«شىنجاڭ ئوبرازى» تەشۋىقاتى ۋە «دۇنيا مۇسۇلمان جامائەتلىرى كېڭىشى» نىڭ ئۇيغۇر دىيارى زىيارىتى نېمىنى مەقسەت قىلغان؟

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازى» تەشۋىقاتى يىللاردىن بۇيان ئوخشىمىغان شەكىللەردە داۋام قىلىپ كەلمەكتە. 11-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ھەققىدىكى يوليورۇقىنى يەتكۈزۈش يىغىنىدىمۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي «رايوندا مۇقىملىقنى ساقلاش، تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇش» نى تەكىتلەش بىلەن بىرلىكتە، «شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەش» دېگەنلەر ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ما شىڭرۈي يىغىندا بۇ ھەقتە توختىلىپ، «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى خىتايچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى مۇستەھكەملەش؛ ئىدىيەۋى خىزمەتنى كۈچەيتىپ، تەشۋىقات سەۋىيەسى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش؛ شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

دەل مۇشۇ مەزگىلدە يەنى 1-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن ئاتالمىش «دۇنيا مۇسۇلمان جامائەتلىرى كېڭىشى» نامىدىكى بىر ئۆمەك ئۇيغۇر دىيارى زىيارىتىگە ئۇيۇشتۇرۇلغان. خىتاي تاراتقۇلىرى خەۋەرلىرىدە مەزكۇر ئۆمەك ئەزالىرىنىڭ تىلى ئارقىلىق، «شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازى» نى نامايان قىلىش ئاساسىي نىشان قىلىنغان.

ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئالتاي قاتارلىق جايلاردا ساياھەتكە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۆمەك ئەزالىرى ئاكتىپلىق بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى ئاقلىغان. ئۇلار ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى، «تېررورىزمىغا قارشى كۈرەشنىڭ غەلىبىسى» دەپ مەدھىيەلىگەن.

ئامېرىكادىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن نيۇ-يوركتىكى تۇڭگان ئانالىزچىسى ما جۈ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان «شىنجاڭ ئوبرازى» تەشۋىقاتى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا تەشۋىق قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى لىنىيە بويىچە داۋام قىلماقتىكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ قېتىم ئۇ، ئاتالمىش «دۇنيا مۇسۇلمان جامائەتلىرى كېڭىشى» نامىدىكى ئۆمەكنىڭ يالغانچىلىقى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئالدامچىلىق تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بېرىش ۋە رايوندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلاش مەقسىتىگە يەتمەكچى ئىكەن.

ما جۈ مۇنداق دېدى: «ئۇلار ھەقىقەتەن‹ئاتاقلىق ئىسلام ئۆلىمالىرى›مۇ؟ مېنىڭ كۆپچىلىككە دەيدىغىنىم بۇنىڭ ئۆزى بىر چوڭ يالغانچىلىق. بۇ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنئەنىسى. ئەينى يىللىرى ئۇلار 89-يىلدىكى 4-ئىيۇندىكى قىرغىنچىلىقىدىمۇ، مۇشۇنداق ئۆمەكلەرنى تەشكىللەپ، ‹ئەكسىلئىنقىلابىي ھەرىكەتنى باستۇردۇق› دېگەننى تەشۋىق قىلغانىدى. ئۇلار ھازىر يەنە نېمە ئۈچۈن بۇنداق بىر ئۆمەكنى رايوندا زىيارەتكە ئۇيۇشتۇردى؟ بۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى؟ ئالدى بىلەن بۇ كىشىلەر ئىسلام دۇنياسىدىكى ئۆلىمالار ئەمەس، ئۇلار دۇنيادا تونۇلغان ئاتاقلىق ئەربابلارمۇ ئەمەس. ئۇنداقتا ئۇلار قانداق بارغان؟ ئۇلارنى بۇ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئەۋەتمىگەن. بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى پۇل چىقىرىپ بۇ ئۆمەكنى مەخسۇس تەشكىللىگەن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى ئورنى ۋە كىملىكى مۇھىم ئەمەس. خىتايدا ئۇچۇرلار قامال قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن، خىتاي خەلقى ۋە ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى بىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا ئۇلارنى كۆككە كۆتۈرۈشى، ئۇلارنىڭ مەشھۇر ئەربابلار بولغىنىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى مەشھۇر قىلىش ئېھتىياجى بولغىنىدىن بولۇۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپلىگەن ئالدامچىلىق تەشۋىقاتىغا يول ئاچماقچى. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ ئالدامچىلىق تەشۋىقاتىغا ئىشەندۈرمەكچى».

ما جۈ ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بۇ خىل يالغانچىلىق تەشۋىقاتى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاقلاشتا مەلۇم نەتىجىسىگە ئېرىشكەنلىكى» نى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەقسىتىگە يەتتى دېسەكمۇ بولىدۇ. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنى ئاپىرىش ئارقىلىق نېمە قىلماقچى؟ ئۇلار ئاتالمىش ئىسلام ئۆلىمالىرى ۋە ئەربابلىرى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا شەپقەتسىزلەرچە يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي باستۇرۇشى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە سەۋەب كۆرسەتمەكچى. ئۇلار قانداق سەۋەب كۆرسىتىۋاتىدۇ؟ ئۇلار، ‹بىز پەقەت بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بەردۇق. ئەمما بىز ئەمەلىيەتتە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوللايمىز، ئىسلام دىنىنىڭ نورمال تەرەققىياتىنى قوللايمىز› دېگەن تەشۋىقاتنى قىلماقچى».

ما جۈ ئەپەندى يەنە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل بىر تەرەپلىمە تەشۋىقاتلىرى مەلۇم ئۈنۈمگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى بارغانچە تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ما جۈنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتى غەرب دۇنياسىنى ئىشەندۈرەلمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلا بولماستىن، بەلكى بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرىدىمۇ خىتاينىڭ بۇ خىل ئالدامچىلىق تەشۋىقاتى بازار تاپالمايدىغان ھالەت بارلىققا كەلمەكتىكەن.

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزى» نىڭ باشلىقى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەشۋىقات ئۈستىگە قۇرۇلغان پارتىيە بولۇپ، ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئوبرازى» نى تىكلەشمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات جېڭىنىڭ مۇھىم تەركىبى ئىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئېتىقادىنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقان، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان شارائىتتا، ئىسلام دۇنياسى ئەللىرىنى نۇقتا قىلىپ كەڭ-كۆلەملىك ۋە خىلمۇ-خىل شەكىللەردىكى تەتۈر تەشۋىقات جېڭى ئېلىپ بارماقتىكەن.

ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «دۇنيا مۇسۇلمان جامائەتلىرى كېڭىشى» گە ئوخشاش بۇنداق ئۆمەكلەرنى تەشكىللەش، ھۆكۈمەت نامىدىن بايانات بېرىش، خىتاي ئىچى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە مايىل كۆپ خىل قاناللار ئارقىلىق، خىتاي ئىچى ۋە دۇنيادا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدىكى تەتۈر تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەتۈر تەشۋىقاتىغا قارىتا، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇرشۇناش تەتقىقاتچىلار ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تىرىشچانلىقى ئۈنۈم كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە خىتاينىڭ بۇنداق تەشۋىقاتلىرىنىڭ بازار تاپالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يۈرگۈزۈۋاتقان تەتۈر تەشۋىقاتىغا قارىتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتى تېخىمۇ جىددىي پوزىتسىيە تۇتۇشى كېرەك ئىكەن.

ئۇ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنىڭ تېخى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن باشقا، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار ئارقىلىق ئىلمىي جەھەتتىكى تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشتەك كۆپ قاناللار بويىچە ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.