تارىخ بىلەن رېئاللىق ئارىسىدا: خىتاينىڭ مىڭ يىللىق ئوتتۇرا ئاسىيا چۈشى (1)
2022.04.11
نەچچە ئون يىللاپ ئاشكارا تەكىتلىنىپ كەلگەن «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دېگەن شوئار خاراكتېرلىك بۇ بايان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئەرباپلىرى ۋە ئىلىم-پەن خادىملىرىنىڭ ئاغزىدىن چۈشمەي كەلگەن بولسىمۇ، كېيىنچە بۇنىڭ بەكلا يالىڭاچ تەسۋىر بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى بارغانسېرى بىلىنىشكە باشلىدى. ئەنە شۇ سەۋەبتىنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلغان ھالدا بىر قاتار تارىخىي ۋە يازما ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا باشلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى بەلكىم 1990-يىللارغا قەدەر مودا بولۇپ كەلگەن «قەمەر» ئىمزاسىدىكى بىر «ئۇيغۇر» شائىرنىڭ تاڭ ئىمپېرىيىسى (618-907) دەۋرىدە «قەدىمدىن خىتايلار بولمىش ئۇستازىم» دېگەن مەزمۇندا شېئىر يازغانلىقى ھەققىدىكى بايانلار بولۇشى مۇمكىن. خىتاينىڭ «دۆلەت ئۇستازى» دەپ تەرىپلىنىدىغان ئەڭ داڭلىق ئالىملىرىدىن گو مورۇنىڭ باش بولۇشى بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتى 1970-يىللاردىن باشلاپ بۇ ھادىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن بۇيان خىتايلاردىن تەلىم ئالغانلىقى ۋە باش ئېگىپ كەلگەنلىكىنىڭ «تەۋرەنمەس ئىسپاتى» سۈپىتىدە شەرھىلەپ كەلدى. ھالبۇكى كېيىنكى ۋاقىتلاردا بىر قىسىم خىتاي ئالىملىرى بۇ «شېئىرىي ۋەسىقە» نىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيخانىدىكى بىر تۈركۈم «ئالىملار» ۋە «رەھبەرلەر» نىڭ سىنىپىي كۈرەش چۇقانلىرى ئەۋج ئالغان 1960-يىللىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئېھتىياجى ئۈچۈن مەخپىي ھالدا ياساپ چىققانلىقىنى تەپسىلىي پاكىتلار بىلەن پاش قىلغاندىن كېيىن «ئۇيغۇر شائىر قەمەر» ھەققىدىكى بايانلار 2000-يىللىرىدىن كېيىن ئۈزېل-كېسىل كۆزدىن غايىپ بولدى.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىغان 2015-يىللىرىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى زور مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن ئارخېئولوگىيە ئەترەتلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىرەن، كروران، لوپنۇر قاتارلىق جايلاردا كەڭ كۆلەملىق قېزىش ۋە تەكشۈرۈشنى داۋام قىلغان بولۇپ، شۇلار قاتارىدا لوپنوردىكى قىياق قۇدۇق تۇر خارابىسى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا قايتا-قايتا تىلغا ئېلىنىپ كەلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى خەۋىرى 7-ئاپرېل كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنىپ، مەزكۇر خارابىلىقتىن تاڭ ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى بىر قىسىم قەدىمكى خىتاي يېزىقىدىكى تارشا پۈتۈكلەرنىڭ تېپىلغانلىقى، خىتاي تارىخنامىلىرىدە «غەربىي يۇرت» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بۇ ماكانغا مىڭ يىللار ئىلگىرى كۆمۈلگەنچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بۇ ماددىي ئىسپاتلارنىڭ ئەمىلىيەتە «تاڭ دۆلىتىنىڭ غەربىي يۇرتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلغانلىقىنىڭ دەلىلى» ئىكەنلىكى ئالاھىدە شەرھىلەندى.
ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قاراشلىرىغا ئاساسلانغاندا قەدىمكى كروران ۋە لوپنۇر دىيارى 15-ئەسىرلەردىكى يېڭى دېڭىز يولى ئېچىلىشتىن بۇرۇن شەرق دۇنياسى بىلەن غەرپ ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ غول يولى بولغان «يىپەك يولى» دىكى مۇھىم مەركەزلەردىن بولغان. 11-ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرىيمۇ ئۆزىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە تۇرپان تەۋەسىدىكى بۇددىست ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ «ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ساپ تۈركچە. ئەمما ئۇلارنىڭ چىنلىقلارنىڭكىگە ئوخشايدىغان يەنە بىر خىل يېزىقىمۇ بار. بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلار ۋە چىنلىقلاردىن باشقا كىشىلەر ئوقۇيالمايدۇ» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇ ئارقىلىق بۇ رايوندا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىن باشقا بولغان يېزىقلارنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىدىن بىشارەت بېرىدۇ. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا يېزىقلىرى مۇتەخەسسىسى ئېرىكا خۇنتېر (Erica Hunter) ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تېرىتورىيەسى تەۋەسىدىكى تۇرپان ۋە لوپنۇر ئەتراپلىرىنىڭ ئۆز زامانىسىدا قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتۈشمە ۋە مەركەزلەردىن بولغانلىقى، شۇڭا بۇ رايوندا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىن باشقا خىتايچە، سوغدىچە، توخرىچە، قارۇشتى قاتارلىق كۆپلىگەن تىل-يېزىقلاردىكى يازما پۈتۈكلەرنىڭ ھەممىسىلا تېپىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
«ئۈرۈمچىگە تەخمىنەن 150 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى تۇرپاننى ئالساق 1900-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى ياۋروپا ئالىملىرىنىڭ تۇرپاندىكى تەكشۈرۈشلىرى جەريانىدا بۇ جايدىن خىرىستيان مەكتۇپلىرى، نېستورىيان دىنىنىڭ سۈرىيە تېكىستلىرى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇددا تېكىستلىرى دېگەندەك غايەت زور مىقداردىكى يازما تېكىستلەرنى بايقىغان. بۇ خىلدىكى تەكشۈرۈشلەرنى شۇ ۋاقىتتا گېرمانىيە، روسىيە، ياپونىيە قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئالىملار تاماملىغان. ھازىر بۇ تېكىستلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاشۇ دۆلەتلەردە ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ يازما تېكىستلەرنىڭ سان جەھەتتە كۆپلۈكى، مەزمۇن جەھەتتىن رەڭدارلىقى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ.»
بۇ توغرىسىدا توختالغاندا پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد (James Millward) خىتايلارنىڭ قەدىمىي «يىپەك يولى» دىكى مۇھىم رايونلاردىن بولغان «غەربىي يۇرت» نى ئىستىلا قىلىش ئارزۇسىنىڭ مىلادى 2-ئەسىردىكى خەن خاندانلىقى دەۋرىدە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ تاڭ ئىمپېرىيىسى دەۋرىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇنچە ئۇزۇن داۋام قىلغان ئارزۇلىرى بۇ رايوندا تەبىئىي رەۋىشتە بەزى ئىزلاردىن قالدۇرۇپ ئۆتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئۇنچە ھەيران قالغۇچىلىكىمۇ يوق ئىكەن.
«ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا بۇ رايونغا خىتايلار كىرىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ بۇ خىلدىكى ھەربىي قورغانلىرى خەن خاندانلىقى دەۋرىدە تۇنجى قېتىم بارلىققا كەلگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا تاكى تاڭ ئىمپېرىيەسى دەۋرىگىچە بىر ئۈزۈكچىلىك مەۋجۇت بولغان. ئەنە شۇ ئىمپېرىيىنىڭ لەشكىرى قوماندانلىرى بۇ خىلدىكى ھەربىي قورغانلاردا خىتايچە يازما پۈتۈكلەرنى ۋە باشقا تېكىستلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئەمما مۇشۇلارغا قاراپلا بۇ جاينى خىتاينىڭ بىر قىسمى بولغان دېيىش بەكلا قاملاشمىغان بىر گەپ. بۇ خىتايچە تېكىستلەر خۇددى نيو يورك شەھرىدىكى باش مېترو بېكىتىدە ياكى چىكاگودىكى خەلقئارا ئايرۇدۇرۇمدا باشقا يېزىقتىكى كۆرسەتمىلەرنىڭ بولغانلىقىدەكلا بىر ئىش. دېمەكچى بولغىنىم، ئادەملەر زور ئېقىم بولۇپ ئۇيان-بۇيان ئۆتىدىغان جايلاردا باشقا بىر خىل يېزىقنىڭ بولۇشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. بۇ رايوننىڭ قۇرغاق كىلىماتى بولسا بۇ پۈتۈكلەرنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا ئاسانلىق ياراتقان.»
تارىخشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئەڭ يۈزەكى ساۋاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تاڭ ئىمپېرىيىسى ئەمدىلەتىن باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان 7-ئەسىرلەردە تاڭ ئىمپېرىيىسى بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ كەلگەن ئىككى زور كۈچ ئۇلارنىڭ شىمالىدىكى ئاشىنا (Ashina) ئۇرۇقىدىن كۆكلەپ چىققان ھەمدە ئاسىيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ بولۇۋاتقان كۆك تۈرك ئىمپېرىيىسى ۋە غەربىي جەنۇپتا لاسانى مەركەز قىلغان تىبەت ئىمپېرىيىسى بولغان. بولۇپمۇ تاڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ھۆكۈمرانلىرىدىن بولغان لى يۇەن ۋە ئۇنىڭ ئوغلى لى شىمىن (649-598) ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكى سۈي خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ خىتاي زېمىنىنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇش كۈرىشىدە كۆك تۈركلەرنىڭ ھەربىي ياردىمىگە مۇھتاج بولغانلىقتىن قول بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ كۆك تۈركلەرگە ۋاسسال بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار ئوتتۇرىسىدا يەنە مەلۇم دەرىجىدىكى قۇدىلىشىشمۇ مەۋجۇت بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈركلەرگە زور مىقداردا ئولپان تاپشۇرۇپ كەلگەن. ئەنە شۇ زامانلاردىكى خىتاي تارىخنامىلىرىدە تۈرك قاغانى تاسپارنىڭ «جەنۇبتىكى ئىككى ئوغلۇم (يەنى چى ۋە جۇ خانلىقلىرى) بۇنچە ۋاپادارلىق قىلىۋاتقاندا پۇل-پۈچەكتىن غەم قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق» دېگەن بايانلىرى ئۇنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى ئۈچۈن مىسال تەرىقىسىدە خاتىرىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە سۆ بولغاندا تارىخشۇناس لازلو مونتېگومېرىي (Laszlo Montgomery) كۆك تۈركلەر بىلەن تاڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تارىختىكى مۇناسىۋەتلەردىن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
«ئۇلارنىڭ شىمالدىكى قوشنىلىرى بولغان كۆك تۈركلەرنى راۋرۇس چۈشىنىشى تۈپەيلىدىن تاڭ ئىمپېرىيىسى ئۇلار بىلەن قۇرۇپ چىققان مۇناسىۋەت خەن ئىمپېرىيىسىنىڭ شىمالدىكى قۇدرەتلىك قوشنىسى بولغان ھۇنلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىن زور دەرىجىدە پەرقلىق بولدى. تاڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى شىمالدىكى بۇ قوشنىسىنىڭ تىلىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىنى ۋە سىياسىي تۈزۈلمىسىنى بەكمۇ ياخشى چۈشىنىدىغان بولغاچقا بۇلاردىن ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلاندى. جىم مىلۋارد بۇنى بەكمۇ ئىخچام قىلىپ ‹خىتاي تارىخشۇناسلىرى بۇ دەۋردىكى مۇناسىۋەتنى كۆك تۈركلەرنىڭ خىتايلىشىشى، دەپ چۈشەندۈرىدۇ. مېنىڭچە ئەھۋال دەل ئەكسىچە. يەنى بۇ ۋاقىتلاردىكى تاڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى تۈركلىىششكە يۈزلەنگەن› دەپ كۆرسەتكەن. مېنىڭچە بۇ خۇلاسە رېئاللىققا تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. مەسىلەن، تاڭ ئوردىسىدا ئورۇنلىنىدىغان كۈي-نەغمىلەر، ئات چاپتۇرۇپ چەۋگەن ئويۇنى ئويناش، كۇچا ۋە سەمەرقەندنىڭ ئۇسسۇللىرى مودا بولۇش، تۈرك سازلىرىنىڭ ئەتىۋارلىنىشى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى شۇ ۋاقىتتىكى ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھى ئەڭ تەلپۈنىدىغان ئىجتىمائىي يېڭىلىقلار بولۇپ قالغان. تاڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ ئوردا خاتىرىلىرىدىمۇ ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ تۈركلىشىشكە مەپتۇن بولغانلىقى ھەققىدە بەكمۇ كۆپ خاتىرىلەر ئۇچرايدۇ. تاڭ ئىمپېرىيىسى ئەنە شۇ تەرىقىدە كۆك تۈركلەردىن پايدىلىنىپ ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن 629-يىلى شىمالدىكى بۇ قوشنىسىنىڭ ئىچكى جەھەتتە تەپرىقچىلىككە پېتىپ قالغانلىقىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تېزدىن كۆك تۈركلەرگە قارشى ئىسيان كۆتىرىشنى قەستلەۋاتقان سىر تاردۇشلارنى ئۆزىگە تارتىپ، زور ساندىكى تاڭ ئارمىيىسى شەرقىي كۆك تۈرك قاغانىغا ھۇجۇم باشلىدى.»
تاڭ دۆلىتىنى رەسمىي ھالدا مۇستەھكەملەپ، سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىغا يەتكەن ۋاقىتلاردا لى شىمىن ئۆزىنىڭ شىمالىدىكى قۇدرەتلىك قوشنىسى بولغان كۆك تۈركلەرنىڭ «شەرقىي تۈركلەر» ۋە «غەربىي تۈركلەر» دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكى ھەمدە شۇ سەۋەبتىن زور دەرىجىدە ئاجىزلاشقانلىقىدىن پايدىلىنىپ 629-يىلى زور قوشۇن بىلەن شەرقىي تۈرك ئىمپېرىيىسىگە ھۇجۇم باشلىغان. ئىككى يىللىق بۇ ئۇرۇشتا شەرقىي تۈرك ئىمپېرىيسى ھالاك بولغان. ئىككىنچى قەدەمدە تاڭ ئىمپېرىيىسى 641-يىلىغا كەلگەندە «ئون ئوق خەلقى» دەپ ئاتىلىۋاتقان غەربىي تۈرك ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىچكى جەھەتتىكى ئىتتىپاقسىزلىقىدىن پايدىلىنىپ زور ساندىكى شەرقىي تۈرك چەۋەندازلار قوشۇنىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ غەربىي تۈرك ئىمپېرىيىسىگە ھۇجۇم قىلغان. ھازىرقى دۇنخۇاڭ ۋە قۇمۇل ئەتراپىدىن تارتىپ غەرپتە توقماق شەھرى ۋە كاسپىي دېڭىزى بويلىرى، جەنۇپتا خوتەن ۋە قەشقەرگىچە بولغان كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تېرىتورىيەسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان غەربىي تۈرك ئىمپېرىيىسى 17 يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان. ئەمما لازلو مونتېگومېرىينىڭ قارىشىچە، بۇ ئۇرۇشتا تاڭ ئىمپېرىيىسى تۈركلەر ئارقىلىق تۈركلەرنى مەغلۇپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇرۇشنى مۆلچەردىكىدىنمۇ تېز سۈرئەتتە تاماملىغان.
«تاڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى غەربىي يۇرت، دەپ ئاتىلىدىغان بۇ رايوندا قانداق بايلىقلارنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قىممىتىنى بەكمۇ ياخشى بىلەتتى. شۇڭا تاڭ تەيزوڭ (لى شىمىن) ئالىقاچان غەرپكە كۆز تىكىپ كېلىۋاتقان ئىدى. يەنە كېلىپ ئۇلار يېقىندىلا مەغلۇپ قىلغان شەرقىي تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ زور ساندىكى ئاتلىق لەشكەرلىرى تاڭ ئىمپېرىيىسى ئۈچۈن غەرپكە يۈرۈش قىلىشتا ياللانما ئارمىيە بولۇش رولىنى ئوينىدى. شۇڭا ‹غەربىي يۇرت› دەپ ئاتىلىۋاتقان ھەمدە ھازىرقى شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئاشۇ كەڭ تېرىتورىيەنى تاڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ قانداق تېز سۈرئەتتە بېسىۋالغانلىقى ھەمدە بۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن ھەربىي قوشۇننىڭ نىسبىتىدە خىتاي ئارمىيىسىنىڭ نىسبىتى قانچىلىك ئاز ئىكەنلىكىنى كۆرگەندە ھەيران قالماي تۇرالمايسىز. چۈنكى غەربىي تۈركلەرگە ھۇجۇم قوزغىغان بۇ ئەسكەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تۈركلەر ئىدى. شىنجاڭ تارىخىنىڭ 7-ئەسىردىن 9-ئەسىرگىچە بولغان سەھىپىلىرىگە قارايدىغان بولساق بۇ رايوندىكى ئاساسلىق پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ تۈركىي خەلقلەر ئىكەنلىكىنى، تاڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ بىۋاستە سەرپ قىلغان كۈچىنىڭ بەكمۇ ئازلىقىنى بايقايمىز.»
بۇ رېئاللىق قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىدە «قاغانىڭلارنى تاشلاپ تابغاچ (تاڭ ئىمپېرىيەسى) خانىغا بېقىنغانلىقىڭلار ئۈچۈن بەگ بولىدىغان ئۇغۇللىرىڭلار قۇل بولدى، خانىش بولىدىغان قىزلىرىڭلار دېدەك بولدى. تابغاچلارنىڭ تاتلىق سۆزلىرىگە ۋە ئىسىل سوۋغىلىرىغا ئىشىنىپ نۇرغۇن تۈرك خەلقى ئۆلدى. تابغاچ خاقانى ئۇلارنىڭ شۇنچىۋالا ئىشلەپ بەرگەنلىكى ۋە كۈچ چىقارغانلىقىغا قارىماي تۈرك خەلقىنى ئۆلتۈرەي. ئۇرۇقىنى قۇرۇتاي، دەپتۇ» دېگەن شەكىلدە خاتىرىلىنىدۇ.
بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد ئۆز قوشنىلىرىنى كۆزدىن يوقىتىشقا جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقان تاڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەمىلىيەتتە بۇ خەلقلەر بىلەن مەلۇم دەرىجىدىكى قانداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلاردىكى «بىرلىككە كەلتۈرۈش ئارزۇسى» نىڭ توختاپ قالمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
«تاڭ ئىمپېرىيىسىنى قۇرغانلارنى خىتايلارنىڭ خان جەمەتى دەپ ئېيتىش مۇمكىن. ئەمما ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى ۋە ئەجدادلىرى شىمالدىكى سېربى (سيانپى) ۋە باشقا خىتاي بولمىغان قوۋملاردىن تەشكىل تاپقان. يەنە كېلىپ بۇ ئىمپېرىيە ھىندىستاندىكى بۇددىزىمغا بەكلا قىزىققان. شۇڭا ئىمپېرىيە تەۋەسىدە تۈركلەر، سوغدىلار، ھىندىلار، كېيىنچە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر قاتارلىق كۆپلىگەن تائىپىلەرنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولغان. ئەمما بۇ ۋاقىتلاردا ئابباسىيلار ئىمپېرىيىسى ھەدەپ شەرققە كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ كېڭەيمىچىلىكىگە قاتناشقانلارمۇ ساپ ئەرەبلەر ئەمەس. ئۇلارنىڭمۇ زور بىر قىسمى ئىىشغال قىلىنغان جايلاردىكى يەرلىك ئاھالە بولغان. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ بۇ كېڭەيمىچىلىكى ئۆز نۆۋىتىدە ئىسلامنىڭ دولقۇنلىرىنى شەرق تەرەپكە سىلجىتماقتا ئىدى.»
8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە تاڭ ئىمپېرىيەسى ئاخىرقى ھېساپتا تىبەت ئىمپېرىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، كۆك تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ ئورنىنى باسقان ھالدا ئاسىيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلانغان ھەمدە كونتروللۇق ھوقۇقىنى ئارال دېڭىزى بويىغا كېڭەيتىشكە ئۇرۇنغان. ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئۆز زامانىسىنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك سىياسىي كۈچلىرىدىن بىرى بولغان ئەرەب ئابباسىىيلار ئىمپېرىيەسى شەرققە كېڭىيىش جەريانىدا ئارال دېڭىزى بويىغا يېتىپ كېلىپ، دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىمپېرىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تىركىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. بۇنىڭ بىلەن 751-يىلىدىكى دۇنياۋىي زور ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولغان تالاس ئۇرۇشىنىڭ پەردىسى ئېچىلغان.
(داۋامى بار).