ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن شى جىنپىڭغا كۆرسەتكەن سۈرەتتىكى كۆرۈنمىگەن سىرلار
2023.11.22
پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكى چوڭ ئۈمىد باغلىغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىلقى يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشى بىر تېپىشماق بىلەن باشلىدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى يانفونىدىن خىتاي رەئىسىگە ئۇنىڭ ياش چاغلىرىدا سان-فرانسېسكودا چۈشكەن بىر پارچە سۈرىتىنى كۆرسىتىپ «بۇ يىگىتنى تونۇمسىز؟ » دەپ سورىدى. بېرىلگەن جاۋاب ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋاللار ھەممىمىزگە ئايان.
بۇ شى جىنپىڭنىڭ بىر پارچە سۈرىتى بولۇپ، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تور بەتلىرىدىن بىرى «ئاخبارات تورى» غا چاپلانغان ئىدى. بۇ سۈرەت 1985-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتلاردا 32 ياشقا كىرگەن شى جىنپىڭ جېڭدىڭ ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئىدى. سۈرەتنىڭ تورغا قويۇلغان ۋاقتى 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەمىنلىگەنلىكى يېزىلغان بۇ سۈرەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىققان ۋاقتىغا قارايدىغان بولساق بۇنىڭ دەل شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنىڭ ئاستا-ئاستا ئەۋجىگە چىقىۋاتقان ۋاقتىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ كۈن ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شى جىنپىڭنىڭ ئىككىنچى قېتىم سايلىنىشىغا يول ئاچقان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-قېتىملىق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىنىڭ باشلانغان كۈنىدۇر. شۇنداقلا شۇ ۋاقىتتىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى بايقاپ، بارلىق ئاماللارنى قوللىنىپ ئۇ ئادالەتسىزلىكنى توسۇش قارارىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان كۈنلەرنىڭ بىرى.
شى جىنپىڭنىڭ 2-قېتىم دۆلەت رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇشى بىلەنلا 35 يىل بۇرۇن سان-فرانسېسكودا تارتىلغان سۈرەتنىڭ ۋە ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنىڭ خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ تور بېتىدە پەيدا بولۇپ قېلىشى قانداقمۇ تاسادىپىيلىق بولسۇن؟ ! شى جىنپىڭ 15-نويابىردا ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ئېيتقىنىدەك سۈرەتنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ قەيەردىن ئالغانلىقىنى راستىنلا بىلمەي قالدىمۇ؟ ئۇنداقتا شى جىنپىڭ شۇنداق بىر كۈندە بۇ سۈرەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ نېمە دېمەكچى ئىدى؟
بۇ سۈرەت 2017-يىلى «ئېسىلزادە ئائىلىدە تۇغۇلدى، ئۆڭكۈرنى ماكان قىلدى، شى جىنپىڭ قانداق چوڭ بولغان؟ » ماۋزۇلۇق بىر يازمىغا باش سۈرەت قىلىپ بېرىلگەن. سۈرەتتىن كېيىن ئاجايىپ كۈچلۈك ھەم ئىخچام بىر تىل بىلەن ئۇنىڭ تۇغۇلۇشى، بالىلىق ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش دەۋرى، دادىسى نامىغا بېسىلغان پوچتا ماركىسى ۋە ئاخىرىدا ئۇنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولۇش جەريانىغا تاللانغان شەخسى سۈرەتلىرى قىستۇرما قىلىپ ئېلان قىلىنغان. قىستۇرما سۈرەتلەردىن ئۇنىڭ بەش يېشىدا دادىسى بىلەن چۈشكەن سۈرىتى، 15 يېشىدا شەنشىدە يېزىغا چۈشكەن ۋاقتىدا يېتىپ قوپقان ئۆڭكۈرنىڭ ئىچى ۋە سىرتى، نەشرىيات ساھەسىدە ئىشلەيدىغان ئىنىسىنىڭ ئايرىم سۈرىتى كىشىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتىدۇ. بۇنداق سۈرەتلەر پەقەتلا شى جىنىپىڭنىڭ ئۆزىدە ياكى ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرىدە بولۇشى مۇمكىن. دېمەك، شى جىنپىڭ سۈرەتنى كىمنىڭ تورغا قويغانلىقىنى ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ سۈرەتنى نەدىن ئالغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ. ھەتتا يازمىنى ئېلان قىلىشنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇشىمۇ ئېھتىماللىققا ئىنتايىن يېقىن.
قىسقىسى، بۇ سۈرەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش بىلەن شى جىنپىڭ 2-قېتىم سايلانغاندىن كېيىن، بۇرۇنقى ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىرىنىڭ ئەكسىچە يول تۇتقان ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىشىشنى نىشان قىلغان.
بىز ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ بۇ قېتىم سۈرەت ئارقىلىق نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكى تەھلىل قىلىشتىن بۇرۇن، بۇ سۈرەتنىڭ تارقىتىلىشى ۋە تەشۋىق قىلىنىشى ھەرگىزمۇ خەيرلىك بىر ئىش ئەمەسلىكىنى دېمەي تۇرالمايمىز. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ ئۆزى يالغۇز ياكى ئەتراپتا بىر توپ كىشىلەر بىلەن كۈلۈپ چۈشكەن سۈرەتلىرىنىڭ ھېچ بىرى سۈرەت تارتىلغان ئورۇنغا ياكى ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە، ھەتتا شۇ كىشىلەر مەنسۇپ بولغان مىللەتلەرگە بىرەر ياخشىلىق ئېلىپ كەلگەن ئەمەس.
شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دىيارىنى دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن ئەمەس، بەلكى بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپلا ياخشى بىلەتتى. بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقىلىپ يۈرگەن بايانلاردىن باشقا يەنە كېيىنكى چاغلاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى بولغان ئىسمايىل ئەمەت تەرىپىدىن يېزىلغان ئۇزۇن بىر ماقالىمۇ بار. بۇ ماقالە شى جىنپىڭنىڭ دادىسى شى جوڭشۈنگە ئاتالغان بىر ماقالىلەر توپلىمىدا ئورۇن ئالغان. ماقالىدىن شى جىنپىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتا دادىسىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقى، سەيپىدىن ئەزىزى ۋە بۇرھان شەھىدىلەر بىلەن ئاتالمىش ئاپتونوم رايون قۇرۇش مەسلىھەتى بىلەن ئالدىراش بولغانلىقىدىن خەۋەردار بولىمىز. شى جوڭشۈن ئۆز قولى بىلەن يازغان ئىككى قىسىملىق تەرجىمەھالىدىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كەچۈرمىشلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن.
كىشىلەرنىڭ چۈشەنمەيدىغان يېرى، نېمە ئۈچۈن شى جوڭشۈن ماۋ زېدۇڭنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان ۋاقىتتا دادىسىغا قۇچاق ئاچقان، ھەتتا دادىسى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھۆرمەت قىلغان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارغا شى جىنپىڭنىڭ شۇنچە باغرى تاشلىق بىلەن قىرغىنچىلىق مۇئامىلىسى قىلىشى بولسا كېرەك.
ئەسلىدە بىر ئېسىلزادە ئائىلىدە تۇغۇلۇپ، خارلىنىپ چوڭ بولغان، يېتەرلىك ئاتا-ئانا تەربىيەسى كۆرەلمىگەن شى جىنپىڭدەك بىرى سۈرەت ئارقىلىق بىر نەرسىلەرنى ئىما قىلىۋاتقان يەردە، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام چوڭ بولغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى تورغا يوللانغان سۈرەتنى شى جىنپىڭغا كۆرسىتىشى پەقەتلا ئۇنىڭغا تەكەللۇپ قىلىش مەنىسىدە ئەمەسلىكىمۇ ئېنىق. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن شى جىنپىڭنىڭ ھازىرغىچە بېسىپ ئۆتكەن ھايات كەچۈرمىشىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتقان بۇ سۈرەتنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، شى جىنپىڭنىڭ سۈرىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش بىلەن باشلانغان بارلىق قىلمىشلىرىنىمۇ ئېنىق بىلىدىغانلىقىنى ئىشارەت قىلغان. يەنى سۈرەت ئارقىلىق ئاۋازسىز دېيىلگەن سۆزلەر، دەل بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش جەريانىدا ئاشكارا دېيىلمىگەن سۆزلەردۇر.
ئەلۋەتتە بۇ ئىشارەتلەرنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدا شى جىنپىڭ يېتەكچىلىكىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان زوراۋانلىق سىياسەتلىرى، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تىل، مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە دىنىي ئىشلىرىغا قىلىنىۋاتقان زىيانكەشلىك ھەم قىرغىنچىلىقلارمۇ ئورۇن ئالغان. چۈنكى، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەيرانچىلىقلارنىڭ ھەممىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۈرىتى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن تېخىمۇ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن. يەنە بىر دەلىلىمىز، شى جىنپىڭ 2-قېتىم قايتا سايلىنىپ تۇنجى قىلغان ئىشىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ خىزمىتى» يىغىنى ئۆتكۈزۈش بىلەن باشلىغانلىقى ۋە بۇ يىغىنغا بىۋاسىتە ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلغانلىقىدۇر.
ئەگەر شى جىنپىڭ ئەقلى-ھوشى جايىدا بىرى بولسا، ئەلۋەتتە بۇ ئىشارەتنى چۈشىنەلەيدۇ. خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 18-نويابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا شى جىنپىڭ 15-نويابىر كۈنى فىلولى (Filoli) قورۇقىدا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بېرى سادىر قىلىپ كېلىۋاتقان خاتالىقلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئېتىراپ قىلغاندەك تەرزدە مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئۆزىگە خاس لوگىكىسى ۋە قانۇنىيىتى بار، خىتاي ھازىر خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، خىتاي مۇستەملىكە، تالان-تاراج قىلىشتەك كونا يولدا ماڭمايدۇ، دۆلەت قۇدرەت تاپسا زومىگەرلىك قىلىشتەك ئەگرى يولدا ماڭمايدۇ، شۇنداقلا ئىدېئولوگىيەنى سىرتقا چىقىرىش بىلەن شۇغۇللانمايدۇ. »
ئۇنىڭ بۇ بايانلىرىدىكى «ھازىر» سۆزىنى زامان ئۆلچىمى قىلىپ تەھلىل قىلىدىغان بولساق، خىتاينىڭ ھازىرغىچە ئەنە شۇنداق مۇستەملىكە ۋە تالان-تاراج قىلىشتەك كونا يولدا ماڭغانلىقىنى، خىتاي دۆلىتىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن زومىگەرلىك قىلىشتەك ئەگرى يولدا ماڭغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھەقىقەتەن بۇ يوللىرىدىن ۋاز كېچەلەمدۇ؟ مۇستەملىكە قىلىۋالغان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل دىيارىدىن چىقىپ كېتەمدۇ؟ خالىغانچە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقان بايلىقلاردىن ۋاز كېچەلەمدۇ؟ ئەگرى يولدىن چىقىپ زومىگەرلىك قىلمىشىدىن ئۆزىنى توختىتالامدۇ؟ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئورنىغا خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا زورلىشى ئۇنىڭ ئىدېئولوگىيەنى سىرتقا چىقىرىش بىلەن شۇغۇللانمىغانلىقىمۇ؟ ئەلۋەتتە، بۇ سوئاللار شى جىنپىڭدىن بىۋاسىتە سورالمىدى، ئەمما ئەنە شۇ سۈرەت ئارقىلىق كۆرسىتىلدى.
شى جىنپىڭنىڭ ئۆمرىدە قىلغان ئىشلىرىغا دىققەت قىلىدىغان بولساق، مىجەز خاراكتېرىدىكى بىر تۈرلۈك «غەيرىيلىك» نى ھېس قىلالايمىز: تۇنجى كۆرگەن ئادەملىرىگە يېقىنچىلىق قىلىدۇ، ئەمما ۋاقتى كەلگەندە دەرھال ئۇلاردىن ۋاز كېچىپ ئۇلارغا رەقىب بولىدۇ ۋە قولىدىن كەلگەن بارلىق چارىلار بىلەن قارشى تەرەپنى يانجىپ تاشلايدۇ. ئۇنىڭ دادىسىغا زۇلۇم قىلغان، ھەتتا 1960-يىلىدىن 1970-يىلىغىچە دادىسىنى تۈرمىگە تاشلىغان ماۋ زېدۇڭچىلارغا يېقىن بولۇشى، دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن ئۇلاردىن ۋاز كېچىشى، ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقلىرىگە دەسلەپ خۇددى قايتا كۆرۈشكەن «قېرىنداشلار» مۇئامىلىسى قىلىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا ئېتىبار بېرىشى، ئارقىدىنلا بۇ مىللەتلەر ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان رەھىمسىزلەرچە قىرغىنچىلىقى بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدۇر. ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ يانفونىدىكى سۈرەتنى يېنىدىن ئايرىماسلىقىنى، «قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالغان بۆرە» نى كۆزىتىشىنى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا خەلقىگە، جۈملىدىن دۇنيا خەلقىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان زىيانلىرىدىن ھەر ۋاقىت ئېھتىيات قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.