خىتاي ھۆكۈمىتى 2010-يىلىدىن باشلاپ زور مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان ئورۇن، ئاسارە-ئەتىقە ۋە يازما ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرىدىغان مەخسۇس مۇزېي، خاتىرىلەش سارىيى، باغچىلارنى ياساپ چىقماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتاينىڭ تارىخىي شەخس ۋە قەھرىمانلىرىنىڭ ھەيۋەتلىك ھەيكەللىرىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇلار ھەققىدە يېڭى-يېڭى رىۋايەت-قىسسەلەرنى توقۇپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ «ئەزەلدىن خىتاي تېررىتورىيەسىنىڭ بىر قىسمى» ئىكەنلىكىدەك سىياسىي سەپسەتىلىرىنى بازارغا سالماقتا.

خىتاي دۆلەتلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى بۇ تەشۋىقاتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا خىتايدا ساقلىنىۋاتقان 1-تۈركۈمدىكى مەشھۇر تاش پۈتۈك ۋە ئابىدىلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ تىزىملىكتە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 475-يىلىدىن تارتىپ مىلادىيە 1761-يىلىغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ياسالغان ياكى ئورنىتىلغان دەپ قارالغان ھەر خىل مەزمۇندىكى تاش پۈتۈكلىرىدىن 1656 دانىسىنىڭ ساقلىنىۋاتقان ئورنى، نامى، ئورنىتىلغان ۋاقىتتىكى سۇلالە نامى بېرىلگەن. ئۇنىڭدا تۇرپاندىكى ئىمىن ۋاڭ غوجا مەسچىتىدىكى تاش پۈتۈكنىمۇ ئۆز ئىچىدە ئالغان 20 خىلدىن ئارتۇق يېزىقتىكى تاش پۈتۈك ۋە ئابىدىلەر بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە 12 دانە تاش پۈتۈك ياكى قەبرە تېشىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن تېپىلغانلىقى يېزىلغان.
بۇ 12 دانە تاش پۈتۈك ياكى قەبرە تېشى ئارىسىدا ئەڭ بۇرۇنقىسى مىلادىيە 93-يىلىدىن، ئاخىرقىسى مىلادىيە 158-يىلىغىچە بولغان 65 يىل ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈلگەن دەپ قارالغان 4 دانە تاش پۈتۈك بار. دېمەك، بۇ تاش پۈتۈكلەر ئورنىتىلغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىمۇ خىتاينىڭ 400 يىل داۋاملاشقان غەربىي ۋە شەرقىي خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۇلار ئارزۇ قىلغاندەك «خىتاي زېمىنىنىڭ بىر قىسمى» ئەمەسلىكىنى دەلىللەيدۇ. مەزكۇر تاش پۈتۈك تىزىملىكىدىكى چەك باسمىغان ئىزاھاتلار بىزگە ئونى تۇرغۇزۇپ چىققان خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭمۇ بۇ ھەقتە ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى، ساختا تارىخ ياسايمەن دەپ چاندۇرۇپ قويغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېزىشىچە، تاڭ دەۋرىگە تەۋە دېيىلگەن 3 قەبرە تېشى ۋە بىر تۆھپە تاش پۈتۈكى مىلادىيە 620-يىلىدىن 640-يىلىغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە تىكلەنگەن. ئەگەردە خىتاي ئۆزلىرىنىڭ «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى» دېگەن تەشۋىقاتىغا خىزمەت قىلدۇرغان مەزكۇر تاش پۈتۈكلەردىكى يىل سانلىرىنى قوشۇپ ھېسابلىغان تەقدىردىمۇ، ئىلگىرى تاش پۈتۈكلەر ۋە مەزكۇر تاش پۈتۈكلەردىكى ئۇلار بازارغا سالغان ئۇيغۇر دىيارىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان جەمئىي ۋاقىت 100 يىلغا يەتمەيدۇ. بۇ، نەتىجە، خىتايلار غەربىي ۋە شەرقىي خەن شۇنداقلا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇر دىيارىنى «ئىدارە قىلدۇق» دەپ داۋراڭ سالغان ۋاقتىنىڭ تېخىمۇ قىسقا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. يەنە كېلىپ خىتاينىڭ باشقا تارىخىي دەۋرلەردىمۇ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق بىر ئىشەنچلىك تارىخى پاكىت ياكى تاش پۈتۈك كۆرسىتىپ بېرەلمەسلىكىنىڭ ئۆزىمۇ شۇ زامانلاردا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتايدىن مۇستەسنا تۇرغانلىقى ۋە مۇستەقىل ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق دەلىللەپ بېرىدۇ.
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى بىر خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن قالغان 4 تاش پۈتۈكتىن بىرى «دۇنخۇاڭ ۋالىسى پېي سېننىڭ تۆھپە مەڭگۈ تېشى» نامىدىكى تاش پۈتۈك كۆرگەزمىگە قويۇلغان. تاش پۈتۈكتە دۇنخۇاڭ ۋالىسى پېي سېننىڭ 3000 ئەسكەر بىلەن شىمالىي ھونلارنىڭ خۇيەن قەبىلىسىنىڭ خانىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئادەملىرىنىڭ كاللىسىنى ئالغانلىقى خەۋىرى پۈتۈلگەن. ئۇنىڭدا يەنە «ئۇ دۈشمەنلەرنى تولۇق مەغلۇپ قىلىپ، غەربىي رايوندىكى ئاپەتنى تۈگەتتى ۋە جۇ قاتارلىق تۆت ناھىيەدىكى خەتەرنى يوقاتتى» دېيىلگەن.
خەۋەردە يەنە بۇ تاش پۈتۈكنىڭ خىتاينىڭ مەشھۇر «كېيىنكى خەننامە» سىدىمۇ خاتىرىلەنمىگەنلىكى، شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ خىتاي تارىخىدىكى چوڭ بىر بوشلۇقنى تولدۇرغانلىقى بىلەن تېخىمۇ قىممەتلىك ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
خىتاينىڭ «خەننامە» سىدىلا ئەمەس، بەلكى باشقا ھېچ بىر تارىخىي مەنبەدە تىلغا ئېلىنمىغان ئېگىزلىكى 139 سانتىمېتىر كەڭلىكى 61 سانتىمېتىر كېلىدىغان بۇ سىرلىق تاش، تاكى 1729-يىلى چىڭ سۇلالىسى گېنېرالى يۆ جوڭچى تەرىپىدىن قۇمۇل بارىكۆل ئەتراپىدىن تېپىۋېلىنغىچە ھېچ كىشىنىڭ كۆزىگە چېلىقمىغانمىش.
«كېيىنكى خەننامە» دىكى مۇناسىۋەتلىك خاتىرە ۋە تەرجىمىھاللار، شۇنداقلا «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» كىتابلىرىدا بايان قىلىنغان ۋەقەلىكلەرگە ئاساسلىنىپ، تاشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ئالدى كەينىدىكى 100 يىل جەريانىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلەش مۇمكىن: غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ھونلارغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن قوللانغان قۇدىلىشىش سىياسەتلىرى مىلادىيە يىلى باشلىنىش بىلەنلا نەتىجە بېرىشكە باشلىغان. بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە ھون قەبىلىلىرى بۇرۇنقىدەك دۈشمەنلىرىگە قارشى ئۇرۇشۇشنى قويۇپ، ئۆز ئارا ئۇرۇشۇشقا باشلىغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىلادىيە 49-يىلى ھونلار جەنۇبىي ۋە شىمالىي ھونلاردىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. جەنۇبىي ھونلار خەن سۇلالىسى بىلەن يېقىنلىشىپ، شىمالىي ھونلار ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش ئۈچۈن قۇملۇقنىڭ شىمالىغا كۆچۈپ كەتكەن. دەل مۇشۇنداق بىر پۇرسەتنى كۈتكەن شەرقىي خەن سۇلالىسى مىلادىيە 73-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا باستۇرۇپ كىرگەن. ئەمما ئۇزاق تۇرالماي ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كەتكەن. ئۆز زېمىنىغا قايتىپ كەلگەن شىمالىي ھونلار داۋاملىق كۈچىيىپ، بۇرۇنقى زېمىنى خېشى كارىدورىنىمۇ قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئۇ يەردىكى تۆت ناھىيەگە ھۇجۇم قىلىشنى باشلىۋەتكەن. 135-يىلى شەرقىي خەن ئىمپېراتورى دۇنخۇاڭ ۋالىسىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۆز تەۋەسىدىكى ۋە ئەتراپىدىكى ناھىيەلەرنىڭ ئەسكەرلىرىنى توپلاپ، ھونلارغا ھۇجۇم قىلىشنى بۇيرۇغان. 6300 ئاتلىق ئەسكەر بىلەن تۇرپانغىچە كەلگەن خەن قوشۇنى ئېغىزغا ئالغۇدەك بىر غەلىبىگە ئېرىشەلمىگەن. 151-يىلى شىمالىي ھونلارنىڭ خۇ يەن قەبىلىسىنىڭ خانى 3000 ئاتلىق ئەسكەر بىلەن بارىكۆلنى ئىگىلەپ، ئارقىدىن ئېۋىرغولغا ھۇجۇم قىلغان. ئېۋىرغولدا تۇرۇشلۇق شەرقىي خەن گېنېرالى ما ماۋكەي بارىكۆلگە ئەۋەتكەن قوشۇن خۇ يەن قوشۇنى تەرىپىدىن تەلتۆكۈس يوقىتىلغان. شۇ يىلى كۈزدە شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دۇنخۇاڭدا تۇرۇشلۇق ۋالىسى بۇيرۇققا بىنائەن ئەتراپىدىكى ناھىيەلەردىن يىغقان 4000 دىن كۆپرەك ئەسكىرىنى باشلاپ، بارىكۆلگە ھۇجۇم قىلغان. خۇ يەن قەبىلىسى خەن قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىدىن ئالدىن خەۋەر تېپىپ باشقا يەرگە چېكىنىپ كەتكەچكە، خەن قوشۇنى نەتىجىسىز دۇنخۇاڭغا قايتقان.
خىتاي تارىخچىلىرى كۆرگەزمىگە قويۇلغان تاش پۈتۈكنى ئىسپات كۆرسىتىپ، ئۆز تارىخىغا 137-يىلى دۇنخۇاڭ ۋالىسى پېي سېننىڭ بارىكۆلگە ھۇجۇم قىلىپ شىمالىي ھونلارنىڭ ئاساسلىق قەبىلىلىرىدىن خۇ يەن قەبىلىسىنىڭ خانى ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى قەتلى قىلغانلىق ھېكايىسىنى قوشىدۇ.
ئەگەر بىز تاش پۈتۈككە ئويۇلغان ئۇچۇرنى توغرا دەپ ئويلىساق، تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە سوئالغا جاۋاب بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
ئەگەر خەن قوشۇنى 137-يىلى خۇ يەن قەبىلىسىنى تولۇق مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنىڭ خانىنىمۇ ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق تىلغا ئېلىنغان خۇ يەن قەبىلىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇش غەلىبىسى ھەققىدە خىتاي تارىخچىلىرى يازغان خاتىرىلەر يالغانمۇ؟
شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ھونلارغا قارشى ئېلىپ بارغان بىر نەچچە كىشىلىك سەپەرلىرىنى، ھونلار بىلەن قۇدىلىشىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن مەلىكىلىرىنىڭ ئىسمىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماي، چوڭ كىچىك ۋەقەلىكلەرگە شۇنچە تەپسىلىي ئورۇن بەرگەن خىتاي تارىخچىلىرى ئەزەلدىن دۈشمىنى بولۇپ كەلگەن شىمالىي ھونلارغا قارشى قولغا كەلتۈرگەن بىر ئالاھىدە غەلىبىسىنى ياكى خىزمەت كۆرسەتكەن مەشھۇر قەھرىمانىنىڭ ئىسمى ۋە ئىش-ئىزلىرىنى نېمە ئۈچۈن خاتىرىلىمىگەن؟
پېي سېننىڭ بۇ ئاجايىپ غەلىبىسى نېمە ئۈچۈن «كېيىنكى خەننامە» دە يېزىلماي قالغان؟ بۇ غەلىبىسىنى تاشقا ئويۇپ مەڭگۈ ئۇنتۇلماس قىلىۋېتىشنى ئويلىغان پېي سېن ياكى ئۇنىڭ ئادەملىرى بۇ نەتىجىسىنى ئىمپېراتورلىرىغا مەلۇم قىلىشنى ئۇنتۇپ قېلىشى مۇمكىنمۇ؟
بۇ تاش پۈتۈكنىڭ كۆرگەزمىگە قويۇلۇشى ۋە تاش پۈتۈك ھەققىدە شۇنچە يىللاردىن بۇيان تارقىلىپ يۈرگەن ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەر خىتاي ئوردا سىياسىي تارىخچىلىرىنىڭ ئۆز تارىخىنى قانداق يازىدىغانلىقى، تارىخىي شەخسلىرىنى قانداق ياساپ چىقىدىغانلىقى نەزەرىيەلىرى ئۈچۈن ئەمەلىي بىر مىسالدۇر. گېرمانىيەلىك تونۇلغان خىتايشۇناس ۋە تارىخشۇناس ئوتتو فرانكې (Otto Franke) «پېي سىن تاش پۈتۈكى» ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن : «خىتاي ھونلاردىن ئۆزىنى قوغداشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئەمما، ئۇلار نەقەدەر ئارزۇ قىلسىمۇ، يەنىلا ھونلارغا قارشى ئۇرۇشلاردا ياخشى بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنىدى. جازا يۈرۈشلىرىمۇ بۇرۇنقىدىن ئازلاپ كەتكەنىدى. بۇنداق بىر ۋاقىتتا قولغا كەلتۈرگەن بىردىن بىر غەلىبىنى دۇنخۇاڭ ۋالىسى پېي سېن قولغا كەلتۈرگەنىدى. لېكىن، خىتاي تارىخچىلىرى بۇ نەتىجىنى تىلغا ئالمىغانىدى». بۇ سۆز ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ تاش پۈتۈك ئىجادىيىتىنى مەسخىرە قىلىپ ئېيتىلغانىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ تارىختىن بۇيان، جۈملىدىن ئىككى خەن سۇلالىسىدىن بېرى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنى باشقۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ جايلارنىڭ خىتاي خەرىتىسىگە كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىشكە تىرىشىپ كەلدى. ھەتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارى تارىخىغا ئائىت يېڭى ئاق تاشلىق كىتابىدىمۇ بۇ نۇقتا شەرھلىنىپ، خىتاي تىلى خەن دەۋرىدىن تارتىپ بۇ جاينىڭ ھۆكۈمەت تىلى بولغان، خىتايلار شۇ ۋاقىتلاردىلا مەزكۇر جاينىڭ ئاھالىسى ئىدى دەپ يېزىلىپ «ئۇيغۇرلار 9-ئەسىردىن كېيىن كەلگەن خەلق» دەپ كۆرسىتىلدى. ۋاھالەنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تارىخ يارىتىش، ياساش تاكتىكىسى دۇنيا ئالىملىرى ۋە تارىخشۇناسلار تەرىپىدىن ھېچقاچان قوللاشقا ئېرىشەلمىدى.
ئامېرىكالىق تونۇلغان تارىخچى ۋە ئۇيغۇرشۇناس جېمس مىلۋارد (Jemes Millward) «ياۋرو-ئاسىيانىڭ كېسىشىش ئېغىزى» ناملىق كىتابىدا خەن سۇلالىسىنىڭ شەرقى تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «خەن سۇلالىسى تارىخىدا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشتىن ئاخىر خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكىدەك چۈشەنچە پەيدا قىلىشى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا تارىخچىلارنىڭ ئارىلىشىپ كەتكەن خاتىرىلەرنىڭ بەزى يەرلىرىنى كۆپتۈرگەنلىكىدىن كېلىپ چىققان بۇرمىلاش. بۇ ئەھۋال، تارىخچىلارنىڭ ئەينى چاغدىكى ھەربىي قوشۇندىنمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى» .
قىسقىسى، بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنى «ئەزەلدىن خىتاي زېمىنىنىڭ بىر قىسمى ئىدى» دەيدىغان قارىشىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بازارغا سالغان تاش پۈتۈكنىڭ بارلىققا كېلىش ۋە بايقىلىش رىۋايەتلىرىنى توقۇشتا يەنە بىر قېتىم تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. خىتايلارنىڭ خەن سۇلالىسى بىلەن ھونلارنىڭ نەچچە ئەسىرگە سوزۇلغان ئۇرۇشلىرى جەريانىدا بىر ھون خانىنى ئۆلتۈرگەن بىر خەن سۇلالىسى ۋالىسىنىڭ غەلىبىسى تارىخىي مەنبەلەردە يېزىلماي قالغان دېيىشى تولىمۇ كۈلكىلىكتۇر. ھەتتا بۇ تاشنى 1729-يىلى يەنى ئارىدىن 1592 يىل ئۆتكەندە يەنە بىر قېتىم ھونلارنىڭ ئەۋلادلىرى دەپ ھېسابلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن مەنچىڭ سۇلالىسى گېنېرالىنىڭ بايقىۋېلىشى، يەنە كېلىپ ئۇنىڭدىن 300 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە بۇ تاشنىڭ مۇزېيغا قويۇلۇپ «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى» سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى خىتايدا تارىخ ياساش ۋە بۇرمىلاشنىڭ قايسى پەللىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.