تارىم ۋادىسىنىڭ يەرلىك خەلقى خىتايلارمىدى؟
2024.07.07
ئۆتكەن ئۈچ ھەپتىدىن بۇيان خىتاي رادىيو، تېلېۋىزىيە ۋە تاراتقۇلىرىدا ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتقان قىزىق تېمىلىرىدىن بىرى 12-ئىيۇن قەشقەردە ئېچىلغان خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە مۇنبىرى بولۇپ كەلمەكتە. «شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسى» نامىدىكى پائالىيەتنى «ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دەپ ئاتىغاندىن «تارىخ ياساش بەزمىسى» نامىدىكى تىياتىر ئويۇنى دېيىش تېخىمۇ مۇۋاپىق. سېنارىيەسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرلىغان بۇ تىياتىردا رول ئالغۇچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سادىق ئەمەلدارلىرى، مەخسۇس تەربىيەلەنگەن تارىخچىلىرى، تىلشۇناسلىرى ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ چەت ئەللىك گۇپپاڭچىلىرى. ئورنى: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمى شەھەرلىرىدىن بىرى قەشقەردىكى «قەشقەر ئالىي مېھمانخانىسى».
بۇ يىغىندا خىتاي تارىخچىلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە مەجبۇرىي قوبۇل قىلدۇرۇشقا يەنە بىر قېتىم ئۇرۇندى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىم ۋادىسىغا 840-يىلىدىن كېيىن كۆچۈپ كەلگەن كۆچمەنلەر ئىكەنلىكىگە ئىلىم ساھەسىنى ئەمەس بەلكى خەلقنى قايىل قىلىش بولدى.
يىغىن دەپ ئاتالغان مەزكۇر سىياسىي ئويۇندىكى «مۇتەخەسسىس» رولىنى ئالغان 39 نەپەر خىتاي ئىچى ۋە چەت ئەللەردىن «تاللانغان» لار ئارىسىدا باش رولنى ئۆتىگۈچى 2 خىتاي تەتقىقاتچى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولۇپ، بۇلار مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخى مۇتەخەسسىسى ياڭ شېڭمىن بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى پىروفېسسورى نيۇ رۇجى. بۇ ئىككىيلەننىڭ تەتقىقات ساھەلىرى پەرقلىقتەك كۆرۈنسىمۇ لېكىن ھەر ئىككىلىسى ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچى قىياپىتىدە ئۇيغۇر ياشلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش ۋە مىللىي تۇيغۇلىرىنى كۆزىتىش بىلەن مەشغۇل بولغانلاردۇر. ياڭ شېڭمىن بۇ قېتىم «تارىم ۋادىسىنىڭ يەرلىك خەلقى كىملەر ئىدى؟ شىنجاڭنىڭ ئۆتمۈشتىكى بىر مەزگىللىك تارىخى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەرگەن. ئۇ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلەپ، «بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئانتروپولوگىيەلىك تەتقىقاتىمىز كۆرسىتىدۇكى، ئۇيغۇرلار ئاساسەن خۇيخې (回紇) لاردىن بارلىققا كەلگەن. ئۇلار تەخمىنەن 840-يىلى موڭغۇل يايلاقلىرىدىن تارىم دەرياسى ۋادىسىغا كۆچۈپ كەلگەن ۋە بۇ يەردە ياشايدىغان باشقا مىللەتلەر بىلەن ئارىلىشىپ بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن» دېگەن. ئۇ خىتايلار ھەققىدە قىلغان سۆزىدە، «9-ئەسىردىن بۇرۇن تارىم ئويمانلىقىدا ياشايدىغان مىللەتلەر، ھىندى-ياۋرۇپا تىللىرى سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان «غۇرلار»، تىبەت-چىئاڭ تىلىدا سۆزلىشىدىغان چىئاڭلار ۋە خىتايلاردىن تەشكىل تاپقان. تارىم ئويمانلىقى ئەزەلدىنلا خىتايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يەر» دېگەن.
ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەر زادى كىملەر؟ ئۇلارنىڭ ھونلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداق بولغان؟ ئۇلار ھەقىقەتەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كۆچمەنلىرىمۇ؟ ياڭ شېڭمىنغا ئوخشاش خىتاي تارىخچىلىرىغا تارىخىي مەنبەلەر قانداق جاۋاب بېرىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۆچمەن، خىتايلارنى يەرلىك خەلق دېيىشى «تالا مۈشۈكىنىڭ ئۆي مۈشۈكىنى قوغلىغانلىقى» ئەمەسمۇ؟
ياڭ شېڭمىننىڭ دوكلاتىنى ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر سېتىپ كەلگەن سەپسەتىلىرىنىڭ خۇلاسىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ 1991-يىلى نەشر قىلىپ، مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا دەرسلىك سۈپىتىدە قوللانغان «قەدىمكى ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى تۇرالار. تۇرالارنىڭ خۇاشىيا مىللەتلىرى بىلەن ناھايىتى قويۇق مۇناسىۋىتى بار ئىدى. شۇڭا بەزىلەر ئۇيغۇرلار بىلەن خۇاشىيالارنىڭ ئەجدادى بىر» دەپ يازغان. ئۇ تۇرالار بىلەن ھونلارنى بىر بىرى بىلەن ھېچ بىر ئېتنىك مۇناسىۋىتى يوق ئەزەلىي رەقىبلەردىن قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ. ئۇ تارىختىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ھەققىدە يازغاندىمۇ كونا ئادىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تۇرالار تەركىبىدىكى ئون ئۇيغۇر توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرى سىبىرىيەدىكى چوڭ قۇملۇقنىڭ شىمالىدا تۈرك قەبىلىلىرى بىلەن ئېلىشىپ ياشىغان، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن بولسا يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان» دېگەن. ئۇ ماقالە ۋە كىتابلىرىدا تۈرك ئۇيغۇر قېرىنداشلىقىنى، ھەر ئىككىسىنىڭ ھونلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىكەنلىكىنى يوشۇرىدۇ. ھونلار ۋە تۈركلەرنى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سالغان مىللەتلەر دەپ قارىلاپ، كىتابىنى ئوقۇغان كىشىدە تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى بىر ئەمەس بولسا كېرەك، دېگەندەك گۇمان پەيدا قىلماقچى بولىدۇ. ئۇ بۇ سۇيىقەستىنى «ئۇيغۇرلار كېيىنچە يەنى 840-يىلى ھازىرقى ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان كۆچمەن بىر مىللەت ئىدى» دېگەن سەپسەتىسىگە ئىشەندۈرۈش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللىنىدۇ.
ياڭ شېڭمىن كىتابىنىڭ باش قىسمىدىلا مۇنداق دەپ يازغان: «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى شىمالىي دى (狄) لارغا ياتىدۇ. شىمالىي دىلار ئېلىمىزدە ئەڭ بۇرۇن ياشىغان بىر نەچچە قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى. مىلادىيەدىن 2000 يىل ئىلگىرى ئۇلار ئېلىمىزنىڭ غەربىي-شىمال رايونىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان ھەمدە خۇاشيا مىللەتلىرىنىڭ ئايرىم قەبىلىلىرى بىلەن قوشنا بولۇپ ئۆتكەنىدى» . ئۇنىڭ بۇ يەردە تىلغا ئالغان غەربىي-شىمالى ھازىرقى ئۇيغۇر دىيارى، دىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىدىن ئەمەسمىدى؟ ! ياڭ شېڭمىننىڭ بۇ يەردە تۈرك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان دەلىلى ئۇيغۇرلارنىڭ 4000 يىل ئىلگىرىلا ھازىرقى ۋەتىنىدە ياشىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ.
خىتاينىڭ ئەڭ كونا تارىخ ماتېرىياللىرىدىكى ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ كۆرىدىغان بولساق، مەشھۇر خىتاي جاسۇسى جاڭ چيەن ھونلار تەۋەلىكىگە كېلىشتىن بۇرۇن خىتاي تارىخنامىلىرىدە «غەربىي يۇرت» ئاتالغۇسىنىڭمۇ ئۇچرىمايدىغانلىقىنى كۆرىمىز. تارىخچى سىماچىيەن «» كىتابىنىڭ 123-بۆلۈمىدە ئورۇن بەرگەن «جاڭ چيەن ساياھەتنامىسى» دىمۇ بۇ ئاتالغۇ ئۇچرىمايدۇ. «تارىخىي خاتىرىلەر» كىتابىدا 3 قېتىم كۆرۈلگەن بۇ ئاتالغۇ دەسلەپكى ئىككى قېتىم ھونلارنىڭ تەۋەلىكىدىكى ھازىرقى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىغا توغرا كېلىدىغان ئاھالىسى ئۇلۇغ ياۋچى، چىئاڭ ۋە باشقا مىللەتلەر، ھۆكۈمرانلىرى ھونلاردىن تەركىب تاپقان دۆلەت نامىنى كۆرسەتكەن. 3-قېتىمدا بۇ دۆلەتكە ھونلار ھۆكۈمرانلىقىدا ياشاۋاتقان سوغدىلار تارقالغان يەرلەرمۇ قوشۇلغان كەڭ زېمىن ئۈچۈن قوللىنىلغان.
خىتاي تارىخچىسى بەنگۇ مىلادىيە 89-يىلى تاماملىغان «خەننامە» كىتابىدىكى «غەربىي رايون تەزكىرىسى» دە ئورۇن ئالغان غەربىي رايوندىكى 36 دۆلەت ھەققىدىكى بايانلىرىغا قارىساقمۇ، ئۇ دۆلەتلەرنىڭ ھېچ بىرىدە خىتاي ئاھالىسى ياشىغانلىقى ياكى ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات يوقلۇقىنى كۆرىمىز. 630-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا بىر يىلغا يېقىن ياشىغان راھىب قىلىقىغا كىرىۋېلىپ، كۆرگەنلىرىنى تەپسىلىي خاتىرىلىگەن شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالىدا ئۇنىڭ قۇمۇلدا ئىككى يۇرتدىشىنى كۆرۈپ يىغلاپ كەتكەنلىكى يېزىلغاندىن باشقا تۇرپان، قاراشەھەر ھەم كۇچادا يەنە بىر خىتاي كۆرگەنلىكىنىڭ يېزىلماسلىقى ئۇ يەرلەردە خىتاي يوقلۇقىنىڭ ئىسپاتى ئەمەسمۇ؟ !
خىتاينىڭ مەشھۇر تارىخنامەلىرىدىن «يېڭى تاڭنامە» دىكى «ئۇيغۇرلار تەزكىرەسى» بۆلۈمى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى ھونلاردۇر» دېگەن جۈملە بىلەن باشلىنىدۇ. ھازىرقى خىتاي تارىخچىلىرى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى ھونلار» ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ئۆز ئەجدادلىرىغىمۇ ھاقارەتلەپ «ئۇلار خاتالاشقان» دەپ يېزىشىدۇ. ئەمما ئۇنداق خاتالىقنىڭ نېمە ئۈچۈن كېيىنكىلەر تەرىپىدىن تەكرارلانغانلىقىغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. 907-يىلى قەلەمگە ئېلىنغان، «كونا بەش سۇلالە تارىخى»، 1307-يىلى يېزىلغان «كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ ئومۇمىي مۇلاھىزىسى»، ھەتتا 1783-يىلى تاماملانغان «ئومۇمىي تەزكىرەلەرنىڭ داۋامى» قاتارلىق خىتاي تارىخ مەنبەلىرىمۇ خاتا يېزىلغان ئەسەرلەرمۇ؟
خىتاينىڭ مەشھۇر تارىخىي مەنبەلىرىدىن «تارىخىي خاتىرىلەر» نىڭ 110-بۆلۈمى ۋە «خەننامە» نىڭ 94-بۆلۈمىدىكى «ھونلار تەزكىرىسى» دە، «مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 11-ئەسىر ئەتراپىدا دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدا ھونلار دەپ ئاتىلىدىغان بىر چارۋىچى مىللەت بار ئىدى. ئۇلار بەزىدە ئۆزىنى ‹خۇ› دەپ ئاتايتتى» دەپ يېزىلغان. ئوخشىمىغان دەۋرلەردە يېزىلغان خىتاي تارىخنامەلىرىدە ‹خۇ› نىڭ كىم ئىكەنلىكى ھەققىدە بېرىلگەن مەلۇماتلار تولىمۇ پەرقلىق. دەسلەپ ھونلار ئۈچۈن قوللىنىلغان بۇ ئاتالغۇ كېيىنچە ھىندى-ياۋروپا مىللەتلىرىدىن «سوغدىلار» ئۈچۈن قوللىنىلغان. 630-يىللىرىغا كەلگەندە، خۇددى ئۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىنى ئارقىلىق ھىندىستانغا ماڭغان راھىب شۈەنزاڭ خاتىرىلىگەندەك، «خۇ» خىتايدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ نامى سۈپىتىدە قوللىنىلغان.
ھونلارنىڭ ئۆز ئەجدادلىرى ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئۇيغۇرلار، ئۆزلىرىنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنىمۇ ئوبدان بىلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرىدە مىللەت ئىسمىنى ئۇيغۇر ياكى تۈرك دەپ ئاتاشنىڭ ئانچە پەرقى قالمىغانىدى. ئۇلار ئۆز تىلىنى «تۈركچە» ، «ئۇيغۇرچە» ، «ئۇيغۇر تىلى» ، «تۈرك تىلى» ياكى «تۈرك ئۇيغۇر تىلى» دەپ ئاتاۋەرگەن. 11-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان مەشھۇر ئۇيغۇر تەرجىمان شېڭقۇ شېلى توتۇڭ 7-ئەسىردە يېزىلغان «شۈەن زاڭنىڭ تەرجىمىھالى» كىتابىدا ئۇچرىغان خىتايچە شيوڭنۇ (匈奴) ئىبارىسىنى «تۈرك يوچۇل بودۇن» يەنى «تۈرك يوچۇن خەلق» دەپ تەرجىمە قىلغان.
ھازىرقى زامان خىتاي تارىخچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈش يۈزىسىدىن ئۇيغۇرلار بىلەن ھونلارنىڭ تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىنى رەت قىلىشقا ئۇرۇنسىمۇ، لېكىن توققۇز ئوغۇزلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشقا ئامالسىز. چۈنكى، بۇ تارىخىي چىنلىق خىتاي تارىخىي مەنبەلىرىدىن باشقا يەنە ئۆتمۈشتە پارس ۋە ئەرەب تىللىرىدا يېزىلغان مەنبەلەردىمۇ خاتىرىلەنگەن. مەسىلەن، 932-يىلى يېزىلغان «ھۇدۇدۇل ئالەم» كىتابىدا «توققۇز ئوغۇز دۆلىتىنىڭ شەرقى چىن، جەنۇبى تىبەت ۋە قارلۇق دۆلىتىنىڭ بىر قىسىم يەرلىرى، غەربىدە قىرغىزلارنىڭ بىر قىسمى بار، شىمالىدىمۇ كەڭ تارقالغان قىرغىزلار ياشايدۇ. توققۇز ئوغۇز دۆلىتى تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭىدۇر. بۇ ئەزەلدىنلا توققۇز ئوغۇزلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت ئىدى. بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا تۈركىستان ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ھەممىسى توققۇز ئوغۇزلاردىن ئىدى» دەپ يېزىلغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۆچۈپ كەلگەن خەلق، خىتايلارنى تارىم ۋادىسىنىڭ ئەسلى ئاھالىسى، خىتايلار خەن دەۋرىدىن تارتىپلا بۇ يەردە كۆپ ياشىغان، خىتاي تىلى ھۆكۈمەت تىلى بولۇپ كەلگەن دېگەن بۇ خىل يالغان سەپسەتىلىرى ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ تارىخى» ئاق تاشلىق كىتابىدىنمۇ ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۇلار بۇ يالغان ھۆكۈملىرىنى سىياسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنغانىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي تارىخنى بۇرمىلاپ، باشقا مىللەتلەرنى سۈنئىي تارىخقا مەجبۇرىي ئىشەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە باشلىنىپ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر بىمەنىلىك. تارىم ۋادىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىدىن بولغان ھونلارنىڭ ئانا ماكانى ئىكەنلىكى بىر ھەقىقەتتۇر. خىتاي تارىخىي مەنبەلىرى ئىنكار قىلالمىغان بۇ ھەقىقەتنى رەت قىلىشقا ئۇرۇنۇش خىتاي سىياسىتىنىڭ ئىلىمنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ھەقىقىي تارىخنى بۇرمىلاپ، تارىخشۇناسلىق كەسپىنى «تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش» ھۈنىرىگە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىدىن باشقا ئىش ئەمەس. تارىم ۋادىسى خۇددى 840-يىلىدىن كېيىن تەسۋىرلەنگىنىدەك 840-يىلىدىن بۇرۇنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانى ئىدى.
[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]