تالاش-تارتىش تېمىسى بولۇۋاتقان كۇچا بىناكارلىقى

0:00 / 0:00

يېقىندا خىتايدىكى «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق تور سەھىپىلىرى ۋە ئورگان تور بەتلىرىدە «كۇچا بىناكارلىق ئۇسلۇبى تىپىك خىتايچە پاسوندىكى قۇرۇلۇشتۇر» دەيدىغان سەپسەتىلەر بازارغا سېلىنماقتا ۋە كەڭ تەشۋىق قىلىنماقتا.

كۇچا شەھىرى ۋە ئەتراپىدىكى رايونلار ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ قەدىمدىن بۇيان ياشاپ كەلگەن ماكانلىرىدىن بولۇپ، تارىختا مەدەنىيەت ۋە سودا مەركىزى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مۇھىم سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىستراتېگىيەلىك مەركەز ئىدى. تۈرلۈك تارىخىي قىسمەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن كۇچا خەلقى تارىخىي تەرەققىياتلار جەريانىدا ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ۋە ھېكمەتلەرنى يارىتىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرىدە كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك ئېسىل دۇردانىلەرنى قالدۇرغان.

ئۇيغۇر فولكلور خەزىنىسىنىڭ قىممەتلىك گۆھەرلىرىدىن بولغان كۇچا بىناكارلىقىنى بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا خىتاي مەدەنىيىتىگە ئايلاندۇرۇۋېتىش تولىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە يەڭگىللىك بىلەن ئېيتىلغان سۆزدۇر.

خىتاي دائىرىلىرى كۇچا بىناكارلىقى ھەققىدە تارقاتقان تەشۋىقاتلىرىدا، كۇچادىكى قەدىمكى تۇرالغۇلارنىڭ ئىچ ۋە تاش مېمارچىلىقى كۆپىنچىسى ئىسلام ئۇسۇلىدا بىنا قىلىنمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرلىكتە، كۆپىنچە قۇرۇلۇشلارنىڭ تۆت بۇرجەك شەكىلدە بولۇشى، ھەتتا ئىشىك، دېرىزىلەرنىڭ ئورنىتىلىشىدىن تارتىپ بېزەكلىرىگىچە خىتاي مەدەنىيىتىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان خەت ۋە نەقىشلەرنى قوللانغانلىقىنى پەش قىلىپ، ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولغان كۇچا بىناكارلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنى خىتاي بىناكارلىق مەدەنىيىتى، يەنى «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى» تەشۋىقاتىغا بىرلەشتۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە كۇچا شەھىرىدىن تېپىلغان گۈمبەز شەكىللىك خىش قۇرۇلمىلىق يەر ئاستى قەبرىستانلىقىنى مۇزېي ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، خىتاي دۆلەت دەرىجىلىك 10 چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش قاتارىغا كىرگۈزۈپ ئالاھىدە قوغدىماقتا. 2007-يىلى 7-ئايدا خىتاي دائىرىلىرى «كۇچا شەھىرىدە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان قەبرە توپى بايقالدى» دېگەن خەۋەرنى تارقىتىپ، بۇ قەبرىلەرنىڭ كۇچا تەۋەسىدىن قېزىۋېلىنغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قەبرە سانى ئەڭ كۆپ ۋە دەپنە ئادىتى ئەڭ مۇرەككەپ قەبرىستانلىق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

پىششىق خىشتىن ياسالغان قەبرە ئىشىكى
پىششىق خىشتىن ياسالغان قەبرە ئىشىكى (ts.cn)

بۈگۈنكى كۈندە خىتاي دائىرىلىرى يەنە دىققەت نەزىرىنى كۇچادىكى قەدىمكى قەبرىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇنى شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەركەزلىك» سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرماقتا. خىتاي دائىرىلىرى قەبرىستانلىقنىڭ يىل دەۋرىنى خىتاي تارىخىي يىلنامىلىرىدىكى «ۋېي، جىن 16 پادىشاھلىق» دەپ ئاتالغان دەۋرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ، قەبرىستانلىقنىڭ تىپىك خەن ئۇسلۇبىغا تەۋە قەبرىستانلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە سەپسەتە تارقىتىشتىن باشقا يەنە، قەبرىستانلىقتىن قېزىۋېلىنغان زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى، ساپال قاچا، تۆشۈكلۈك تەڭگە پۇل، مىس ئەينەك قاتارلىق ماددىي بۇيۇملار ۋە بۇيۇملارغا ئائىت تېخنىكىلارنىڭ يىپەك يولى ۋاسىتىسى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن كۇچا رايونىغا تارقالغانلىقى خەۋىرىنى كۈچەپ تارقاتماقتا.

ھالبۇكى خىتاينىڭ يۇقىرىقى سەپسەتىلىرى پۈتۈنلەي ئىلمىيلىكتىن يىراق، ئاساسسىز كۆز قاراش بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇنلىغان تارىخىي ھەقىقەتلەر ۋە پاكىتلارغا كۆز يۇمغان. كۇچا بىناكارلىق مەدەنىيىتى خىتاي مەدەنىيىتىگە تەۋە ئەمەس، بەلكى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردە ياراتقان بىناكارلىق مۆجىزىلىرىنى كېيىنكى دەۋرلەردىكى نەتىجىلىرى بىلەن تېخىمۇ بېيىتىپ بارغان مەدەنىيەت تىپىغا تەۋەدۇر. ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار تارىختىن بېرى ياشاپ كەلگەن رايونلارنىڭ جۇغراپىيەلىك شارائىتى، دىنىي ئېتىقادى، شۇنداقلا ھەرقايسى دەۋرلەردىكى خانلىقلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسى قاتارلىق ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتايلار تارىختىن بېرى كۇچادا ياشىمىغان، كەلگەن بولسىمۇ يوقنىڭ ئورنىدا ئاز ئىدى. ھەتتا 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى كېلىشتىن بۇرۇن كۇچادا ئاران 300 ئەتراپىدا خىتاي ئاھالىسى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپى گومىنداڭ ئەمەلدارلىرى ۋە خىزمەتچىلىرى ھەم ئاز ساندىكى سودىگەرلەر ئىدى. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار قانداقسىغا بۇ يەرگە مەدەنىيەت تەسىرى كۆرسىتەلىسۇن؟

ئۇيغۇر ئەجدادلىرى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدىن باشلاپ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان دەۋرلەردە، ئۇدۇن، كۈسەن ۋە ئىدىقۇت قاتارلىق قەدىمكى شەھەر دۆلەتلىرى مەشھۇر بۇددا دىنى مەركەزلىرىگە ئايلانغانلىقى مەلۇم.

بۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇددىزم پەلسەپىسى، ئىدىيە كۆز قاراشلىرى، ئەدەبىيات-سەنئىتىمۇ ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىغا كەڭ تارقالغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلاردا ھەيكەلتىراشلىق، رەسساملىق، بىناكارلىق زور دەرىجىدە تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ، دىنىي ئېتىقاد ۋە ئىستىقامەت ۋەجىدىن كۆلىمى زور، ھەشەمەتلىك بولغان مىڭئۆي، نۇرغۇن بۇددا ئىبادەتخانىلىرى ۋە مۇنارلىرى ياسالغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۇچادىكى بەزى قەدىمكى قۇرۇلۇشلارنىڭ تاملىرى قېلىن ۋە تۆت چاسا ھالەتتە سېلىنىش ئۇسلۇبى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدىن بولغان دېگەن سەپسەتىنى تەشۋىق قىلغىنىدا، مەزكۇر ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى بۇددىزم ئۇسلۇبىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەتكە كۆز يۇمغان. ئۇيغۇر فولكلورىغا ئائىت ماتېرىياللارغا ئاساسەن، بۇددىزم ئۇسلۇبىدىكى تۇرالغۇلاردا ئۆيلەر تۆت چاسا شەكلىدە چۆرىدەپ سېلىنىدىغانلىقى ۋە ئىشىك-دېرىزىلەرنىڭ ھويلىغا قارىتىلىپ سېلىنىپ، ئېگىز تاملار بىلەن قورشىلىپ مەخسۇس ئىبادەت قىلىش سورۇنى ئاجرىتىلىدىغانلىقى ئىزاھلانغان. كۇچا تەۋەسىدىكى قارادۆڭ، كۈسەن، شورچۇق ۋە سۇ بېشى قاتارلىق جايلاردىن بايقالغان قەدىمىي قۇرۇلۇش ئىزلىرى بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ پاكىتلىق ھالدا ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.

شۇنى تەكىتلەش زۆرۈركى، مەيلى ئۇيغۇر بىناكارلىقى بولسۇن ياكى قەدىمكى كۇچا بىناكارلىقى بولسۇن، گەرچە بۇددىزم ئۇسلۇبىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئەجدادلىرى بۇ خىل ئۇسلۇبلارنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كەلگەن بولماستىن، ئەكسىچە ئىلگىرى ياراتقان مەدەنىيەتلەر ۋە رېئال تۇرمۇشنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئۆزىگە خاس بولغان ئۆزگىچە مەدەنىيەت يارىتىشقا ئېتىبار بېرىپ كەلگەن. مەسىلەن، كۇچا شەھىرىنىڭ ئۈچ قات سېپىل بىلەن قورشىلىپ ياسىلىشى، شەھەر-ئوردىلاردىكى تۈۋرۈكلەر ۋە ھەشەمەتلىك قەسىرلەر قاتارلىق ئۆزگىچە قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىنىمۇ ئاپىرىدە قىلغان.

يەنە بىر مەنبەنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇيغۇر بىناكارلىق لايىھەلىگۈچىسى ئالىمجان مەخسۇتنىڭ «ئۇيغۇر بىناكارلىق تارىخى» ناملىق كىتابىدا بايان قىلىنىشىچە، ئەگمىلىك ئىشىك-دېرىزىلەر، گۈمبەزلىك تۇرالغۇ ۋە مۇنارلار، شۇنداقلا بۇددا ئەقىدىسى گەۋدىلەندۈرۈلگەن قۇببىلەر، قوشام ۋە راۋاق تۈۋرۈكلىرىگە ماس شەكىلدە ياسالغان رېشاتكا-سالاسۇنلار بۇددىزم دەۋرىدىكى ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكى بولغانىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە كۇچادىكى قەدىمىي قەبرىلەرنىڭ خىش قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇش بولۇشىغا قاراپ، بۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ كۇچا رايونىدىكى ھاكىمىيىتىنىڭ بەلگىسى دېگەندەك يالغانلارنى بازارغا سالماقتا. كۈسەن مۇزېيىنىڭ مۇدىرى ما لىلى «تەڭرىتاغ تورى» غا بەرگەن سۆزىدە كۇچادىكى قەدىمىي قەبرىلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق كۆرسەتكەن: «مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ مازار كۇچادا ياشاپ ئۆتكەن يۇقىرى تەبىقە جەمەتىگە ئائىت قەبرىلەر بولۇشى مۇمكىن. قەبرىلەر ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ياكى بۇ قەبرە ئىگىلىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن كەلگەن تۈنتىيەن ئەسكەرلىرىدىن بولۇپ بۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن، ۋە ياكى قەدىمكى كۇچادا ياشاپ ئۆتكەن خېشى كارىدورىدىن كەلگەن كۆچمەنلەر بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن» .

بۇ يەردە مۇزېي مۇدىرىنىڭ خىش كېسەكنى خىتاي مەدەنىيىتىگە تەۋە دەپ قارىشى، خىش كېسەكنىڭ بۇددىزم دەۋرىدە كۈسەن ئېلىدە يەنى ھازىرقى كۇچا تەۋەسىدىكى كۇلالچىلىق-ساپالچىلىق كەسپى ھۈنىرى تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەتكە كۆز يۇمغانلىق ئەمەسمۇ؟ ! بۇنىڭ بىلەن كۇچانىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئەينى ۋاقىتتىكى قول-ھۈنەرۋەنچىلىك ماكانى ۋە سەنئەت بۇلىقى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟ ! بۇنىڭ مۇدىر خانىم پۈتۈنلەي ئاساسسىز پاكىتلار ئارقىلىق كۇچا مەدەنىيىتىگە قىلىنغان ھاقارەت دەپ قارايمىز.

مازار، مۇنار ۋە بىر قىسىم قۇرۇلۇشلارنىڭ ئۇل، تۈۋرۈك ياكى پەلەمپەي قىسىملىرىغا خىش-كېسەك ئىشلىتىش ئۇسلۇبى كۇچادىكى تىپىك بۇددىزم دەۋرى بىناكارلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. ئىلىم ساھەسىدە تارىخىي خاتىرىلەر ۋە ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلار بۇنىڭغا ئەڭ ئىشەنچلىك پاكىت بولالايدۇ. مەسىلەن، كۇچا قارادۆڭ خارابىسىدىن قاپارتما نەقىشلىك خىشلار تېپىلغان. كېسىپ ئېيتالايمىزكى، ئۇيغۇر بىناكارلىقىدا لاي كېسەك، ياغاچ، تاش، كاھىشلاردىن باشقا يەنە خىش كېسەك قوللىنىش ئۇسلۇبى يېڭىلىقمۇ ئەمەس ياكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن ئۆگەنگەن ھۈنەرمۇ ئەمەس. ۋاھالەنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي دائىرىلىرى بازارغا سېلىۋاتقىنىدەك ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ تەسىرىدىن بولماستىن، بەلكى كۇچا خەلقىنىڭ ئەمگىكى ۋە پاراسىتىنىڭ جەۋھەرلىرى ئىدى. قەدىمكى كۇچادا ساپالچىلىق ۋە پۇل قۇيۇش ھۈنىرىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقى مەلۇم. كۇچا تەۋەسىدىن تېپىلغان قەدىمكى ساپال بۇيۇملار، خۇمدان ئىزلىرى، پۇل قۇيۇش قېلىپلىرى ۋە تەڭگە پۇللار بۇنىڭ شاھىتى بولالايدۇ.

ئەمدى خىتاي ئاخباراتلىرى تەكىتلەۋاتقان كۇچا قەدىمكى قەبرىلىرىدە كۆرۈلگەن «خىتايچە ئۇسلۇبتىكى نەقىشلەر» تېمىسىغا كەلسەك، نېلۇپەر، دولقۇن نۇسخىلىرى، بىر قىسىم بۇغا، تاشپاقا ۋە ئىلاھىي ھايۋانلار خىتايلار ئېيتقىنىدەك خىتاي مەدەنىيىتىدە كۆپ ئۇچرايدىغان نەقىش ۋە شەكىللەر بولغانلىقى ئۈچۈنلا، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خىتاي مەدەنىيىتىگە تەۋە دەپ قاراش ئىلىم ساھەسىگىمۇ قىلىنغان ھاقارەتتۇر. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە ھەرقانداق بېزەك-نەقىشلەر ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ قەدىمدىن بۇيانقى تۇرمۇش ئادىتى، ئېستېتىك قارىشى، ئېتىقاد-ئىشەنچلىرى قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سەنئەتكارلارنىڭ قولىدا ئوبرازلاشتۇرۇلۇپ مۇكەممەل سەنئەت تۈرى بولۇپ شەكىللەنگەن. كۇچا قەبرىلىرىدە كۆرۈلگەن تەسۋىرلەر خۇددى تاشكېمىر سەنئىتىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان ساماۋى ھېكايىلەردىكى تەسۋىرلەرنىڭ ئەكس ئېتىشى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى كۇچا بىناكارلىقىنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئىبارەت.

ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەردە قېزىۋېلىنغان يادىكارلىقلار بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ بېرىشكە يېتەرلىك پاكىت بولالايدۇ. كۇچادىكى قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە خارابىلىرى ئۇزۇندىن بۇيان سان-ساناقسىز چەت ئەللىك سەيياھلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قەدىمكى كۇچا بىناكارلىقى ھەققىدە سىستېمىلىق خاتىرە قالدۇرغان كىشىلەردىن گېرمانىيەلىك گرۆنۋېدەل ۋە ئالبېرت فون لېكوكنىڭ مەخسۇس مىڭ ئۆي ۋە قۇمتۇرالاردا تاشكېمىر سەنئىتى ھەققىدە تەكشۈرۈشلەردە بولۇپ، قەدىمكى كۇچا ھەققىدە قىممەتلىك تەتقىقات دوكلاتلىرىنى قالدۇرغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. بولۇپمۇ گرۆنۋېدەل سىم-سىم مىڭ ئۆيى، قۇمتۇرا مىڭ ئۆيى قاتارلىق جايلاردىكى غارلارنىڭ شەكلى، تام رەسىملىرىنىڭ مەزمۇنى، قۇرۇلۇشنىڭ تەكشىلىكتىكى خەرىتىسى ۋە تام رەسىملىرىنىڭ سىدام سىزمىلىرىنى سىزىپ قالدۇرغان ئەمگەكلىرى، كۇچا بىناكارلىقىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبىنى جانلىق رەۋىشتە چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇ «قەدىمكى كۇچا» ناملىق كىتابىدا قەدىمكى كۇچا بۇددىزم دەۋرىدىكى بىناكارلىق نەقىش-بېزەكلەرنىڭ تۈرلىرىنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىنى، ياغاچ ئۆي جاھازلىرى، ئويما-قاپارتما تام نەقىشلىك گەج پارچىلىرى ۋە رەڭلىك تاشكېمىر سىزما قالدۇقلىرى ئۆزگىچە ۋە نەپىس يارىتىلغانلىقىنى، نۇسخا جەھەتتە تۈرلۈك گېئومېتىرىيەلىك شەكىللەر بىلەن ئادەم، ھايۋان، تەبىئەت جىسىملىرى رەسىملىرىنىڭ ئۆزئارا بىرىكىپ كەتكەن كۆرۈنۈشنى شەكىللەندۈرگەنلىكى ئانالىز قىلىنغان.

خىتاي زىيالىيسى لىيۇ زىشىياۋنىڭ «ئۇيغۇر تارىخى» ناملىق كىتابىدا، كۇچادا تۇغۇلغان پورتىدىننىڭ (فو تۇدىڭ) مىلادىيە 310-يىلى لوياڭغا بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمدارلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 800 نەچچە بۇتخانا سېلىشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى بايان قىلىنغان. خېنەندىكى شاۋلىن ئىبادەتخانىسى باشلىق بېيجىڭ، شىئەن، جياڭسۇ قاتارلىق شەھەرلەردىكى داڭلىق ئىبادەتخانىلار ئەنە شۇ كۇچالىقلار سالدۇرغان قۇرۇلۇشلارنىڭ سەمەرىلىرىدىندۇر. خىتاي سەيياھلىرى فاشىيەن راھىب ۋە ۋاڭ يەندى قاتارلىقلارنىڭ ساياھەت خاتىرىلىرىدىمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ كۈسەن بىناكارلىقىغا بولغان ھەۋىسى ۋە قايىللىقى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.

خىتاي دائىرىلىرى بارلىق چارىلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان تارىخ ۋە مەدەنىيەتنى خالىسا خىتاي تارىخىغا باغلاش ياكى كۆزدىن يوقىتىپ ۋەيران قىلىش سىياسىتىنى ئىشقا سالماقتا. كۇچا شەھىرىدىكى قەدىمكى چوڭ مەسچىتنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىشىدەك ئەھۋالمۇ دەل بۇ سىياسەتنىڭ بىر پارچىسى ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى كۇچا بىناكارلىقىنى خىتاي مەنبەسىگە باغلاشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆز تارىخچىلىرىنىڭ بايانلىرىنى ئۆزلىرى ئىنكار قىلغانغا باراۋەر بولماقتا.

ئەجەبا خىتاي دائىرىلىرى قەدىمكى كۇچا بىناكارلىقىنى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ مەھسۇلى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقاندا، بۇددا دىنىنىڭ كۈسەن قاتارلىق ئۆتەڭلەر ئارقىلىق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغانلىقىدەك ھەقىقەتنى ئۇنتۇپ قېلىشتىمۇ؟ شۇنىڭدەك بەرباب، غېجەككە ئوخشاش سازلارنىڭ، كۈي-نەغمىلەرنىڭ كۈسەن دىيارىدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي سۇلالىلىرى پادىشاھلىرىنىڭ بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈسەنلىك بۇددا مۇتەپەككۇرى كومراجىۋانى چاڭئەنگە تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كەلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ شەرىپىگە ئىبادەتخانا سالدۇرغانلىقىدەك ھەقىقەتلەرنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلدىمۇ؟

يىغىنچاقلىغاندا، بۇددىزم دەۋرىدىكى كۈسەن بىناكارلىقى مەيلى ياسىلىش شەكلى بولسۇن ياكى نەقىش بېزەكلىرى بولسۇن، ئۆزگىچە دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ھەم بۇددىزم دەۋرىدىكى ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ يۈكسەك بەدىئىيلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. ھالبۇكى خىتاي دائىرىلىرى كۇچادىكى قەبرىستانلىقنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ خىل مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ نامايەندىسى، جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم ماتېرىيال ئاساسى دېگەندەك تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرماقتا.

*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.