قەشقەردىكى «خەلقئارالىق مۇنبەر» دە سايرىغان «چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس» لەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىچ يۈزى
2024.06.22
ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ يوشۇرۇن تەشۋىق قىلىنىپ، بۇ يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاشكارا ئېلان قىلىنغان «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسى» تېمىلىق خەلقئارالىق مۇھاكىمە مۇنبىرى 12-ئىيۇن قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن. خىتاينىڭ چوڭ-كىچىك كۆپ ساندىكى تور بەتلىرى ۋە تاراتقۇلىرىدا، شۇنداقلا بۇ مۇھاكىمە مۇنبىرى ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلەنگەن تور سەھىپىسىدە خىتاينىڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلىرى بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا 100 دىن ئارتۇق تونۇلغان چەت ئەللىك ئالىملارنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى داۋراڭ سېلىنغانىدى. مۇھاكىمە مۇنبىرى ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان تور سەھىپىسى ۋە باشقا تور بەتلىرىدە بۇ مۇنبەرگە 150 تىن ئارتۇق داڭلىق تەتقىقاتچى قاتناشتى دېيىلگەن. ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندە، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ تور سەھىپىلىرىدىن «خەلق تورى» دا يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتى يەنە بىر قېتىم ئىسلاھ قىلىنىپ، «قازاقىستان، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، مىسىر قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتتىن كەلگەن مۇتەخەسسىس ئالىملاردىن جەمئىي 170 تىن ئارتۇق كىشى مۇنبەرگە قاتناشتى» دېيىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا 7 يىلدىن بېرى يۈرگۈزۈپ كەلگەن رەھىمسىز باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىنكار قىلىش مەقسىتىدە ئورۇنلاشتۇرغان بۇ خەلقئارالىق مۇنبەر زادى قانداق ئۆتكۈزۈلگەن؟ بۇ يىغىنغا قانداق كىشىلەر قاتناشقان؟ خىتاي «خەلقئارالىق مۇنبەر» ئويۇنى بىلەن ئېرىشمەكچى بولغان مەقسىتىگە يېتەلىدىمۇ؟
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن لايىھەلىگەن بۇ مۇنبىرىگە يۈزلەرچە چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملارنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى خېلى بۇرۇنلا داۋراڭ سېلىنغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تەشۋىقات قاناللىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر قىسىم تونۇلغان ئالىملارغا تەكلىپنامە ئەۋەتكەنلىكى، خىتاينىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ مىقداردا مەبلەغ ئاجراتقانلىقى، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى تارىخىي يەرلەرنى ساياھەت قىلدۇرىدىغانلىقى ئالدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ تەشۋىقاتلار چەت ئەللەردىكى بىر قىسىم خىتايغا ماھىل «تەتقىقاتچى» لارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان بولسا كېرەك.
مۇھاكىمە مۇنبىرىنىڭ كۈنتەرتىپى ۋە ئۆتكەن بىر ھەپتىدىن بېرى خىتاي تور بەتلىرى بىلەن گېزىتلىرىدە ئۈزۈلدۈرمەي ئۇلاپ بېرىلىۋاتقان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ۋەدە قىلغان مەبلەغ ۋە ھەشەمەتلىك مۇنبەر چەت ئەللىك ئالىملارنى ئانچە جەلپ قىلالمىغاندەك قىلىدۇ. ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىن بولۇپ، جەمئىي 39 نەپەر تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىس بۇ مۇنبەرگە قاتناشقان. بۇلارنىڭ ئىچىدە چەت ئەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ سانى 20 نەپەر. «چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس» دېيىلگەن بۇ كىشىلەر ئارىسىدا 12 نەپىرى ئەمەلىيەتتە بىر نەچچە يىلدىن بېرى خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ۋە تەتقىقات ئىنستىتۇتلىرىدا «مېھمان ئالىم» ۋە «زىيارەتچى تەتقىقاتچى» بولۇپ ئىشلەۋاتقان كىشىلەردۇر. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، «يېگەن ئېغىز ئويۇلۇپتۇ» دېگەندەك بىر ئەھۋالغا قېلىپ بۇ مۇنبەرگە قاتنىشىشقا مەجبۇر بولغان «چەت ئەللىك تەتقىقاتچى» لاردۇر. ئەمەلىيەتتە مەزكۇر مۇنبەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن مەخسۇس چەت ئەلدىن كەلگەنلەرنىڭ سانى پەقەت 7 نەپەر. بۇ 7 كىشى ئارىسىدا رۇسىيەدىن كەلگەن 3 كىشى ۋە موڭغۇلىيەدىن كەلگەن 2 كىشىنىڭ تەتقىقات ساھەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. ئامېرىكا يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پېنسىيىگە چىققان بىر جۈپ ئەر-ئايال پروفېسسورلىرى بۇ مۇنبەرنىڭ ماھىيىتىنى بىلمەي كېلىپ قالغاندەك تۇرىدۇ. مۇنبەر مەيدانىدا ئولتۇرغان «تونۇلغان ئالىملار» نىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ ساھەگە ناتونۇش ياشلاردىن تەركىب تاپقانلىقى ۋە سۆھبەتلەرگە ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمىگەنلىكىدىن، ئۇلارنى ئىلمىي مۇھاكىمە مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن دېگەندىن كۆرە، ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئورۇن تولدۇرغانلار دېيىش تېخىمۇ مۇۋاپىق.
خىتاينىڭ «ئۆيىدە قىلغان ھېسابى بازارغا توغرا كەلمىگەن» لىكى ئۈچۈن، ئامالسىز مۇھاكىمە مۇنبىرىنىڭ كۈنتەرتىپىنى ئۆزگەرتىپ خىتاي ئىچىدىن 4، چەت ئەللىك تەتقىقاتچىلاردىن 4 كىشى بولۇپ جەمئىي 8 كىشىنى 15 مىنۇتتىن دوكلات بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرغان، قالغانلارغا «مۇھاكىمە قىلغۇچىلار» ۋەزىپىسى بېرىلگەن. تور بەتلىرىدە بېرىلگەن ئۈزۈندىلەر ۋە ئايرىم زىيارەت خاتىرىلىرىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، مەزكۇر مۇنبەرنىڭ باشتىن-ئاخىر «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دېگەن سەپسەتەنى تەكىتلەش، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارى سىياسىتىنى ماختاش كەيپىياتىدا ئۆتكەنلىكى مەلۇم. مۇھاكىمە مۇنبىرى بولۇۋاتقان مەزگىلىدە يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئەسلى پىلان بويىچە ئالدىن بەلگىلەنگەن بىر قىسىم يەرلەردە ساياھەت قىلدۇرۇلغان. «مېھمانلار» ئۈرۈمچى، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا داۋاملىق ساياھەتتە بولۇش باھانىسى بىلەن ئەتىسىلا قەشقەردىن تۇرپانغا ئېلىپ كېتىلگەن.
چەت ئەللىك «تەتقىقاتچى» لاردىن 12 كىشىنىڭ بىۋاسىتە خىتايغا باغلىنىپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى نەزەرگە ئالغاندا، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى مەخسۇس بۇيرۇتقان تېمىلاردا سۆزلەيدىغانلىقىنى ئالدىن تەسەۋۋۇر قىلالىساقمۇ، لېكىن ئاۋسترالىيەلىك خىتايشۇناس، «ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى كولىن ماكېرراسنىڭ خىتاي سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى ئىلىم ساھەسىنى ھەقىقەتەنمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ، ئەلۋەتتە.
خىتاي تاراتقۇلىرى كولىن ماكېرراسنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئالاھىدە خەۋەر قىلغان: «ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى، ‹خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ› دېگەندەك يالغان-ياۋىداق گەپلەرنى تارقىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەت ۋە ئۆز كەچۈرمىشلىرىم رېئاللىقنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى». ئۇ بۇ سۆزلىرىنىڭ ئاساسى سۈپىتىدە 2018-يىلى يەركەندىكى بىر ئۇسسۇلچى ۋە مۇقامچىلارنى تەربىيەلەش مەكتىپىنى زىيارەت قىلغاندا ئۆزىنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر تەسىرات ئالغانلىقىدەك يېتەرسىز ھەم ۋاقتى ئۆتكەن تەسىراتىنى ئىسپات سۈپىتىدە تىلغا ئالغان.
مەلۇمكى، كولىن ماكېرراس ئاۋسترالىيەنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرشۇناسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىنى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخىغا بېغىشلىغان، شۇنداقلا شۇ ئاساستا كېيىنچە «ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسى» ناملىق كىتابنى نەشىر قىلدۇرغان ئىدى. ئەسلىدە ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن تونۇلغان بۇ كىشى، 2014-يىلىدىن بۇيان خىتايدىن كېلىۋاتقان ھەر خىل نەپ، ئىمتىياز ۋە مۇكاپاتلارنىڭ تەسىرى بىلەن ئاستا ئاستا تەتقىقات يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن، شۇنداقلا «خىتاينى مەدھىيەلەشتە ئېغزى-ئېغزىغا تەگمەي سايرايدىغان چەت ئەللىك بۇلبۇل» لاردىن بىرىگە ئايلانغان ئىدى.
بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە مۇنبىرىدە خىتاينىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىغان يەنە بىر شەخس چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك پروفېسسورى كانادالىق بەررى سائۇتماندۇر. ئۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى دېھقانلارنىڭ نوپۇسى، ئىشسىزلىق نىسبىتى، يەر ئىگىلىرىنىڭ ئەھۋالى، ئانا تىلىنى قوللانغۇچىلار ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردە خىتاي تەمىنلىگەن مەلۇماتلار بويىچە، خىتاينىڭ دېگەن يېرىدىن چىقىپ سايرىغان. ئۇ ھەتتا پۈتۈنلەي خىتاي تەييارلاپ بەرگەن سان-سىفىرلارغا تايانغان ھالدا سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، خىتاينى ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن ھەر جەھەتتىن سېلىشتۇرۇپ يەتكۈچە ماختىغان. ئۇ، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرىنى زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىن چەكلەنگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرمەسكە سالغان. 1990-يىلى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن بۇيان بىر نەچچە داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان تەجرىبىلىك بىر تەتقىقاتچىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىگە ناتونۇش بىر ساھەگە ئۈسۈپ كىرىپ خىتاينىڭ كەتمىنىنى چېپىشى، ھېچ تەكشۈرمەيلا خىتاينىڭ پايدىسىغا زۇۋان سۈرۈشى ئىلىم ساھەسىنى ھەقىقەتەنمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ!
چەت ئەلدىن تەكلىپ قىلىنىدىغان «تەتقىقاتچى» ۋە «مۇتەخەسسىس» لەرگە ئەۋەتىلگەن تەكلىپنامىدە مەزكۇر مۇنبەرنىڭ قەشقەر تەۋەلىكىدىكى مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن بىرى بولغان مور بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىيلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئىشلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلدىغانلىقى يېزىلغان. 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا مەزكۇر ئىبادەتخانىنىڭ ساقلىنىپ قالغان مۇنارى ئارخېئولوگىيەدىن خەۋەرسىز تامچىلار تەرىپىدىن ئانچە-مۇنچە رېمونت قىلىنىپ، 2019-يىلىغىچە ئۆز ھالىغا تاشلاپ قويۇلغانىدى. 2019-يىلىدىن باشلاپ بۇ ئىبادەتخانا خارابىسى كەڭ كۆلەمدە قېزىلىپ نۇرغۇنلىغان ئاسارە-ئەتىقىلەرنىڭ بايقالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. ھازىرغىچە بۇ خارابىلىقنىڭ قەدىمكى ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بۇددىزم مەدەنىيىتىنىڭ قەشقەر ئۆرنىكىنى نامايان قىلىدىغانلىقى بەس-بەستە بايان قىلىنىپ كەلگەنىدى. بۇ قېتىم بۇ خارابىيلىققا «بۇددا دىنىنىڭ خىتايغا تارقالغان 1-بېكىتى» دېگەن نام بېرىلىپ، بۇ ئىبادەتخانىنىڭ «ھىندىستان بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا بۇددىزمىدىن تاشقىرى يەنە خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىدىكى خىتاي بۇددىزمىنىڭ تەسىرىنىمۇ ئۆزلەشتۈرگەنلىكى» داۋراڭ سېلىنغان. بۇ ئەمەلىيەتتە مەدەنىيەت تارىخىنى بۇرمىلاپ، يالغان دەلىل ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئىلمىي ھەقىقەتنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. خىتاي بۇ قېتىم قەشقەردە ئۇيۇشتۇرغان بۇ مۇنبەرگە ئىلىم ساھەسىدە ئۆز ۋىجدانى ۋە مەسئۇلىيىتىنى يوقاتمىغان ھەقىقىي چەت ئەللىك ئالىملارنىڭ ھېچقانداق قىزىقىش كۆرسەتمەسلىكى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنىڭ خىتايلارنىڭ تەسىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئەنئەنىسى بويىچە مۇستەقىل تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئېنىق بىلگەنلىكى سەۋەبىدىندۇر.
قىسقىسى، خىتاينىڭ بۇ قېتىم ئاتالمىش «چەت ئەللىك ئالىم» لارنى رول ئالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت بىر مەيدان ساختا تىياتىرىنىڭ ماھىيىتى ئۆز ئۆزىدىن ئاشكارا بولدى. شەخسىي مەنپەئەت ۋە ئىمتىيازنى دەپ خىتاينىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىغان ئاتالمىش «تەتقىقاتچى» لارنىڭ ئىچ يۈزى ئىلىم دۇنياسىغا ئايان بولدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى بۇرمىلاپ شەرھىيلەيشكە ئۇرۇنغان بۇ ھەيۋەتلىك «خەلقئارا مۇنبىرى» نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. دۇنيا ئىلىم ساھەسىدە كەسپىي ۋىجدانى، ئىلمىي ئەخلاقى ۋە تەتقىقات پرىنسىپىنى يوقاتمىغان ھەقىقىي ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ ھېچۋاقىت خىتاينىڭ مەنپەئەت توزاقلىرىغا دەسسىمەيدىغانلىقى؛ پەقەتلا كەسپىي ئەخلاقى پۇچەك، ئىلمىي ئىرادىسى سۇس كىشىلەرنىڭلا خىتاي تاشلىغان يەمچۈكلەرنىڭ بىچارە قۇربانلىرىغا ئايلىنىدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى!
***بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ