گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ARD 12-يانۋار كۈنى «خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان قانۇنسىز ساقچى پونكىتى گېرمانىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدىمۇ؟» ناملىق بىر ھۆججەتلىك فىلىم تارقاتتى. فىلىمدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ۋە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان ساقچى پونكىتلىرىنىڭ تەھدىتلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئېرسىن ئەركىن ئىسىملىك بىر قازاق ياشنىڭ قىلمىشلىرىمۇ تەسۋىرلەنگەن ئىدى.
ئېرسىن ئەركىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى دادىل پىكىرلىرى ۋە «قەھرىمانلىقلىرى» بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا 2021-يىلىدىن بۇيان تونۇلۇپ كەلگەن بىر شەخس ئىدى. بىراق «خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان قانۇنسىز ساقچى پونكىتى گېرمانىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدىمۇ؟» ناملىق فىلىمدا تەسۋىرلىشىچە، بۇ شەخسنىڭ بەزى سىرلىق ھەرىكەتلىرى گېرمانىيە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
فىلىمدا بايان قىلىشىچە، ئېرسىن ئەركىن ئىسىملىك بىرى گوللاندىيەدىكى جىڭيۈ ئىسىملىك بىر خىتايغا دائىم ئۆلۈم تەھدىتى سالغان. ساقچىلار ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ ئېنىقلاش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە، ئېرسىن ئەركىننىڭ بانكا ھېسابىغا نامەلۇم شەخسلەر تەرىپىدىن 3400 ئامېرىكا دوللىرى ئەۋەتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان. ساقچىلار گېرمانىيەنىڭ كۆلىن شەھرىدىكى بىر خىتاي رېستوراندا ئېرسىن ئەركىننىڭ ئىككى نەپەر گۇمانلىق خىتايلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بايقىغان ھەمدە ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئېرسىن ئەركىننىڭ ران ز. (Ran Z.) ناملىق بىر نامەلۇم شەخستىن 30 مىڭ ياۋروغا يېقىن پۇل ئالغانلىقىنى ئېنىقلىغان. ران ز. ناملىق بۇ شەخس جەمئىي 8 كىشىگە پۇل ئەۋەتكەن ۋە ئۇلارغا ۋەزىپە تاپشۇرغان گۇمان ئاستىدىكى غوللۇق شەخس بولۇپ، ئېرسىن ئەركىن شۇ 8 كىشىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالغان.
د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇرباننىڭ بىلدۈرىشىچە، ئېرسىن ئەركىن ئىلگىرى د ئۇ ق دىنمۇ ياردەم سورىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى قىياپىتىنىڭ ئاشكارىلىنىشى، باشقا مۇھاجىرلارنىڭ ئىشلىرىغا زىيان ئېلىپ كەلگەن. ئۇ سۆزىدە گېرمانىيە سوت مەھكىمىسى مەزكۇر شەخس ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشتىن ئىلگىرى، ئۇنى «خىتاينىڭ جاسۇسى» دېگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ بۇ جىنايەتنى رەت قىلالمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
بىز مەزكۇر فىلىمدىكى بايانلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ تۇرۇپ، ئېرسىن ئەركىننىڭ زادى كىم بولغانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرسەك، ھەيران قالارلىق بەزى ھادىسىلەر كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ.
قازاقىستاندا ئۇچۇر تارقىتىدىغان «stan.kz» ئاخبارات قانىلىنىڭ 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېلان قىلغان «مەن شىنجاڭدىن قېچىپ چىقتىم ۋە ئۇرۇشنىڭ چىرايىنى كۆردۈم» ناملىق ماقالىسىدىكى ئېرسىن ئەركىننىڭ بايانلىرىغا ۋە «تۇغقانلىرىمىزنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار خىتايلارنىڭ قاتتىق باستۇرىشىغا ئۇچراۋېتىپتۇ» ناملىق خەۋەرگە، شۇنداقلا ئۇكرائىنا پايتەختى كېيىۋدە نەشىردىن چىقىدىن «كيىۋ پوچتىسى» گېزىتىدە 2021-يىلى 13-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان «ئۇكرائىنادا پاناھلىق تىلىگۈچى تەھدىتكە ئۇچرىدى، قانۇنسىز ھالدا خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋىپى بار» ناملىق ماقالىلارغا ئاساسلانغاندا، ئېرسىن ئەركىن 2018-يىلى ئىچكىرى خىتايغا ئوقۇشقا بارغان. 2019-يىلى ھۆكۈمەتتىن «ئىجازەت ئېلىپ» قازاقىستانغا چىققان. 2020-يىلى ئۇكرائىنادىن چېخىيەگە ئۆتۈۋاتقاندا، چېخىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، ئۇكرائىناغا قايتۇرىۋېتىلگەن. 2020-يىلى 10-ئايدا پولشاغا ئۆتمەكچى بولغاندىمۇ تۇتۇلۇپ قايتۇرىۋېتىلگەن. ئۇ نائىلاج 2020-يىلى 12-ئايدا ئۇكرائىنادا سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن، ئەمما پاناھلىق ئىلتىماسى قوبۇل بولمىغان. ئۇنىڭ قولىغا پاناھلىق تىلىگەنلىكىگە دائىر بىر گۇۋاھنامە بېرىلگەن.
2021-يىلى 11-ئايدا IPAC، يەنە خىتايغا قارشى پارلامېنت ئەزالىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنا پىرزدېنتى زېلىنىسكىيغا يازغان خېتىگە قارىغاندا، ئېرسىن ئەركىن شۇ زامانلاردا ئۇكرائىنادىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋىپىگە يولۇققان بولۇشى مۇمكىن. خەتتە ئېرسىن ئەركىننى خىتايغا قايتۇرسا، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋىپكە ئۇچرايدىغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.
ئەمما ئېرسىن ئەركىن 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى رۇسلار ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندا «بومبا ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپ»، ئۇرۇشتىن قاچقان ئاھالىلەر بىلەن بىرگە ياۋروپاغا قاراپ قاچقان. پولشادا، ئېستونىيەدە ۋە يەنە نەلەردىدۇر تۇتۇلۇپ سولانغان ۋە قويۇپ بېرىلگەن. ئاخىرىدا ئۇ گېرمانىيەنى كېسىپ ئۆتۈپ، گوللاندىيەگە بارغان ۋە سىياسىي پاناھلىق تىلەپ، گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدە تۇرۇپ قالغان. ئۇنىڭ فېيسبۇكتىكى مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇ جەمئىي 15 دۆلەتنى كەزگەن، 2022-يىلى 3-ئايغىچە ياۋروپادىكى 10 چوڭ شەھەرنى ئايلىنىپ بولغان. ئۇ 2022-يىلى 7-مارت كۈنى ئۆزىنىڭ فېيسبۇك سەھىپىسەدە «مەن بىر ئەركىن ئادەم، مەن كەتمەكچى بولسام، ھېچقانداق دۆلەت مېنى تۇتۇپ قالالمايدۇ» دەپ يازغان. دەرۋەقە، قولىدا پاسپورتى بولمىغان بۇ شەخسنى تۇتقان دۆلەتلەر قويىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ 2022-يىلى 6-مارتتا فېيسبۇك سەھىپىسەدە قىلغان يوقۇرىقى سۆزىمۇ دىققەتنى تارتىدۇ.
فىلىمدا تىلغا ئېلىشىچە، ئېرسىن ئەركىن گېرمانىيەنىڭ بېرلىن، كۆلىن، فرانكفۇرت ۋە باشقا چوڭ شەھەرلىرىنى ئالا قويماي كېزىپ چىققان. ئۇ جىڭيۈ ئىسىملىك خىتاينىڭ قول تېلېفونىغا پات پات «ئەتە سېنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن!» دەپ تەھدىت خېتى ئەۋەتكەن. ئۇ خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان ساقچىخانىلىرىنىڭ گۇمانلىق خادىملىرىغا چېتىلىپ قالغان بولۇپ، ئۇلاردىن پۇل ئالغان ۋە بۇ پۇل بەدىلىگە باشقىلارغا تەھدىت سالىدىغان بۇيرۇق تاپشۇرۇپ ئالغان.
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتايلارنىڭ چەت ئەللەردىكى چېگرا ھالقىغان ساقچىخانىلىرىنىڭ گېرمانىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭمۇ جىددىي دىققەت نەزەرىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى مىساللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىمۇ بۇ قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.
گېرمانىيە ساقچى تەرەپنىڭ ئېرسىن ئەركىننىڭ سىرلىق ھاياتىدىن قانداق خۇلاسە چىقىرىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى 2011-يىلى د ئۇ ق غا دائىر ئۇچۇرلارنى خىتايغا تەمىنلىگەن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى 4 نەپەر خىتاي جاسۇسىنى تۇتۇپ سوتلاپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئوخشىمىغان ھۆكۈملەرنى چىقارغان ئىدى.