مۇقەددەس جاي بودالاگوڭ سارىيى تېمىغا چاپلانغان كومپارتىيەنى مەدھىيەلەيدىغان شوئارلارغا قاراپ كۆز يېشى قىلىۋاتقان تىبەتلىكلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرى، تاقىۋېتىلگەن تىبەت ئىبادەتخانىلىرى، تىبەتلىكلەر ئۆيلىرىگە مەجبۇرىي ئېسىلغان خىتاي كومپارتىيە داھىيلىرى ماۋ زېدوڭ، شى جىڭپىڭ قاتارلىقلارنىڭ سۈرەتلىرى، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلۈۋالغان تىبەت راھىبلىرى قاتارلىقلار تىبەتلەر ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى دۇنياغا ئاشكارىلايدىغان ئەڭ ياخشى پاكىتلار ئىكەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «خىتاي ھۆكۈمىتى 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۆزىنىڭ باشقا مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز ئىجرا قىلىپ كەلگەن.

ئۇ سۆزىدە، خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋۋال ‹كومپارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا ئاپتونومىيەلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇش›دېگەندەك ئالدامچىلىق ئىبارىلىرى ۋە ۋاسىتىلىرى بىلەن ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خەلقلەرنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنى ئۇلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى قىلىپ تەشۋىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى بۇ مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتىدە بولسا، ھەر خىل باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىمۇ تەڭ قوللانغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان دىنىي ئېتىقادىنى، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرى، تىلى قاتارلىقلارنى خىتايلاشتۇرۇش قەدەم باسقۇچلىرىنى پەيدىن-پەي ئىجرا قىلىپ ماڭغان. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئۇيغۇرلار پۈتكۈل مىللەت بويىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى خەلقئارا تونۇپ يەتكەن. 70 نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان خىتايلاشتۇرۇپ يوقىتىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش قەدەم-باسقۇچىدا، ئاتالمىش ئاپتونومىيە تۈزۈمى نامىدا ئۈزلۈكسىز مېڭە يۇيۇش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش، ئۇلارنىڭ مىللىي باراۋەرسىزلىككە قارشى كۆتۈرۈلگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى يۇمساق-قاتتىق ۋاستىلارنى تەڭ قوللىنىپ باستۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانغان.»

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى شى جىنپىڭنىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونىدىكى زىيارىتى بولسۇن ياكى خىتاي سىياسىي كېڭەش رەئىسى ۋاڭ ياڭنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە بۇ جايدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى زىيارىتى بولسۇن ھەر ئىككى زىيارەتنىڭ مەقسىتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ رايونلاردىكى ھۆكۈمرانلىق ۋەزىيىتىدىن ئەنسىرەش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلغان زىيارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەيلى شى جىنپىڭنىڭ تىبەت ئاپتونۇم رايونىدا كومپارتىيەنىڭ تىبەتلەرگە بەخت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىشى بولسۇن، ياكى ۋاڭ ياڭنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى تەكىتلىشى بولسۇن، ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلەرنى قىلىشىغا خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمرانلقىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەش سەۋەب بولۇۋاتقان ئىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 70 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ھۆكۈمرانلىق تارىخىدا مەيلى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى تىبەت، موڭغۇل، مانجۇ قاتارلىق خىتاي بولمىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا، ئۇلارنى خىتايلاشتۇرۇپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ «بۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلىش ئەمەلىيەت باسقۇچىدا ئالدى-كېيىنلىك، ئۇسۇلىدا ئالدامچىلىق ۋە قاتتىق قوللۇقتىن ئىبارەت ھەر خىل ۋاستىلارنى قوللىنىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.