خۇرشىدە پەرھات: «مەدەنىيەت مەركىزىمىز توغرا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى پىكىر مەسلىھەتلىرىگە مۇھتاج»

0:00 / 0:00

يېقىندا پارىژدا قۇرۇلغان، ئۆزىنى سىياسىي خاراكتېر ئالمىغان مەركەز دەپ تونۇشتۇرغان فرانسىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى، مەركەز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى پائالىيەت سۈپىتىدە «ئەركىن ئابدۇللا پارىژ ناخشا كېچىلىكى»نى 2014 - يىلى 10 - ئاينىڭ 3 - كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ھەققىدە ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرگە كونسېرت ئېلانىنى بەردى.

نۆۋەتتە، بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇش ۋە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش مەقسەتلىرى ھەققىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئوخشىمىغان پىكىر ۋە ئىنكاسلار مەيدانغا كەلدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى يەكەننىڭ ئېلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىلىرىدا بىگۇناھ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىرغىنلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان، خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان ۋە دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىش، يىغىلىش پائالىيەتلىرى يۇقىرى پەللىگە چىققان بىر پەيتتە، فرانسىيە مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قەشقەرنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولغان ناخشىچى ئەركىن ئابدۇللانى تەكلىپ قىلىپ «سىياسەتتىن خالى» بىر كونسېرت ئورۇنلاشتۇرۇشى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈرلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.

فرانسىيە مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ بۇ كونسېرتنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتى نېمە ؟ مەركەزنىڭ قۇرغۇچىسى خۇرشىدە پەرھاتنىڭ بۇ ھەقتىكى جاۋابلىرىنى، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.