ئۇيغۇر ئاۋاملىرىدا سىياسىي ئاڭ مەسىلىسى ھەققىدە مۇلاھىزە

0:00 / 0:00

قەدىمدىن تا ھازىرغىچە كۆپلىگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز سىياسەت سۆزىدىن ئۆكۈنىدۇ، ھەتتا بەزىلەر ئۇنىڭدىن سەسكىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار سىياسەتنىڭمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئەخلاق-پىرىنسىپى بارلىقىنى بىلمەيدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلار مۇتلەق كۆپ ساندىكى سىياسىيلارنىڭ مەككارلىقىنى، ئەدەپ-ئەخلاقتىن يىراقلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇلار سىياسەت دېگەن شۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ مۇتلەق ھۆكۈم چىقىرىۋەتكەنلىكتىن شۇنداق قارىشى مۇمكىن. ئەسلىدە سىياسەت ئۆزى مۇنداق سەسكىنىشلىك نەرسە ئەمەس، پەقەت ئۇنى كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىي تەرەپتىن كونترولسىز قوللىنىشى ۋە ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىشى سەۋەبلىك بۇ ئەھۋالغا كېلىنگەن بولۇشى مۇمكىن.

يېقىندا «مەرىپەت» تور بېكىتىدە «ئۇيغۇر ئاۋاملىرىدا سىياسىي ئاڭ مەسىلىسى»دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا تۆۋەندىكىلەر يېزىلغان:
«بىز كۆپچىلىكىمىزنىڭ سىياسىي ئېڭى يېتىلىپ بولالمىغان بىر خەلقمىز. ھەتتا نۇرغۇنلىرىمىز سىياسەت دېگەن نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمىز. بۇ سەۋەبتىن دۈشمەنلىرىمىزنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرى ۋە تۇزاقلىرىغا قارشى بىزدە تەدبىر ۋە قوغدىنىش بولمىغان. چۈنكى سىياسەتتىن خەۋەرسىز قالغانلارنىڭ خۇددى ۋەھشىي ھايۋانلارنىڭ ھىيلىسىنى بىلمەيدىغان نادان ھايۋانلاردەكلا ئۇلارغا يەم بولۇپ كەتكىنىدەك كۈچلۈكلەرگە يەم بولۇپ كېتىدىغانلىقى ئېنىقتۇر. سىياسەت ئۇنىڭدىن قاچىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ھەركىم ئۇنىڭغا موھتاج بولىدىغان كېرەكلىك نەرسىدۇر. كۆپلىگەن ئۆلىمالار شەرىئەتنى تېبابەتكە ئوخشىتىدۇ. ئىمام شاتىبى «شەرىئەت ئەڭ كاتتا دوختۇردۇر» دېگەن ئىكەن. دىننىڭ سىياسەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى دوختۇرنىڭ ئىنسان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ. ئۇ پەقەت داۋالاش ۋە ساقايتىش مۇناسىۋىتىدۇر. پەيغەمبەرلەر ئەڭ پەزىلەتلىك سىياسىيلار ئىدى. پەيغەمبەرلەرنىڭ سىياسىتىنى تەربىيىۋى ۋە ئىجتىمائىي سىياسەت دېسەك ئەڭ توغرا بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلار ئىنسانىيەتنى ئىمان ۋە ئەخلاق بىلەن تەربىيىلەش ۋە جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن زاتلاردۇر. ھازىرقى ئەسىردە سىياسەتنىڭ ساھەلىرىمۇ كۆپىيىپ كەتكەن. مەسىلەن: دۆلەت سىياسىتى، تەلىم-تەربىيە سىياسىتى، تەشۋىقات سىياسىتى، ئىجتىمائىي ئىشلار سىياسىتى، مەدەنىيەت سىياسىتى دېگەنلەرگە ئوخشاش.»

سىياسىي مەسىلە دېگەن نېمە؟

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «دۆلەتلەرنىڭ خەلقنى باشقۇرۇش سىياسەتلىرىمۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ سىياسىتىدىن تاشقىرى ئەمەس. چۈنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ سىياسىتى ئىنسانلارنى ئىسلاھ قىلىش بولسا، ھازىرقى ھۆكۈمەتلەرنىڭ سىياسىتى خەلقنى ئىدارە قىلىش بولۇۋاتماقتا. پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋەت يولىدا دۇچ كېلىدىغان چوڭ مۇشكىلىسى قوۋمىنىڭ ئىچىدىكى كاتتىباشلار ۋە نوپۇزلۇق كىشىلەر ئىدى. «سىياسىي مەسىلە»نى تەرىپلىمەكچى بولساق، شۇنداق دەيمىزكى، ئىچىدە كاتتىباشلار بىلەن سىياسىيلار ئورۇن ئالغان ھەر قانداق مەسىلە سىياسىي مەسىلىدۇر. قەدىمدە يۇرت كاتتىلىرىنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋىتىگە قارشى چىققانلىقى ئوپئوچۇق سىياسىي مۇشكىلىدۇر. مەسىلەن: پىرئەۋن بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشكىلىسى ئەينەن سىياسىي مۇشكىلە ئىدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرئەۋن تەرىپىدىن چوڭ بىر سىياسىي قارشىلىققا ئۇچرىغان، پىرئەۋنمۇ مۇسا ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن سىياسىي قارشىلىققا ئۇچرىغان. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەربىرى يەنە بىرىنىڭ يولىنى توسقان. مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرئەۋننى ئىسرائىل ئەۋلادىغا زۇلۇم قىلىشتىن توسقان بولسا، پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامنى دىننى تەبلىغ قىلىشتىن توسقان. قۇرئان كەرىمىدە مۇسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە كەلگەن قىسسىلەردە، مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن پىرئەۋن ئوتتۇرىسىدىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن ئادەمنى گويا مۇسا ئەلەيھىسسالام پەقەت پىرئەۋن ئۈچۈنلا ئەۋەتىلگەندەك ئويغا سېلىپ قويىدۇ. ھەممە پەيغەمبەرنىڭ ئىشى سىياسەت ئىدى. ھەتتا سۇلايمان ئەلەيھىسسالاممۇ چوڭ سىياسىي ۋە دۆلەت ئادىمى ئىدى. پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كەلسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىياسەتنى ئەڭ مۇكەممەل مەنىسى بىلەن قوللانغان زات ئىدى. دەۋەت ۋە تەربىيە سىياسىتىدىن ئۇيۇشتۇرۇش سىياسىتىگىچە، پىلان تۈزۈش، چېنىقتۇرۇش سىياسىتىدىن ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىتىگىچە ۋە ئاخىرى ئىسلام دۆلىتىنى بەرپا قىلغىچە ھەممىسى ئەڭ پەزىلەتلىك ۋە مۇكەممەل سىياسەتلەر ئىدى. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، بىز مۇسۇلمانلار نېمە ئۈچۈن سىياسەتتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرىمىز؟ نېمە ئۈچۈن سىياسەتنى ئۆزىمىزنىڭ پايدىسى ئۈچۈن قوللانمايمىز؟ مەيداننى باشقىلارغا تاشلاپ بېرىپ چەتتە تۇرۇۋالساق ئەھۋالىمىز نېمە بولماقچى؟ بىز ئەۋلادتىن ئەۋلادقا باشقىلارنىڭ سىياسىتى ئاستىدا ياشاشقا مۇھتاجمۇ؟»

ھاكىمىيەت ئۈستىدىكىلەر بىلەن قانداق ئۆتۈش لازىم؟

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«ئىسلام ئۆلىمالىرى ھاكىمىيەت ئۈستىدىكىلەرگە قارىتا قەدىمدىن بىرى ئىككى خىل مۇئامىلىدە بولۇپ كەلگەن. بەزىلەر ھاكىمىيەتكە يېقىنلىشىپ، سىياسەتكە ئارىلىشىپ ئۇلارغا نەسىھەت قىلىش ۋە يول كۆرسىتىش ئارقىلىق دۆلەت ئىشلىرىغا ياردەم قىلىشنى زۆرۈر دەپ قاراپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىچە، «يامانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ياخشىلىقنى كەلتۈرۈش»تىن ئىبارەت دىنىي پرىنسىپ، ھاكىمىيەت ئۈستىدىكىلەرگە يېقىنلىشىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمما ئۇلاردىن يىراق تۇرۇپ بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.

ئىككىنچى قاراشتىكىلەر سىياسەتتىن ۋە ھاكىمىيەت ئۈستىدىكىلەردىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق دىننى ساغلام تۇتقىلى بولىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلغانلىقتىن، ئۇلار ئۆزلىرىنى سىياسەتتىن ۋە ھاكىمىيەت ئۈستىدىكىلەردىن قاچۇراتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدا، ھاكىمىيەت ئۈستىدىكىلەرگە يېقىن بولۇش ۋە مەنسەپ تۇتۇش ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىغا سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇرلاپ قويىدۇ، ھەقىقەتنى دادىل سۆزلىگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

ئىمام شاتىبى بۇ مەسىلىدە ئىنتايىن توغرا پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: ئۆلىما ۋە ياخشى ئادەملەر ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىرەر ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىنسا، ئۇنى رەت قىلماسلىقى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى لازىم. بۇنىڭغا بىنائەن، ئالىمنىڭ رىياكارلىق سادىر قىلىپ قويۇشتىن قورقۇپ كىشىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يالغۇزلۇقنى تاللىۋېلىشى، ئادالەتنى بەرپا قىلالايدىغان پادىشاھ ياكى ھاكىم تەكلىپ قىلغان ۋەزىپىدىن يۈز ئۆرۈشى قاتارلىق ئىشلار ناۋادا ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بولسا، ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇپ ئىش كۆرۈش كېرەك. چۈنكى دىن ۋە دۇنيالىق بۇنىڭ بىلەن بولىدۇ، دېگەن ئىكەن. ئىمام شاتىبىنىڭ كۆز قارىشى بويىچە ئېيتقاندا، ھۆكۈمەت تەرەپتىن بىرەر ۋەزىپىگە ياكى مەنسەپكە تەكلىپ قىلىنغان ئۆلىما مۇنداق شارائىتتا پايدا-زىياننى مۇۋازىنەت قىلىپ تۇرۇپ ئىش كۆرۈشى لازىم. ئۇنىڭ مەنسەپ تۇتۇشى ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن تۇتمىغىنىدىن ياخشىراق بولسا، بۇ مەنسەپنى قولدىن بەرمەسلىكى كېرەك. ناۋادا ئەكسىچە بولۇپ، ئۇنىڭ مەنسەپ تۇتۇشى ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن زىيانلىق بولىدىغاندەك كۆرۈنسە، ئۇنىڭ بۇ مەنسەپنى تۇتمىغىنى ياخشى.

دەۋەتنىڭ يوللىرى كۆپ. دەۋەت ۋەز-نەسىھەت قىلىش، ئۆگىتىش ۋە كىتاب نەشر قىلىش بىلەن بولغىنىدەك، سىياسەتكە ئارىلىشىش بىلەنمۇ بولىدۇ. بىزگە ئەڭ يېقىن مىسال تۈركىيە بولۇشى مۇمكىن. تۈركىيەدە باشتىن-ئاخىرى چوڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇنلىغان چېرىكلىكلەرنى ۋە يولسىزلىقلارنى پاش قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقارغان ۋە بىر قەدەر ئادالەتنى بەرپا قىلغان باش مىنىستىر رەجەب تاييىب ئەردوغان ئەگەر سىياسەتكە ئارىلاشمىغان بولسا ئىدى، بۇنچىلىك غەلىبىگە ئېرىشەلمىگەن ۋە مۇنچىلىك چوڭ ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارالمىغان بولار ئىدى. خەلقىمىز سىياسەتتىن يىراق ياشاپ، قانۇن نېمە؟ سىياسەت نېمە؟ بۇنى بىلمىگەنلىكتىن، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقلىرىدىنمۇ پايدىلىنالماي كەلمەكتە. ھەتتا تەلەپ قىلىشنىمۇ بىلمەي قالماقتا. چۈنكى دۆلەت قانۇنىدا يېزىلغان قانۇنلۇق ھەققىنى تەلەپ قىلىدىغان ئادەم سىياسەتتىن يىراقلاپ كەتمەسلىكى ۋە ھەممىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشى لازىم. ئەمما خەلق، خۇسۇسەن بۇ خەلقنىڭ زىيالىيلىرى ۋە ئالىم-ئۆلىمالىرى ئۆزلىرىنى سىياسەتتىن قاچۇرۇپ يۈرسە، باشقىلار قىلىدىغىنىنى قىلىۋېرىدۇ، ھەتتا ئۇلارنى قانۇن بىلەن ئەمەس، بەلكى سىياسەت بىلەنلا ئىدارە قىلىپ باشقۇرىدىغان بولۇۋالىدۇ. بىزنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىمىز بۇنىڭ مىسالى.

شۇڭا بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز ۋە دىنىي ئالىملىرىمىز سىياسەتتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرماستىن، سىياسەت مەيدانىغا كىرىشى، كىرگەندىمۇ سىياسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلماستىن، بەلكى سىياسەتنى ئۆزىنىڭ ۋە خەلقىنىڭ مۇددىئاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا خىزمەت قىلىش، ئادالەتنى بەرپا قىلىش، خەلقنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش قاتارلىق بىر قاتار ئىجابىيلىقلار قولغا كېلىشى مۇمكىن.»